ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولماقچى
-
ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولماقچى
ۋاقتى: 2015-03-31 ئاۋاتلىقى: 4540 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتى كېنىيەدە زىيارەتتە بولماقچى
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، 30-مارت تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئاقساراي 30-مارت، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2015-يىلى 7-ئايدا كېنىيەگە يېتىپ بېرىپ دۇنيا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇچرشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ مەزگىلدە، ئوباما يەنە كېنىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.ئاقساراي شۇ كۈنى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: كېنىيە بۇ يىل 7-ئايدا دۇنيا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇچرىشىشى (GES)نى ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇ دۇنيا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇچرىشىشىنىڭ تۇنجى قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈشى بولۇپ قالىدىكەن. ئوباما يەنە كېنىيەگە يېتىپ بېرىپ بۇ ئۇچرىششىقا قاتنىشىدۇ ھەمدە يۈرۈۈشلۈك ئىككى تەرەپ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكا بىلەن كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىدۇ.بۇ مەزگىلدە ئوباما يەنە زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەندىن بۇيان 4-قېتىم سەھرايى كەبىردىكى جەنۇبىي ئافرىقغا رايونىدا زىيارەتتە بولىدىكەن، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدا سابىق زۇڭتۇڭ ماندېلانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانىدى، ئۇ يەنە ئىلگىرى تانزانىيە، سېنېگال ۋە گانالاردا زىيارەتتە بولغانىدى.توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
توقسۇ ناھىيە يانتاققۇدۇق تۇر خارابىسى
2015-02-12 11:07:554002قايسى دۆلەت كىشىلىرى يالغان سۆزلەشكە ئامراق؟
2015-11-27 02:13:214919دۇنيادىكى داڭلىق شەھەرلەرنىڭ 3D كۆرۈنۈشى
2015-03-25 13:07:583894داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (15)
2015-03-01 22:33:304208پوۋېست: قارا يۈرەك - 2 (داۋامى بار)
2015-03-03 15:17:344589مېكسىكىلىقلار نېمىشقا ئۆلگەن ئىلاھەگە چوقۇنىدۇ؟
2016-05-25 12:18:371879كىم جوڭئۇن بىر مىنىستىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
2015-05-13 11:51:413507100 گىرادۇسلۇق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:58:353953
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-