ياپونىيە قايتىپ كەلدى

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-01 15:33:49

زېمىن ماجىراسى يۇقىرى جىددىي ۋەزىيەتنى كۆرۈنەرلىك كەسكىنلەشتۈردى. جۇڭگو ياپونىيەنىڭ 7 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئاراللارغا بولغان كونترول قىلىش ھوقۇقىغا خىرس قىلدى، ئارال شەرقىي جۇڭگو دېڭىزىغا جايلاشقان، ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلى دەيدۇ، جۇڭگو بولسا دىياۋيۈ ئارىلى دەيدۇ. گەرچە تىغمۇتىغ تۇتۇشىۋاتقان ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسىمۇ، ئەمما ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشى (جۇڭگودىكى كەڭ كۆلەملىك ياپونغا قارشى نامايىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 9-ئايدا، شەخسلەرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئاراللارنىڭ ئۈچىنى سېتىۋېلىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

چۈشۈرۈش

    ئەينى چاغدىكى باش ۋەزىر يوشىخىكې نودا ياپونىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىچىك ئاراللارنى سېتىۋېلىپ، توكيو ۋالىيسى شىنتارو ئىشىخارانىڭ شەھەر فوندىدىن پايدىلىنىپ ئاراللارنى سېتىۋېلىشىنى توسۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يوشىخىكې نودا مىللەتچىلىك بىلەن داڭ چىقارغان شىنتارو ئىشىخارانىڭ بۇ ئاراللارنى ئىگىلىۋېلىش ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، ئاراللاردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى قوزغاپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلغان ئىدى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ياپونىيە