نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ تەرجىمىھالى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ تەرجىمىھالى

ۋاقتى: 2016-10-02 ئاۋاتلىقى: 3418 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ تەرجىمىھالى


ئۆزىنىڭ نادىر تەرجىمىلىرى ۋە يازمىلىرى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەت بولۇپ كېلۋاتقان ياش تەرجىمان، مۇھەررىر، مۇخبىر، رىياسەتچى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 1985-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزىسى گاڭيېرى كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990–يىلى 9–ئايدىن 1999-يىلى 7-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1999-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە يۇلتۇزباغ بازارلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان. نىدائىي ئۇنىڭ تەخەللوسى بولۇپ، مەنىسى دانىشمەن، دانا، مەسلىھەتچى، يولباشچى دېگەنلەردىن ئىبارەت.

ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدىلا شېئىر يېزىشقا ۋە ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىشقا تولىمۇ ئامراق ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىزىقىشىنى داۋاملىق تەربىيىلەپ ۋە چېنىقتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹تىل ۋە تەرجىمە››، ‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››، «شىنجاڭ ياشلىرى»، ‹‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى››، ‹‹تۇنجى ئەسىرىم›› (توپلام)، ‹‹كۆكبۇلاق›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا، شۇنداقلا نۇقتىلىق تور بېكەتلىرىدە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.

نىدائىي ئۆزىنىڭ دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىكتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 2004-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇش پۈتكۈزگىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي مەكتەپ رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتور–رىياسەتچىسى، مۇھەررىر ۋە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى پائالىيەتلەردە رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم ئۆزى نومۇر ئورۇنلاپ باشقىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. كۆپ قېتىم مەكتەپ تەرىپىدىن ‹‹مۇنەۋۋەر دىكتور- رىياسەتچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر ئورۇنلىغۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر پىروگرامما رىياسەتچىسى›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2006-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹تەلەي يۇلتۇزى›› پىروگراممىسىدا ئاۋاز ماھارىتى كۆرسىتىپ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2007-يىلى 12-ئايدا، ئۇ شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلى ‹‹مەدەنىيەت بوستانى›› پىروگراممىسىغا ئاپتورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ 2011-يىلى 3-ئايغىچە ‹‹ئەنئەنە ــ ئالقىنىمىزدىكى گۆھەردۇر››، ‹‹رىسالە ئۇدۇمى ۋە ئۇنىڭ بايانى››، ‹‹مۇھەببەت–ئۇ گويا بىر ئەزىم دەريا››، ‹‹روھ چەشمىسى، قەلبلەر بايانى-مۇزىكا››، ‹‹ھايات دېمەك – پۇرسەت دېمەكتۇر››، ‹‹مەنىۋى ئەڭگۈشتەر - قۇتادغۇبىلىك››، ‹‹سېغىنىشلىق سالام خەت›› قاتارلىق 100 ساندىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنى مۇستەقىل پىلانلاپ، ئاپتورلۇق قىلغان.


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 2011-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارا تورى ـــ تەڭرىتاغ تورىغا يۆتكىلىپ خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ ھازىر بۇ ئىدارىدە تەرجىمانلىق، تەھرىرلىك، مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. يەنە ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن شىركەت–كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆزى پىلانلاش، ئاپتورلۇق قىلىش ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
نىدائىينىڭ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىدا رىياسەتچلىكمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ گەرچە دىكتور –رىياسەتچىلىك كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئۆزىدىكى راۋان ۋە تەبىئىي سۆز قوراشتۇرۇش ئىقتىدارى، يېزىقچىلىق تالانتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ تاتلىق سۆز – ئىبارىلەرىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ماھىرلىقى، سۆزمەن-يۇمۇرىستىكلىقى، نەق مەيدان سەزگۈسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى، تارىخى، تىل قانۇنىيەتلىرى قاتارلىقلار ھەققىدىكى ئۇنىۋېرسال بىلىمىنىڭ نىسبەتەن مول بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكى بىلەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. نىدائىي شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىمنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان بولۇپ، رىياسەتچىلىك سەنئىتى جەھەتتە ئۇنىڭدىن دائىم تەلىم ئېلىپ تۇرىدۇ.
نىدائىي رىياسەتچىلىك قىلغاندا بىرخىل تەمكىنلىكنى، شۇنداقلا نۇتۇقى ئارقىلىق باشقىلارغا ھەم ھوزۇر ھەم بىلىم بېرىشنى بەكرەك تەكىتلەيدۇ. ئۇ ئادەتتە سۆزلىگەندە بولسۇن ياكى رىياسەتچىلىك قىلغاندا بولسۇن ‹‹سۆزلىگەندە ياكى رىياسەتچىلىك قىلغاندا باشقىلارنى ھوزۇرلاندۇرالايدىغان، نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا باشقىلارنى ئويلاندۇرالايدىغان›› بولۇشتىن ئىبارەت بىر نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
نىدائىي 2007-يىلى 10-ئايدا باشلاپ شىنجاڭ پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ رىياسەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇ ‹‹پارلان›› شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان 50 قېتىمغا يېقىن چوڭ تىپتىكى كارخانىچىلار لېكسىيەسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانىچىلار، سودىگەر–تىجارەتچىلەردىن بولۇپ، جەمئىي 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
نىدائىي يەنە 2008-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، كورلا، چەرچەن، غۇلجا، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى 100 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ 200 مەيدانغا يېقىن ھەرخىل پائالىيەت، يىغىلىش، سەنئەت كېچىلىكى، توي-تۆكۈن قاتارلىقلارنى مۇستەقىل پىلانلاپ ئاپتورلۇق قىلغان ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان.
2012-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ئۇ ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات-تارقىتىش ئىنىسىتىتۇتىنىڭ ئىككى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مۇراسىم رىياسەتچىلىكى»، «پائالىيەت پىلانلاش ۋە ئاپتورلۇق قىلىش»، «سوئال سوراش ۋە ئاڭلاش سەنئىتى»، «رادىيو-تېلېۋىزييە پىروگراممىسى لايىھەلەش ۋە ئاپتورلۇق قىلىش» قاتارلىق بىر نەچچە دەرسنى ئۆتكەن.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 2015-يىلىدىن باشلاپ بارلىق زېھنىنى تەرجىمە ئىشلىرىغا قاراتتى، ئۇ ئىدارىدە ھەر كۈنى نەچچە مىڭ خەتلىك ئاخبارات خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلسا، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆز قىزىقىشى بويىچە كىشىلەر نۆۋەتتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكتىپ مەزمۇنلارنى ئىزچىل تەرجىمە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بىردەك ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى.
ئۇ جۇڭگولۇق داڭلىق كارخانىچى، ناتىق، «ئەلى بابا» گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننىڭ تۈرلۈك مۇھىم سورۇن، پائالىيەتلەردە سۆزلىگەن نادىر نۇتۇقلىرى، كۆزقاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ شىركىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى ھەمدە ما يۈنگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئەڭ كۆپ تەرجىمە قىلغان تەرجىمان بولۇپ قالدى.
ئۇ يەنە ئەركىنلىك جەڭچىسى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ مەرھۇم زۇڭتۇڭى ماندېلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما، ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى شاھرۇھخان، ئامېرىكا «مىكروسوفت» شىركىتىنىڭ بەرپاچىسى بىل گايتس، مەشھۇر ناتىق ئادولف ھىتلېر، دۇنياۋى كاتتا باي لى جياچېڭ، «ئالما ئاتىسى»جوبس، ئاۋسترالىيەلىك ناتىق نىك ۋۇجىسىك، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي، كومېدىيە ئارتىسى چارلېز چاپلىن، جۇڭگولۇق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەن، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى تۇ يوۋيوۋ قاتارلىقلارنىڭ نادىر نۇتۇقلىرىنى، شۇنداقلا باشقا ئىقتىساد، ئىگىلىك تىكلەش، نۇتۇق سەنئىتى، مەشھۇر شەخسلەر، دۇنيادىكى سىرلىق ۋەقەلەرگە دائىر مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا ۋە كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ، ھەرقايسى تور بېكەتلەر ۋە ئۈندىداردا تارقىتىپ، كىشىلەرنى نادىر مەزمۇنلاردىن بەھرلەندۈرۈپ كەلدى.
ئۇ تەرجىمە قىلغان، «بايلىق» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان «دۇنيادىكى 2016-يىللىق 500 كۈچلۈك شىركەت»نىڭ تەرتىپى، «جۇڭگودىكى 2016-يىللىق 500 كۈچلۈك شىركەت»نىڭ تەرتىپى كارخانىچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا تەرجىمە قىلغان چوڭ ھەجىملىك «قوزام، بېشىڭنى سىيلاپ قوياي» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي ھازىر ئىدارىسىدىكى خەۋەر تەرجىمە ۋەزىپىسىدىن سىرت يەنە، ئازراق ۋاقىتنىمۇ قولدىن بەرمەي، ئىقتىساد، ئىگىلىك باشقۇرۇش، نۇتۇق سەنئىتىگە دائىر بىر نەچچە كىتابنى جىددىي تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ.





بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى