رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك16-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە1-بۆلەك16-باب

ۋاقتى: 2016-08-13 ئاۋاتلىقى: 1010 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

وڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر                                                      
كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى
1- خاتىرە 1-بۈلەك 16-باب كىچىك قول
مەن بۇ بىر نەچچە يىلىدىن بۇيان  ئاسارە– ئەتىقە بازىرىدا تۇرۇپ ئاز بولمىغان مال ۋە ئادەم كۆرۇش تەجىربىسى توپلىغان بولۇپ بۇ ساھەدە نان يىمەكچى بولىسىڭىز كۆزىڭز ئۆتكۇر بولمىسا بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا  كۆزىڭىز مال تونۇش بىلەن بىرگە ئادەم تونۇشنى ئۆگىنىۋىلىشىڭز لازىم ، سىمز ھىچبىر سەمىمى – راسچىل  ئادەمگە ئوخشىمايتى . بۇنداق ئادەملەردىن راس گەپنى ئاڭلاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى تىرىكتۇرۇش . ئۇنداقلارنى تىرىكتۇرسڭىز ئۈنۈمى يان تىلفۇنىغا  پۇل قاچىلىغاندەكلا تىز بولىدۇ . شۇڭلاشقا مەن سىمزنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمىگەن قىياپەتتە : " خۇددى راستەكلا سۆزلەيدىكەنسەن ، سەن راستىنلا بىر نەرسە بىلسەڭ بۇ قەۋرىدە بىشى يوق چىۋىندەك ئۇياق – بۇياققا ئۈسسۈپ يۈرەمتىڭ  ؟! " دەپ سورىدىم .  
   سىمز ئويلىغىنىمدەكلا قىلتىقىمغا چۈشتى بولغاي قول چىرىغى بىلەن يۈزۈمنى يورۇتۇپ قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئوسرۇق ، سەن سولتەك راستىنلا  بىلمەيدىكەنسەن ؟ پىقىر سىمىز غوجىكاڭ بۇ قەۋرىگە كىرىش ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىگەن ، سەن ئۇ لۇشاڭ بىگى دىگەننىڭ نىمە قىلدىغانلىقنى بىلمەمسەن ؟ ئەرۋاھ چىرىكلىرىنى چاقىرتىپ كىلىشنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنىچۇ ؟ يەنە تىخى ھىلىقى ئالۋاستى مۆھىرنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلدىغانلىقنى بىلەمسەن ؟ " دەپ سورىدى ھەمدە بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقمنى كۆرۈپ تىخمۇ يۇقىرى ئاۋازدا  :"  مەن ساڭا دىسەم ، بۇ لۇشاڭ بىگى ، لۇشاڭ سانغۇن دىگىنى ئەملىيەتتە..... ئەمىلىيەتتە بىزگە ئوخشاش ، كىپەن ئوغىرسى !" دىدى .   
   مەن توساتتىن كەنجى تاغامنىڭمۇ مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم . بىراق ئۇلار قانداق قىلىپ لۇشاڭ بىگىنىڭ كىپىەن ئوغىرىسى ئىكەنلىكنى ئىنىقلىغاندۇ ؟  سىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ :" لىكىن لۇشاڭ ئۇستام بىزگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يامان ، ئۇ كىپەن ئوغىرلاپ بەگلىك مەرتىۋىسگە ئىرىشكەن . ھىلىقى يىپەك كىتاپتا خاتىرلىنىشچە ئۇ ئادەمنىڭ چىرىكلىرى ئادەتتە كۈندۈزى ئارام ئىلىپ كىچىسى يول يۈرىدىكەن ، بەزى ۋاقىتلاردا بارلىق ئەسكەر – چىرىكلىرى بىردەمدىلا پارغا ئايلىنىپ كەتكەندەكلا كۆزدىن غايىپ بولىدىكەندە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن باشقا بىر جايدا پەيدا بولىدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى بارغان جايدىكى قەدىمى قەۋىرلەردە نۇرغۇنلىغان تۆشۇك ئىچىلىپ قالىدىكەن ، سەن دەپ باقە ، بىز ئىنقلابى پۇرۇلتارىيات ماتىريالىزمچىلىرى رىئال دۇنيادا بۇنداق دوۋزاخ ئەسكەر – چىرىكلىرنىڭ بارلىقىغا قانداقمۇ ئىشىنەلەيمىز ؟! يەنە كىلىپ قەدىمقى زاماندىكى كىشىلەر ئىتايىن خۇراپى ، ئۇنىڭ چىرىكلىرىنىڭ بىردىنلا غايىپ بولىشنىڭ تىگىگە يىتەلمەي لۇشاڭ بىگى دىگەن ھارامتاماقىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ئەۋلىيا دەرىجىسىگە كۆتۈرۋەتكەن " دىدى .
   ئەملىيەتتە مەنمۇ بۇنداق يالغان – ياۋداق گەپلەرگە ئۇنچىلىك ئىشىنىپ كەتمەيتىم . لىكىن بەزى ئادەمنىڭ ئەقىلى يەتمەيدىغان  ئىشلار بولۇپ سىز ئشەنمەي ئامالىڭىز يوق . شۇڭا مەن ئارقىدىنلا سىمىزغا قاراپ :" سەن مۇشۇ توخۇ تۈكى پىياز شۆپتىكى ئۇچۇرلاغا تايىنىپ يەكۇن چىقاردىڭ ؟ ئۇنداقتا سەن ماتىريالىزمىچى ئەمەس ئىدىيالىزمىچى بوپ قالمامسەن ؟!" دىدىم .
  سىمىز ماڭا كۆز ئالايتىۋەتكەندىن كىيىن ئىغىز غىرچلىماسلىقىمنى ئيىتىپ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلدى : "  ئەلىۋەتتە ! ئسپات بۇلا ئەمەس ، قايىل قىلارلىقى  ئەڭ كۈچلۇك ئسپات شۇكى تارىخى يازمىلاردا خاتىرلىنىشچە ‹‹ گۇمانلىق يەتتە جەسەت ساندۇقى ›› ئۇسۇلىنى ئەڭ بۇرۇن كىپەن ئوغىرلىرى ئۆزىنىڭ قەۋرىسىدە ئىشلەتكەن ، مۇنداقلا قىلىپ ئىيتقاندا  بۇ ئۇسۇلنى كىپەن ئوغىرلىرى ئىجاد قىلغان . سەۋەبى كىپەن ئوغۇرلىرى ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان قەۋىرلەرنى ئوغۇرلىغان . ئۇلار ئۆلگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قەۋىرسىنىڭمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىشتىن قورقۇپ بۇ ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقان . ئۇلارچە ئىنتاھىن مۇستەھكەم ۋە مۇرەككەپ قۇرۇلمىمۇ كىپەن ئوغۇرلىرىنى توسۇپ قالالمايتى . بىردىنبىر ئامال ئۇلارنى ئىككىلەندۈرۈپ قول سىلىشقا جۈرئەت قىلدۇرماسلىق . بۇ جەسەت ساندۇقى ئىچىدىكى پەقەت بىرسىلا ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ، قالغان ئالتىسىنىڭ خالىغان بىرىنى خاتا ئىچىپ قويۇش توققۇز ئۈلۈش ئۆلۈمدىن دىرەك بىرىدۇ . ساختا ، قۇرۇق ئالتە جەسەت ساندۇقى ئىچىگە قۇرۇلما ياكى ئىنتاھىن قۇرقۇنۇشلۇق سىھىر – ئەپسۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ ، بۇ خىل ئۇسۇلنى سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كىپەن ئوغۇرلىرىدىن باشقا كىشىلەرمۇ ئىشلىتىشكە باشلىغان ، بىراق  يەتتە جەسەت ساندۇقى ئۇسۇلى تازا توغرا بولمىغان كەسىپتىكىلەر تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان بولغاچقا ئادەتتىكى پۇقرالار ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىشلىتىشنى خالىمىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋرىگە يەتتە جەسەت ساندۇقى قويغاندا مالىيەدە ئاسانلا قىزىل رەقەم كۆرىلىدۇ " .  
   مەن ئالدىمدىكى بۇ سىمىز چوشقىنىڭ بۇنچىلىك تارىخى بىلىمىنىڭ بارلىقىغا ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ سۆزىنىڭ تىخى تۈگىمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئالدىراپلا : " ئۇنداقتا سىنىڭچە قايسىنىڭ ھەقىقى جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئۇسۇل بارمۇ ؟ " دەپ سورىدىم . سىمىز مىنىڭ پوزۇتسىيەمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ مۈرەمگە يەڭگىل ئۇرۇپ تۇرۇپ : " قارىغاندا كىچىك يولداشنىڭ ئۈگەنگىسى بار ئىكەن ، ئۇنداقتا مەنمۇ كۇڭزى ھەزىرتىمىزدەك ئادەم تەربىيلىگەندە زىرىكمەسلىك ھىسياتى بىلەن ساڭا دەرس سۆزلەي ، بۇ يەتتە جەسەت ساندۇقىنى پەرىقلەندۈرۈشتە ئامال يوقمۇ ئەمەس ، بىراق ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بار ، ئادەتتە كىپەن ئوغۇرلىرى قەۋرىدە گۇمانلىق يەتتە جەسەت ساندۇقىنى كۆرسە نەچچە تازىم قىلىپ ھىچ نەرسىگە تەگمەي چىقىپ كىتىدۇ ، بۇ كىپەن ئوغۇرلىرىنىڭ كەسىپ ئەجدادلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى . لىكىن ئىلگىرى ئاچارچىلىق يىللىرىدا تاغ يۆتكۈگۈچى نامەلۇم زاھىد قەۋرىدە يەتتە جەسەت ساندۇقىنى كۆرۈپ ئاچارچىلىقتا قائىدىنى بۇزۇپ بۇ ئۇسۇلنى بۇزۇش چارىسىنى ئويلاپ تاپقان . يەنى ، ئاۋال جەسەت ساندۇقىنى بىر بۇلۇڭغا تىكلەپ قويۇپ ئۇچلۇق لوم تۆمۈرنى ئىشلىتىپ جەسەت ساندۇقى تىگىدىن كىچىك تۆشۈك تىشىپ ، ئىلغۇچلۇق لوم تۆمۈرنى تۆشۈكتىن جەسەت ساندۇقى ئىچىگە كىرگۈزۈپ جەسەت ساندۇقىدا نىمە بارلىقىنى پەرەز قىلىپ ياكى ئىلغۇچتا ئىلىپ تارتىپ چىقىرىپ قايسىسىنىڭ ئاساسلىق جەسەت ساندۇقى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان " دىدى .  
    مەن ئىختىيارسىزلا چۆچۈپ كەتتىم . كىپەن ئوغۇرسى بىلەن قەۋرە لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ ئەقىل سىنىشىش كۆرىشىنى كىتاپ قىلىپ يازسا قانچە كىتاپ چىقار ؟ سىمىز توساتتىن چىرايىنى سىرلىق تۈسكە كىرگۈزۈپ مەن تەرەپكە ئازراق يىقىنلىشىپ تۇرۇپ : " بىراق بۇ قەۋرىدىكى يەتتە دانە جەسەت ساندۇقىنىڭ ھەممىسى قۇرۇق بولىشى مومكىن ، ھەتتا بۇ لۇ بىگىنىڭ قەۋرىسىمۇ يالغان بولىشى مومكىن " دىدى – دە  ، قولىدىكى چىراق بىلەن بايا بىز پەسكە چۈشۈپ كەتكەن ئىغىزنى يورۇتۇپ ، ھىلىقى غەلىتە مەخلۇقنىڭ قوغلاپ كەلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يەنە سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋام قىلدى : " ئەسلىدە بۇ يالغانچىقىنى مەنمۇ ئويلاپ باقمىغان ، بىراق مەن سىمىز غوجىكاڭ بۇ تاشتىن قوپۇرۇلغان سىرلىق ئوردىغا كىرىپ قالغاندىن كىيىن بۇ جاينىڭ غەربى جۇ سۇلالىسى قەۋرىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم " دىدى .
   مەن سىمىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالدىم . ئەجەبا بۇ يولنى قەۋرە ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەر قىچىش ئۈچۈن ياسىمىغان ؟ ...
    بۇ ۋاقىتتا بىر بۇلۇڭدا ياتقان پەنزې ئىغىز ئاچتى : " سىنى كىتاپ خالتىسى دىسەم ئىشەنمەيسەن تىخى ؟  بۇ يول قانداقسىگە جاننى ئىلىپ قاچىدىغان جايغا ئوخشىسۇن ؟ سەن قايسى بىرسىنىڭ جان ساقلايدىغان مەخپى يولنى مۇشۇنداق ئەگرى – بۈگرى كولىغانلىقىنى كۆرگەن ؟ قايسى بىرسىنىڭ مۇشۇنداق غەلىتە مەخپى يول كولايدىغان ئادىتى بار ؟ " مەن قاتىق ئەجەپلىنىۋاتاتتىم . نىمىنىدۇر ئويلاپ يەتكەندەك قىلاتتىميۇ ، بىراق موھىم نۇقتىسىنى تاپالمايۋاتاتتىم ، كىممۇ  ئۆزىنىڭ قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋىرسىنىڭ ئۈستىگە ياسىتىشنى خالىسۇن ؟ ئۇنداق قىلىش ئەۋلاد – نەسلىنى قۇرتۇشتىن دىرەك بەرمەمدۇ ؟ ( خەنزۇلار مىيىتنى ئاستى – ئۈستى قويۇش  كىيىنكى ئەۋلادىغا تۈگىمەس بالايى – ئاپەت ئىلىپ كىلىدۇ دەپ قارايدۇ ) .
     سىمىز بىشىنى قاشلاپ تۇرۇپ:" ھەممىمىز كىپەن ئوغۇرسى ، شۇڭا ئورۇن – شارائىت چەكلىمىسىنى ئوبدان بىلىمىز ، لىكىن مەن ئورۇن شارائىت بىلىمنىڭ بىزگە قەۋرە ئورنىنى كۆرسىتىپ بىرىشتىن باشقا رولىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلمىدىم . ئورۇن شارائىت ھەقىقەتەن بىر خىل بىلىم ، لىكىن قەدىمكىلەرنىڭ بىلىمى ، ئۆلۈكلەرنىڭ بىلىمى ، شۇڭا بىز ھازىرقى زامان چوڭ ياخشى سوتسىيالىستىك جەمىيەتتە ياشاۋاتقان ياشلار ، ئورۇن شارائىت بىلىمىگە ئۇنچە دىققەت قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ ، نىمە ‹‹ داس ›› دەيتى ؟ ھە توغرا ‹‹ ئادىداس›› نىڭ بىر ئىلانى بارغۇ ؟ ‹‹ مومكىن ئەمەس  مەۋجۇت ئەمەس ›› دەيدىغان " دىدى – دە پەنزې بىلەن مىنىڭ بىرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ مەيدىسىگە بىرنى ئۇرىۋىتىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى ، " ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ قەۋىرسى ئۈستىگە دەپنە قىلىش ئورۇن شارائىت ئىلىمىدىمۇ تىلغا ئىلىنغانغۇ دەيمەن ، بۇنى نىمە دەيتى ... ئاناڭنى نىمە ئەجدىرھا ... ھە راست ‹‹ ئەجدىرھا ئۇۋىسىنى يوشۇرۇش ››  مۇ ئىش قىلىپ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نىمە دەيدۇ . بىزنىڭ بۇ غەلىتە ئىسىملار بىلەن كارىمىز بولمىسۇن ، ئىش قىلىپ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىنسا قەۋرىسىنى باشقىلارنىڭ قەۋرىسىنىڭ ئۈستىگە ياسىتىشنىڭ مومكىنچىلىقى ئىنتاھىن چوڭ . شۇڭا لۇشاڭ بىگى دىگەن  قەدىمقى يولداشنىڭ جەسەت ساندۇقى  چوقۇم بۇ غەربى جۇ دەۋرىدىكى قەۋرىگە يوشۇرۇنغان ، قەتئى خاتاسى يوق .
   پەنزى سىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىرىلداپ كۇلۇپ تاشلىدى - دە سىمىزدىن  :" سەن مۇشۇ ئەلپازىڭدا... سەنمۇ  ئورۇن – شارائىت ئىلىمنى چۇشىنىسەن ؟!" دەپ سورىدى .  
سىمىز تىرىككىنىدىن ‹‹سەن ماۋ ›› نىڭ چىچىدەك شالاڭ بۇرىتىلىرمۇ  تىتىرەپ كەتتى - دە :" نىمە ئۇ چۇشىنەمسەن دىگەن ؟.... ئەگەر مەن چۈشەنمىسەم بۇنچىلىك كۆپ نەرسىلەرنى بىلەمتىم ؟" دىيىشىگە پەنزى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى . بۇنداق قاقاقلاپ كۈلۈشتىن پەنزېنىڭ يارا ئىغىزى تارتىشىپ خىلى قاتتىق ئاغىرغان بولسا كىرەك ، قورسىقىنى چىڭ قاماللىغىنىچە سىمىزغا قاراپ : " پىقىر سىنىڭ بۇ يالغان – ياۋداق گەپلەرنى نەدىن ئاڭلاپ كەلگەنلىكىڭنى بىلمىدىم ، ئەگەر سەن راستىنلا ئورۇن - شارئىتنى چۈشەنسەڭ بىزنى بۇ ئىزىتقۇ ئوردىدىن ئىلىپ چىقىپ كەت . مەن بۇ يولنى يەتتە - سەككىز قىتىم چۆرگىلەپمۇ چىقىش ئىغىزى تاپالمىدىم " دىدى .     پەنزىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىمگە كىلىپ پەنزېدىن :" ھە راس ، ئەينى ۋاقىتتا سىلەر نىمىشقا مىنى يالغۇز تاشلاپ قىچىپ كەتتىڭلار ؟ بىلەمسەن ؟ مەن قورۇققىنىمدىن جىنىم چىقىپ كىتەيلا دىدىم . توغرا ، كەنجى تاغاملارچۇ ؟ " دەپ سورىدىم . پەنزې بەدىنىنى رۇسلاپ تۇرۇپ : " مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئۇ ۋقىتتا ئاكاش بۇ ئۆلگۈر سىمىزنى قوغلاپ كەتتى ، كەنجى بىگىم مىنى ئارقىسىدىن قوغلاشقا يول قويمىغان بولسىمۇ بىراق مەنچە ھىلىقى ئاكاش جىددىيلەشسىلا  چوقۇم بىر ئىش يۈز بىرەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇ سولتەككە ئىشەنمەيتىم . مەنچە ئۇنىڭ بىزگە ئەگىشىشىدە چوقۇم بىر سەۋەپ بار . شۇڭا زادى نىمە ئىش بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كەنجى بىگىمنىڭ توسىشىغىمۇ قارىماي ئۇ سولتەككە ئەگەشتىم " دىدى– دە سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئىيىتتى : " مەن نەچچە مىنۇت يۈگرەپ قەۋرە يولىغا كەلگەندە كۆزۈمگە بىر نەرسە كۆرۈنگەندەك بولدى دە قول چىرىقىنى ھىلىقى بىر نەرسە كۆرۈنگەن جايغا قاراتسام ھىلىقى نەرسە ‹‹ شارىتلا ›› قىلىپ يوقاپ كەتتى . يۈگرەپلا ئۇ جايغا بىرىپ قارىسام تاش بىلەن تاش ئارىسىدىكى يوچۇقتا بەش بارمىقى تەڭ بىر قول تۇراتتى " .    سىمىز بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كىتىپ بىر نەرسە دىمەكچى بولدىيۇ ، لىكىن ئاۋازىنى چىقارمىدى .
   پەنزې ئۇ ۋاقىتتىكى تەپسىلاتلارنى ئەسلەپ تۇرۇپ : " ئۇ قولنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ قول تەرەپكە يىقىنلاشتىم ، سەن بىلىسەن ، مەن شۇ غەلىتە نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقىمەن ، ئەمدىلا قول قىستۇرۇلغان جايغا بىرىپ كۆز يۈگۈرتىشىمگە تۇيۇقسىز ھىلىقى قولغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە  ‹‹ شارىتلا ›› قىلىپ ئىتىلىپ چىقىپ كانىيىمدىن بوغدى . ئۇ ئىنتاھىن كۈچلۈك بولۇپ مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويايلا دەۋاتاتتى . دەل شۇ ۋاقىتتا مەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەي يىنىمدىكى ھەربى خەنجىرىمنى چىقىرىپ ھىلىقى نەرسىگە قالايمىقان سانجىشقا باشلىدىم . ئۇ قولنىڭ بىغىشى ئىنچىكىلىكىدىن ئادەمنىڭ قورۇققىسىنى كەلتۈرەتتى . بىغىشى خۇددى ئادەتتىكى ئادەمنىڭ بارمىقىدىن ئازراقلا توم بولۇپ مۇشۇ كىچىككىنە قول بىغىشىنىڭ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز كۈچى بار ئىدى . بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ نەپىسىم قىسىلىپ كۆزلۈرۈمگە يۇلتۇز كۆرۈنۈشكە باشلىغان چاغدا ئاخىرقى كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭ قول بىقىشىغا كۈچەپ خەنجەر ئۇرۇپ، سانجىلغانغەنجەرنى كۈچەپ تۇرۇپ ئالدىمغا  سىيرىدىم . بۇنىڭ بىلەن كىكىردىكىمنى چىڭ سىقىۋالغان قول تۇيۇقسىزلا بوشىدى – دە ، يىغىلىپ تام ئارىسىغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى " دىدى. پەنزې سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بوينىنى سىلاپ ھىلىقى قولنىڭ يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلىپ : " مەنچە. ئاناڭنى... تامنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر سىر بار . شۇڭا مەن تامنى تەكشۈرۈپ ئۇيەرنى سىلاپ ، بۇ يەرنى تىپىپ قايسىبىر قۇرۇلمىنى ھەركەتلەندۈرۈپ قويدىمكىن تاڭ  ، ئاناڭنى ئۆزۈممۇ بىلمەي بىز ھازىر تۇرىۋاتقان تاش ئۆيگە ئوخشاش ئۆيگە كىرىپ قالدىم . ئۇياق – بۇياققا قاراپ ئاخىرى بىز ماڭغان ئىزىتقۇ يولنى بايقىدىم . ئەگەر بۇ يولنى بايقىمىغان بولسام كەنجى بەگزادە بىلەن قاچان ئۇچۇرشارتىمكىن تاڭ ؟ " دىدى .     
