نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

100 گىرادۇسلۇق يۇمۇرلار

100 گىرادۇسلۇق يۇمۇرلار

ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 3741 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يۇمۇرلار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى

ياشاش ئىقتىدارى
   قاۋاقخانىدا بىر ئېكىسپېدىتسىيەچى:
   — كېمە چۆكۈپ كەتتى، بىز قۇتقۇزۇش كېمىسىگە چىقىۋالدۇق، دېڭىزدا بىرقانچە ھەپتە لەيلەپ يۈردۇق، مەن سىلەرگە ئېيتسام، راستىنلا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تىرىلدۇق، بىز ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئايىغىنى غاجىلىدۇق، باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى، پەقەت ئۆزەم يالغۇز ھايات قالدىم،-دەپتۇ.
   — باشقىلارنىڭ ياشاش ئىقتىدارى سىزگە يەتمەمدىكەن؟ – سوراپتۇ باشقىلار.
   ئېكىسپېدىتسىيەچى:
   — ياق، ئايىغىمنىڭ نومۇرى ئەڭ چوڭ ئىدى.
 
ساپ مۇھەببەت 
   بىر يىگىت مەشۇقىغا دەپتۇ:
   — سۆيۈملۈكۈم، مەن ساپ مۇھەببىتىمنىڭ ھەممىسىنى سىزگە تەقدىم قىلىمەن.
   قىز بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا:
   — ساپ بولمىغانلىرىنى كىمگە ئېلىپ قويدىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ.
 
سۈپەت 
   لوندونلۇق بىر موزدوزنىڭ تىككەن ئاياغلىرىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى، ئەمما مال تاپشۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق ئىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن رەنجىگەن ھالدا:
   — خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشىغا يەتتە كۈن كەتكەنىكەن، سىزنىڭ بىر جۈپ ئاياغ تىكىشىڭىزگە شۇنداق ئۇزاق ۋاقىت كېتەمدۇ؟،-دەپتۇ. موزدوز خېرىدارنى تارتىپ دېرىزە تۈۋىگە ئاپىرىپ تۇرۇپ:
   — سىز خۇدا ياراتقان بۇ دۇنياغا قاراڭ، ئاندىن مەن تىككەن بىر جۈپ ئاياغقا قاراڭ...-دەپتۇ.
 
تۆۋەن ئاۋاز 
   پىسخولوگىيە دوختۇرى: سىز تۆۋەن ئاۋازنى ئاڭلىيالايدىكەنسىز، لېكىن كىمنىڭ گەپ قىلغىنىنى، ئاۋازنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنسىز، شۇنداقمۇ؟
   بىمار: شۇنداق
   پىسخولوگىيە دوختۇرى: ئۇنداقتا قايسى چاغدا بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن؟
   بىمار: تېلېفون ئالغان چاغدا...
ئاپتوبۇستا
   بالا كۆتۈرۈۋالغان بىر ئايال قىستا-قىستاڭ ئاپتوبۇستا ئۆرە تۇرۇپتۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بەرمەپتۇ.شوپۇر يولۇچىلارغا ئۇنىڭغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ، لېكىن ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۇدا توۋلىسىمۇ، ھېچقانداق ئىنكاس چىقماپتۇ. شوپۇر نائىلاج ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلىقى ئايالغا:
   — سىز مېنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ ئاپتوبۇسنى ھەيدەڭ، مەن بالىڭىزنى كۆتۈرۈۋالاي،-دەپتۇ.
   بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار بەس-بەستە ئورۇن بوشىتىپ بېرىپتۇ.
 
خۇمار بولۇش
   مەن دوستۇمغا ياردەملىشىپ يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھاراقنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىپ بەردىم. بىر كىشى:
   — بۇ ھاراقنىڭ تەمى ياخشىمۇ؟-دەپ سورىدى.
   مەن دەرھال:
   — تەمى قالتىس ياخشى، سىز بىر يۇتۇم ئىچىپ سىناپ بېقىڭ، خۇمار بولۇپ قېلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىمەن،-دەپ جاۋاب بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ كىشى ئاڭلاپلا ھودۇققان ھالدا:
   — ئۇنداقتا بولدى قىلاي، مەن ناھايىتى تەسلىكتە تاماكا خۇمارىدىن قۇتۇلغان...،– دېدى.
 ئەركىنجان تۇردى قۇمتېكىن تەرجىمىسى
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى