رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك19-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە2-بۆلەك19-باب

ۋاقتى: 2016-08-05 ئاۋاتلىقى: 823 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جەسەت شامى ئادەتتە سۇدا چۆكىدىغان بولۇپ، نەم تۇپىغا كۆمۈلگەن جەسەت تىنىدىكى ئاقسىل ماددىلىرى ۋە تۇپراقتىكى ئىلمىنىتلارنىڭ قۇشۇلىشى ئارقىسىدا ئۇيۇشۇپ ھاسىل بولاتتى.
 مەن بۇ ئىزنىڭ تامنىڭ بۇلىڭىغا قويۇلغان كۆك رەڭلىك ساپال ئىدىشنىڭ ئارقا تەرىپىگە قاراپ سوزۇلغانلىقىنى بايقىدىم. يۈرىگىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.  بۇ يەردە بالاغەتكە يەتمىگەن بالا مۇردا بار ئوخشايدۇ- دىگەنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. مەن سىمىزگە :"« قارا بۇ ئىزلار ئاشۇ ئىدىش تەرەپكە كىتىپتۇ، قايتىپ كەلگەن ئىز يوق، بۇ ئېھتىمال...........» گېپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىلا سىمىز قولىنى شىلتىپ مىنى گەپ قىلماسلىققا ئىشارەت قىلدى.  مەن بېشىمنى بۇراپ قارىدىم. ھېلىقى كۆك رەڭلىك ساپال ئىدىش تۇيۇقسىز تەۋرىنىشك باشلىدى.
 سىمىز پەس ئاۋازدا:« ھېلىقى نەرسە ساپال ئىدىشنىڭ كەينىگە يۇشۇرىنىۋالغان ئوخشايدۇ»دىدى.   جاڭ چوقۇر ئۈستىدىكى كىيىملىرىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك سېلىپ بولغان بولۇپ، قېپقالغان جابدۇقلارنى سېلىشقا تەمشىلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورققاندەك ھەركىتىنى توختۇتۇپ ، سىمىزدىن :"« سىنىڭ دىگىنىڭ قانداق نەرسە؟» دەپ سورىدى.   ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن ئەرۋاھى ئۇچقان سىمىز ئۇنىڭغا چەكچىيىپ تۇرۇپ:« تىرىك مۇردا!!!» دەپ ۋارقىرىدى.  بۇنى ئاڭلاپ چۇقۇر ھاڭۋېقىپلا قالدى.  سىمىز بېشىنى ھايقاپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.  
 مەن سىمىزدىن :« سەن راستىنلا تىرىك مۇردا بارلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەمسەن؟ مەن ئەزەلدىن بۇنداق كىچىك تىرىك مۇردىنى كۆرۈپ باقمىغان» دىدىم.   سىمىز :« مەنمۇ ئىنىق بىرنەرسە دىيەلمەيمەن. بىراق نىمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىز يەنىلا بېرىپ قاراپ بېقىشىمىز كېرەك» دىدى. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قورالنى ئېلىپ مىنى مېڭىشقا شەرەت قىلدى.  مەن بېشىمنى چايقىدىم. مەن راستىنلا قوقۇشقا باشلىغان ئىدىم.
 سىمىز ئولۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ ، جاڭ چوقۇرغا قارىدى. جاڭ چوقۇرنىڭ تۈنجى قېتىم قەبرىگە كىرىشى بولغاچقىمىكىن بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا بەك قىزىقارلىق بىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك. ئۇ بىردىنلا روھلىنىپ كەتتى، ۋە سىمىزگە ئەگىشىپ ماڭدى.
 ئۇلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىدىشقا يېقىنلىشىۋاتاتتى. مەن گەرچە قورقىۋاتساممۇ ئايال كىشى ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكىۋالماسلىق ئۈچۈن جاڭ چوقۇرنىڭ كەينىدىن سەل ئارىلىق قالدۇرۇپ ماڭدىم.
 بىز ناھايتى ئاستا مېڭىۋاتاتتۇق، خۇددى تويۇقسىز بىرنەرسە ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىدىغاندەكلا.  سىمىز ئاۋال قول چىرىقىنى تەڭلەپ قاراپ باقتى. بۇ ئىدىش بەك چوڭ بولۇپ ئىچىنى ئىنىق كۆرگىلى بولمايتتى.  ئۇ يەنە قورالنىڭ پەينىكى بىلەن ئۇرۇپ باقتى.  ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى كىچىك ۋاقتىمدا بۇرسۇق تۇتقاندىكى ھەركىتىمگە بەك ئوخشايتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلگۈم كەلدى.   ئۇ مۇشۇنداق 5-6قېتىم ئۇرۇپ باققاندىن كېيىن ھېچنىمە يوقلىقىنى پەملىدى بولغاي، تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئىدىنىڭ كەينىگە ئۆتتى. ۋە تىللاشقا باشلىدى:« ھۇ ئاناڭنى! بىر تال قۇرۇق ياغاچ ساندۇقكەنغۇ، مىنى قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى تاس قالدى دىسە!...».
 ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىزمۇ ئۇنىڭ يېنىغا باردۇق. ئىدىشنىڭ كەينىدىكىسى ئىسكروپكا سالىدىغان قۇتىچىلىك چوڭلۇقتىكى ھەرخىل نەقىشلەر ئويۇلغان بوۋاق بالىلارنى قويىدىغان جەسەت ساندۇقى ئىدى. جەسەت ساندۇقىنىڭ ئېغىزى ئاللىقاچان ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ بىر تەرەپكە قويۇپ قۇيۇلغان ئىدى.  جەسەت ساندۇقى ناھايتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى  ئىچىدە جەسەت يوق.  
 سىمىز بۇنى ئادەتتىكى بىر ساندۇق دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.  مەن ئۇنىڭغا:« بۇ ئادەتتىكى ساندۇق ئەمەس، بۇ دىگەن تاۋۇت» دىدىم.  سىمىز دەسلەپ بۇ گەپكە ئىشەنمىدى. ئۇ بىردەم تۇرىۋېتىپ بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ:« سەن بۇنى ھېلىقى تىرىك بالا مۇردىنىڭ تاۋۇتى دىمەكچىمۇ؟» دەپ سورىدى.  مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. مەن بۇ تاۋۇتقا زەن سېلىپ قاراپ تاۋۇتنىڭ بىرقانچە يېرىدە تۈشۈك تۇرغانلىقىنى، قارا رەڭلىك بىرخىل سۇيۇقلۇقنىڭ تۈشۈكتىن باشلىنىپ يەرگىچە سوزۇلۇپ چاپلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم. قارىغاندا بۇ تۈشۈكتىن راستىنلار بىرخىل سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىققاندەك قىلاتتى.  بۇ ئەھۋاللارنى كەنجى تاغامنىڭ خاتىرىسە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم.
 سىمىز قول چىرىقىنى تەڭلەپ تاۋۇتنىڭ ئىچى-سىرتىغا قاراشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن بىر ئۇھ تارتىۋېتىپ :«بۇ تاۋۇتنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا تاۋۇتقا قويۇلغان بالا مۇردىنىڭ ئۈستىبېشىدا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەر بولىشى مۇمكىن. بىراق ئۇ قەيەرگە كەنكەندۇ؟  بولمىسا بۇ تاۋۇتنى تەپسىلى ئاختۇرۇپ باقايلى،  بىرنەچچە تال قىممەتلىك گۆھەر چىقىپ قالامدۇ تېخى » دىدى.
 مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئادەتتە ئۆلگۈچى بىلەن قۇشۇپ دەپنى قىلىنغانلارنىڭ يېنىدا نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەر بولاتتى. بولۇپمۇ قۇشۇپ دەپنە قىلىنغانلارنىڭ قۇرسىقىدا چىرىشتىن ساقلىغۇچى قىممەت باھالىق ياقۇت دىگەندەكلەر كۆپرەك ئۇچرايتتى.  
 بىز بىرقانچەيلەن ھەر تەرەپنى ئىزدەپ باقتۇق.  ھەممىمىز جەسەتنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلىشنى بەكرەك ئارزۇ قىلاتتۇق. بىز بۇ يەرنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ بىر قېتىم تەپسىلىي ئاختۇرۇپ چىقتۇق. ھېلىغۇ بىرەر تال ياقۇتكەن، پۇلغا ئەرزىگۈدەك ھېچنىمە تېپىلمىدى. قارىغاندا قەبرە ئوغرىلىرى بۇيەرنى قۇرۇقداپ قويغاندەكلا قىلاتتى.
 سىمىز تاقەت قىلالماي بارغانسىرى جىلە بولۇشقا باشلىدى، ۋە بايىقى تاۋۇتنى ئۆرۈپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. مەن تۇيۇقسىز بىر خەتەرنى سەزگەندەك بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدىم.  مەن ئۇنى تارتىپ تۇرۇپ:« بۇ تاۋۇت باشقا تاۋۇتلار بىلەن ئوخشىمايدىكەن، قارىغاندا بۇنىڭغا ئۈلۈكتىن باشقا نەرسىلەرمۇ قويۇلغان بولىشى مۇمكىن، يەنىلا ئۇنىڭغا چېقىلمايلى» دىدىم.    سىمىز كۈلۈپ تۇرۇپ:« جەسەت ئاللىقاچان غايىپ بولغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن مۈشۈك ئېيىق چىقىپ قالسا مىنى چىشلەپ قۇيامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسەن؟ ياكى بۇ تاۋۇت بىر سەكرەپلا مىنى چىشلىۋالارمۇ؟» دىدى، چاقچاق قىلغاندەك.
 بۇ ۋاقىتتا بىر چەتتە تۇرغان نىڭ خانقىز:« بىزنىڭ بۇيەرگە كىلىشتىكى مەقسىدىمىز بۇ يەردىن پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تېپىش ئەمەس ، بىز تىزرەك ئاساسى قەبرىنى تېپىشىمىز كېرەك. بىز تىزدىن ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلايلى » دىدى.
 سىمىز گەرچە نىڭ خانقىزنىڭ يولسىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ بىراق ئامال يوق. بىز قايتىپ بېرىپ سۇ ئۈزۈش ئەسۋابلىرىنى بىر قۇر رەتلىدۇق. سىمىز سومكىسىنى يۈدگەچ  تويۇقسىز ماڭا قاراپ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ قويدى، بىراق يەنىلا گېپىنى ئىچىگە يۇتىۋەتتى. قارىغاندا ئۇنىڭ ماڭا بىرنىمىلەرنى دىگۈسى باردەك قىلاتتى بىراق دىيەلمەيتتى.  مەن بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، « ئۇ ئاناڭنى ! گەپ بولسا خوتۇن كىشىدەك قىلىپ تۇرماي دىمەمسەن!؟» دەپ تىللاپ قويدۇم.    سىمىز:« سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ھېلىقى تىرىك مۇردا ئاۋۇ كۆك رەڭلىك ئىدىشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنمۇ قانداق؟» دىدى.
 مەن ھېلىقى چوڭ ئىدىشقا قارىدىم ۋە چۈچىگەندەك بولدۇم، بۇ ئېھتىماللىقنى يوق دىگىلى بولمايتتى. سىمىزنىڭ يۈزلىرى ئازراق قىزارغان ئىدى. «مەن باياتىن ئاۋۇ كۆك ئىدىشنىڭ ئىچىدىن بىرخىل ئاۋاز ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇنى چاشقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ سىلەرگە دىمىگەن ئىدىم، بىراق ھازىر ئويلاپ باقسام ئۇ چاشقان ئەمەستەك قىلىدۇ. بىراق ئۇ چاشقان بولمىسا ئۇنداقتا ھېلىقى تىرىك مۇردا شۇمۇ؟  ئەگەر شۇ بولۇپ قالسا ئۇ قانداق قىلىپ ئىدىشنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ؟  مەن شۇ مۇنداقلا پەرەز قىلىپ باقتىم»دىدى سىمىز.  
 مەن سىمىزنىڭ جەسەتنىڭ ئۈستىبېشىدىكى قىممەتلىك بويۇملاردىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەنلىكىنى بىلەتتىم.  مەن ئۇنىڭغا بىرقانچە ئېغىز قاتتىق گەپ قىلماقچى بولۇپ ئېغىزىمنى مىدىرلىتىشىمغىلا، ھېلىقى چوڭ ئىدىش تەرەپتى «دوڭ...دوڭ....» قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋە بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئىدىش بىرقانچە قېتىم تەۋرىنىپلا تەتۈر بولۇپ قالدى.  مەن ھاڭۋېقىپلا قالدىم.
 تۆتىمىز  ئۈن تىنسىز جىددىيلەشكەن ھالدا ھېلىقى ئىدىشقا قاراپلا قېلىشتۇق.  ھېلىقى ئىدىش ئاۋال ئۆز ئورنىدا بىرقانچە قېتىم پىرقىراپ ئايلاندى،  ئاندىن «دوڭ....دوڭ....» ئاۋاز چىقىرىپ بىز تەرەپكە دومىلاپ كەلدى.


جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى
 تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز alwastem سالونىغا كىرىڭ
بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى