نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنيادىكى 10 چوڭ قۇملۇققا نەزەر

دۇنيادىكى 10 چوڭ قۇملۇققا نەزەر

ۋاقتى: 2016-02-18 ئاۋاتلىقى: 2469 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ 10 قۇملۇققا نەزەر

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


قۇملۇق تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغىنى ئالدى بىلەن ياۋايى ھايۋانلار ياكى جاننى ئالىدىغان قۇرغاقچىلىقتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەت ئۇنداقمۇ ئەمەس، قۇملۇق ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى مىسىلسىز گۈزەل مەنزىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇھىتى شۇنچىلىك ناچار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. تۆۋەندە بىز كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە دۇنيادىكى 10 چوڭ قۇملۇقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.


بىرىنچى، سەھرايى كەبىر قۇملۇقى

بۇ قۇملۇق تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ يىللار ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ، قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 5600 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 1600 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 9 مىليون 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن ئافرىقا ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ % 32 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قۇملۇق دۇنيا بويىچە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيادىكى ياۋايى ھايۋانلار ياشاشقا ئەڭ ماس كەلمەيدىغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ ھەر كىۋادرات كىلومېتىرىغا بىردىنمۇ ئادەم توغرا كەلمەيدۇ، ئەتراپتا ئەرەبلەر، بېربېرلار ياشايدۇ. ئاھالىلار ۋە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاساسلىقى نىل دەرياسى ۋادىسى ۋە بوستانلىققا تارقالغان، قىسمەنلىرى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان.


ئىككىنچى، ئەرەب قۇملۇقى

ئەرەب قۇملۇقى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، كۆلىمى 2 مىليون 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2-چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. قۇملۇق شىمالىي ئافرىقا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، يەنە مىسرنىڭ شەرقىگە، نىل دەرياسى ۋادىسى، سۈۋەيش قانىلى، قىزىل دېڭىز ئارىسىغا جايلاشقانلىقتىن، يەنە شەرقتىكى قۇملۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي قىسمى سۇداننىڭ نۇبىيان قۇملۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ. كۆپ قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 300 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان شېغىللىق ۋە ئوچۇق تاش دۆڭلەرگە ئايرىلغان. شەرقتىن غەربكە ئاققان پەسىللىك دەريا __ تارفا دەرياسى، خۇداين دەرياسى ۋە تارماق ئېقىنلار جەنۇبتىن شىمالغا ئاققان پەسىللىك دەريا __ كىنا دەرياسى بىلەن كېسىشىدۇ.


ئۈچىنچى، لىۋىيە قۇملۇقى

لىۋىيە قۇملۇقى سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، مىسىرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسمى ۋە لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا تەرىپى تۈزلەڭلىك بولۇپ، جەنۇبىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 350 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە كېلىدۇ، شىمالىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن 250 مېتىرغىچە كېلىدۇ، غەربىي جەنۇبىنىڭ يەر شەكلى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ قۇملۇقنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 690 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كىلىماتى قۇرغاق بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىدا ئۈچ دۆلەتنىڭ چېگرىسىنىڭ كېسىشىش ئورنىدىكى ئۇۋاينات تېغى بار. مىسردىكى قاتتارا ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 133 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدۇ. ئەتراپتا مىسىر سىۋا، بەھرىياھ، فارافىراھ، داخىلاھ، خارىجاھ قاتارلىق بوستانلىقلار ۋە لىۋىيە كۇفراھ بوستانلىقى بار. لىۋىيە قۇملۇقىنىڭ مىسىر قىسمى غەرب قۇملۇقى دېيىلىدۇ. بۇ قۇملۇقتا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىددەتلىك جەڭلەر بولغان.


تۆتىنچى، ئاۋسترالىيە قۇملۇقى

ئاۋسترالىيە قۇملۇقى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە 4-چوڭ قۇملۇق بولۇپ، چوڭ قۇملۇق، ۋېكتورىيە قۇملۇقى، گىبسون قۇملۇقى، سىمپسون قۇملۇقى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. بۇ قۇملۇق ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 550 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە ھۆل-يېغىن ئاز، ئىنتايىن قۇرغاق.

ئادەتتە، يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 50 گىرادوسقا يېتىدۇ، دەل-دەرەخلەرمۇ يوق بولۇپ، پەقەر شامالنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق، ھەرقانداق كىشى بۇ قۇملۇقنى ھالاكەت دېڭىزى دېيىشىسىمۇ، ئەمما 1973-يىلى، ئاۋسترالىيەلىك فلاننېرى ئىسىملىك بىر ئۆسۈملۈكشۇناس موتوسىكلىت بىلەن بۇ قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، 3600 دىن ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ئۆسىدىغانلىقىنى بايقىغان. ناۋادا بىرلىك كۆلەم بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسسىق بەلباش يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، فلاننېرى بۇ يەرنى قۇملۇق باغچىسى دەپ ئاتىغان.


بەشىنچى، گوبى قۇملۇقى

گوبى قۇملۇقى جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۇنيانىڭ ئەڭ شىمالىدىكى قۇملۇق بولۇپ، ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دۇنيادىكى 5-چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. موڭغۇل تىلىدا گوبى قۇملۇقى <<سۇسىز جاي>>دىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە، يەر ئاستى بۇلاق سۇلىرى تاغ جىنسلىرى ۋە بارخانلاردىن سىرغىپ چىقىپ تۇرىدۇ، يەنە بۇ يەردە نۇرغۇن تۇزلۇق سۇ كۆلى بار.

بۇ قۇملۇقنىڭ قىشتىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20 گىرادوستىن 30 گىرادوسقىچە يېتىدۇ، يازدىكى تېمپراتۇرىسى 40 گىرادوستىن يۇقىرى بولىدۇ.


ئالتىنچى، باتاگونىيا قۇملۇقى

باتاگونىيا قۇملۇقى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارگېنتىناغا، ئاندېس تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، ئارگېنتىنانىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 673 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كەڭ كەتكەن يايلاق ۋە قۇملۇقتىن تەركىب تاپقان. ئاساسلىق يەر شەكلى ئېگىزلىك ۋە تار كەتكەن دېڭىز قىرغىقى تۈزلەڭلىكى بولۇپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، دەريا ئېقىنلىرى پەسىللىك دەرياغا مەنسۇپ، فالكلەند سوغۇق ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كىلىمات سوغۇق قۇرغاق، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 90 مىللىمېتىردىن 450 مىللىمېترغىچە بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئالتە گىرادوستىن 20 گىرادوسقىچە، قۇملۇقنىڭ كۆپ قىسمى چۆللۈككە ئايلىنىپ كەتكەن.


يەتتىنچى، راباخالى قۇملۇقى

راباخالى قۇملۇقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىمى ئىگىلەيدۇ، شەرقىي-شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 640 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 650 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا شەرقىي قۇملۇق ۋە غەربىي قۇملۇقتىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇققا ئايرىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي قۇملۇقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100 مېتىدىن 200 مېتىرغىچە بولۇپ، نۇرغۇن جايلىرىدا قاتار-قاتار قۇم بارخانلىرى بار، قۇم بارخانلىرىنىڭ ئېگىزلىكى 300 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 200 مىڭ مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، قارىماققا بىر قۇم تاغقا ئوخشاپ كېتىدۇ. سۇ مەنبەسى خېلى مول بولۇپ، قىسمەن جايلىرى يېشىللىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى شەكىللەنگەن. غەربىي قۇملۇقنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100 مېتىردىن 500 مېتىرغىچە كېلىدۇ، كۆپ قىسمى شېغىللىق، قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى سازلىق، تۇز كۆلدىن ئىبارەت. پۈتۈن قۇملۇق تىپىك ئىسسىق بەلباغ قۇملۇق ئىقلىمىغا تەۋە. ئوتتۇرا قىسمىنىڭ يازدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80 گىرادوسقا چىقىدۇ، قىشتىمۇ تېمپېراتورا 40 گىرادوستىن يۇقىرى بولۇپ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 50 مىللىمېتىرغا يەتەيدۇ. پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي رايونى ۋە ئومان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە يەمەن زېمىنىنىمۇ قاپلايدۇ. بۇ قۇملۇق يەنە ئەرەب چوڭ قۇملۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


سەككىزىنچى، كالاخارى قۇملۇقى

كالاخارى قۇملۇقى يەنە كالاخارى ئويمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىي قىسمىدىكى ئاساسلىق يەر شەكلى رايونى، ئومۇمىي كۆلىم 630 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر قىياپىتى ئافرىقا پىلاتفورمىسىدىكى ئويمانلىققا تەۋە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700 مېتىردىن 1000 مېتىرغىچە كېلىدۇ، تۆت ئەتراپى 1500 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ يېرىلغۇ يەرلىرى ۋە ئېگىزلىكلەر بىلەن قورشالغان. ئويمانلىقتا كالاخارى قۇم بارخانلىرى بار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇم بارخانلىرى رايونى ھېسابلىنىدۇ. ئويمانلىقنىڭ گىرۋەكلىرىنى دەريالار كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئويمانلىقنىڭ سىرتىدا بولۇپ، شەرقىي شىمال قىسمىدا نۇرغۇن دەريالار ۋە زامبېزى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى بار، غەربىي شىمال قىسمىدا كۇنېنې دەرياسى بار، شۇنداقلا جەنۇبىي قىسمىنى ئورانجى دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ.


توققۇزىنچى، گرەت ساندى قۇملۇقى

بۇ قۇملۇق ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىدىكى قۇملۇق بەلبېغى بولۇپ، كۆپ قىسمى غەربىي ئاۋسترالىيە ئوبلاستىدا. بۇ قۇملۇق كىمبېرلېي ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىي، پىلبارا رايونىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالدىكى جايلارنىڭ چېگرىسىغىچە سوزۇلغان. يەر كۆلىمى 410 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ يەردە ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون كىلومېتىرغا، ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدۇ. قۇملۇقنىڭ ئەتراپىغا تاغ تىزمىلىرى ۋە ئېگىزلىكلەر تارقالغان. شەرقىي قىسمىدا شەرقتىن غەربكە قارىغان ئىككى تاغ تىزمىسى بار بولۇپ، ئۇلار مېكدوننېل تاغ تىزمىسى، جەنۇبتىكى ماسگراۋ تاغ تىزمىسىدىن ئىبارەت. مېكدوننېل تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 30 كىلومېتىردىن 40 كىلومېتىرغىچە، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 650 كىلومېتىر كېلىدۇ.


ئونىنچى، تەكلىماكان قۇملۇقى

تەكلىماكان قۇملۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىم ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە 10-چوڭ قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ، يەنە دۇنيا بويىچە 2-چوڭ كۆچمە قۇملۇق. پۈتۈن قۇملۇقنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 100 مىللىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما ئوتتۇرىچە ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى يۇقىرى بولغاندا 2500 دىن 3400 مىللىمېتىرغىچە يېتىدۇ. بۇ يەردە 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئەلئېھرام شەكىللىك قۇم بارخانلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ، كۈچلۈك شامالنىڭ تەسىرىدىن قۇم بارخانلىرى دائىم كۆچۈپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى ھايۋانلار يازلىق ئۆچەككە كىرىدۇ.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى