رەسىم ئۇنۇمى

ئىچىلغان بەتتىكى رەسىمنى چىكىڭ


8

03-2012

ۋاقىت كودى

بۇ ۋاقىت كودىنىڭ كورنىشى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


ياخشى ئۇسلۇپ

يەنە بىر ياخو ئۇسلۇبى

تاللاش كونۇپكىسى

ياخو ئۇسلۇبى

كۆپ ئىشلىتىدىغان كونۇپكا

ئاساسىي تاختا

ئاساسىي تاختا يەنە ئاساسىي ماشىنا تاختىسى (主机板 Main board), سىستېما تاختىسى ( System Board 系统), ئانا تاختا ( 母板Motherboard) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، مىكرو كومپيۇتېرنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسىلىق قىسىملىرىدىن بىرى. كومپيۇتېرنىڭ توك يول سىستېمىلىرىدىن _ ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى، BIOS ئۆزىكى، I/O كونتروللاش ئۆزىكى، ھەرخىل ئۇلاش ئېغىزلىرى، كېڭەيتمە ئوقۇر، روزىتكا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرىسىدىكى سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرىدىغان يول _ باش لىنىيەمۇ ئاساسىي تاختىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئومۇمەن ئاساسىي تاختا بولمىسا، كومپيۇتېر بولمايدۇ.

8

03-2012

BIOS ئۆزىكى

8 BIOS بولسا ئاساسىي كىرگۈزۈش _ چىقىرىش سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ (Basic input output system). ئۇ بىر بۆلەك پروگراممىدىن ئىبارەت، ئۇنىڭدا ئاساسىي تاختىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى ۋە سىستېمىنىڭ ئۇچۇرلىرى بار. ئاساسىي تاختىنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە ياسىلىشى ھەرخىل بولغاچقا، BIOS نىڭ ياسىلىشىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە. ھەر بىر ئاساسىي تاختىنىڭ ئۆزىكىنىڭ BIOS ئۆزىكى بولىدۇ. BIOS نورمال بولمىسا، ئاساسىي تاختا نورمال ئىشلىمەيدۇ ياكى قوزغالمايدۇ.
ئادەتتە دەۋاتقان BIOS ئۆزىكى بىر دانە ROM (ئوقۇشقا بولىدىغان ساقلىغۇچ) دىن ئىبارەت. ھازىر كۆپىنچە EEPROM كۆپ ئىشلىتىلمەكتە.

8

03-2012

CMOS ئۆزىكى

CMOS بولسا ئاساسىي تاختىدىكى يېزىشقا، ئوقۇشقا بولىدىغان ساقلىغۇچتىن ئىبارەت بولۇپ، سىستېمىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىنىش ۋە تەڭشەش پارامېترلىرىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. CMOS ئۈزەكنى ئاساسىي تاختىدىكى باتارېيە توك بىلەن تەمىنلىگەچكە، كومپيۇتېر ئۆچۈرۈلسىمۇ ئۇچۇر يوقاپ كەيمەيدۇ. CMOSROM بىر خىل ساقلىغۇچ بولۇپ، ساقلاش ئىقتىدارىدىن باشقا BIOS ئۈزەكتىكى تەڭشەش پروگراممىسى ئارقىلىق سىستېمىغا تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. شۇڭا CMOS نى تەڭشەش BIOS نى تەڭشەش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.