     " ئۇنداقتا سەنمۇ كەنجى تاغامنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيدىكەنسەندە ؟ " دىدىم خۇرسىنىپ تۇرۇپ 
    پەنزې سۆزۈمنى ئاڭلاپ بولۇپ تىخى بايىلا كەنجى تاغامنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتتى . مەن ئۆرۈلۈپ سىمىزدىن سورىدىم :" ئۆلگۈر چوشقا ، سەن نىمە ئۈچۈن تاش ئۆيگە چۈشۈپ قالدىڭ ؟ سەن ماڭا راس گەپنى قىل ؟ ئاناڭنى ،  ھىلىقى غەلىتە يۈزلۈك مەخلۇق سىنى قوغلاپ كەلگەنمۇ ؟ " 
    سىمىز ئارقىدىنلا جاۋاپ قايتۇرۇپ : " ھەي ! سەن بۇنداق دىسەڭ مەن ياڭ نەيۋۇدىنمۇ بەكرەك ئۇۋالچىلىققا قالىمەن جۇمۇ ! مەن يۈگرەپ ھىلىقى جايغا كەلسەم نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر قىرى ھىلىقى غەلىتە مەخلۇق بىلەن ئىلىشىۋاتقان ئىكەن . كەينىمدىكى مىنى قوغلاۋاتقان سولتەك بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ " چاتاق " دەپلە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قاچتى . مەنمۇ ئويلاپ باقسام ئۇ غەلىتە مەخلۇق بىلەن تۇتۇشۇپ قالسام ئامان قالىدىغاندەك قىلمايمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنقىلاپ ئۇچقۇنىنى ساقلاپ قىلىش لازىم . يەنە كىلىپ تەشكىل ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولالمىغانلىقىمنى ئويلاپ مەنمۇ كەينىمگە بۇرۇلۇپلا قاچتىم .   
    قىچىپ بىر يەرگە كەلگەندە ھىلىقى ئاكاش مىنى توختاشقا بۇيرىدى – دە يان تەرپتىكى تامدىن بىر يەرنى تىپىشىگىلا مەن پەسكە چۈشۈپ كەتتىم . مەن تىخى ئۇ مىنى قۇتقازغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن . ئاناڭنى پەسكە چۈشسەم ، پەستە بىر مۇنچە ئادەمنىڭ جىنىنى ئالىدىغان قۇرۇت " دىدى – دە تۆت ئەتراپقا چەكچىيىپ قاراشقا باشلىدى . خۇددى ھازىرلا تام ئارىسىدىن جەسەت بۈرگۈلىرى چىقىپ ئۇنى يەۋىتىدىغاندەك . 
   بۇ ۋاقىتتا پەنزې ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن : " ئاڭلىدىڭمۇ ؟ ئۇ سولتەك بىز چۈشكەن قەۋرىنى بەش قولدەك بىلىدىكەن ، ئاددى ئەمەس ! چوقۇم بىر مەسىلە بار " دىدى . مەندە باشتىلا بوتۇلكىغا نىسپەتەن بىر خىل دوستانە تۇيغۇ  بار بولۇپ پەقەت ئۇ يىنىمدا بولسىلا مەندە كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى . بىراق پەنزې بۇنداق دىۋىدى ئويلاپ باقسام دەرۋەقە ئۇ سولتەكنىڭ بىلىدىغانلىرى ئىنتاھىن كۆپ ، ھەتتە كەنجى تاغام بىلمەيدىغان ئىشلارنىمۇ ئۇ سولتەك بىلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ قارىغاندا ئۇنىڭدا راستىنلا مەسىلە بار ئوخشىمامدۇ ؟ تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ ئىچىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم – دە سومكامدا يەنە ئازراق پىرىسلانغان پىچىنىنىڭ بارلىقى ئىسىمگە كەلدى . پىچىنىنى چىقىرىپ بىر ئاز يىمەكچى بولۇپ ئۇ ئىككىسىگىمۇ ئازراقتىن بۆلۈپ بەردىم . پەنزې بىر چىشلەپلا قەتئى يىگىلى ئۇنىمىدى . ئۇنىڭچە ؛ ئەگەر ئۈچىيى تىشىلىپ كەتكەن بولسا ھەرقانچە كۆپ يىسىمۇ بەرىبىر سىرىتقا چىقىپ كىتەتتى ، ئۇنىڭدىن كۆرە سىمىز ئىككىمىزنىڭ يىگىنىمىز ياخشىراقمىش . قاچان چىقىپ كىتىشىمىزنى بىلمىگەچكە پەنزې ئىنقىلاپ چوغلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يىگىلى ئۇنىمىدى . سىمىزنىڭ  گەرچە ئىككى ئادەمنىڭكىدەك ئىغىزى يوغان ئىچىلىپ ، شۆلگەيلىرى تۇربىدىن سۇ چۈشىۋاتقاندەك ئىقىۋاتسىمۇ پەنزېىنىڭ يىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ داۋاملىق يىيىشتىن خىجىل بولغان چىغى ، يىيىشتىن يالتايدى . ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ بايامقى يولۇققانلىرىمنى ئۇلارغا بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن جىددىيلىكىمىز بارا –بارا پەسىيىشكە باشلىدى .
    ھەممىمىز ئۈن چىقارماي بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن سىمىز بۇ يەردە بىكار ئولتۇرىۋىرىشنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى ئىيتىپ بىر ئاز ارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ھىلىقى ئىزىتقۇ يولغا قايتىدىن كىرىپ تەلىيىمىزنى سىناپ كۆرۈش تەكلىپىنى بەردى . پەنزېنىڭمۇ ئويى شۇنداق بولغاچقا بىز بىردەم ئارام ئىلىۋالغاندىن كىيىن ھەركەتلىنىشنى توغرا تاپتۇق .  
    ئۆزۈمنىڭ ئۇخلىغان ئۇخلىمىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىكىن تاڭ ، بىر چاغدا مۈگدەپ تۇرۇپ  سىمزنىڭ  ماڭا قاش ئىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم . مەن باشتىلا سىمىزغا ئىشەنمەيتىم . سىز دەپ بىقىڭە ، قايسى بىر كىشى بىشىغا ئەسكى كومزەكنى كىيىۋىلىپ گۆرنىڭ ئىچىدە باشقىلارنى قورقىتىدۇ ؟ بۇنداق قىلىدىغان ئادەمنىڭ بىشىنىڭ سۈيى بار دىيىشكە بولمىسىمۇ ، چوقۇم كاللىسىنىڭ بىر تال ۋىنتىسى كەم . ھازىرقىدەك ۋاقىتتا بىرىمىز ئىغىر يارىدار ، ئۈچىمىز نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەيۋاتقان پەيىتتە ماڭا قاراپ شىتىلىلىك قىلىۋاتقىنىنى ؟ ئەگەر مىنىڭ ئازراق ماغدۇرۇم بولىدىغان بولسا بىرىپلا ئۇنى دەسسەيتىم .
       بىراق بۇ ۋاقىتتا پەنزېمۇ ماڭا قاراپ قاش ئىتىۋاتاتتى . ئاناڭنى ... زامان تەرەققى قىلىپ نىرۋا كىسىلىمۇ يۇقۇملۇق بولۇپ قالدىمۇ نىمە ؟ دەل شۇ پەيىتتە ئىككىسىنىڭ توختىماي سول مۈرىسنى كۆرسۈتۈپ ، ئىغىزلىرىنى مىدىرلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . ئۇلارنىڭ ئىغىز ھەركىتىگە قارىغاندا ‹‹ قول  ... قول ... ›› دەۋاتقاندەك قىلاتتى .  قارىسام ئۇلار سوغۇق تەرلەپ كەتكەن بولۇپ مەن ئەجەپلىنىپ قولۇمغا قارىسام ھىچبىر غەلىتىلىك يوق ، ئەجەبا مىنىڭ مۈرەمدە بىر نەرسە بار ؟ مەن ئىختىيارسىز بىشىمنى بۇراپ سول مۈرەمدە سۇس يىشىل قولنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى