نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر نۇتۇقى

مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر نۇتۇقى

ۋاقتى: 2016-07-08 ئاۋاتلىقى: 2613 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەشھۇر كومېدىيە چولپىنى چارلېز چاپلىننىڭ نادىر نۇتۇقى


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


دۇنياغا مەشھۇر كىنو چولپىنى، كومېدىيە ئارتىسى چارلېز چاپلىننىڭ ئۆزى باش رول ئالغان «چوڭ مۇستەبىت» ناملىق فىلىمدىكى نادىر نۇتۇقى: ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش

بۇ كومېدىيە ئارتىسى چارلېز چاپلىننىڭ 1940-يىلى ئىشلەنگەن «چوڭ مۇستەبىت» ناملىق فىلىمىدىكى نادىر نۇتۇقى بولۇپ، گەرچە 75 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا تالايلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ كەلمەكتە.

«چوڭ مۇستەبىت» ناملىق فىلىم 1940-يىلى ئىشلەنگەن، چارلېز چاپلىن سېنارىست، رېژىسسور، باش رول بولغان. چاپلىن بۇ فىلىمدە ساتىراش چارلوت بىلەن چوڭ مۇستەبىت ھىنگېل (ئەمەلىيەتتە ھىتلېر)نىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان. فىلىمدە ئىككى تامامەن ئوخشىمايدىغان شەخس تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ۋاستىسى بىر-بىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، چارلوت مۇلايىم، يۇمۇرىستىك، شائىرانە تەسۋىرلەنگەن، ئەمما ھىنگېل ھەجۋى ۋە ياۋۇز شەخس سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئىككى شەخسنىڭ روھىي ھالىتى، خاراكتېرى، پىسخىكىسىنى نامايان قىلىپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە تىلنىڭ قوللىنىلىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە، ئامېرىكا كىنو مۇنبىرىدە زىلزىلە قوزغىغان، ئەمما گېرمانىيە كونتروللۇقىدىكى بارلىق رايونلاردا بۇ فىلىمنى قويۇش چەكلەنگەن.


تۆۋەندىكىسى «چوڭ مۇستەبىت» ناملىق فىلىمدىكى «ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش» ناملىق نۇتۇق


تولىمۇ ئەپسۇسكى، مېنىڭ پادىشاھ بولغۇم يوق، ئۇ مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم ئەمەس. مەن ھېچكىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمەن، يەنە ھېچكىمنى بويسۇندۇرماقچى ئەمەسمەن. ناۋادا مۇمكىن بولسا، مەن بارلىق كىشىلەرگە ياردەم بەرگەن بولاتتىم، مەيلى ئۇ يەھۇدىي، قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىك بولسىمۇ ياراەم بېرىۋەرگەن بولاتتىم.

بىز ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئادەم بولۇش ئەنە شۇنداق بولىدۇ. بىز تۇرمۇشىمىزنى باشقىلارنىڭ بەختى ئاساسىغا قۇرۇشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتى ئۈستىگە ئەمەس. بىز ئۆزئارا ئۆچمەنلەشمەسلىكىمىز، ئۆزئارا كەمسىتىشمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ دۇنيادا ھەممەيلەن ياشىغۇدەك يېتەرلىك جاي بار. زېمىن باياشات بولسا، ھەممەيلەننىڭ كىيىمى پۈتۈن، قورسىقى توق بولىدۇ.

تۇرمۇش يولى ئەركىن، گۈزەل بولىدۇ، پەقەت يۆنىلىشنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلىنىمىز. نەپسانىيەتچىلىك ئىنسانلارنىڭ روھىنى زەھەرلەپ، پۈتۈن دۇنيادا ئۆچمەنلىك تاملىرى قەد كۆتۈردى، بىز ئامالسىز قىيىنچلىق تامان يول ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، قىرغىنچىلىق قىلىشتۇق. بىز تېز تەرەققىي قىلدۇق، ئەمما ئۆزىمىز ئايرىلىپ قالدۇق. ماشىنىلار ئىنسانلارغا بايلىق يارىتىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇلار ئەكسىچە بىزگە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. بىزدە بىلىم بولمىسىمۇ، ئەكسىچە ھەممىنى سېزىۋالدۇق، بىز ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ كەتكەن بولساقمۇ، ئەمما بارغانسېرى باغرى تاش بولۇپ كەتتۇق. بىز كاللىمىزنى بەك ئىشلىتىۋەتتۇقيۇ، ھېسسىياتىمىزنى ئىشقا سالمايدىغان بولۇپ كەتتۇق. بىز ماشىنىلارغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيلىققا تېخىمۇ مۇھتاج ئىدۇق. بىزگە زۆرۈر بولغىنى ئەقىل-پاراسەت، زېرەكلىك ئەمەس، بەلكى مېھىر-شەپقەت ئىدى. بۇ نەرسىلەر كەملەپ كەتكەچكە، ھاياتلىق بارغانسېرى رەھىمسىزلىشىپ كەتتى.

ئايروپىلان بىلەن رادىيو ئارىمىزدىكى ئارىلىقنى قىسقارتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ خاراكتېرى ئەسلىدىنلا ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ماھىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ھازىرقى دۇنيادا نەچچە مىليونلىغان كىشى ئۆزئارا دوستانە ئۆتۈشۈپ، ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ھازىرقى دۇنيادا نەچچە مىليونلىغان كىشى مېنىڭ سادايىمغا قۇلاق سالماقتا، نەچچە مىليونلىغان ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تۈزۈمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار، بۇ تۈزۈم كىشىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىماقتا. مەن ئاشۇ گېپىمنى ئاڭلىيالايدىغان كىشىلەرگە «سىلەر ئۈمىدسىزلەنمەڭلار» دېگەن سۆزنىلا ئېيتالايمەن. بىز ھازىر مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرماقتىمىز، بۇ پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەپ كېتىشىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ پات ئارىدا يوقىلىشتىن ئىلگىرى ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشى بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ تويماس نەپسىنى قاندۇرۇپ قويايلى. بۇ كىشىلەردىكى ئۆچمەنلىك غايىب بولىدۇ، مۇستەبىتلەرمۇ ھالاك بولىدۇ، ئۇلار خەلقنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان ھوقۇق قايتىدىن خەلقنىڭ قولىغا قايتىپ كېلىدۇ، تاكى بىز ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئەركىنلىك يوقاپ كەتمەيدۇ.

جەڭچىلەر، سىلەر ئۇ ناكەسلەرگە جېنىڭلارنى سېلىپ بەرمەڭلار، ئۇلار سىلەرنى مەنسىتمەيدۇ، سىلەرنى قۇل قىلىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئۇلار سىلەرگە نېمىنى قىلىشنى، قانداق قىلىشنى تاپىلايدۇ، قانداق ھېسسىياتتا بولۇشۇڭلارنى بەلگىلەيدۇ. ئۇلار سىلەرنى مەشققە زورلاپ، غىزادىن قىسىدۇ، سىلەرنى ھايۋان ئورنىدا كۆرۈپ، زەمبىرەككە يەم قىلىپ بېرىدۇ. سىلەر بۇ ئەقلىدىن ئازغان كىشىلەرگە ئىتائەت قىلماڭلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماشىنا ئادەملەر، چوڭلىرى ماشىنا ئادەمنىڭ كاللىسى، بەزىلىرى ماشىنا ئادەملەرنىڭ يۈرىكى. بىراق سىلەر ماشىنا ئادەم ئەمەس، سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئىنسانىي سۆيگۈ بار. ئۆچمەنلەشمەڭلار، پەقەت ھىمايىسىز قالغان ئادەملەردىلا ئۆچمەنلىك بولىدۇ، ئاشۇ ھىمايىسىز قالغان، ئەقلىدىن ئازغان ئىنسانلاردىلا ئۆچمەنلىك بولىدۇ.

جەڭچىلەر، قۇللۇق ئۈچۈن جەڭ قىلماڭلار، ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، «لۇكا گوسپېلى»نىڭ 17-بابىدا يېزىلىشىچە، خروستوس دۆلىتى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بولىدىكەن، بىرەيلەن ياكى بىر توپ كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئەمەس، بەلكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە بولىدىكەن. سىلەردە خەلقنىڭ كۈچى، ئىجادىيەت ماشىنىسىنىڭ كۈچى، بەختنىڭ كۈچى بار، سىلەردە گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلغۇدەك قۇدرەت بار. ئۇنداقتا، دېموكراتىيە ئۈچۈن بىز كۈرەش قىلىپ، يىپيېڭى بىر دۇنيا، گۈزەل بىر دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك، ئۇ ھەربىرەيلەننى خىزمەت پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇ ياشلارغا پارلىق ئىستىقبال، ياشانغانلارغا خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلىدۇ.

ئاشۇ مەلئۇنلار ۋەدىلەر بىلەن چوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ئەمما ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى يالغان، ئۇلار ئەزەلدىن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلغان ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەدىسىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلمايدۇ. مۇستەبىتلەر ئەركىنلىكتىن ئۆزلىرى بەھرىمەن بولۇپ، خەلقنى قۇل قىلىدۇ. ھازىر بىز پۈتۈن دۇنيانى ئازاد قىلىش، دۆلەتلەرنى توسۇقلارنى يوق قىلىش، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، كاجلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز يىپيېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دۇنيادا، ئىلىم-پەن بىلەن تەرەققىيات ھەممەيلەننى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. جەڭچىلەر، دېموكراتىيە ئۈچۈن، بىز بىردەك ئىتتىپاقلىشايلى.

خەننا، سىز دەۋاتقانلىرىمنى ئاڭلاۋاتامسىز؟ مەيلى نەدىلا بولۇڭ، سىز بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قاراڭە، كۆتۈرۈپ بىر قاراڭە، خەننا، قارا بۇلۇتلار تارقىلىپ، قۇياش نۇرىنى چېچىۋاتىدۇ، بىز قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىلىپ، يورۇق مەنزىلگە قەدەم باسماقتىمىز، بىز يىپيېڭى بىر دۇنياغا، بىر سۆيگۈگە تولغا دۇنياغا قەدەم قويماقتىمىز، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلاردىكى ئاچكۆزلۈكنى، ئۆچمەنلىكنى، رەھىمسىزلىكنى بويسۇندۇرىدۇ. بېشىڭىزنى كۆترۈپ قاراڭە، خەننا، ئادەملەرنىڭ روھى قاناتلاندى، ئۇلار ئاخىرى پەرۋاز قىلىدىغان بولدى. ئۇلار ئۈمىد مەنزىلىگە يول ئالدى. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قاراڭە، خەننا، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قاراڭە.







بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى