مۇز چېلەك، تۈركىيەدىكى لالما ئىتلار ۋە يېڭىچە خەير–ساخاۋەت

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-09-26 19:31:35

نەچچە يىل ئىلگىرى، ALS جەمئىيىتى قىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، پۈتكۈل ئامېرىكىدا بۇ خىل كېسەلنى بىلىدىغانلار يېرىمغىمۇ يەتمەيدىكەن. ھازىر بولسا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندىمۇ نەچچە يۈز مىليون ئادەم بۇنداق كېسەلنىڭ بارلىقىنى بىلدى. گەرچە ماڭا ھېچكىم رىقابەت ئېلان قىلمىغان ياكى مەن ھېچكىمگە رىقابەت ئېلان قىلمىغان بولساممۇ، ئەمما مەنمۇ بۇنداق كېسەلنىڭ بارلىقىنى، بۇ كېسەلنىڭ چىدىغۇسىز ئازابلايدىغانلىقىنى ھەمدە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. مانا بۇ مەبلەغ توپلاشنىڭ ئالاھىدىلىكى، يەنى كۆپچىلىكنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ۋە ئېتىبار بېرىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

چۈشۈرۈش

     ئەگەر پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن تۇرۇپ بۇ مۇزلۇق سۇغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى نەرسە ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى دەل ئۇنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىدا، شۇنداقلا بۇ ئالاھىدىلىكلەر باشقا جامائەت پاراۋانلىقى ۋە خەير–ساخاۋەت ئورگانلىرىغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر بولسا: ئاددى، قىزىقارلىق ۋە داڭدارلار ئېففىكتى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈركىيە