7

04-2012

خاتالىق

سىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۈگىتىشكە تىرىشىڭ. مۇبادا، سىز تۇرمۇشىڭىزنى ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئازاد قىلىش، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىڭىزدىن قۇتۇلۇش جەريانى دەپ چۈشەنمىسىڭىز، ئانداقتا سىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغان بولىسىز.
ھەممە ئادەمدە سەۋەنلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن خاتالىشىپ باقمىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. ئۆز سەۋەنلىكىڭىزدىن قۇتۇلۇش، سىزنىڭ ياشاشتىكى ئاساسلىق نىشانىڭىز بولسۇن.
ئۆز سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئېلىش بەكمۇ تەس، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش، نەقەدەر زور خۇشاللىق. زۇلمەتلىك تۈن بولمىسا، قۇياش كۆتۈرۈلگىنىدە بىز ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلالمايمىز.
مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى ئىزچىل توغرا ئىش قىلىمەن دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆرەلمەيسىز. باشقىلار سىزنىڭ كەمچىللىكىڭىز ۋە سەۋەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسا، سىزنىڭ ئەڭ ئوسال ئىنكاسىڭىز ئاچچىقلاش بولىدۇ، ھالبۇكى، ئاچچىقلاش خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكتۇر.

سۆيگۈ-مۇھەببەت

ھىندىستانلىق بىر دانىشمەن: «بىر ئانا يالغۇز ئوغلىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدۇ، تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ، دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىز−سىزنىڭ باشقىلارنى سۆيۈش ئىقتىدارىڭىزنى قوزغىتىپ ۋە قوغداپ تۇرۇشىڭىز كېرەك» دېگەنىكەن.
بىز باشقىلارنى سۆيگىنىمىزدە، بىز باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلگىنىمىزدە، بىزنىڭ تۇيغۇمىز بەكمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ، پەقەت سۆيگۈ-مۇھەببەتلا بىزدىكى ھەقىقىي ئىزگۈ-ياخشىلىقلارنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
سۆيگۈ-مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ مۇھىمدۇر، مۇبادا سىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنسىڭىز، باشقىلار بىلەن تونۇشقىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى تېگىدىغىنىنى ئويلاشماستىن، بەلكى ئۇلارغا قانداقسىگە ياردەم قىلىشنى ئويلىشىڭ. ئەگەر، شۇنداق قىلالىسىڭىز، سىز پىداكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرىڭىز سىز ئۆزىڭىزنىلا ئويلىۋالغاندىكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
مەن نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەت مىزانلىرىغا ئىشىنىمەن ھەمدە ئاڭا ئىتائەت قىلىمەن؟ سۆيگۈ-مۇھەببەت زادى بىزگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. بىراق، ماڭا راستتىنلا شۇنىسى ئايان: مەن سۆيگۈ-مۇھەببەت مىزانلىرىغا قانچىكى ئىتائەت قىلغانچە مەن ئېرىشىدىغان پايدىلارمۇ، باشقىلار ئېرىشىدىغان پايدىلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

روھنىڭ بىردەكلىكى

بىر ئادەم قانچە ئۇزۇن ياشىغانسېرى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنچە قويۇقلىشىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ شۇنداق. ئىنسانىيەت ھاياتى ئۇزاققا سوزۇلغانچە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلغان سۆيگۈدىن بىردىنلا قۇتۇلسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا باشقىلار بىلەن ئىناقلىشىشقا باشلايسىز.
خرىستوسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىمى ئىناق-ئىجىل ئۆتۈش، بىز بۇ تەلىمگە سەل قارىمىساقلا «خرىستوس»نى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بىز شۇندىمۇ ھەقىقىي تەقۋادار بولالايمىز.
سىز تاختاي ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، سازلىقلاردىن كېسىپ ئۆتكەندەك ئىناقلىق يولىنى ئانچە كۈچىمەيلا تاپالايسىز. سىز توغرا يولدىن بىرلا ئاداشسىڭىز، تۇيۇق، مۇخالىپ ۋە گۇناھلىق يولنىڭ سازلىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.
ھەممە ئىشقا ياخشى كۆز بىلەن قارىسىڭىز، ھەممە ئىش ھەقىقىي ياخشى بولۇر.

4

04-2012

خۇدا

خۇدا

خۇدادىن قورقۇش ياخشى ئىش، ئەمما، خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش. خۇدانى دىلىڭىزدا سىزىپ-ياد ئېتىپ تۇرۇش، مانا بۇ ھەممىدىن ياخشى ئىش.
خۇدا نېمە؟ خۇدا مەڭگۈلۈك بولۇم، مەن تۇيۇپ-سىزىپ يەتكەن بارچە ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى. بىز مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى، ھەممىمىز خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بالدۇرراق بېرىشقا ئالدىرايمىز. شۇڭا خۇدا، ھەر بىرىمىزنىڭ دىلىمىزدا مەۋجۇت، ھېچكىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
ناۋادا، سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇم دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز باشقىلارنى چۈشىنەلەيسىز. مۇبادا، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىڭىز، خۇدانىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنەلەيسىز. بىز بۇ ئىككى تەرەپلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمىز.
سۆيگۈگە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەڭ مەنىدىكى ئادەم چەكلىمىسىگە تايىنىپ، ئىنسانلار خۇداغا پەيدىن-پەي يېقىنلىشالايدۇ. سۆيگۈ خۇدانىڭ پەزىلىتى بولۇپلا قالماي، ئادەمنىڭمۇ ئىقتىدارىدۇر.
ھەممىمىز ئىدىيە ۋە ھېسسىياتقا ئىگىدۇرمىز، ھەمدە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستەيمىز. سىز بەلكىم بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى، سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم چىقمايدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز يەنىلا ئۆز ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق ئىشلارنى پەقەت خۇداغىلا ئېيتىپ بېرەلەيسىز.

بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

سىز ئادەمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭىزدا، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىڭ. سىز بۇ چاغدا، بىزنىڭ ئۆز ئارا بەكمۇ يېقىنلىقىمىزنى ھېس قىلىسىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، ياكى بىز بۇرۇندىنلا ئۆز ئارا كونا تونۇشلاردەك. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ سەۋەبى، ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش روھىي ھازىرلىقتا تۇرغانلىقىمىزدا.
كىشىلەر ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشىدۇ، چۈنكى، خاتا تەلىملەر شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ھالبۇكى، سىزنىڭ ئىچكى قەلب نىدالىرىڭىز سىزگە سۆزلەيدۇ، ئۇ نىدالار ھەرقانداق بىر كىتابلارغا پۈتۈلگەن ھەرقانداق تەلىملەردىن كۈچلۈكتۇر: سەن ھايۋانلارنى ئۆلتۈرسەڭ قەتئىي بولمايدۇ! بۇ نىدالار بىزنىڭ قەلبىمىزگە يېزىلغان بولىدۇ.
چىن ئېلىنىڭ دانىشمىنى كۇڭزى، باشقىلارنى ئىززەت قىلساڭ ئۆزۈڭمۇ ھۆرمەت تاپارسەن، ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە، پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە، دەيدۇ.
تېنىمىز بىزلەرنى ئۆز ئارا ئايرىۋەتكەن بولسىمۇ، روھىمىز بىزلەرنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدۇ. روھىي ئالىمىمىزدە، يىراقلاردىكى ئېنېرگىيە دولقۇنلىرىنى سىزىپ تۇرىمىز، خۇددى يىراق ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھىلپىرلاپ تۇرغان نۇر-زىيالىرىنى كۆرگەندەك.

2

04-2012

روھ

روھ

روھىغا تايىنىپ ياشايدىغان ئادەم، بىرلا ۋاقىتتا تېنىگە تاينىشتىنمۇ ۋاز كېچەلمەيدۇ.
بارچە ئازابلىرىمىز بىزنىڭ دىلىمىزدا خۇدانى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىزدىن بولغان.
ئۆزۈمنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىش، مەن شۇغۇللانغان بارچە ئىشلىرىمنىڭ باشلىنىشى.
مەڭگۈلۈككە، چەكسىز ھاياتقا ئىشەنمىسە، خۇشال-خۇرام، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدۇ.
تەندىكى ھاياتتا روھ بار. تەن روھقا تايىنىپ ياشايدۇ. مۇبادا سىز، ئۆزىڭىزنىڭ تېنىگە تايىنىپ ياشاۋاتىمەن دەپ بىلسىڭىز، ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن بولىسىز. مەنىلىك ياشاش ئۈچۈن سىز ئۆز روھىڭىزغا تايىنىپ ياشىشىڭىز كېرەك.

1

04-2012

ئېتىقاد

ئېتىقاد

كىشىلەر، خۇدانىڭ قانۇنىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەك تەس، دېيىشىدۇ (ياكى كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىشىدۇ). بۇنداق دېيىش خاتادۇر. خۇدا سىزدىن ئارتۇق نەرسىنى ئەمەس، خۇدا ۋە ھەقەمسايىڭىزنى سۆيۈشنىلا كۈتىدۇ، يەنە كېلىپ سۆيۈش ئۇنچىۋالا تەس ئىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.
دىنىي تەپەككۇر زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇرۇنقى دىنىي تەپەككۇر بىلەن بۈگۈنكى دىنىي تەپەككۇر ئوخشاش دېيىش، خاتا. بۇ، خۇددى سىز بوۋاق مەزگىلىڭىزدە كىيگەن ئىگىنلىرىڭىزنى چوڭ بولغاندىمۇ كىيىمەن، دېگىنىڭىزدەك بىر ئىش بولىدۇ.
ھەقىقىي ئېتىقاد بۈيۈك، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئېسىل ھەشەملەر ھەمدە ئاككوردىيون نەغمە-ناۋالىرىغا موھتاج ئەمەس. ئەكسىچە، ھەقىقىي ئېتىقاد ئۈن-تۈنسىز ھالدا يەككە-يېگانە تۇرغىنىڭىزدا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە تۇيدۇرمايلا كىرىپ كېلىدۇ.
ئېتىقاد سىز ھاپىلا-شاپىلا ئىشىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى سىز تېگى-تەكتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدىغان نەرسە.
ھەقىقىي دىن، ھەقىقىي ئېتىقاد بىزنى ھەرگىزمۇ خۇدانىڭ قۇلىغا ئەمەس، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئايلاندۇرىدۇ. خۇدانى چۈشىنىش، خۇدانى سۆيۈش، خۇداغا تايىنىش، خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۆيگۈ-مۇھەببەت

خۇشاللىقنى قوغلاشقاندىن كۆرە، ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن بايقىغىنىڭىز تۈزۈك.
−يوھان رۇسكىن
ھاياتتا سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمايدىكەن، ياشاشنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. گۇناھ ۋە ئېزىقىشنى توسقاندىلا روھنى ماكان تۇتقان مۇقەددەس سۆيگۈگە ئىتائەت قىلىمىز، كىشىلەر شۇندىلا شاد-خۇراملىقنىڭ ئىنئامىغا نائىل بولالايدۇ.
بىزنىڭ ھاياتىمىز ئۆزلۈكسىز تاكامۇللۇققا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.
سۆيگۈ-مۇھەببەت مېھرىبانلىقتىن پەيدا بولىدۇ. بىز ھەممىمىز مانا شۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چۈشىنىمىز، ئۇنىڭدىن باشقىچىرەك سۆيگۈ-مۇھەببەتنى چۈشەنمەيمىز. بىراق، سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېغىزدىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشمىز−ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرۈلىدۇ.
ئاشۇ كىچىككىنە، ئەرزىمەس ھەم مۇھىم بولمىغان «ئۆزىڭىز»نى ئۇنتۇپ، ئۆزىڭىزگىلا ياخشى بولۇشنى ئويلىماڭ. باشقىلارنى يەنە ئارتۇقچە ئەيىبلەپ يۈرمەڭ، كۆرەلمەسلىك-ئىچى تارلىقلارنى قىلماڭ، ئەسكى ئىشلارنى قىلماڭ، شۇندىلا ئۆز قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ئويغىنىپ، قەلبىڭىزدە پارلاق نۇر چېچىشقا باشلىغانلىقىنى تۇيىسىز.

ھەقىقەت / ئۆلگەندىن كېيىن

سىز ھەمىشە ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيسىز. ھەقىقەت خۇددى قۇياش نۇرىدىكى كۆلەڭگۈڭىزگە ئوخشاش باشتىن ئاخىر سىزگە ئەگىشىدۇ.
ساختا ئەقىدىلەر سىزگە شۇنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ: بۇ دۇنيا رەزىللىك بىلەن تولغان، ئۇ دۇنياغا بارغاندىلا ئىزگۈلۈكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش مۇمكىن. بىراق، ھەقىقەت شۇنداق ئېيتىدۇ: بۇ دۇنيادا ياشاشنىڭ مەقسىتى ئىزگۈ-گۈزەللىك ئۈچۈندۇر، مۇشۇ ماكان-مۇشۇ زاماندىلا ئىزگۈ-گۈزەللىكنى ئەمەلدە كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ھاياتىڭىزنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپىڭىزدىكى ھەممە نەرسە گۈزەل-ياخشى بولۇشى شەرت، دەپ تۇرۇۋالماڭ. سىز خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ياشاشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز گۈزەللىشىدۇ.
ئەگەر، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بېھىش-جەننەت بولمىسا، سىز جەننەتكە كىرەلمەيسىز.
ھايات بىلەن ئۆلۈم ئىككى ساھە. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئوخشاش نەرسە مەۋجۇت، ئۇنىڭ زادى نېمە نەرسىلىكى ماڭىمۇ قاراڭغۇ. شۇڭا، «يوقلۇق» مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى «بارلىق» مەۋجۇتتۇر.

29

03-2012

ئۆلۈم

ئۆلۈم

مەڭگۈلۈككە ئېرىشكۈچى ھايات خۇسۇسىدا پىكىر يۈرگۈزەلمەيدۇ، دەپ قالماڭ. ئەگەر، بىر ئادەم جىسمانەن مەۋجۇدىيەتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. مۇبادا، بىراۋ روھىي مەۋجۇدىيەتلا بولۇپ، ئۆز تېنىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان بولسا، ئۆلۈم ئۇ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قېتىملىق بۇرۇلۇشلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
ئۆلۈمنى ئەستە تۇتۇڭ، بۇ ھەرگىزمۇ ياشاۋاتقىنىڭىزدا بىر ئۆمۈر قەلبىڭىزدە ئۆلۈمنى ياد ئېتىڭ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە، خۇشاللىق بىلەن ھازىرلىنىڭ دېگەنلىك.
ھايۋانلار ياشىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؟ ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى جىسمانىي ئۆزلۈكتىن مەنىۋى ئۆزلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، گەرچە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، سىزنى خۇددى مۇساپىر ئۇزاق سەپەردىن كېيىن مېھرلىك ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندەك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.