ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى
-
ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى
ۋاقتى: 2016-02-12 ئاۋاتلىقى: 3456 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ھىندىستاننىڭ ئوسكار مۇكاپاتى __ كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
بىز ئادەتتە ھىندىستان كىنوچىلىقى ۋە كىنو چولپانلىرىغا ئالاقىدار خەۋەر ۋە ماتېرىياللارنى كۆرگىنىمىزدە <>، < > مۇكاپاتى دېگەن نامنى كۆرگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردىكى < > دەل مەن دېمەكچى بولغان ھىندىستان <<كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى>>دۇر. بۇ مۇكاپاتنى < > ژۇرنىلى تارقىتىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى <<ئوسكار>> مۇكاپاتى دېگەن نامى بار. بۇ مۇكاپات ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، 1953-يىلى رەسمىي تارقىتىلىشقا باشلىغان، ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 1987-، 1988-يىللىرى جەمئىيەت ئامانلىقى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈلمىگەن. ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتى دېگەن نام ئاستىدا كىنوغا ئالاقىدار نۇرغۇن مۇكاپات تۈرلىرى تەسىس قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئاساسلىق مۇكاپات تۈرلىرى:
ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنو مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىئەرڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يانداش رول مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يانداش رول مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر سەلىبىي رول مۇكاپاتى (2007-يىلى تەسىس قىلىنغان)ئەڭ مۇنەۋۋەر كومىدىيەلىك رول مۇكاپاتى (2007-يىلى تەسىس قىلىنغان)ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يېڭى ئارتىس مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا رېژىسسورى مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ناخشا تېكىستى ئىجادىيەتچىسى مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ناخشىچى مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ناخشىچى مۇكاپاتى
ئوبزور مۇكاپاتى:ئوبزور مۇكاپاتى __ ئەڭ مۇنەۋۋەر كىنوئوبزور مۇكاپاتى __ ئېرىشكەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ئورۇنلىغۇچىئوبزور مۇكاپاتى __ ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۆججەتلىك فىلىم
ئالاھىدە مۇكاپات:ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىتۆھپە مۇكاپاتىئالاھىدە ئورۇنلاش مۇكاپاتىيىللىق ئەڭ نادىر كۆرۈنۈش مۇكاپاتىمۇزىكا تالانتلىقلىرى مۇكاپاتى50 يىللىق نادىر فىلىم مۇكاپاتى (2005-يىلى تەسىس قىلىنغان)
تېخنىكا مۇكاپاتى:ئەڭ نادىر ھەرىكەت مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر سەنئەت يېتەكچىلىكى مۇكاپاتىئەڭ نادىر دېكوراتسىيە لايىھەسى مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئوپېراتورلۇق مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر كىرىشتۈرۈش مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل لايىھەسى مۇكاپاتىئەڭ نادىر ھېكايە مۇكاپاتىئەڭ نادىر سېنارىيە مۇكاپاتىئەڭ نادىر دىيالوگ مۇكاپاتىئەڭ نادىر مۇزىكا مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدە ئۈنۈم مۇكاپاتىئەڭ مۇنەۋۋەر كىيىم لايىھەسى مۇكاپاتى
ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان فىلىملەر:<<زۇلمەت>> ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمنى ياش راج كىنو شىركىتى ئىشلىگەن، سانجاي لىلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان، ئامىتاب باچچان، رانى مۇكارجى باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 2005-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 11 قېتىم مۇكاپاتلانغان.<<كېلىن يۆتكەش>> ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمنى بودېگا كىنو شىركىتى ئىشلىگەن. ئادىتيا چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان، شاھرۇھخان، كاجول باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 10 قېتىم مۇكاپاتلانغان.<<بوللىۋودتىكى ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت (يەنە بىر ئىسمى <<ھىجران>>)>> ناملىق فىلىم. بۇ فىلىمگە سانجاي لىلا بانسالى رېژىسسورلۇق قىلغان. شاھرۇھخان، ئەشۋارىيا راي، مەدۇرى دىكسىت قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 2002-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى قويۇلغان. بۇ فىلىم جەمئىي 10 قېتىم مۇكاپاتلانغان.<<مەدۇماتى>> ناملىق فىلىم. بۇ فىلىم 1958-يىلى قويۇلغان. جەمئىي توققۇز قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ئەڭ كۆپ ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەر ئارتسىلار:دىلىپ كۇمار سەككىز قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.ئامىتاب باچچان بەش قېتىم باش رول، ئۈچ قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.شاھرۇھخان سەككىز قېتىم ئېرىشكەن.ئەڭ كۆپ ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئايال ئارتسىلار:نۇتان بەش قېتىم باش رول، بىر قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.جايا باچچان ئۈچ قېتىم باش رول، ئۈچ قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.مەدۇرى دىكسىت تۆت قېتىم باش رول، بىر قېتىم يانداش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.كاجول دېۋگان بەش قېتىم باش رول مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان ئەر ناخشىچى:كىشورى كۇمار سەككىز قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ئەڭ كۆپ مۇكاپاتلانغان ئايال ناخشىچى:ئاشا بوسلې يەتتە قېتىم مۇكاپاتلانغان.ئەلكا ياگنىك يەتتە قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدە مۇكاپات تۈرلىرى ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ۋە ئەتراپلىق. ئۇلار سېنارىست، ناخشا تېكىستى ئىجادىيەتچىسىدىن تارتىپ، باش رولغىچە ھەممەيلەننىڭ تۆھپىسىنى لايىقىدا تارتۇقلاپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. كىنو بىر نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ھەقىقىي ئۇنىۋېرسال سەنئەت تۈرى بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھەممە تەرەپنىڭ تۆھپىسىنى تەڭ نەزەرگە ئېلىش كېرەك. ھىندىستان كىنوچىلىقىدا بۇ نۇقتا يېرىم ئەسىردىن بۇيان ھەقىقىي تۈردە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەلمەكتە. ھىندىستاندا <<بوللىۋود>> كىنوچىلىق مەركىزىدىكى كىنو شىركەتلىرى ۋە ھىندىستاننىڭ باشقا كىنو شىركەتلىرى بىر يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 دىن 1500 گىچە فىلىم ئىشلەيدۇ. سان جەھەتتە <<ۋوللىۋود>> بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ. نۇرغۇن ئارتىسلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە شان-شۆھرىتى <<ۋوللىۋود>> چولپانلىرىدىن ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. <<بوللىۋود>>نىڭ چولپانلىرى توي قىلسا، توي مۇراسىمىغا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەرنىمۇ تەكلىپ قىلالايدۇ. ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىقتىن دارامىتىمۇ ئىقتىسادتا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھىندىستاندا يىلىغا شۇنچە كۆپ كىنو ئىشلەنسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئېھتىياجنى قامداپ بولالمايدۇ، ھىندىستاندا چەت ئەل كىنولىرىنىڭ قويۇلۇش نىسبىتى % 10 كىمۇ يەتمەيدۇ. ھىندىستان فىلىملىرى ھىندى خەلقىنىڭ ھۇزۇرلىنىش پىسخىكىسىغا ماس كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارتىسلىرى ئىشلىگەن فىلىملەرنى كۆرۈش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قىز-يىگىتلەر مۇھەببىتى تەسۋىرلەنسىمۇ، بىر فىلىمدە ئالتە-يەردە يەردە ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا ئامىللىرى قىستۇرۇلسىمۇ، نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئوخشاش بىر تېما، ئوخشاش بىر مەزمۇن تەكرالانسىمۇ ھىندىستانلىقلار بۇنىڭدىن قەتئىي بىزارلىق ھېس قىلمايدۇ، ئەكسىچە فىلىمدە قانداق سەنئەت ئامىللىرىنىڭ قسىتۇرۇلغانلىقىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كىنو ناخشىچىلىرىنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ.بىر ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، ھىندىستان كىنو ناخشىچىلىرى ئاز دېگەندە بەش-ئالتە خىل تىلدا ناخشا ئېيتالايدىكەن، ھاياتىدا نەچچە مىڭلاپ ناخشا ئېيتىدىكەن. مېنىڭچە نەچچە مىڭلاپ ناخشا ئېيتقانلار دىيارىمىزدا تېخى يوق. كىنو ئارتىسلىرى ھەر ئېيىغا بىر ياكى بىر نەچچە فىلىمدە، ھاياتىدا ئىككى-ئۈچ يۈزلىگەن فىلىمدە رول ئالىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كىنو ئۈچۈنلا، سەنئەت ئۈچۈنلا تۇغۇلغان دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ھىندىستان فىلىملىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەرقانداق بىر فىلىمدە ھىندى خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى، كىيىم-كېچەك، غىزالىنىش، تويلىشىش يوسۇنلىرى ھەرقاچان ئۆز ئىپادىسنى تاپىدۇ. كىنو ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز مەدەنىيەت، ئەنئەنىسىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە رايون ھىندىستانغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ھىندىستان بۇ جەھەتتە تولۇق ئۇتۇق قازانغان بىردىنبىر دۆلەت.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
2016-يىلى خادىم قىسقارتىدىغان چوڭ شىركەتلەر
2015-11-27 01:41:233436دۇنيادىكى داڭلىق قورشاۋ تام شەھەرلىرىگە نەزەر
2016-01-12 22:22:453474ئوبامانىڭ ئاياللار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-05 23:07:343988مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھېكمەتلىرىدىن
2015-02-09 12:30:033563نۇرئەلى ئۈرۈمچىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشتى
2015-09-06 19:37:073378موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (4)
2015-05-01 15:43:374074قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214007ھېكايە: مارستىكى تۇنجى ئادەم
2015-03-11 14:49:123900
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-