رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك23-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك23-باب

ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 1018 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۇ(بوتولكا) ئورنىدىن تۇرۇپ قەبرە يولىدىكى تاش ئىشىك تەرەپكە بېرىپ ئىشىك كېشىكىنى سىلاشتۇرۇشقا باشلىدى. « بۇ ھەقىقەتەن بىر ھىيلە ئىكەن، يەنە كىلىپ ناھايتىمۇ ئاددى، كىچىك بالىلارنى ئالدىغانغا ئوخشاشلا. شۇڭلاشقا كەنجى تاغا يىگىرمە يىل ئاۋال بۇنى بىلمىگەن، يىگىرمە يىلدىن كېيىن ئاندىن بايقىغان»دىدى-ئۇ.
 سىمىز ئۇنىڭ بىر نەرسە بايقىغانلىقى بىلىپ:« ھە "ئاكا"! بىرنەرسە بايقىغان بولساڭ تىز دىمەمسەن تۇلا گەپ يورغىلاتماي. مەن ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالايلا دەپ قالدىم»دىدى.
 «مەن بىر مىسال كەلتۈرۈپ ساڭا چۈشەندۈرەي، سەنمۇ ناھايتى ئاسانلا چۈشىنەلەيسەن_  ئەگەر ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا بار دىسەك، ھەر بىر قەۋەتتە پەقەت بىرلا ئېغىز ئۆي بولسا، سەن ئىكىنجى قەۋەتتىكى ئۆيدىن مېڭىپ چىقىسەن، بۇ ۋاقىتتا مەن بىرىنجى قەۋەتنىڭ ئاستىغا يەنە بىر قەۋەت ئۆي سالسام، سەن قايتىپ چىققىنىڭدا سەن تۇرغان بۇ ئىككىنجى قەۋەت ئاللىقاچان ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ قالىدۇ، بىرىنجى قەۋەت بولسا ئۈچىنچى قەۋەت بولۇپ قالىدۇ» دىدى- بوتولكا.
 بۇ مىسال ئانچە ياخشى ئېلىنمىغان ئىدى. سىمىز چۈشەنمىدى بولغاي ، ئۇ قولىنى چىقىرىپ:« بىر...ئىككى، ئىككى....بىر، بىر...ئىككى....ئۈچ......،   ھۇ ئاناڭنى! نىمىدىگەن كۆپ بىر-ئىككى-ئۈچ بۇ!؟ مەن بارغانسىرى ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم» دىدى.
 مەن بىردىنلا كەنجى تاغام تىلغا ئالغان"لفىت" دىگەننىڭ مەنىسىنى ئەمدى راستىنلا چۈشەنگەندەك بولدۇم، قارىغاندا ئۇ بۇ سىرنى بايقىغان چاغدا كاللىسىغا لىفىت دىگەن سۆز كەلگەن. كۆز ئالدىم ۋاللىدە يۇرىغاندەك بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان بىر ئويۇن ئىكەن ئەمەسمۇ؟
 مەن سىمىزنىڭ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي ئىزىپ چۈشەندۈرۈشكا باشلىدىم.   مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ راستىنلا چۈشەنگەن ئىدى. گېپىم ئەمدى تۈگىشىگىلا سىمىز تۇيۇقسىز روھلىنىپ كەتتى. ئۇ:« ھە، ئەسلىدە مۇنداقكەن-دە؟ ئاناڭنى! ئەسلى بىر ئاددىلا ئىش ئىكەنغۇ، قارىغاندا ئىشلارنى ئاددى تەرەپكە ئويلاش ئەڭ ياخشى ئامالكەن» دىدى.
 بوتولكىنىڭ چىراي ئىپادىسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا جىددى ئىدى، ئۇ كۆڭلىدە بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىشىك كېشىكى ئەتراپىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال بېرىپ بۇلاق كۆزىدىكى سۇغا قارىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن يەنە بىر نەرسىنى چۈشەنمەيۋاتقانلىقى چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن:« يەنە بىرەر مەسىلە بارمۇ ؟»دەپ سورىدۇم.   ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ:« كەنجى تاغىنىڭ دىگەنلىرى بىلەن بىزنىڭ ھازىر كۆرىۋاتقانلىرىمىز تازا ماس كەلمەيۋاتىدۇ. سەن بۇنى ھىس قىلالىدىڭمۇ يوق؟»دىدى.
 مەن ئىككىلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىدىم، دىمىسىمۇ بەزى ئىشلار دىگەندەك توغرا كەلمەيۋاتاتتى. بىراق مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم.
 «كەنجى تاغا مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ياتقان، ئەگمە يولغا چىقمىغان. بۇ ئۆي مەيلى قانداق ھەركەتلەنمىسۇن يەنىلا مۇشۇ ئۆي شۇ. ئەمما بۇ ئۆي پۈتۈنلەي باشقىچە ئۆزگۈرۈپ قالغان تۇرسا، بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟»دىدى-بوتولكا.
 مىنىڭچىمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق ئىدى. بوتولكا يەنە:« يەنە كىلىپ قەدىمى قەبرىلەردىكى قۇشۇمچە قەبرە ئۆيلىرى بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان ئىككى ئېغىز ئۆي بولىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆنىڭ قارشى تەرىپىدە يەنە بىر ئېغىز ئۆي بار دىگەن گەپ»دىدى.
 بىز ئەگمە يولغا چىقىپ قولچىرىقىنى يۇرۇتۇپ قاراپ باقتۇق. قارشى تەرەپتە پەقەت ئاق رەڭلىك تامدىن باشقا نەرسە يوق ئىدى، ئىشىك كۆرۈنمەيتتى. بوتولكا قولىقىنى تامغا يېقىپ تۇرۇپ قولى بىلەن تامنى مۇشتلاپ باقتى. ئارقىدىن قولى بىلەن تامنى ئىتتىرىپ ئاستا-ئاستا مېڭىشقا باشلىدى. بەزىدە توختاپ خىشلارنىڭ يېرىقلىرىغا قولىنى تىقىپ تارتىپ باقاتتى.  ئۇ مۇشۇ خىل ئۇشۇل بۇيىچە ئون مىنۇتچە ئىزدىگەندىن كېيىن بىز تەرەپكە قايتىپ كىلىپ بېشىنى چايقىدى. قارىغاندا بۇ يەردە ئىشىك يوقتەك قىلاتتى.
 سىمىز ساقلاۋىرىپ تاقىتى-تاق بولغان چېغى، ئۇ بىرنى چۈشكىرىۋېتىپ:« قۇشۇمچە قەبرە بىلەن نىمە كارىمىز، ھازىرغىچە چىقىپ كىتىغان يولنىمۇ بىلەلمەيۋاتساق، بىز بۇ يەردىكى سىرنى بايقىدۇق دەپ خوش بولغىنىمىز بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇ يەردە ئۆلىدىغان ئوخشىمامدۇق!؟» دىدى.
سىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەن ئۇھ تارتتىم. دىمىسىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىۋاتاتتى. بۇ يەردە تۇرغىلى خېلى بولدى، ئەمدى بۇيەردىن قانداق چىقىپ كىتىش كېرەك؟ كەنجى تاغام ئىككىلا قېتىمدا ئامان-ئىسەن چىقىپ كەتكەن، ئۇ ئىككىنچى قېتىم قەبرىدىن يېنىپ چىققاندا ھېچقانداق سۇ ئۈزۈش سايمانلىرى ئىشلەتمىگەن.  ئۇ زادى قانداق قىلغان بولغىيتتى؟  ئەجىبا ئۇ جېنى تىكىپ بۇ يەردىن ئۈزۈپ چىقىپ كەتكەنمىدۇ؟ شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ قايسى يولدىن چىققاندۇ؟
 كەنجى تاغامنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىدىن ماڭا ئېيتىپ بەرمىگەن  ئىشلار تېخى كۆپ ئوخشىمامدۇ؟  بۇ "قاقباش تۈلكە" ماڭا نىمىشقا ھەممىنى ئېيتىپ بەرمىگەندۇ؟ .. ھەي تاغا....ھەي تاغا! سىنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرمىگەن ئاشۇ بىر قانچە ئېغىز سۆزلىرىڭنىڭ سەۋەبىدىن مەندەك ئۆز جىيەنىڭ مۇشۇ نەس باسقان جايدا ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە  سەن بۇنىڭغا قانداق چىدارسەن؟....
 قالغان ئىككەيلەنمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايتتى. ئۇلار پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى كۆڭلىدە مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەنمۇ خىيالغا پاتتىم.  
ئەمەلىيەتتە قەدىمى قەبرىدىن قېچىپ چىقىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى بار.  بىرى كەلگەن يول بىلەن قايتىش. بىراق ھازىر بۇ مۇمكىن ئەمەس.  بىزنىڭ ئۆپكىمىز ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىدارلىق بولسا ئاندىن ئاشۇ كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتالىشىمىز مۇمكىن.
ئىككىنچىسى- بىر ئاماللارنى قىلىپ قەبرە ياسىغۇچىلار قالدۇرغان مەخپى چىقىش يولىنى تېپىش.  بۇ يەر ئۈستىدىكى قەبرىلەردە قوللىنىدىغان ئۇسۇل.  بۇنداق دېڭىز ئاستى قەبرىسىدە مەخپى چىقىش يولىنى تېپىش خىيالىمىزنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشى ناھايتى تەس.  يەنە كىلىپ كۆپۈنچە ھاللاردا قەبرە قازغۇچىلار كىمىدە تۇرۇپ  چىقىش ئېغىزىنى پۈتۈنلەپ ئىتىۋېتىپ ئاندىن ئايرىلىدۇ.  ئۇ ئېغىزدىن چىققان تەقدىردىمۇ يەنە چەكسىز دېڭىز بىزنى قارشى ئالىدۇ.
ئۈچىنچىسى- قولىمىزغا تايىنىپ كولاپ چىقىپ كىتىش.     مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇسقا قارىدىم. قاتمۇقات خىشلارنى كۆرۈپ يەنە بىر ئۇھ تارتتىم. قارىغاندا  بۇنداق غايەت زور چوڭ قۇرۇلۇشنى كولاپ چىقىپ مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.
مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ قورۇلۇش لاھىيەلەش جەھەتتىكى بىلىمىمگە ئاساسەن كۆڭلۈمدە بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى لاھىيەلەشكە باشلىدىم. مۇشۇنداق قىلسام بەلكىم بىرەر ئامال تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئويلايتتىم.
ھازىر شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى- پەقەت خىشلارنى تىزىش ئارقىلىقلا بۇنداق مۇستەھكەن قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئىنىقكى خىشلار ئارىسىغا لايغا ئوخشاش نەرسىلەر ئىشلىتىلگەن.  خىشلارنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتكۈزمەيدىغان چىرىماس تاختاي ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە سۇۋالغان.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كىلگەندە كاللامغا تويۇقسىز بىر ئامال كەلدى. مەن خۇشاللانغان ھالدا:« ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، پەرىزىمچە ھازىر بىز تۇرىۋاتقان جاي دېڭىز يۈزىگە ئون نەچچە مېتىر كىلىدۇ.  بۇ قەبرىنى ھازىرقىدەك لىفىتقا ئوخشاش ئايلىنىدىغان قىلىپ ياساش ئۈچۈن قەبرە ئىگىز ياسىلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندە قەبرىنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمى دېڭىز يۈزىگە ناھايتى يېقىن دىگەن گەپ.  باشقا ئامال بولمىغاندا بىز قەبرىنى كولاپ چىقىپ كەتسەك بولىدۇ. قەبرە ئۈستىدىكى سۇ ئۇنچىۋالا چوڭقۇر ئەمەس. بىز ئاچقان تۈشۈكتىن زور مىقداردا قوم ئېتىلىپ كىرمىسىلا ئامان-ئىسەن چىقىپ كىتەلىشىمىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن دېڭىز دولقۇنىنىڭ پەسىيىشىنى ساقلىشىمىز كېرەك»دىدىم.
سىمىز قولىنى پۇلاڭلىتىپ خوشياقمىغان ھالدا:« بىزدە ھېچقانداق قورال بولمىسا، نىمە بىلەن كولايمىز؟  قولىمىز بىلەنما؟»دىدى.
مەن:« سەن چۈشەنمەيۋاتىسەن، بۇ يەردىكى خىشلارنىڭ ھەممىسى ئىچى بوش كاۋاك خىشلار ، بۇ خىل خىشنى چاققىلى بولمايدۇ، لېكىن بىز بىرەر تال تۆمۈر تېپىپ كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ىىزلاردىن ئاسانلا تۈشۈك ئاچالايمىز، بۇنداق بولغاندا خىشلارنى ئاجراتماق ئاسان» دىدىم.
سىمىز بۇلارنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. « ۋاھ، بۇ ئامال بۇلىدىكەن! بۇنداق چوڭ قەبرىدە جەسەت بىلەن بىرگە قويۇلغان مىتال قورالنى چۇقۇم تاپقىلى بولىدۇ» دىدى- ئۇ .
ئۇنىڭ مىجەزى مانا مۇشۇنداق ئىدى. –ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىپ ھېچ ئامالى قالمىغاندا ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ئكلىمىنى كۈتۈپ ياتقىنى ياتقان، ئەگەر ئازراقلا يىپ ئۇچى بايقىلىپ قالسا كاللىسى بىردىنلا ئۆتكۈرلىشىپ كىتەتتى.
بىردىنلا كۆڭلۈمدە بۇ ئىشنى قانداق باشلاش نىمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا ئىنىق پىلان تۈزۈشكە باشلىدىم. مەن ئالىي مەكتەپتە قورۇلۇش ئىلمى ئۆگەنگەن بولغاچقا بۇ نەرسىلەر ماڭا ناھايتى تۇنۇش ئىدى. مەن تامنى كۈچەپ ئىتتىرىپ باقتىم. راستىنلا مىنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئىدى.   پەقەت دېڭىز دولقۇنى تىنجىغان ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئىشنى تۈگىتەلىسەك بۇ يەردىن ساق چىقىپ كىتىش مۇمكىنچىلىكىمىز بىر قەدەر چوڭ بولاتتى.
بۇ ۋاقىتتا بوتولكا:« دېڭىز دولقۇنى تىنجىيدىغانغا خېلى ۋاقىت بار، بۇ يەردىكى ھاۋانىڭ بىزگە قانچىلىك ۋاقىت يىتىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. .... بولدىلا، بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەرمىز» دىدى.
سىمىز ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ:« ھۇ ئاناڭنى! دېڭىز دولقۇنى بىلەن نىمە چاتىقىمىز! ئاۋال سايمان تېپىپ كىلىپ ئىشنى باشلايلى!  بۇنداق ساقلاپ ئولتۇرىۋىرىپ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى. شۇ تاپتا دېڭىز ئالۋاستىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن پۇخادىن چىققۇچە بىر قەپەز ئېلىشىپ ئۆلسەممۇ مەيلىتى» دىدى. ئۇنىڭ  بۇ يەردە تۇرىۋېرىشكە پەقەتلا تاقىتى قالمىغاندەك قىلاتتى.
مەن ئەسلىدە ئۇنىڭغا- ئەگەر دېڭىز دولقۇنى تىنجىمىغان ۋاقىتتا بۇ قەبرىدىن تۈشۈك ئاچساق قەبرە ئىچىگە جىددى ئېتىلىپ كىرگەن دېڭىز سۈيى، دېڭىز قۇمى قۇشۇلۇپ بۇ يەرنى قالايمىقانلاشتۇرېتىدۇ. بۇ قەبرە ئىچى كەم دىگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ مىنۇتتا سۇ بىلەن تۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئاچقان تۈشۈكتىن يۇقىرىغا قاراپ ئۈزۈپ چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ. ھازىركىدەك چارچىغان سۇ ئۆزۈش سايمانلىرى بولمىغان ئەھۋالدا يەنىلا دەڭىز دولقۇنىنىڭ تىنجىشىنى كۈتسەك جىسمانى كۈچىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە خۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ- دىگەنلەرنى ئېيتماقچى ئىدىم، بىراق بۇ گەپلەرنى دەپ ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سەپكىم كەلمىدى.  بىز ئۈچىمىز قايتىدىن جانلىنىپ نەرسە كېرەكلىرىمىز يىغۇشتۇرۇپ ئەگەمە يولغا قاراپ ماڭدۇق. بىز ئەمدىلا قەبرە يولىدىكى ھېلىقى تاش ئىشىك تەرەپكە بېرىشىمىزغا ھەممىمىز ھەيران بولۇپ قاراپ قالدۇق.  سىمىز:« بۇ يەر نىمىدىگەن سىرلىق!» دەپ تىللاپلا كەتتى.
بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى تامدا يەنە بىردانە ئىشىك پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.  مەن قول چىراق بىلەن يۇرۇتۇپ ئىشىكنىڭ ئىچىدە ناھايتى چوڭ بىر دانە سېرىق رەڭلىك جەسەت ساندۇقىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى