نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (21)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (21)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3471 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ــ 21)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
 مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
بەشىنچى بۆلۈم ياغاچ قورولنى ساقلاش
ئۈچىنچى باب دۈشمەننى چېكىندۈرۈش
 
   سىلۋېر كەتكەندىن كېيىن كاپىتان بۇرۇلۇپ ئۆيگە كىردى. ئۇ گرايدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئورنىدا يوقلۇقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى:
   ـــ ھەممىڭلار ئۆز ئورنۇڭلارغا كېلىڭلار!
   مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقلانغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم. بىز ئۆز ئورنىمىزغا بارغاندىن كېيىن كاپىتان:
   ـــ گراي، مەن سېنىڭ نامىڭنى دېڭىز قاتناش خاتىرىسىگە يېزىپ قويىمەن. سەن ھەقىقىي ماتروسلارغا ئوخشاش ئۆز ۋەزىپەڭگە سادىق ئىكەنسەن. ترېلاۋنىي ئەپەندىم، مەن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. دوختۇر، سىز ئىلگىرى ئەسكەر بولغانغۇ دەيمەن؟ ـــ دېدى.
   يۈزلىرىمىز قىزىرىپ قۇلاقلىرىمىز قىمىرلاشقا باشلىدى. كاپىتان بىزگە جىمجىت قارىۋەتكەندىن كېيىن دېدى:
   ـــ ھەممىڭلار بىلىسىلەر، مەن بايا سىلۋېرنىڭ دەككىسىنى بېرىپ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردۇم. ئۇنىڭ دېگىنى توغرا، بىر سائەتكە قالماي ئۇ بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادىمىمىز ئاز، ئىنتىزام بولمىسا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟ ھازىر بىز بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرەيلى!
   ئارقىدىنلا ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئىپادىسىگە رازى بولغانغا قەدەر بىرقۇر قاراپ چىقتى.
   ئۆينىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپى ناھايىتى تار بولۇپ ئىككىلا ئېتىش تۆشۈكى بار ئىدى. دالان بار جەنۇب تەرەپتىمۇ ئىككى ئېتىش تۆشۈكى، شىمالدا بولسا بەش ئېتىش تۆشۈكى بار. جەمئىي يەتتە ئادەم 20 تال مىلتىق بىلەن قوراللانغان. بىز ئوتۇنلارنى تۆت دۆۋە قىلىپ، ھەر بىرىنى بىر شىرە ئورنىدا ئىشلەتتۇق. ھەر بىر شىرەگە ئازراق ئوق-دورا بىلەن تۆت تال ئوقلانغان مىلتىق تەقلەندى. بىر نەچچە ئەگمەچ قىلىچ ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
   ـــ كۆزىمىزگە ئىس كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئوتنى ئۆچۈرۈڭلار، ــ دېدى كاپىتان.
   ترېلاۋنىي ئەپەندىم تۆمۈر سېۋەتنى ئېلىپ چىقىپ ئوتنى قۇم بىلەن كۆمۈۋەتتى.
   ـــ كىچىك جىم، سەن تېخى ئەتىگەنلىك تاماق يېمىدىڭغۇ دەيمەن؟ ئازراق نەرسە ئېلىپ ئۆز ئورنۇڭغا بېرىپ يە، ـــ دېدى كاپىتان، ـــ تېزرەك بول، ئۇلار ھازىرلا يېتىپ كېلىشىدۇ. ئۇ چاغدا بىر نەرسە يېيىشكە ۋاقىت چىقمايدۇ. خونتېر، ھەربىر ئادەمگە بىر رومكا بىراندى كەلتۈر.
   بىز ھاراق ئىچىۋاتقان چاغدا كاپىتان مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ـــ دوختۇر جەنۇب تەرەپنى مۇداپىئە قىلىپ سىرتقا ئوق ئۈزۈڭ. خونتېر شەرق تەرەپكە مەسئۇل. جويىس غەرب تەرەپتە تۇرسۇن. ترېلاۋنىي ئەپەندىمنىڭ مىلتىق ئېتىش ماھارىتى ھەممىدىن ياخشى، سىز گراي بىلەن شىمال تەرەپتە مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭ. ئۇ يەردە بەش ئېتىش تۆشۈكى بار. ناۋادا ئۇلار شۇ تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىپ ئېتىش تۆشۈكىدىن بىزگە ئوق ئاتسا چاتاق بولىدۇ. جىم ئىككىمىزنىڭ ماھارىتى تايىنلىق، سىلەرگە ئوق قاچىلاپ ھەمدەم بولىمىز.
   بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى، ھېچقانداق شەپە يوق. بۇ چاغدا قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ناھايىتى تېزلا تۇمانلارنى تارقىتىۋەتتى. قۇم قىزىشقا باشلىدى. ھەر بىرىمىز ئۆز ئورۇنلىرىمىزدا تۇرۇپ دىمىق ھاۋادا ئارامسىزلىنىشقا باشلىدۇق.
   تۇيۇقسىز جويىس سوراپ قالدى:
   ـــ ناۋادا مەن دۈشمەننى كۆرسەم ئوق چىقارسام بولامدۇ؟
   ـــ ئەلۋەتتە بولىدۇ! ـــ دېدى كاپىتان ۋارقىراپ.
   بىز جويىسنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمىزنى دىڭ تۇتۇپ، كۆزلىرىمىزنى يوغان ئېچىپ، قورالنى مەھكەم سىقىملاپ ھۇشيار تۇرۇشقا باشلىدۇق. كاپىتان ئېغزىنى چىڭ يۇمۇپ گەجگىسىنى قاشلىغىنىچە ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى.
   يەنە بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز جويىس ئوق چىقاردى. ئۇنىڭ مىلتىق ئاۋازى پەسەيمەيلا ياغاچ ئۆينىڭ تۆت تەرىپىدىن ئوقلار ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى. بىر نەچچە پاي ئوق ياغاچ تامغا تەگدى. ئىس-تۈتەك تارقىغاندىن كېيىن ھەممە بۇرۇنقىدەك جىمجىتلىققا چۈمدى.
   ـــ تەگكۈزدۈڭمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى كاپىتان.
   ـــ تەگمىدىغۇ دەيمەن، ـــ دېدى جويىس جاۋاب بېرىپ، ـــ مەن دۈشمەننىڭ يېقىلغانلىقىنى كۆرمىدىم.
   ـــ جىم، تېز جويىسنىڭ مىلتىقىغا ئوق قاچىلا. ھازىر ھەممىڭلار دۈشمەننىڭ سىلەر تەرەپكە قانچە قېتىم مىلتىق ئاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىڭلار، ــ دېدى كاپىتان.
   لىۋېس دوختۇر ئۆزى تەرەپكە، يەنى جەنوپتىن ئۈچ قېتىم مىلتىق ئېتىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا شەرق، غەرب ئىككى تەرەپتە بىر قېتىملا ئېتىلغان ئىدى. ترېلاۋنىي ئەپەندىم بىلەن گراي مەسئۇل بولغان تەرەپتىن دۈشمەنلەر سەككىز-توققۇز قېتىم مىلتىق ئېتىلىپتۇ. قارىغاندا دۈشمەننىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمى شىمال تەرەپتە بولۇپ، قالغانلىرى قۇرۇق ھەيۋە قىلىش ئىدى.
   كاپىتان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆزگەرتمىدى. چۈنكى ھەممىلا تەرەپنى ساقلاش زۆرۈر ئىدى. ئۇ چۈشەندۈرۈپ، ناۋادا دۈشمەنلەر بىر تەرەپتىكى ئېتىش تۆشۈكىنى ئىگىلىۋالسىلا ئۆي ئىچىگە قارىتىپ ئوق ئاتىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا يۇشۇرۇنغۇدەك جاي چىقمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
   تۇيۇقسىز چۇقان-سۈرەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ بىر نەچچە دېڭىز قاراقچىسى شىمال تەرەپتىكى ئورمانلىقتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ياغاچ ئۆيگە قاراپ يۇپۇرلۇپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا قالغان ئۈچ تەرەپتىكى دۈشمەنمۇ ئوت ئاچتى. بىر پاي ئوق ئۆيگە ئۇچۇپ كىرىپ دوختۇرنىڭ قولىدىكى مىلتىق پاينىكىگە تېگىپ پارە-پارە قىلىۋەتتى.
   دېڭىز قاراقچىلىرى قاشادىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ياغاچ ئۆيگە باستۇرۇپ كەلدى. ترېلاۋنىي ئەپەندىم بىلەن گراي توختىماي ئوق ئۈزۈپ ئۈچ دۈشمەننى يېقىتتى. ئۇلارنىڭ بىرى قاشا ئىچىگە يېقىلدى، ئىككىسى قاشا سىرتىغا يېقىلدى. قاشا سىرتىغا يېقىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىرى يارىلانمىغان بولۇپ، قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن يېقىلغانىدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆمىلەپ قوپۇپ ئۆزىنى ئورمانلىق ئىچىگە ئاتتى.
   شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆت ئادەم قاشا ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى. ئورمانلىقنىڭ دالدىسىدا يەنە يەتتە-سەككىز دۈشمەن ئۆينى شىددەت بىلەن ئوققا تۇتۇۋاتاتتى.
   ھېلىقى تۆت ئادەم ۋارقىرىغان پېتى يۈگۈرەيتتى، ئورمانلىقتىكىلەرمۇ قوشۇلۇپ ۋارقىرايتتى. گەرچە ئۆيدىكىلەر توختىماي ئوق ئېتىۋاتقان بولسىمۇ بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن بىرىگىمۇ تەگكۈزەلمىدى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قاراقچىلار ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى. مەن ئېتىش تۆشۈكىدىن ماتروسلار باشلىقى يوبو ئاندىرسوننى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ باشلامچىلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
   ـــ ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي بوغۇزلاپ تاشلايلى، ـــ دەپ ۋارقىرايتتى يوبو ئاندىرسون.
   بىر قاراقچى خونتېرنىڭ مىلتىقىنى تۇتۇۋېلىپ قولىدىن تارتىۋالدى ھەم بىرلا ئۇرۇپ ئۇنى ئايلاندۇرۇۋەتتى. يەنە بىر دېڭىز قاراقچىسى ئىشىكتە پەيدا بولدى-دە، قىلىچىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرنى چاپماقچى بولۇپ يۈگۈردى.
   ئۆي ئىچى پورۇخ ئىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، قىيا-چىيا، مىلتىق ئاۋازى ۋە نالە ئاۋازلىرى بىر ئالغان ئىدى. دۈشمەن باستۇرۇپ كەلگەچكە ئۆيگە مۆكۈنۈۋېلىپ قارشىلىشىشقا ئامالسىز قىلىۋاتاتتۇق.
   ـــ ئېتىلىپ چىقىپ ئۇلار بىلەن ئېلىشايلى ـــ دەپ ۋارقىرىدى كاپىتان.
   مەن ئوتۇن ئارىسىدىن بىر ئەگمەچ قىلىچنى ئېلىپ يۈگۈرۈپ چىقتىم. بىرى كەينىمگە ئەگەشتى. ئالدىمدا دوختۇر بايىقى دېڭىز قاراقچىسى بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى. ئۇ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى قاراقچىنىڭ قورالىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋەتتى-دە، ئۇنى بىر قىلىچ بىلەنلا چېپىپ تاشلىدى.
   كاپىتان بىزنى ئايلىنىپ ئۆينىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈشكە بۇيرۇق قىلدى. مەن دەرھال قىلىچنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرگىنىمچە ئۆينىڭ بۇلۇڭىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاندىرسون بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇ قىلىچىنى كۆتۈرۈپ ھۆركىرىگىنىچە ماڭا قاراپ باستۇرۇپ كەلدى. مەن ھاپىلا-شاپىلا بىر چەتكە سەكرەپ ئۆتمەكچى بولدۇم. ئەمما يۇمشاق قۇمدا مۇقىم تۇرالماي يەرگە يېقىلدىم.
   شۇ چاغدا كەينىمدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقان گراي ئاندىرسوننىڭ قۇرۇق قىلىچ ئۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ بىر قىلىچ بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. يەنە بىر دېڭىز قاراقچىسى ئۆيگە قارىتىپ مىلتىق ئېتىۋاتقاندا ئوق تېگىپ يەرگە يېقىلدى-دە، ئاچچىق جان تالىشىپ ئاخىرى جىمىقتى. قاشادىن ئۆتكەن قاراقچىلاردىن پەقەت بەرسىلا ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ بۇرۇلۇپلا قاچتى. ھېچكىم ئۇنىڭغا ئوق چىقارمىدى.
   بىز ياغاچ ئۆيدىن ئېتىلىپ چىققان چاغدا باشقا دېڭىز قاراقچىلىرىمۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ ھەمراھلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىزىل بۆك كىيگەن بىرى ئەمدىلا بىر پۇتى بىلەن قاشادىن ئاتلىشىغا ئۆيدىكىلەر ئاتقان ئوق تېگىپ يارىلاندى، شۇنىڭ بىلەن قالغانلىرىمۇ پىتىراپ چېكىندى.
   دوختۇر، گراي ھەم مەن ئالدىراپ-تېنەپ ئۆي ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىردۇق. قېچىپ كەتكەن دېڭىز قاراقچىلىرى قورال ئالغىلى كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا بىز قايتىدىن جەڭگە تەييارلىق كۆردۇق.
   ئۆي ئىچىدىكى ئىس-تۈتەك تارقاپ كەتكەندىن كېيىن بىز خونتېرنىڭ ئوق تېگىپ ئېتىش تۆشۈكىنىڭ يېنىدا ھوشىدىن كەتكەنلىكىنى، جويىسنىڭ بېشىغا ئوق تېگىپ جايىدا يېتىپ قالغانلىقىنى كۆردۇق. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ترېلاۋنىي ئەپەندىم يارىلانغان كاپىتاننى يۆلەپ تۇراتتى.
   ـــ ئۇلار قاچتىمۇ؟ ـــ دەپ سورىدى كاپىتان.
   ـــ ھەممىسى قېچىپ كەتتى، ـــ دەپ جاۋاب بەردى دوختۇر، ــ بىراق بەش ئادەم ھەرقانچە قىلىپمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ.
   بۇ قېتىمقى جەڭدە بىزدىن ئۆلگەن-يارىلانغانلار ئۈچ ئادەم، قاراقچىلاردىن ئۆلگەنلەر بەش ئادەم ئىدى. ئەمدى بىز تۆت ئادەم توققۇز دۈشمەنگە تاقابىل تۇراتتۇق (ئەمەلىيەتتە سەككىز. چۈنكى ترېلاۋنىي ئەپەندىم ئېتىۋەتكەن پالوبىدىكى دۈشمەن شۇ كۈنى ئۆلگەن ئىدى. بىز بۇ ئىشنى كېيىن بىلدۇق). ئەھۋال ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشىلاندى، دەسلەپتە بىز يەتتە ئادەم 19 دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغانىدۇق.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى