ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كونا _ يېڭىلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟

ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەك پلاستىنكىسى ئۈستىدە 9811 غا ئوخشاش خەت شەكىللىرى بولىدۇ. بۇ مۇشۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ 1998 _ يىلىنىڭ 11 _ ھەپتىسى زاۋۇتتىن چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كالېندار ئارقىلىق RAM نىڭ كونا _ يېڭىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
ئەسلىدىكى ئىچكى ساقلىغۇچ 64MB, يېقىندا 128MB ئىچكى ساقلىغۇچتىن بىرنى سەپلىگەن ئىدىم، Windows2000 قوزغىلىپلا كومپيۇتېر قېتىۋالدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ ئېنىقكى، ئىككى تال ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلاشماسلىقىدىن بولغان، كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ BIOS دىن كېيىن سەپلىگەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ خىزمەت ھالىتىنى ئەسلىدىكى تۆۋەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ھالىتى بىلەن بىردەك قىلىپ تەڭشىگەندە مەسىلە ھەل بولىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ. باشقا قىستۇرۇش ئوقۇرىغا يۆتكەپ كۆرۈڭ. مەسىلە يەنىلا ھەل بولمىسا، ئەڭ ياخشىسى بىر تال ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىڭ.
ئىچكى ساقلىغۇچ سېتىۋالغاندا باشتىن ئاخىر ئوخشاش ماركىلىقىنى سېتىۋېلىڭ. ياخشى ماسلىشىدۇ.

كومپيۇتېر قوزغالغاندا ئېكراندا ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسا…؟

بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى كۆرسىتىش كارتىلىرىنىڭ ئاساسىي تاختىسىدىكى قىستۇرۇش ئوقۇرىغا مۇقىم ئورۇنلاشمىغانلىقى ياكى تېگىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغان. بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ئىچكى ساقلىغۇچتا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىچكى ساقلىغۇچنى چىقىرىپ، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئاساسىي تاختا بىلەن تۇتۇشىدىغان قىسمىنى ئىسپىرت ياكى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆچۈرگۈچى بىلەن پاكىز تازىلاپ، قايتىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغاندا كاشىلا ساقىيىدۇ.
كومپيۇتېر 128MB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىگەن. Windows دا 128MB ئەتراپىدا كۆرۈنىدۇ. كومپيۇتېر قوزغىلىپ ئۆزىنى تەكشۈرگەندە 128MB دىن چوڭ كۆرۈنىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
بۇ كومپيۇتېر كاشىلىسى ئەمەس. Windows دا ئەسلىدىكى سىغىمدىن كىچىك كۆرۈنۈشتىكى سەۋەب: كۆرسىتىش كارتىسى ئاساسىي تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان بولسا، ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىسى ئىگىلىۋالىدۇ. ئاساسىي تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ساقلىغۇچىسىنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكىنى CMOS نىڭ قىممىتىدىن تەڭشەشكە بولىدۇ. كومپيۇتېر قوزغالغاندا ئەسلىدىكى قىممىتىدىن چوڭ بولۇشى سىستېما ئۆزىنىڭ ساقلىغۇچىسىنى قوشۇپ كۆرسىتىدۇ.

بىر نەچچە ئىچكى ساقلىغۇچنى بىرلىكتە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كومپيۇتېرنىڭ قوزغالماسلىقى

(1) ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ.
(2) ئەگەر CMOS نى ئېچىش مۇمكىن بولسا، CMOS دىن ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەڭ.
(3) بىر دانە PC333 ئىچكى ساقلىغۇچ، يەنە بىرسى PC400 ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى PC333 ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ، ئىچكى ساقلىغۇچقا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەشلەرنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندىن كېيىن PC400 ئىچكى ساقلىغۇچنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوزغاتسىڭىز نورمال بولىدۇ.
_ بىر نەچچە ئىچكى ساقلىغۇچنى بىرلىكتە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كومپيۇتېرنىڭ مۇقىم ئىشلىمەسلىكى.
(1) ئىچكى ساقلىغۇچ ئورنىنى ئالماشتۇرۇڭ.
(2) نەشىر نۇسخىسى يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاڭ.
(3) ئاساسىي تاختا قوللىغان ئەھۋالدا ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسى بىردەك بولمىسا، چاستوتىسى تۆۋەن بولغان ئىچكى ساقلىغۇچنى ئۆلچەم قىلىپ، ئىچكى ساقلىغۇچ چاستوتىسىنى تەڭشەڭ.
_ 256MB ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئىككى دانە سەپلەنگەن. بىراق 256MB ئىچكى ساقلىغۇچنىلا تەكشۈرىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟
(1) ئاساسىي تاختا BIOS نەشرى تۆۋەن بولسا بەلگىلىك قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىچكى ساقلىغۇچنى تونۇمايدۇ ھەم ئىشلىمەيدۇ. شۇڭا BIOS نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
(2) ئاساسىي تاختىدىكى ئۆزەكلەر گۇرۇپپىسى قوللىمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئاساسىي تاختىنىڭ يېڭى نەشىردىكى قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلاڭ.

ئىچكى ساقلىغۇچ كاشىلىلىرى

ئىچكى ساقلىغۇچتا كۆرۈلگەن كاشىلىلارغا ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، بىرى كومپيۇتېر قوزغالمايدۇ ھەم ئېكراندا ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ، ئاساسىي ماشىنا قېپى توختىماي «تىت» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بۇزۇلغان ياكى خاتا قاچىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىرى كومپيۇتېر قوزغىلىدۇ، بىراق نورمال ئىشلىمەيدۇ. «قائىدىسىز مەشغۇلات 非法操作»، «تىزىملاش جەدۋىلى خاتا 注册表错误» دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سۈپىتى ناچار ۋە چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچتا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېلىپ، ئۈستىدىكى ئۆزەك پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆيگەن _ كۆيمىگەنلىكى، توك يول تاختىسىنىڭ بۇزۇلغان _ بۇزۇلمىغانلىقى، قىستۇرۇش ئوقۇرى بىلەن تۇتىشىدىغان قىسىملىرىدا داتلاشقان، ئوكسىدلانغان ئالامەتلەرنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە قىستۇرۇش ئوقۇرىدىكى چاڭ _ توزانلارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا BIOS دىن پارامېترلىرىنى توغرا تەڭشەش كېرەك. يەنى يۇقىرى سىرتقى چاستوتا شارائىتتا CL _ 3 بولۇشى كېرەك، CL _ 2 بولسا نورمال ئىشلىمەيدۇ.
بۇ بابتا ئىچكى ساقلىغۇچتا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ كاشىلىلىرى كۆپىنچە ماسلىشىشچانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق جەھەتلەردىن كۆرۈلىدۇ، ماسلاشماسلىق كاشىلىسى تۆۋەندىكى ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ.
(1) ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ماسلاشمىغانلىقى، چاستوتىسىنىڭ ماس كەلمەسلىكى، پارامېترلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقى.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتە.
(1) ئىچكى ساقلىغۇچ، چاستوتىسى ۋە پارامېترلىرى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مۇقىمسىزلىق.
(2) تىپى ئوخشىمىغان بىر نەچچە ئىچكى ساقلىغۇچنى بىرلىكتە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىق.
يۇمشاق دېتال كاشىلا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىق.

SD_ RAM ۋە DDR نىڭ پەرقى

SD_ RAM ۋە DDR سىرتقى جەھەتتىن بۆلەك سانى ئوخشىمايدۇ. SD_ RAM ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن، DDR ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن. يەنە SD_ RAM نىڭ ئېلېكتر بېسىمى DDR. 3.3V نىڭ 2.5V ھەم ئۇلارنى بىرلىكتە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

ئىچكى ساقلىغۇچ قىزىپ كېتىش سەۋەبىدىن سىستېمىنىڭ مۇقىم ئىشلىمەسلىكى ھەم قېتىۋېلىشى

ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى، ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىچكى ساقلىغۇچ قىزىپ كەتسە، كومپيۇتېر قېتىۋالىدۇ ياكى قوزغالمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان توپلاشتۇرۇلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال بەلگىلىك تېمپېراتۇرا دائىرىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ، تېمپېراتۇرا بۇ دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، سانلىق مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش، ساقلاش، ئوقۇش جەريانىدا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
(1) ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە يەنە شامالدۇرغۇچ ئورنىتىپ، سوۋۇتۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلاڭ.
(2) ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەندە ئىمكان بار بولسا، ھاۋا تەڭشىگۈچ بار شارائىتتا ئىشلىتىڭ.
(3) ئىچكى ساقلىغۇچقا ئىسسىقلىق تارقىتىش پلاستىنكىسى سەپلەڭ.

8

03-2012

ۋىجدان

ۋىجدان

     ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتى ئۇنىڭ قۇرۇق گەۋدىسى ، گەپدانلىقى ۋە رەڭگى – قىياپىتىدە بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ روھىيەت دۇنياسىغا – يەنى ئەقىدە ئېتىقادى، ئەمەلىيىتى ۋە ساخاۋىتى، تەپەككۇر ئىقتىدارى ، ئەقىل – ھوشى ۋە مەنىۋىيتىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق ئىنسانلىق قىممىتمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، چوقۇم ۋىجدانىمىز كۆتۈرگۈدەك ئىش قىلىشمىز كېرەك .
    ۋىجدان – ئۇ پەزىلەت مەدەنىيتىدىن يورۇغان چىراغ . ۋۇجۇدىمىزدىكى ئەقىل دانىشمىنى ۋە ئەخلاق قازىسى .
ھازىر جەمئىيتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى پۇلغا يۈزلەندى . پۇل تېپىش ئىنسانلارنىڭ شۇئارىغا ئايلاندى. بىراق ، ھەر كىشىنىڭ ئىديسى ئوخشاش بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ، بەزى كىشلەر ئۆز ۋىجدانى ئارقىلىق پۇل تېپىپ جېنىنى بېقىۋاتىدۇ. بىراق يەنە بىر قىسىم كىشلىرىمىزچۇ ؟ ئۇلار ھارام نيەت بىلەن كەيىپ – ساپاغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ، جىنايەت يوللىرىغا، چىرىكلىككە ، ھەم ئەڭ پاجئەلىك ئاقىۋەتلەرگە قېلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەھۋالغا قالدى؟
 چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، غورۇرىغا يات ھالدا ئىش كۆردى .
        ۋىجدان _ پاك، ئالىيجاناپ ، مۇقەددەس ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچتۇر. ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيتىنى يوقاتقان ، ئار – نومۇس ، شۆھرەت – ئىپتىخار ھېسياتى قالمىغان كىشلەر ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشلەردۇر . بۇلار ھەر قانچە ئالتۇندىن تاج كىيىۋالسىمۇ ، ھالاكەت ھاڭىغا دومىلاسشتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۋالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئىنسانىي پەزىلىتى ، ۋىجىدانى بويىچە ياشىشى كېرەك . ۋىجدان – ئىنسان ھاياتىنىڭ ئادىل يىتەكچىسى .

ئىنەك بىلەن توپاق

قېرى ئىنەك بىلەن ئۇنىڭ توپىقى ئىبادەتلىرىنى تۈگىتىپ تەڭرىگە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بايان قىلدى. – ئى، ئۇلۇغ تەڭرىم، خوجايىنىمنىڭ تېنىنى ساق، ئۆمرىنى ئۇزاق قىلغايسەن، -دېدى ئىنەك چىن ئىخلاسى بىلەن. -ئەي، ھەممىگە قادىر تەڭرىم، مېنى خوجايىننىڭ ئارغامچىسىدىن تېز راق ئازات قىلغايسەن، -دېدى توپاقمۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلگەن ھالدا. ئانىسى توپاقنىڭ تىلەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقنى باسالماستىن ئۇنىڭ بېقىنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى ئۈستى. -نېمە دەپ شۇملۇق تىلەۋاتىسەن ئەي نائەھلى، -دېدى قېرى ئىنەك، – ئەگەر خوجايىندىن ئايرىلساڭ سېنى كىم باقىدۇ-ھە؟! -ھىم، بېقىپتىمىش تېخى، تەييار ئوتنى يەپ، تەييار سۇنى ئىچىپ، ئەركىن- ئازادە ياشاۋاتقان تاغدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ، موزاي تاپالمىسۇن دەپ، ئۇرۇقدېنىمنى پىچىۋەتكەن ئۇ ئەبلەخنىڭ ئۈلۈمىنى تىلىسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ. قېرى ئىنەك بىر ئاز مۇلايىملاشتى. – شۇنداقتىمۇ، بىزگە يۇمشاق سامان، قۇرۇق پاسار بېرىۋاتقان خوجايىندىن ئاغرىنساڭ بولمايدۇ-دە. -ئانا، سەن بەك ئۇنتۇلغاق ئىكەنسەن، سەن يەۋاتقان سامان بىلەن پاسار تېرىيدىغان يەرنى كىم ساپان تارتىپ ئاغدۇردى! كىم سۆرەم تارتىپ يۇمشاتتى! يەردىن چىققان ئۆنچە بىلەن پاسارنى كىم ياغاچ ھارۋا تارتىپ توشىدى!مۆڭگەنلەرنى كىم تۇلۇق تارتىپ يۇمشاتتى!سېنىڭ ئاپپاق سۈتلىرىڭنى كىم سېغىپ ئىچىپ، سېتىپ خەجلەۋاتىدۇ!ئاكام نى كىم ئۆلتۈرۈپ، يەپ كەتتى! بىر يىللىق دېھقانچىلىقتىن سەن نېمى گە ئېرىشتىڭ! خوجايىن نېمىگە ئېرىشتى!ئانا، سەن بوۋامغا يات مو زاي تۇغۇشتىن باشقا ھېچنىمىنى بىلمەي كەلدىڭ. قايسى كۈنى مەن خوجايىننىڭ مېنى بىرنەچچە ئاي بورداپ سەمىرتىپ، ئاندىن ئۆلتۈرۈپ يىيىش توغىرلىق ئايالى بىلەن قىلىشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. قېرى ئىنەك ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ياشىغان بولسىمۇ بايا توپاق ئېيت قان مەسلىلەر ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغانلىقىغا ئاچچىق خۇر سىنىپ ئېغىر پۇشۇلدىغىنىچە گېلىدىكى ساماننى كۆشەپ تۇرۇپ قالدى.

8

03-2012

ئازاپ ۋە تۇز

ئازاپ ۋە تۇز

 بىر ئۇستاز شاگىرتىنىڭ بىردەم ئۇنىڭدىن بىردەم بۇنىڭدىن ئاغرىنىشلىرىدىن تولىمۇ بىزار ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئەتىگەندە شاگىرتىنى تۇز ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ، شاگىرت زادى خالىمىسىمۇ تۇز تېپىپ كەپتۇ، ئۇستاز شاگىرتىغا ئىستاكاندىكى ئازراق سۇغا تۇزنى قۇيۇپ ئىچىۋىتىشنى بۇيرۇپتۇ، ئارقىدىن تەمىنىڭ قانداقلىقىنى سوراپتۇ، شاكىراپ بۇلۇپ كېتىپتۇ ،-دەپتۇ شاگىرت ئاغزىدىكى تۇزلۇق سۇنى تۈكۈرۋېتىپ.
ئۇستاز كۈلۈپ قويۇپ، شاگىرتىغا ئازراق تۇز ئېلىۋىلىشنى بۇيرۇپتۇ، ۋە ئۇنى بىركۆل بويىغا باشلاپ مېڭىپتۇ، كۆلگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇستاز شاگىرتىغا قولىدىكى تۇزنى كۆلگە چېچىشن بۇيرۇپتۇ، ئاندىن ئەمدى كۆل سۈيىدىن ئازراق ئىچكىن دەپتۇ، شاگىرت كۆل سۈيىدىن بىر يۇرتۇم ئىچىپتۇ،
-تەمى قانداقراق ئىكەن دەپتۇ،- ئۇستاز
-شۇنداق ياخشىكەن، تۇز تەمى يوقكەن،- دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز ئەتىدىن كەچكىچە زارلىنىپلا يۈرىدىغان شاگىرتىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە گەپ باشلاپتۇ، تۇرمۇشتىكى ئازاپ مۇشۇ تۇزغا ئوخشايدۇ، ئازمۇ ئەمەس، كۆپمۇ ئەمەس، مۇۋاپىق مىقداردا بولىدۇ، بىزنىڭ ئازاپقا بەرداشلىق بېرىش دائىرىمىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئازاپنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ، شۇڭا ئازاپقا دۇچ كەلگەندە، كۆتۈرۈش دائىرىڭىزنى بىر ئىستاكان سۇغا ئەمەس، بىر كۆلنىڭ سۈيىگە كېڭەيتىڭ.

7

03-2012

گۇناھ

گۇناھ

بىز بىر ئۆمۈر گۇناھ، ئېزىقىش، بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىلەن كۈرەش قىلىمىز.
ئادەمنى ئازبلايدىغان بەش تۈرلۈك گۇناھ مەۋجۇت: ئاچكۆزلۈك، ھۇرۇنلۇق، شەھۋانىيلىق، غەزەپلىنىش ۋە ئاداۋەت ساقلاش، ئۇلاردىن باشقا يەنە تەكەببۇرلۇق.
بىزنىڭ جىسمىمىز ئۆز ئارا ئايرىلمايدۇ دېسەك، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ ئىناق بولىشى كېرەك. تەن بولمىسا ھايات بولمايدۇ، بىراق، تەندىن سىرت يەنە باشقا بىر خىل ھاياتمۇ مەۋجۇتتۇر.
تۈرلۈك گۇناھ-خاتالىقلار بىلىمسىزلىك-نادانلىقتىن كېلىدۇ.
ئەگەر سىز ھاياجان ۋە ئاچچىقتىن خالاس بولۇپ، ئۆزىڭىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ، كەمكۈتسىز ياشىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىش-ئەمەللەرنى قىلغان بولىسىز.