ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (2)
-
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (2)
ۋاقتى: 2015-02-07 ئاۋاتلىقى: 3809 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن (2)
6
مەستكە تەنە قىلما، ئىچمىسەڭ ساغەر،
غەيۋەت-شىكايەت قىلما، بولما مۇغەمبەر.
غادايما ھېچقاچان مەي ئىچمەيمەن دەپ،
سېنىڭ قىلمىشلىرىڭ مەيدىنمۇ بەتتەر.
7
دۇنيادا ئۇلۇغ سۆز ___ قۇرئان ئوقۇلۇر،
ئۇمۇ ئۇدا ئەمەس، گاھ ئان ئوقۇلۇر.
پىيالە قىرىدا بىر ئايەت باركى،
ھەر جايدا، ھەمىشە، ھامان ئوقۇلۇر.
8
تۇر گۈزەل، ئېچىلسۇن دىلىمىز بەھرى،
يۈزۈڭدىن ھەل بولغاي مۈشكۈلات قەھرى.
توپىمىز كوزىغا ئايلانماي تۇرۇپ،
بىر كوزا ئىچەيلى، كەتسۇن دىل زەھرى.
9
سەھەردە ئۈن بەردى بىزنىڭ مەيخانە،
ئەي، ئەھلە مەيخانە ئۈلپەت-دىۋانە.
تۇرغىن، پەيمانىنى تولدۇر شارابقا،
تېخى تولماي تۇرۇپ بىزنىڭ پەيمانە.
10
ئۆردەك بېلىققا دەر: <<ئېقىپ كەتكەن ئاب،
يېنىپ، ئېرىق يەنە بولارمۇ سۇ بىلەن سىيراب.>>
ئۇ دەيدۇ: <<مەنۇ سەن بولارمىز كاۋاپ،
سوڭ نە پايدا؟ دۇنيا دەريامۇ سەراب؟!>>
___ تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
«بوستان»نىڭ يېزىلىش سەۋەبى (2)
2015-02-06 11:17:443483باشلىققا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىش
2015-03-11 14:59:593869ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى
2015-11-27 18:54:288235بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (2)
2015-10-05 17:58:504970تۇرگېنېۋ ۋە غەرب مەدەنىيىتى
2015-02-05 11:07:523411ئۇيغۇرلاردا تىل پەرھىزلىرى
2015-02-05 11:31:134103ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولماق
2015-03-31 13:23:194227مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر ن
2016-07-15 13:26:291427
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-