رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك5-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك5-باب

ۋاقتى: 2016-08-10 ئاۋاتلىقى: 1360 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىرىنچى خاتىرە ئىكىنچى بۈلەك غەزەپ دېڭىزى
بەشىنچى باب كونا رەسىم
مۇشۇ دەقىقىدە مەن پۈتۈنلەي كەنجى تاغامنىڭ ھىكايىسىى ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىدىم ، ئۈزۈمنى قەدىمى قەبرە ئىچىدە ۋېنجىننىڭ خۇش ھىدى ، ئىللىق تەبەسسۇمىغا چۈمۈلگەندەك ھىس قىلدىم . كەنجى تاغام ئۆھۆ ئۆھۆ .. دەپ يۈتىلىۋىدى ،شۇندىلا ئۈزۈمنىڭ بىر ياستۇقنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرغانلىقىمنى بايقىدىم ، ھەمدە بىرئاز ئوڭايسىزلاندىم ، كۆڭلۈمدە << مەن قانداق بۇلۇپ كەنجى تاغامنىڭ ئادىمىگە باشقىچە ھىسياتتا بۇلۇپ قالدىم >> دەپ ئويلىدىم ۋە خىجىل بۇلۇپ << نىمە بولدى ؟ نىمىشقا سۆزلىمەيسەن ؟ ئاخىرى قانداق بولدى ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام زورىغا كۈلۈپ : << سۆزلىگۈدەك ئىش قالمىدى ، ھىكايە ئاياغلاشتى ، مەن ئۇخلاپ قالغان شۇ ۋاقىتتا قەدىمى قەبرە ئىچىدە زادى نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تا ھازىرغىچە چۈشىنەلمىدىم >> سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى ، ئۇ بىردەم تىنىۋالغاندىن كىيىن << قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن ، مەن ئويغانغاندا باشقىلارنىڭ قايەرگە كەتكىن تاڭ ھېلىقى يان ئۆيدە يالغۇز مەنلا قاپتىمەن . مەن ئۇلار ھەقاچان مىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتىمدا ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاساسى گۆرگە كەتكەن چېغى دەپ ئويلاپ كۆڭلۈمدە ناھىيىتى ئاچچىقىم كەلدى ، چۈنكى ۋېنجىن باشتىن باشلاپ مىنىڭ گىپىمنى ئىتائەتچانلىق بىلەن ئاڭلاپ كەلگەن ، بۇ قېتىم ئۇلارغا ئەگىشىپ قاملاشمىغان ئىش قىپتۇ دەپ ئۇلارنى ئىزدەي دەپ ئويلۇدۇم >> دىدى .
ئۇ بىرتال تاماكا ئېلىپ ئېغىزىغا سالدى ، ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ : << بۇ چاغدا مەن تامدىكى ھېلىقى ئىشىكنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم ! مەن ئەتراپقا قاراپلا بۇ يەرنىڭ ھەرگىزمۇ مەن ئۇخلاپ قالغان يان ئۆي بولماستىن بەلكى قەيەرلىكى ئىنىق بولمىغان بىر جاي ئىكەنلىكىنى بايقىدىم ، كەينىمگە قارىسام ئالتۇن يىپلىق جەسەت ساندۇقى تۇرىدۇ .>> دىدى.
مەن كۈلۈپ ،ئۇنىڭدىن : << سەن جەزمەن قىلچە ئىللەنمەي بېرىپ جەسەت ساندۇقىنى ئېچىپ ئىچىدىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالغانسەن ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ : << ئوسۇرۇق! – مەن ساڭا دىسەم ، ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقۇپ ئىشتان – پىشتانغا چىقىرىۋىتەي دەپ قالغان ، مەن جەسەت ساندۇقىنى كۆپ كۆرگەن ،بىراق ھېلىقى جەسەت ساندۇقى ئىچىدىن شالاپ – شۇلۇپ قىلىپ توختىماي سۇ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى ، ئەننەڭنى !! خۇددى جەسەت ساندۇقى ئىچىدە بىرەر نەرسە يۇيۇنىۋاتقاندەك قىلاتتى . بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى لىسىدى تىلغا ئالغان << دېڭىز ئالۋاستىسى >> ئىسىمگە كەلدى ، سەنمۇ بىلىسەن ، مۇردىدىن مەن قۇرۇقمايمەن ،لىكىن بۇ دېڭىز ئالۋاستىسى دىگەننى تۇنجى ئۇچرىتىشىم بولغاچقا قورقۇپ ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم . بۇ ۋاقىتتا مەن يەنە ۋېنجىندىمۇ ئەنسىرەپ ئۈلگۈردۈم ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىرقانچە قېتىم توۋلىغان بولساممۇ ھېچقانداق سادا بولمىدى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ھېلىقى جەسەتساندۇقىنىڭ قاپقىقى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ كەتتى . >> دىدى .
كەنجى تاغام سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى ئۆزگۈرۈپ غەلىتىلەشتى ، ئۇ يەنە << مەن ئۇۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئويلۇمىدىم ، ھېلىقى قالپاقنىڭ قۇلۇمدا تۇرغۇنىنى كۈرۈپ ، ئۇنى كېيدىم ۋە دەرھاللا ھېلىقى كۆلچەككە سەكرىدىم . شۇنىڭ بىلەن قېچىپ چىقتىم .
مەن بۇنى ئاڭلاپلا : << توغرا ئەمەسقۇ ! ھېلىقى ئۆي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ئەمەسمىدى ؟ يەن قانداقسىگە سۇ كۆلچىكى بۇلىدۇ ؟>> دىدىم.
كەنجى تاغامنىڭ چىرايى ئۆڭدى – دە : << بار ! ئەلۋەتتە بار ! شۇ سۇ كۆلچىكىلا بار ! ۋۇ ئانانڭنى گىپىمگە لوقما سالماي تۇر ، تېخى سۆزلەپ بۇلالمىدىم ! >> دىدى ، ئۇ ئۈزىنى توختىۋالغاندىن كىيىن : << دېڭىزدا بۇران چاپقۇن بارمۇ يوق بۇنىڭ بىلەنمۇ چاتىقىممۇ بولمىدى ، مەن بىز قەبرىگە كىرگەن ھېلىقى كامارنى تاپتىم دە چىقىپ كەتتىم . مەن سۇ يۈزىگە چىقىپلا پارلاپ تۇرغان قۇياشنى كۆردۈم ، لىكىن شۇ ۋاقىتتا قايسى چاغ بولغانلىقىنىبىلەلمىدىم . مەن سۇ يۈزىگە چىققاندىن كىيىن ، مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىرقانچە چوڭ كىمە بارلىقىنى كۆردۇم ، قارىغاندا بىزنى قۇتقۇزغىكى كەلگەندەك قىلاتتى ، مەن كىمە چىققاندىن كىيىن ۋاقىتنى سۇراپ ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى كۈنى چۈش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھايران قالدىم ، سەن دەپ باقە ، مەن ئۇ قەدىمى قەبرە ئىچىدە بىردەم مۈگۈدىگەن خالاس ! قانداقسىگە بىركۈن ئۈتۈپ كىتىدۇ دەيمەن ؟ >> دىدى .
مەن كەنجى تاغامغا تىكىلىپ قارىدىم ،ھەمدە كۆڭلۈمدە << ھەممىسى يالغان ! ئاخىرىدا ئۇ چۇقۇم بىرەر ھالقىلىق ئىشقا دۇچ كەلگەن >> دەپ ئويلۇدۇم ، لىكىن ئۇ نىمە ئۈچۈن ماڭا بۇتوغرۇلۇق پەقەت ئېغىز ئاچمايدۇ ؟ بۇ قېرى ئەبلەخ قەدىمى قەبرە ئىچىدە زادى نىمە ئىشلارنى قىلغاندۇ ؟ ۋۇ ئاناڭنى ، يا ئۇنى مەجبۇرلاپ سۆزلەتكىلى بولمىسا .
مەن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قەلغاندىكى تۈگۈلۈپ كىتىشلىرىنى كۈرۈپ ، كۆڭلۈمدە كىيىن نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بەكمۇ بىلگۈم كەلدى . يەنى كىلىپ ۋېنجىننىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەنسىرىدىم .
مەن كەنجى تاغامنىڭ گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن : << باشقىلارچۇ ؟ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چىقماپتۇمۇ ؟ >> دەپ سورىدىم .
كەنجى تاغام كۆڭلى غەش ھالدا تىزىغا بوش ئۇرۇپ : << نىمە بولدۇمكىن تاڭ ،مەن كىمىگە چىقىپ بىر قانچە ئېغىز سۆزلە –سۆزلىمەيلا يەنە ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ، كىيىن مىنى خەينەندىكى بىر دوىتۇرخانىغا ئاپىرىشىپتۇ ، مەن ئۇ يەردە توپ – توغرا بىر ھەپتە ھۇشسىز يېتىپتىمەن ، كىيىن مەن ئۇلارنى ئىزدەپ بارماقچى بولغىنىمدا ، ئەينى چاغدا بىزنى ئۇيەرگە ئاپارغان ھېلىقى كىمىچىنى ھېچيەردىن تاپالمىدىم ، دېڭىز دىگەندە قارىساڭ ھەممىلا يەر ئوخشاش سۇ ، بارىدىغان جايىڭنىڭ ئىنىق كوردىناتىنى بىلمىسەڭ ئىزدەپ تاپالىشىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . >> دەپ بىر دەم توختىۋالغاندىن كىيىن << كىيىن مەن دېڭىز ئىشلىرى باشقارمىسىغا بېرىپ سۈرۈشتۈردۈم ، يەنە ئۇلارنىڭ تەتقىتات ئورنىغۇمۇ باردىم ،مەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى بايقىدىم ، ۋېنجىنمۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ، مانا 20 يىل بولاي دەپ قالدى ، تا - ھازىرغا قەدەر ئازراقمۇ خەۋىرى يوق ، مەن ھېلىقى قەبرىدىكى ئىشلارنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم . ھېچنىمىدىن – ھېچنىمە يوق بىر قانچە ئادەمنىڭ يۇقاپ كىتىىشى قەندەقمۇ مۇمكىن بولسۇن ! >> دەپ ئۈستەلگە قاتتىق بىرنى ئۇردى ، ئۇ كۆزلىرى قىزارغان ھالدا : << ۋۇ ئانناڭنى- ئەجەپ پۇشايمان قىلدىم ! ئەينى چاغدا زادى نىمىنى خىيال قىلغان بولغۇيدىم ؟ ئەگەر ئەينى چاغدا ئاشۇ قەبرىنى ئوغۇرلىغىلى بارمىغان بولسام ، بۇ بىر توپ كىشىلەر بۇ ۋاققا نەۋرىلىك بۇلۇپ بولغان بۇلاتتى ! يەنە ۋېنجىنمۇ بار ، مەن ئۇنىڭغا راسلا يۈز كىلەلمەيمەن >> دىدى .
مەن قارىسام كەنجى تاغامنىڭ پوتلا – مىشقى ئېقىپ كىتىپتۇ ، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۈرۈپ باقمىغانىدىم ، يەنى كىلىپ بۇنداق چاقىتتا نىمە قىلارىمنىمۇ بىلمەيتتىم . ئۇ قۇلىغا ھېلىقى يىلان قاشلىق مىس بىلىقنى ئېلىپ : << مەن كۆپ ئويلاندىم ، نىمىشقا پەقەت مەنلا قايتىپ چىقالايمەن ، باشقىلار نىمە ئۈچۈن قايتىپ چىقالمايدۇ ؟ . مەن ئاخىرى شۇنداق يەكۈن چىقاردىم ، ئۇلار بىلەن مىنىڭ ئارامدىكى بىردىن – بىر پەرىق شۇكى مىنىڭ يېنىمدا بۇ نەرسە بار ئىدى >> دىدى .
مەن ھېلىقى بىلىققا قاراپ كۆڭلۈمدە << ئەگەر لۇشاڭ بېگىمۇ قەبرە ئوغرىلىغان بولسىچۇ ؟ ئۇنىڭ قۇلىدىمۇ مۇشۇنداق يىلان قاشلىق مىس بىلىق بار ئىدى ، ئۇنداقتا لۇ بېگى قەبرىسى بىلەن دېڭىزدىكى ھېلىقى چۆكتۈرمە قەبرىنى مۇناسىۋەتلىك دىگىلى بۇلامدۇ –بولمامدۇ ؟ >> دەپ ئويلىدىم . توغرا ئەمەس ! بۇ ئىككى قەبرىنىڭ ۋاقىت پەرقى بەك چوڭ ، بىرسى ئۇرۇشقاق بەگلىككە يەنى بىرسى مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە توغرا كىلىدۇ ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىمۇ بۇ ئىككى قەبرىنى مۇناسىتى يوق . مەن بۇلار ئارىسىدىكى سىرنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ ئايىغىنى چىقىرالمىدىم .
كەنجى تاغام بۇلارنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن روھى كەيپىياتى بىر ئاز ياخشى بولماي قالدى بولغاي، ئاستا كارۋاتتا ياتتى ، مەن ئۇنىڭ تېخى بايىلا بىر ئازاپلىق ئەسلىمىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ئۇ بىردەم تىنىچلىنىۋېلىشى كىرەك ئىدى ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ :<< جىيەنىم ! مەن بايا تۇيۇقسىزلھ بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ! >> دىدى .
مەن ئۇنىڭ چىراينىڭ تاتىرىپ كەتكىنىنى كۈرۈپ كۆڭلۈمدە << سەن يەنە قانداق قۇرقۇنۇشلۇق ئىشنى ئويلاپ تاپقاندان ئەمدى >> دەپ ئويلۇدۇم . ئۇ بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ : << بىز بىلەن بىللە قەبرە ئوغۇرلىغىلى كىرگەن ياشلارنىڭ ئىچىدە بىرسى بۇلىدىغان ، ئۇنىڭ چىراي - شەكلە ،تەقى- تۇرقى ھېلىقى مۆرىمەس بوتولكىغا بەك ئوخشايدۇ >> دىدى .
مەن بۇنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدىم ۋە : << ئۇنداق ئەمەستۇ ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى كىچىك بولغۇيدى ! >> دىدىم.
كەنجى تاغام تەپسىلىرەك ئويلانغاندىن كىيىن قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ : << ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتتى ، مەنمۇ يۈزدە – يۈز ئىشەنىچ قىلالمايمەن ، بىراق مەندە ئەينى ۋاقىتتىكى ئوپچە رەسىم بار ، ئۇنى بىز دېڭىزغاچىقىشتىن بۇرۇن چۈشكەن ، ئۆيدىلەر ئۇ رەسىمنى سىكاننىرلاپ(ساۋمىياۋ قىلىپ ) يوللاپ بەرسىلا بولمىدىمۇ !>> دەپلا توروپكىنى قۇلىغا ئالدى .
كەنجى تاغام تېلىفۇندا تاپىلىۋىدى ، بەش مىنۇتتىن كىيىن بىرپارچە ئىلىكتۇرونلۇق پوچتا يوللانمىسى كەلدى ، كەنجى تاغام يوللانمىنى ئېچىشىغىلا رەسىمنى كۈرۈپ بەدىنىم سۇغۇق تەرگە چۈمۈلدى ، رەسىم رەڭسىز بۇلۇپ ئۇلار ئون ئادەم ئىدى ، بىرىنجى رەتتىكىلەر زوڭزىيىپ ، ئىككىنچى رەتتىكىلەر ئۈرە تۇرۇپ چۈشكەنىدى ، بىرىنجى رەتنىڭ ئوتتۇرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنى ياش ۋاقىتتىكى كەنجى تاغام ، لىكىن كەينىدە ئۈرە تۇرغىنى
بولسا دەل ھېلىقى مۆرىمەس بوتولكا ئىكەن .
پۈتۈن بەدىنىمنى تەر باستى ،خاتا كۆرگەن ئوخشايمەن دەپ يەنى بىر قېتىم قارىدىم ،دەرۋەقە شۇكەن ، ئۇنىڭ كۆزلىرى ، چىراي ئىپادىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش ، بۇۋاقىتتا قۇلى بىلىپ بىلمەي تىترەشكە باشلىغان كەنجى تاغام ماڭا گۇمانى نەزەردە قاراپ كېكەچلەپ ناھايىتى تەستە : << نى .. نى .. نىمىشقا ئۇ 20 يىلدىن بۇيان ئازراقمۇ قېرىمىغاندۇ ؟ >> دېدى ، بىراق سۆزى تۈگىشى بىلەنلا تۇيۇقسىز ئەقلىنى تاپقان ئادەمدەك : << مەن چۈشەندىم ! مەن چۈشەندىم ! >> دەپ توۋلىدى .
قارىسام ئۇ ساراڭدەكلا بۇلوپ قاپتۇ ، مەن نىمە قىلارىمنى بىلماي تۇرغان شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاللىبۇرۇن يۈك تاقىسىنى كۈرۈپ سىرتقا ماڭدى ، مەن ئۇنى تۇسۇۋالماقچى بولغانىدىم ئۇ قۇلۇمنى سىلكىۋېتىپ : << سەن مۇشۇ يەردە پەنزىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئال ، مەن ھازىرلا شىشاغا يەنە بىر بارمىسام بولمايدۇ ! >> دەپ قاراپمۇ قويماي يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى