خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار
-
خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار
ۋاقتى: 2015-03-14 ئاۋاتلىقى: 3929 قېتىميانفوندا كۆرۈش
خەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار
ئاينۇر نىياز
قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە مۇقەددەس سان قارىشى بار. ئۇيغۇرلار ‹‹يەتتە››، ‹‹توققۇز›› ۋە ‹‹قىرىق›› دېگەن سانلارنى مۇقەددەس بىلىدۇ، بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئېڭىدا خاس قاراش، مەنىۋى ئادەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۆرپ – ئادەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بېيىتقان.مۇقەددەس سان ‹‹توققۇز››. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ‹‹يەتتە››، ‹‹توققۇز››، ‹‹قىرىق›› سانلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان. ‹‹كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى››دا ‹‹كۆلتىگىن ئىلگىرى – كېيىن توققۇز قېتىم باشقا – باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى››، ‹‹كۆلتىگىن توققۇز چىرىكنى نەيزىلىدى›› دېگەندەك بايانلار؛ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‹‹كۆك مەشرىپى››دىكى قوشاقلاردا ‹‹قازىنى ئوتتۇز، قوينى توققۇز، ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق›› دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ. بىزدە يەنە ‹‹ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز›› دېگەن گەپمۇ بار. بۇلاردىن ‹‹توققۇز››نىڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن قەبىلە ناملىرىمۇ ‹‹توققۇز ئۇيغۇر›› (ئىچكى توققۇز) ۋە ‹‹توققۇز ئوغۇز›› (تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇد كاشغەرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ‹‹خاننىڭ قول ئاستىدىكى ۋىلايەتلەر ھەر قانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۈنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ›› دەپ كۆرسەتكەن.خاسىيەتلىك سان ‹‹يەتتە›› ۋە ‹‹قىرىق››. خاسىيەتلىك سان ‹‹يەتتە›› چۈشەنچىسى ‹‹توققۇز›› سانىنىڭ سىرلىق خاراكتېرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سىرلىق سان ‹‹يەتتە››نىڭ زەردۇشت (ئاتەشپەرەسلىك) دىنىي ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئەييەن ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم. ئېيتايلى، ئادەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئادەم ئۆلۈپ يەتتىنچى كۈنى جامائەتكە چوڭ نەزىر بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ‹‹يەتتە›› سانىنىڭ سىرلىق تۈس ئېلىشىنى ھازىر ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىراق ئېتنىك مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى زەردۇشت دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىگە تۇتۇشىدۇ، بۇ قەدىمكى دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ھەممىسى مىلادىيەنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.مۇقەددەس سان ‹‹قىرىق›› چۈشەنچىسى بىرەر دىنىي ئېتىقادقا باغلانمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە تەئەللۇق. ‹‹ئوغۇزنامە›› داستانىدا ‹‹قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى››، ‹‹قىرىق كېچە – كۈندۈز توي قىلدى›› دېگەنگە ئوخشاش ‹‹قىرىق›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنگە توشقاندا ‹‹قىرىق سۈيى›› قۇيۇپ، بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈش، ‹‹قىرىق نەزىر›› قاتارلىق خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىسىدە ‹‹قىرىق››سانى ئەڭ كۆپ، چەكسىز دېگەن مەنەگە ئىگە بولۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدا ئەڭ چوڭ ساننىڭ چېكى دەپ قارالغان. ئۇ ‹‹ئون›› سانىنىڭ ئالەمنىڭ تۆت تەرىپى (شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال)گە تەكرار قوشۇلۇشى ياكى كۆپەيتىلىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدىكى تۆت تەرەپ قارىشى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سىرلىق چۈشەنچە بولۇپ، ‹‹قىرىق›› پۈتكۈل ئالەم مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
يۇمۇر: مۇئەللىمنىڭ دوختۇرنى داۋالىشى
2015-03-26 18:59:064109دۇنيادىكى ئەلئېھراملارنىڭ سانى قانچىلىك؟
2016-07-11 01:18:071000‹‹گۈلىستان››دىكى نۇتۇققا دائىر ھېكمەتلەر
2015-11-01 23:48:004707داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (1)
2015-02-28 17:50:353962ما يۈن: 10 خىل كىشى شېرىكلىشىشكە ئەڭ ماس كېلىدۇ
2015-03-05 12:20:413738لى جياچېڭ نېمىشقا دائىم قارا چاسا رامكىلىق كۆزەي
2016-05-23 12:21:452703ما يۈن ھازىرغىچە قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆ
2016-05-26 02:04:231896داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)
2015-03-01 12:02:263403
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-