3

05-2012

بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

  • raziman
  • 2012-05-3
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

مۇبادا سىز قېرىندىشىڭىزغا ئۆچلۈك قىلسىڭىز، بۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىڭىزگە ئۆچلۈك قىلغانلىق بولىدۇ.
«ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى روھى ئوخشاش» دېيىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئوخشاش روھ ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، دېيىش كېرەك.
سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. باشقىلار ئۈچۈن قىلىنغان ھەر بىر ياخشى ئىش-ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سىز ئۆز جىسمىڭىزدىلا ھەقىقىي «مەن»نى بايقاپلا قالماي، ھەر بىر جانىۋار جىسمىدىمۇ ئۇنى بايقايدۇ.
ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدا خۇدا بارلىقىنى ئېتىراپ قىلساقلا ئاندىن ئۆز دىلىمىزدا خۇداغا ئىخلاس قىلىمىز.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئوخشاش روھ بولىدۇ. ئۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئولتۇراقلاشقان، مېنىڭ قەلبىمدىمۇ ئولتۇراقلاشقان، باشقىلارنىڭ قەلبىدىمۇ ئولتۇراقلاشقان. شۇڭا، سىز باشقىلارنى سۆيۈش بىلەنلا قالماي، باشقىلارنى مۇقەددەس بىلىڭ، چۈنكى، سىز باشقىلارنىڭ روھى بىلەن ئالاقە قىلىشىسىز، ئۇ روھمۇ سىزنىڭ روھىڭىزغا ئوخشاشتۇر.

2

05-2012

روھ

  • raziman
  • 2012-05-2
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
روھ

بىزنىڭ ۋىجدانىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى روھنىڭ ساداسىغا جايلاشقان.
مۇبادا، سىز ئازاب چەكسىڭىز ئۆز قەلبىڭىزدىن تەسەللىي ئىزدەڭ. كىتاب ياكى ساڭرام-ئىبادەتخانىلاردىن تەسەللىي ئىزدەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئولتۇراقلاشقان خۇدالا سىزگە ياردەم قولىنى سۇنالايدۇ.
ئادەم ئۇچالمايدىغان قۇشقا ئوخشايدۇ، ئۇ پەقەت يەردىلا يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ. بۇ قۇش ئۇشتۇمتۇتلا ئۆز قەلبىدىكى بىر خىل ئۆزىنى ئۇچۇرالايدىغان نەرسىنى سىزىپ يەتكەنىدە، ئۇ ئەركىنلىك ۋە ئىزگۈلۈكلەرنى ئىزدەيدۇ. جىسمىمىزدىن يۈكسەك بۇ نەرسىلەر بىزنىڭ ئۆز ئىچكى دۇنيايىمىزدىكى روھقا بولغان چۈشىنىشتۇر، ئۇ خرىستوس تەلىمىنىڭ ئاساسى.
بىز ئايروپىلاننى كەشىپ قىلدۇق−بىز نەگە ئۇچۇپ بارىمىز؟ بىز تۆمۈر يول ۋە تاشيولنى بەرپا قىلدۇق−بىز نەگە بارىمىز؟ بىزنىڭ تېلېفونلىرىمىز بار−بىز نېمىلەرنى دەپ كېتەرمىز؟ بىز ئۆپكىمىزنى بېسىۋېلىپ ئاز-تولا ئويلىنىپ باقايلى: بىز دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ياشايمىز؟ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، ئىچكى ئۆزلۈكىڭىز ۋە ئۆز روھىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتۇلدۇرۇڭ. شۇندىلا سىز باشقا كىشىلەرنىمۇ قۇتۇلدۇرالايسىز.

30

04-2012

ئۆلگەندىن كېيىن

  • raziman
  • 2012-04-30
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئۆلگەندىن كېيىن

«ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ كىشىلەر. ئۆزىڭىزنى مۇقەددەس ياراتقۇچىمىزغا تاپشۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ بارچە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىزگۈلۈكلەر ئىكەنلىكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگىمۇ ئايان. شۇنداق بولغاندىلا سىز كەلگۈسىدە ھەممىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىسىز.
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قانچىكى مەنىۋى بولغانچە بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا شۇنچىكى ئىشىنىمىز. كەلگۈسىمىزدىكى پەردىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، زۇلمەت تارقالسا شۇندىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز.
مەن ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق دىنلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيمەن، يەنى، مەن ھايات قانۇنىيىتى خۇسۇسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن. مەن ئىدىيە تارىخى، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن، ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ئۆزلۈكىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمەن. ئاخىرى ئېرىشكەن يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، دۇنيادا ئۆلۈم مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادا پەقەت مەڭگۈلۈك ھاياتلا مەۋجۇت، مۇكەممەل مەڭگۈلۈككە قاراپ ئىلگىرىلەش ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر.

29

04-2012

ئۆلۈم

  • raziman
  • 2012-04-29
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئۆلۈم

ئۆلۈم، بىز ئۆزىمىزنى قورقۇتىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋالغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا قىلچە قورقۇنچلۇق ئەمەس.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز پانىي دۇنياغا ئولتۇراقلىشالمايسىز، بەلكى پانىي دۇنيادىن قونالغۇدەك ئۆتىسىز. سىز جىمجىت تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېپىپ كېتىۋاتقان پويىزدا ياشايسىز، ئۇ پويىز سىزنى ئۆلۈم مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۆلسىڭىز پەقەت جىسمىڭىزلا ئۆلىدۇ، ئەمما ھەقىقىي مەڭگۈ ياشاپ قالىدىغىنى، پەقەت سىزنىڭ روھىڭىزلا بولىدۇ.
كويزا-كىشەن سېلىنغان مەھبۇسلارغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، بەزىسى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۇنى بەزىسى تاماشا قىلىپ كۆرۈشىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ھاياتنى مانا شۇنداق دەپ بىلىۋېلىشىدۇ.
ماددىي ئۆلچەش ئەسۋابلىرى مەنىۋى ھاياتنى ئۆلچەشكە قادىر ئەمەس.
گۇناھ ۋە ئازابلار مېنى ئازابلايدۇ، ئەمما ئۆلۈم مېنى ئازاد قىلىدۇ. شۇڭا، مەن قانداقمۇ ئۆلۈمنى ياخشى ئىش ئەمەس، دېيەلەي؟

28

04-2012

ھازىردا ياشاش

  • raziman
  • 2012-04-28
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ھازىردا ياشاش

بىز ۋاقىتنى ئېقىن سۇغا ئوخشىتىمىز، بىراق بۇ خاتا. بۇ خۇددى كېمىدە ئاستا-ئاستا سىلجىۋاتقىنى ۋاقىت دەرياسى ئەمەس، بىز بولغىنىدەك بىر ئىش. بىز كېمىگە ئولتۇرغاندا كېمە ئەمەس، قىرغاق مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
ھايات ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋە قىسقا. بىز قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ يېتەرلىك سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىزگە بېرىپ بولۇشقا ۋاقتىمىز يېتىشمەيدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىش-ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولايلى.
ھايات ئۇقۇمى مۇنداقلا قارىماققا تولىمۇ ئاددىي. «مەن ئۆز ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىمەن، شۇڭا ھايات مېنىڭ جىسمىمدا.» بىراق، سىز جىسمىڭىزنىڭ قايسى يېرىدىن ھاياتنى تاپالايسىز؟ ھايات سىزنىڭ تىرناقلىرىڭىز، چاچلىرىڭىز، پاقالچەكلىرىڭىز، ھەتتا سىزنىڭ قېنىڭىزدىمۇ ئەمەس. شۇڭا، سىز ئۆز ھاياتىڭىزنى ۋاقىت ئىچىدىن ئاسانراق تاپالايسىز. مەن دەسلەپ 20 گە، ئاندىن 30، 40، 50 ۋە ياكى 60 قا كىرىمەن. بىراق، مېنىڭ ئۇيقۇم ھاياتىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەپ كېتىدىغىنى ئۆزۈمگىمۇ ئايان. مەن ئۇخلاۋاتقىنىمدا ھايات ياشىغان بولامدىم؟ مەن ئانامنىڭ قورسقىدا ياتقاندا، ئۇنى ھايات ياشىدى دېگىلى بولامدۇ؟ شۇڭا، ھاياتنى ئەگەر ماكان بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىسا، زامان−ۋاقىتتىنمۇ تاپقىلى بولمىسا، ئۇ ماكان-زامان سىرتىدا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك ئېيتقاندا، ھايات روھتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

27

04-2012

دۇنيادا گۇناھ يوق

  • raziman
  • 2012-04-27
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
دۇنيادا گۇناھ يوق

مەن خۇدادىن مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىلىڭ، دەپ تىلەيمەن. بىراق، بۇ مۈشكۈلاتلارنى خۇدا ماڭا ھەدىيە قىلغان، ئۇنىڭ مەقسىتى رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىم ئۈچۈندۇر. ئىگەم قامچىسى بىلەن پادىلارنى ئوت كەتكەن قوتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، بىراق، پادىلار ئۆزىگە قامچا تەگمىسىكەن دەپ تىلەيدۇ.
كىچىككىنە مۈشكۈلاتلار كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىدۇ، ئەكسىچە، چوڭ مۈشكۈلاتلار بىزنى ھەقىقىي تۇرمۇش، يەنى مەنىۋى تۇرمۇش قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
بىز ئازاب ۋە كېسەللىككە مۇھتاجمىز؛ بىزنىڭ تارتقان ئازابلىرىمىز ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە، خۇدانىڭ ھىممىتىگە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مۈشكۈلات، ئازاب ۋە يىقىلىشلار بولمىسا بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، بەخت-تەلىيىمىز ۋە ئاسانچىلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان پۇرسەتنى ئىزدەڭ، شۇندىلا، مۈشكۈلات ئازابى يەڭگىللەيدۇ.

26

04-2012

ئىدىيە

  • raziman
  • 2012-04-26
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئىدىيە

ئەقىل-پاراسەت ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بولسۇن ياكى باشقىلار ئىپادىلىگەن ئەقىل-پاراسەت ئىدىيىلىرى بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق. سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇ پاراسەتلىك ئىدىيىلەرنىڭ سىزگە بېرىدىغان ياردىمى ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بىز يېڭى بىر خىل ئىدىيىلەرنى ئاڭلىغىنىمىز ھەمدە ئۇنى توغرا تاپقىنىمىزدا، خۇددى تۇغۇلۇپلا ئۇنى بىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. سىزنىڭ روھىي چوڭقۇرلۇقىڭىزدا بۈيۈك ھەقىقەتلەر ساقلىنىپ ياتقان بولىدۇ.
دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەر بار: بىر خىلى، ئاۋۋال ئويلىنىپ ئاندىن سۆز-ھەرىكەت قىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ئاۋۋال سۆز-ھەرىكەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن ئويلىنىدۇ.
خرىستوس بىزگە يول كۆرسىتىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىبادەت قىلىش تولىمۇ پايدىلىقتۇر. بىراق، بىز باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىبادەت قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەل-جامائەت بىلەن ئوپچە ئىبادەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. باشقىلار بىلەن بىللە ئىبادەت قىلغاندا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆز كۆڭلىدە ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىغىنىنى ئويلايلى.
بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۆز ئىدىيىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزدىنمۇ مۇھىمدۇر.

25

04-2012

ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

  • raziman
  • 2012-04-25
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسە، كىشىلەر ئارا سۆيگۈدۇر. سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز سەۋەبلىك بۇ سۆيگۈ بۇزۇلمىسۇن.
دەتالاشلار شىددەتلىك كەلكۈن قاش-قىرلارنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغاندەك باشلىنىدۇ. قاش-قىرلار بىرلا ئۆرۈلسە، كەلكۈننى توسۇپ بولالماي قالىسىز. دەتالاشلار گەپ-سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ.
−«يەھۇدىيلار قانۇنى»دىن
مۇنازىرىلەر ھەرقانداق كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە غەيرى مەقسەت-نىيەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئىچىدە غەزىپىنى قوزغايدۇ.
بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان مانا شۇنداق يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇتلۇقىنى بايقىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
ئۆز ئارا قېيىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا قىلغان بولىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كەچسىلا، ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكلەر يوقىلىدۇ.

24

04-2012

ئېزىقىش

  • raziman
  • 2012-04-24
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ئېزىقىش

ئەگەر، ئات دەل ۋاقتىدا قەدىمىنى توختاتمىسا، ياخشى ئات باقارمۇ تىزگىننى قويىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئات توختىغانغا قەدەر تىزگىننى كۈچەپ تارتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسكى ئادەت ۋە ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا سىز ئۇلارنى مەغلۇب قىلالايسىز، بەلكى ئۇلار سىزدىن غالىب كېلەلمەيدۇ.
سىز ئۆزىڭىز تىزگىنلىيەلمەيدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى زىيادە ئارزۇلاپ كەتمەڭ. ھەر قانداق ئادەمدە ھەرقانداق يامان ئادەتنى بىت-چىت قىلالايدىغان قۇدرەت بار.
ھەر بىر ئادەم ماڭا چانا سۆرەپ كېتىۋاتقان ئاتنى ئەسلىتىدۇ. مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، بۇ ئۆمرىڭىزدە ئىشلىمىسىڭىز بولمايدۇ. بىراق بەزىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ماددىي ئىشلارنى قىلىشىدۇ، بەزىلەر بولسا پۈتۈن بارلىقى بىلەن مەنىۋى ياشايدۇ.
بەزىلەر تەن جىنايىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئالايلۇق، ئاچكۆزلۈك، شارابخورلۇق، شەھۋانىيەتلەر ئارىلىشىپ قالغان غەزەپ، ئۇلار ئۆزلىرى خالىسىلا بۇنداق گۇناھلىق ئىشلارنى تونۇپ يېتەلەيدۇ ھەم ئۇنى يوقىتالايدۇ. بەزىلەر، ئەخلاق جىنايىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئالايلۇق، مەغرۇرلۇق قىلىدۇ ھەم ھەددىدىن ئارتۇق مال-دۇنيا يىغىۋالىدۇ، ھامان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان بۇ گۇناھلار ۋە ئېزىقىشلارنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

23

04-2012

ھەقىقەت

  • raziman
  • 2012-04-23
  • ئۇنىۋېرسال
  • Tags:
ھەقىقەت

سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىزدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، خۇدا سىزگە ئاتا قىلغان مەنىۋى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتۇر.
بىزنىڭ كاللىمىز بىلەن يۈرىكىمىز ئوخشاشمايدۇ. بىز كاللىمىز ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز. مەنىۋىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز روھىمىز ۋە خۇدانى تۇيۇمىز.
ھەقىقەت ھاياتىمىزنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى. ھەقىقەت يەككە ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇنى سۆيگۈ يارىتىدۇ.
باشقىلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئەلۋەتتە تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ يالغانچىلىقىنى ئۆزىڭىز ئاشكارىلاش، تېخىمۇ ياخشىدۇر. سىز بۇنداق شادلىقتىن تەبىئىي ھالدا ھۇزۇرلىنىشىڭىز كېرەك.
ۋىجدانلىق، سەمىمىي ئادەملەر ئارىسىدىمۇ دەرۋەقە بەزى ئوقۇشماسلىقلار سادىر بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تۆۋەن چاغلىغانلىقتىن بولىدۇ.