رومانىم يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
مەزكۇر يانبىلوگدا ھەرخىل رومانلار،كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى ۋە باشقا ۋەھىمىلىك ئەسەرلەر يوللىنىدۇ.
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك36-باب

كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى 1-خاتىرە 2-بۆلەك36-باب

ۋاقتى: 2016-07-20 ئاۋاتلىقى: 1024 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 

مەن ئويلىنىشقا باشلىدىم، بىردىنلا شىيە لىيەنخۇەننىڭ كىملىكىنى ئىسىمگە ئالدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا شىيە جەمەتى بىلەن بىزنىڭ ۋۇ جەمەتىنىڭ ئازراق تۇققانلىقىمىزمۇ بار ئىدى،نەۋرە تۇغققىنىمنىڭ نەۋرە توغقىنى دىگەندەك. "ئىزدەشمىسە ياتلىشار" دىگەندەك، بىزگە كەلگەندە ئۇلار بىلەن كۆپ ئالاقە قىلماس بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەبرە قازغۇچىلار ئىدى. شىيە لىيەنخۇەن كەنجى تاغام بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىشاتتى. بوۋام دائىم كەنجى تاغامغا تەنبىھ بىرىپ "سەن شىيە ئائىلىسىنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى قويمىدىڭ!"دەيتتى. بوۋامنىڭ دىمەكچى بولغىنى شىيە لىيەنخۇەننىڭ ئۆلىشىگە كەنجى تاغام سەۋەبچى ئىدى.
ھازىر ئويلاپ باقسام شىيە لىيەنخۇەن مانا مۇشۇنداق ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، بوۋامنىڭ نىمىشقا مىنى كەنجى تاغام بىلەن ئازراق ئالاقە قىلىشقا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشىنىۋاتاتتىم.
سىمىز كەينى تەرىپىمدىن مىنى ئىتتىردى، مەن ئەمدى خىيال سۈرۈپ تۇرىۋەرسەم بولمايتتى. چىشىمنى چىشلەپ ئالدىمغا بىر قانچە قەدەم سىلجىدىم. تۇرۇستىن قاپقاراڭغۇ بىر ئۆڭكۈر كۆرۈندى، سىمىز خۇشاللىقىدا ۋارقىراپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سەۋرى قاچىسى تولغان ئىدى، ئۇىڭ سىمىز بەدىنى بۇ تارچىلىقتا خېلىدىن بىرى ئۇيان بۇيان سۈرۈلۈپ يۈرۈپ قاناپ كەتكەن ئىدى.  مەنمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتىم، شۇ تاپتا پۇتۇمدا ھېچ مادار قالمىغان ئىدى.  بوتولكا ھېلىقى ئۆڭكۈرگە شۇڭغۇپلا كىرىپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىككى يېنىدىكى تامغا كۈچەپ تىپىپ پۇختىمۇ ئەمەسمۇ سىناپ باققاندىن كېيىنلا بىزنى تارتىپ ئىچىگە كىرگۈزدى. بىراق سىمىزگە بۇ ئۆڭكۈرگە كىرىش تەس كىلىۋاتاتتى. مەن بىر ئادەم ئۇنى ئىتتىرەلمەيۋاتاتتىم، شۇ تاپتا ئۇنىڭغا راستلا بەك ئاچچىقىم كەلدى. ئاچچىقىمدا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇنى بىر ئىتتىرگەن ئىدىم ئۇ ئىڭرىغان پېتى ئۆڭكۈرگە كىردى، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭ بىرەر پارچە تىرىسى سۇيۇلۇپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلىدىم.
بىز مۇقىم تۇرىۋالغاندىن كېيىن تۆۋەنگە قارىدۇق، پەستىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى. ئىككى تەرەپتىكى تام ئاللىقاچان بىرىكىپ قول پاتقۇدەكلا ئارلىق قالغان ئىدى. ئەگەر مەن ھازىر بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە بولمىغان بولسام  قانداق بولۇپ كىتىدىغانلىقىمنى ئويلاشتىنمۇ قورقتۇم. بۇ قېتىم ھەقىقەتەنمۇ تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلگەن ئىدى. بۇ ئۆڭكۈرنى يەنە بىر نەچچە مىنۇت كىچىكىپ بايقىغان بولساق ھەممىمىز ئاللىقاچان تۈگەشكەن بولاتتۇق.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈستىگە قارىدىم، بۇ ئۆڭكۈر ئۈستىگە قاراپ تىك ھالدا ئۇيۇلغان بولۇپ، بىز ئادەمنىڭ ئىگىزلىكىچىلىك كولىنىپلا ئارقىدىن يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ شەرق تەرەپكە قاراپ كولانغان ئىدى.  مىنىڭ پۇتلىرىم تېخىمۇ بۇشىشىپ كىتىۋاتاتتى، شۇ تاپتا ھارغاننىڭ دەستىدىن يەنە داۋاملىق بەرداشلىق بىرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. مەن بوتولكىدىن تىزرەك ئۈستىگە چىقىشنى ئۆتۈندۈم. ئۈچىمىز يامىشىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىگىلىدىغان يىرىگە كەلگەندە ھاسىراپ بولالماي تامغا يۈلىنىپ ئولتۇردۇق.
دەل شۇ ۋاقىتتا ئاستى تەرەپتىكى تامنىڭ پۈتۈنلەي بىرىككەندىكى ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن ئىختىيارسىز ئۇھ تارتتىم. توختىماي پۇتلىرىمنى ئۇۋلىدىم، قېتىپ كەتكەن پۇت مۇسكۇللىرىمنى ئاستا-ئاستا مۇشتلاپ ئۆزۈمنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. باياتىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم، مانا شۇ تاپتا ئازراق ئازادىلىشىپ پۇت-قولۇم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا كالۋالىشىۋاتاتتى، ئەسنەيتتىم.  سىمىز تامغا يۈلىنىپ ئولتۇراتتى، چىرايى ئۈلۈكنىڭ چىرايىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى،  بەدىنىدە نۇرغۇن جاراھەتلەر تۇراتتى.  ھاسىرىغان ھالدا:" بۇ قېتىم راستىنلا بىر ئاچچىق ساۋاق بولدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر نەچچە جىڭ ئۇرۇقلىمايدىغان بولسام ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن!!" دىدى.
بۇ ئۆڭكۈر ناھايتى ياخشى كولانغان بولۇپ، قارىغاندا جىيېلىيەنخۇەنمۇ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتمىغان. مەن ئۈستىگە قارىدىم پۈتۈن ئۆڭكۈر ""خېتى شەكىلدە ئۈستىگە قاراپ كولانغان بولۇپ بۇ خىل كولاش ئۇسۇلى تاساددىبىي گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ ئادەم زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئەگەر كۈچۈمنى خۇراتمايمەن دەپ تىك كولانسا ئۇ ھالدا ئۈستىدىكى خىشلار گۈمۈرلۈپ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى.
سىمىز بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن بوتولكىدىن: "سىنىڭدە بۇ زادى نىمە ئىش؟ يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەردىن بىخەتەر ئۆتۈپتىكەنسەن، مانا ئەمدىلككە كەلگەندە نىمە ئۈچۈن قىسىلىپ قالغىلى تاس قالىمىز؟ سەن يولنى خاتا باشلىدىڭمۇ قانداق؟"دەپ سورىدى.
بوتولكا ئىسىنى يىغىپ بىر ئاز ئويلىنىۋالغان كىيىن:" بۇ خىل ئېھتىماللىق چوڭ ئەمەس، پەقەت ھېلىقى ئابىدە تاشتىكى قىلتاقنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسىلا.  سەنمۇ كۆردۈڭ، بايىقى ئەھۋال نىمىدىگەن خەتەرلىك، قارىغاندا بىز ھاياتلىق يولىغا ئەمەس ئۆلۈم يولىغا مېڭىپ قالغاندەك قىلىمىز"دىدى.
سىمىز گاڭگىراپ قالدى، " ھېلىقى ئايال بىزنىڭ ئۆلمىگىنىمىزنى كۆرۈپ بىزگە قەستەن تۇزاق قۇردىمۇ نىمە؟" دەپ سورىدى.
مەن بېشىمنى چايقىدىم، ئۇنىڭ زەھەرخەندە ئايال ئىكەنلىكىگە مەن ئىقرار، بىراق ئۇنىڭ نەچچە يۈز بولغان قەدىمىي قەبرىدىكى سىرنى يىشىپ ئۇنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك غەلىتە -ھە! بۇ يەردە بەشىنجى بىر ئادەم بولمىسا؟  مەن يەنە گۇمانلىنىشقا باشلىدىم. ئەجىبا يەنە شۇ كەنجى تاغاممىدۇ؟! (ئالدىنقى باپلاردا دىگىنىمىزدەك كەنجى تاغام دەل مۇشۇ قەبرە ئىچىدە غايىپ بولغان)
بوتولكا ماڭا قاراپ مىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:" ئەمەلىيەتتە مەن مۇنداق پەرەز قىلىۋاتىمەن. ئەگەر سەن راستىنلا شۇنداق دەپ قارىساڭ ئۇنداقتا مىنىڭ تەھلىلىمنى ئاڭلاپ باقامسەن؟...." دىدى.
بوتولكا بۇ ئىشقا قاتناشقان، يەنە كىلىپ ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. ئەگەر ئۇ ئازراق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيمەن دىسە مەن قانداقمۇ رەت قىلاي. مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ سۆزلەشكە باشلىدى.  
بىرىنجى پەرەز: يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدا ۋۇسەنشىڭ بىلەن جىيېلىيەنخۇەن ناھايتى ياخشى تۇنىشىدۇ. جىيېلىيەنخۇەن بىرىنجى بولۇپ بۇ دېڭىز ئاستى قەبرىسىنى بايقىغان، بىراق ئۇ بۇ سىرنى پەقەت ۋۇسەنشىڭغىلا ئېيتقان.
ئۇلار ئىككىلىسى كونا قەبرە قازغۇچىلار، ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ قەدىمىي قەبرىگە ئوغۇرلۇقچە كىرگەن، ئۇلار ئىككىلىسى كەسىپ ئەھلى بولغاچقا بۇ يەرگە كىرىش ئانچە تەسكە توختىمىغان. ئۇنداقتا زادى نىمە ئىش ۋۇسەنشىڭنى جىيېلىيەنخۇەننى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىغا باشلاپ بارغان؟
كونكىرتنى جەرياننى بىز بىلمەيمىز، بىراق جىيېلىيەنخۇەننىڭ بۇ قەبرە يولىدا ماڭىدىغانغا يولى قالمىغان ئەھۋالدا ھېلىقى قانلىق خەتنى قالدۇرۇپ قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز. دەل شۇ پەيتتە ئۇ تويۇقسىز بۇ تامنىڭ ئىچى بوش خىشلاردىن ياسالغانلىقىنى، ناھايتى ئاسانلا تەشكىلى بولىدىغانلىقى بايقىغان، شۇ چاغدا ئۇنىڭ قولىدا قۇرال بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ناھايتى تىز سۈرئەتتە بۇ يەردىن تۈشۈك ئېچىپ جېنىنى ساقلاپ قالغان(تامنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ قالمىغان).
جىيېلىيەنخۇەن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مۇشۇ ئۆڭكۈردىن پايدىلىنىپ قۇتۇلماقچى بولغان، ئۇ ئۆز تەجىربىسىگە ئاساسەن بىر نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن مىڭ مۇشەققەتتە بۇ يەردىن قۇتۇلغان،  قۇتۇلۇپ چىققاندىن كېيىن دەرھال ۋۇسەنشىڭنى تېپىپ ھىساب ئالماقچى بولغان. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ۋۇسەنشىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ساختا نەخ مەيدان ياساپ تاشلار ئارىسىدا قىسىلىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىدەك ساختا تىراگىدىيە بىلەن باشقىلارنى ئالدىغان.
مەن بۇلارنى ئاڭلاپ ناھايتى بىئارام بولدۇم، بىراق مىنىڭ ئۇنىڭغا "سىنىڭ دىگىنىڭ يالغان!" دەيدىغانغا ئاساسىم يوق ئىدى. يەنە كىلىپ ئۇ بۇنى بىر پەرەز دىگەن تۇرسا. مەن ئۇنىڭ گېپىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا باشلىدىم.
ئۇنىڭدىن كېيىن ۋۇسەنشىڭ مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن، ياكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ياپماقچى بولۇپ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن. بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇ يالغاندىن ئۇخلىغان بولىۋالغان.  شۇ چاغدا مەن ساپال قاچىلاردىكى سىرنى بايقاپ كۆپچىلىكنى كۆلنىڭ تىگىگە باشلاپ كىردىم. بۇنداق بولىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان.  ئۇ ئامالسىز جىن چاپلىشىۋالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ  بىزنى ھېلىقى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ ھەممىزنى ھۇشىمىزدىن كەتكۈزىۋەتكەن.
بىز ھۇشىمىزدىن كەتكەندىن كېيىن، بىزگە يەنە باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلەتكەن بولىشى مۇمكىن، مەن بۇ يەردىن قانداق چىقىپ كەتتىم باشقىلار قانداق بولدى، بۇ ئىنىق ئىسىمدە يوق.  بىراق مەن باشقىلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش خاتىرىسىنى يۇقاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن. ئۆتۈپ كەتكەن يىگىرمە يىلدا قارشى تەرەپنى كۆرسەم قانداقتۇر ناھايتى تۇنۇشتەك كۆرىنىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىشلار خاتىرەمدە يوق.
مەن ئاڭلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە:" نىمىشقا كەنجى تاغام سىلەرنى ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلمايدۇ؟"دەپ سورىدىم.
بوتولكا:" مەنمۇ ھېچ ئويلاپ يىتەلمەيمەن، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىزنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. بەرىبىر بىز ھەممىمىز خاتىرىمىزنى يۇقۇتۇپ ھېچنىمە ئىسىمىزدە يوق ھالەتكە كىلىپ قالغان تۇرساق" دىدى.
ئۇنىڭ يۇقارقىدەك پەرەز قىلىشى كەنجى تاغامنى زەھەرخەندە ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. مەن بۇنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. مىنىڭ خىيالىمدىكى كەنجى تاغام ھەرگىزمۇ مۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى.
سىمىز تۇساتتىنلا:" شىياۋۋۇ، شۇ تاپتا بىر ئىش ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بەلكىم بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يىتىشىمىزگە پايدىسى تىگىپ قېلىشى مۇمكىن، بىراق مىنى چاڭلىق قىلماڭلار..."دىدى.
ھازىر راستىنلا پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدىغان ۋاقىت ئىدى، سىمىز بىز ئويلىمىغان بەزى ئىشلارنى ئويلاپ يەتكەن بولىشى مۇمكىن. مەن ئۇنى تىزراق دىيىشكە ئۈندىدىم. ئۇ ئاۋازىنى پەسرەك قىلىپ سىرلىق قىياپەتتە سۆزلەشكە باشلىدى.
مىنىڭچە بۇ ئىش ناھايتى ئاددى، كەنجى تاغاڭ بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن بىرەر غەلىتە نەرسىگە يولۇقۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ شۇ نەرسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سەن بايا ئۇ ئاياللاردەك چېچىنى تارىدى دىگەن ئەمەسمىدىڭ؟ ئويلاپ باقمامسەن، بۇ ئۇنىڭ ساڭا ئەرش ئىشىكىنى تېپىشتىكى بىردىنبىر ئامالنىڭ نىمىلىكىنى ئەسكەرتكىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ سىرنى كىم ئەڭ ئىنىق بىلىدۇ؟ دەل مۇشۇ قەبرىدىكى ئالۋاستىلار ئەمەسمۇ؟ مىنىڭچە سىنىڭ كەنجى تاغاڭ مۇشۇ قەبرىنىڭ خۇجايىنى تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر سەن كەنجى تاغاڭنى ئۇچرىتىپ قالساڭ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئالۋاستىنى چىقىرىپ تاشلىساڭلا ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ.
مىنىڭچە ئۇنىڭ بۇ دىگەنلىرى پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ ئىدى. مەن ئۇنىڭغا:" سىنىڭ دىگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى بىر رىۋايەت، قۇرۇق گەپ، مەن كەنجى تاغام بىلەن يىەىرمە نەچچە يىل ياشاپتىمەن، مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئايال كىشىدەك قىلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىغان، بولدى قۇرۇق گەپ قىلما!" دىدىم.
"مەن بۇ ئالۋاستىنى ئايال دىمىدىمغۇ، جىن چاپلاشقانلارنىڭ كىسىلىنىڭ قوزغىلىدىغان ۋە قوزغالمايدىغان ۋاقتى بولىدۇ، كىسىلى قوزغالمىغاندا نورمال ئادەملەردەك يۈرىدۇ" سىمىز شۇ گەپلەرنى دەۋاتقاچ بارمىقىنى چىقاردى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۈلۈپ تاشلىدىم.
بوتولكا سىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەستايىدىللىق بىلەن:" سىمىزنىڭ گېپىنىڭ ئاساسى يوق دىيىشكىمۇ بولمايدۇ، ئىلگىرى قەبرە ئىچىدە ئاشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ باققان" دىدى.
سىمىز بوتولكىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى قوللىغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ:" مەن سىمىز ئاكاڭ ئەزەلدىن قارىغۇلارچە بىر گگپ قىلمايمەن، ئالۋاستىلارغىمۇ دېڭىز ئاستىدا پۇت تىققۇدەك مۇشۇ قەبرىدەك جاينىڭ تېپىلمىقى تەس، ئۇلار ئەلۋەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جايدا ئۇۋىلايدۇ" دىدى.
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا:" بوپتۇ سىنىڭ دىگىنىڭ بۇيىچە كەنجى تاغام بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا ئۇنى داخانغا ئوقۇتۇپ باقاي ئۈنۈمى بولامدۇ يوق شۇ چاغدا كۆرەيلى!"دىدىم.
بىز يەنە ئۆزلىرىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتۇق. شۇ تاپتا كەيپىياتىمىز خېلى ئارامىمىزغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. سىمىز سائېتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:" بىز بۇ يەردە يىغىن ئېچىپ ئولتۇرىۋەرمەيلى، يەنە مۇشۇنداق ئولتۇرىدىغان بولساق ئاچلىقتىن ئۆلىمىز يا بولمىسا بىزگىمۇ جىن چاپلىشىدۇ" دىدى.
سىمىز شۇنداق دىگەچ دۈمبىسىنى قاشلىدى، ۋە:" شىياۋۋۇ بىلەمسەنكىن مۇشۇ قەبرىگە كىرگەندىن بۇيان دۈمبەم بەك قىچىشىدىغان بولۇپ قالدى" دىدى.





جەنۇپپەرەس ئۈچىنچى تاغىنڭ‹‹ كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسىردىن تەرجمە قلىندى

بايانات

بۇ يانبىلوگنىڭ قۇرغۇچىسى : كىپەن ئوغىرسى(كىپەن ئوغىرلاش خاتىرىسى)نىڭ تەرجىمانى. مەزكۇر يانبىلوگقا يوللانغان ھەرقانداق ئەسەرنى باشقا يانبىلوگ،سالون،مۇنبەرلەرنىڭ كۆچۈرۈپ يوللىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.ھەمكارلاشقىنىڭلارغا رەھمەت. ئۇلانما سالون: alwastem

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى