26

05-2012

ئىدىيە

  • raziman
  • 2012-05-26
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئىدىيە

ئېغىلنىڭ ئىشىكى ئىچىگە قاراپ ئېچىلسا، كالا، ئات-ئېشەكلەر ياكى باشقا ئۇلاغلار قوتاندىن چىقالمايدۇ. چارۋىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپمۇ قالىدۇ، چۈنكى، ئۇلار قوتان ئىشىكىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدۇ. ئادەملەرلا بۇنى بىلىدۇ: بەزىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپمۇ قالىسىز. ئادەمدە ئەقىل بار، ئەقىل بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىمىز، بىز ئۇنى پەرۋىش قىلىشىمىز، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
بىز تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز بېكىتىۋالغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز بىلەن چۈشەندۈرىمىز.
بۇ بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئەگەر خاتا بولسا، ئەڭ يۈكسەك ھەقىقەتنى بۇلغايدۇ. بىز بىر ئۆمۈر يۈكلىۋالغان كونا ئىدىيە، كونا قاراشلار قۇلىلىنىڭ نەگىلا بارسا يۈدۈپ يۈرىدىغان قېپىغا ئوخشايدۇ.
تېرىقچى ياخشى ئۇرۇقنى تاللىۋالىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرىدۇ، كۆز قارىچۇقىدەك ئاۋايلاپ پەرۋىش قىلىدۇ؛ خۇددى شۇنىڭدەك، ئەقىللىق ئادەممۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە مانا شۇنداق كۆيۈنىدۇ. ئۇ، ناچار ئىدىيىلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەڭ ياخشى ئىدىيىنى ئېلىپ قالىدۇ، ئۇ ئېسىل ئىدىيىلەردىن پاناھ تىلەيدۇ.

25

05-2012

گەپ-سۆز

  • raziman
  • 2012-05-25
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
گەپ-سۆز

ئوق بېسىلغان مىلتىققا پەم بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمىز، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ گەپ-سۆزىگە ئەنە شۇنداق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاننى ئالغىلى بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۇ ئادەم قەلبىنى ئۆلۈمدىنمۇ ئۆتە جاراھەتلەندۈرىدۇ.
ئېغىزدا كۆپ سۆزلىگەن ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغىنى ئاز بولىدۇ. ئەقىللىق كىشى ئۆز گەپ-سۆزىنىڭ تەسىرى ئىش-ھەرىكەتتىن چوڭراق بولىدىغىنىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا، سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئوبدان ئويلىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىشىگە ھاجىتى چۈشكەندىلا ئاندىن ئېغىز ئاچىدۇ.
چىش يېرىپ بىر نېمە دېيىشتىن ئاۋۋال ئويلىنىۋالغۇدەك ۋاقىت بولسىلا سۆزلىمەك بولغان گەپلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بارمۇ-يوق، سۆزلىرىڭىز باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتامدۇ-يوق، پۇختا ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
سۈكۈت قىلىش، نادانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر. بارچە يامان گەپلىرىڭىز ۋە تەنقىدلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە قايتىدۇ. خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىش، ئوتقا ياغ چاچقاندەك ئىش.

24

05-2012

دۇنيادا گۇناھ يوق

  • raziman
  • 2012-05-24
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
دۇنيادا گۇناھ يوق

بىز ئاغرىق-سىلاقنى ئازاب ۋە يۈك دەپ قارىۋالىمىز. بىراق، ئاغرىق-سىلاق ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىدۇر. ئۇ بىزگە، جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكى، ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئىنسانلار تېخىمۇ يۈكسەك غايە تۇرغۇزسا، بۇرۇنقى بارچە غايىلىرى چېنىپ قالىدۇ، خۇددى كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياش نۇرىدا يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ قالغاندەك. شۇڭا، باشقا چارە يوق، مۇشۇ خىل يېڭى غايىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇ تامان قەھرىمانە ئالغا ئىلگىرلەشكىلا توغرا كېلىدۇ.
ئىپلاس، رەزىل بولماي دېسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال ئېغىزىڭىزدىن يامان گەپ چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىڭىزدىكى بارچە يامانلىق-رەزىللىكلەرنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
يامان ئوي-خىياللاردىن خالىي بولۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، يامان ئىش-ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز.
بىز ئېيتىۋاتقان رەزىل، ئەسكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي ھالىتى ياخشى بولمىغان، مىجەز-خۇلقىنى كونترول قىلالمايدىغان ئادەملەردۇر.

23

05-2012

ھەقىقەت

  • raziman
  • 2012-05-23
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ھەقىقەت

يالغان سۆز بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنى خۇدادىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، دۇنيادا ئەڭ ياخشى نەرسە ھەقىقەت، ئۇ يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن غالىب كېلىشتۇر.
ئەقىل-پاراسەتنىڭ نىشانى، يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تۈگىتىپ، ھەقىقەتنى قوغداپ قېلىش. ھالبۇكى، ئەقىل-پاراسەت تۇراقسىز بولغان چىرايلىق ھېسسىياتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرىسا، يالغان سۆزلەرنىڭ چاپان ياپقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ نورماللىقىنى يوقىتىپلا قالماستىن، كېسەل بولۇپ قالىدۇ، راست بىلەن يالغان، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىدۇ. ھەر خىل يالغان-ياۋىداق سۆز ۋە قارا نىيەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك، ئۇنىڭ ئاساسى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. چۈنكى، دۇنيادا زەرەرسىز ياكى پايدىلىق بولغان يالغان-ياۋىداق سۆزلەر مەۋجۇت ئەمەس.
باشتىن-ئاخىر راست سۆزلۈك بولايلى، مەيلى ئۇ باشقىلارنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلانسىمۇ.
ۋىجدانىڭىز سىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىڭىزدۇر. سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز بىر خىل ئېسىل پەزىلەت، ئۇ سىزنىڭ باش-ئاخىرى يوق، مۇرەككەپ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەقىقىي تۈردە ھەقىقەتنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

22

05-2012

كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك

  • raziman
  • 2012-05-22
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك

زېمىندا «ئىزگۈلۈك ۋە بىلىم قەسرى»نىڭ ئىشىكىنى تاپقىلى بولىدۇ. كىچىك پېئىل كىشىلا بۇ ئىشىكتىن پاتىدۇ. بىراق، سىز بۇ قەسىرگە كىرىش بىلەنلا زور بوشلۇق ۋە ئەركىنلىكنى ھەمدە بارچە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بايقايسىز. بۇ قەسىر بىزنىڭ ھاياتىمىز، ئۇنىڭ يول خېتى ئەقىل-پاراسەت تەلىم-تەربىيىسى. ئەقىل-پاراسەت كىچىك پېئىل ئادەمگىلا زاھىر قىلىپ بېرىلىدۇ.
پۇتنىڭ ئۇچىدا ئۆرە تۇرۇپ ئۇزۇنغا پايلىغىلى بولمايدۇ. ئۆزىدىن قانائەت قىلغۇچى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. مەنمەنچىلەر ئاۋامدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن يۇقىرى چاغلاپ قالماڭ، باشقىلاردا يوق ئالاھىدىلىكنى يېتىلدۈردۈم دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئالاھىدىلىكلىرىڭىز قانچىلىك ياخشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئەگەر سىز بەك يۇقىرى باھالىۋەتسىڭىز، ئۇلارنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى قالماي قالىدۇ.
ھەقەمسايىڭىز ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولسىڭىز، ئۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. يامان ئىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز ئۇنى ھەرگىز ئۇنتۇپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىز قىلىپ سالغان ئەسكى ئىشنى ئويلىغىنىڭىزدىلا ئاندىن ئۆزىڭىزنى ياخشى، مۇكەممال قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.

21

05-2012

ئۆزىنى قۇربان قىلىش

  • raziman
  • 2012-05-21
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئۆزىنى قۇربان قىلىش

سىزنىڭ ھەقىقىي سۆيەلەيدىغىنىڭىز پەقەت خۇدا؛ تۆۋەن كۆرۈشىڭىزگە بولىدىغىنى پەقەتلا ئۆزىڭىزدۇر.
ھەر بىر ئادەم ھاياتقا نىسبەتەن چۈشەنچىگە ئىگە.
ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ خاسلىقىدىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.
باشقىلارنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى چۈشىنىپ يېتەلىسىڭىزلا ئاندىن بۇ خىل چەكسىز ھاياتنى چۈشىنەلەيسىز.
كىشىلەر ئۆزلۈكتىن ۋاز كېچىش ئەركىنلىكنى بۇزىدۇ، دەپ بىلىۋېلىشىدۇ، ئەمما، بىزنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىمىز ئىستىبداتلاردىنمۇ ئۆتە ئەسكىدۇر. سىز بىر كۈنلەردە ئۇلاردىن ۋاز كەچسىڭىز، ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيسىز.

20

05-2012

تىرىشچانلىق

  • raziman
  • 2012-05-20
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
تىرىشچانلىق

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىڭىزنى يېڭىش−بۇ نام-ئاتاق، بايلىق ۋە تەربىيىلىنىشىڭىزدىنمۇ مۇھىمدۇر.
ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. قىيىن ئىشلارنى بىر ياقلىق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ، يېرىم يولدا بەل قويۇۋەتمەڭ.
رېئال دۇنيادا ھاياتنى ئۆزگەرتەلەيدىغىنى، تاشقى قائىدە-نىزام ۋە رەسىم-يوسۇنلار بولماستىن، بەلكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىدە ئىجتىھات بىلەن كۆرۈشىشىدۇر.
بەزى ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش تەس، بىراق تېخىمۇ تەس بولغىنى شۇكى، گۇناھلىق ياكى خاتا ئىشلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىش.
ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆلچەم قىلمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ قانچىلىغان تىرىشچانلىقىڭىزنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

19

05-2012

ساختا ئىلىم

  • raziman
  • 2012-05-19
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ساختا ئىلىم

كىشىلەر بۇ دۇنيادا داۋاملىق ياشايدىكەن، ئۇلارغا ئۇستازلار نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتىپ بېرىشى كېرەك.
دۇنيادا سان-ساناقسىز ئىلىملەر بار، بىراق سىزگە نېمىنىڭ ئەڭ ياخشىلىقىنى، نېمىنىڭ ھاياتىڭىزدىكى مەقسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بىرەر پەنمۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا سىز توغرا تاللاش ئېلىپ بارالمايسىز.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، زور مىقداردىكى بىلىملەر بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىدارىمىزنىڭ بەكمۇ ئاجىزلىقى چانماقتا، ھاياتىمىزنىڭمۇ تولىمۇ قىسقىلىقى مەلۇم بولماقتا، ھەتتا بۇ خىل بىلىملەرنىڭ ئەڭ ئاز، ئەڭ زۆرۈر بۆلەكلىرىنى ئۆگىنىپ بولۇشقا ئامالسىزمىز.
ئەگەر، مۇستەقىل پىكىر قىلالىساق، زۆرۈرىيىتى بولمىغان پالاستەك توم-توم كىتابلارنى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. كىتابلارنى قانچە كۆپ ئوقۇغانچە شۇنچە زىيىنىغا ئۇچرايدۇ. مەن تونۇيدىغان ئالىملار ئارىسىدا، ئەڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاز كىتاب ئوقۇغانلاردۇر.
ناچار كىتابلارنىڭ بىرىنى ئوقۇپ قالسىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ؛ ياخشى كىتابلارنى قانچە كۆپ ئوقۇسىڭىزمۇ ئازلىق قىلىدۇ. ناچار كىتاب قەلبنىڭ ئوغىسىدۇر.

18

05-2012

تىلاۋەت

  • raziman
  • 2012-05-18
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
تىلاۋەت

خۇدا ھەققىدىكى ھېكايەتلەرنى ئاڭلاش بىلەنلا خۇدانى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىقلا خۇدانى تونىغىلى بولىدۇ. خۇدانىڭ قانۇنى ھەر بىرىمىزنىڭ دىلىغا يېزىلغان.
كىچىك ئوغۇل بالا ئۇخلايدىغان چاغدىمۇ قورچىقىنى ئويناپ تۇرۇۋالسا، بالا باققۇچى ئۇنىڭ ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىدۇ. كىشىلەر خۇداغىمۇ مانا شۇنداق ساددا پوزىتسىيىدە بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئەخلاقسىزلارچە ياشىسا، باشقىلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تىلاۋەت قىلدۇرسا، ئۆزلىرى ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناپ يۈرىۋەرسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىشىدۇ.
ئىبادەت قىلماي ياشايدىغان ئادەم يا گۇناھنىڭ كەينىگە كىرگەن، ياكى ئۇ مۇخلىس بولۇشى مۇمكىن. ياخشى تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر بىر شەرتى: شەھۋەتپەرەسلىك، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە يالغانچىلىققا قارشى تۇرۇپ، سۆيگۈ مەنىسىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە چۈشىنىشنى ئىستەش.

17

05-2012

ئېتىقاد

  • raziman
  • 2012-05-17
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئېتىقاد

دىنلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىلا بىردىن-بىر ھەقىقىي، باشقىسىنى بولسا يالغان، ساختا دىن دەۋالىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، دۇنيادا ھېچقانداق بىر دىن چىن ئەمەس.
كىشىلەر ھەرقانداق دىنىي ئەقىدىلەرنى خۇدانىڭ قانۇنى دەپ قارىغۇلارچە ئىشەنگەندە، خۇدا بىزگە بەرگەن پىكىر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئىشلەتمىگەن بولىمىز؛ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
ئېتىقاد بىزگە نېمە قىلىش ۋە بۇ دۇنيانى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنى قانداق قىلىپ ھەقىقىي چۈشىنىشنى بىلەلمەي كەلدى. بەزىلەر، قەدىمكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقىغا ئىشىنىشىدۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئۇنىڭغا ئىشىنىش زور خاتالىقتۇر.
بىر جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە خۇشال-خۇراملىقىنى شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئەخلاقى بەلگىلەيدۇ، ئەخلاقنىڭ ئاساسىي دىندۇر.