ما يۈن ھازىرغىچە قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى؟
-
ما يۈن ھازىرغىچە قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى؟
ۋاقتى: 2016-05-26 ئاۋاتلىقى: 2315 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ما يۈن ھازىرغىچە قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلىرى بىزگە ھەممىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
بېيجىڭ ۋاقتى 2016-يىلى 23-ماي، بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى.
2016-يىلى 17-ماي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ما يۈن بىلەن مەخپىي كۆرۈشتى.
2014-يىلى كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھېي زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ___ <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشۈپ، كورېيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئېلېكتتونلۇق سودا، ئويۇنچۇق، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ما يۈن نۇتۇق سۆزلەشتە زۇڭتۇڭ گارسىيانىڭ ئالدىغا تىزىلدى، يىغىنغا قاتناشقاندا تەبىئىي ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كاتتا چولپىنىغا ئايلاندى. پېرۇ زۇڭتۇڭى گارسىيا ما يۈن ۋە <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىغا يۇقىرى باھا بەرگەن، يېرىم سائەتلىك نۇتۇقىدا ئالتە قېتىم ما يۈن بىلەن <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنى تىلغا ئالغان، گارسىيا ئىنتېرنېت ئېلېكترون ئۇچۇرلىرى تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، <<ئەلى بابا>>نىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ما يۈن بىردىنبىر جۇڭگولۇق كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىگە قاتناشقان.
2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون شاڭخەيدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا پەيدا بولغان. كامېرون شۇ يەردە <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن قىسقا سۆھبەتلەشكەن.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كانادا زۇڭلىسى خابو جۇڭگوغا كېلىپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدىكى 3-قېتىملىق جۇڭگو زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ تۇنجى بېكىتى خاڭجوۋ بولغان ھەمدە <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشكەن.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئېلېكترون ۋە ئالاقە مەھسۇلاتلىرى كەسپىي كۆرگەزمىسى گېرمانىيەنىڭ خاننوۋېردا باشلانغان. 600 دىن ئارتۇق جۇڭگو كارخانىسى بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ما يۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر تەكلىپلىك كارخانىچى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە <<ئەلى بابا>> بايرىقى ئاستىدىكى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرغان.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند پارىژ ئېلىسى سارىيىدا <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىلەن كۆرۈشكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دەھشەت قىزىق يۇمۇرلار
2015-03-11 19:44:253968جۇڭگو ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى كەمتەر سەككىز كارخانى
2016-07-25 18:33:331714ئابدۇرېھم ئۆتكۈر: ئىز (ئېسىل شېئىر)
2015-03-12 23:32:244588ئوتتۇرا ئافرىقا مۇساپىرلىرىنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇ
2015-04-07 11:21:534433ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (1)
2015-08-28 18:17:534898سۈن جىنلوڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن
2016-02-28 01:26:374260ئۇيغۇرلاردىكى ئاق قاشتېشى ئېتىقادچىلىقى
2015-03-15 01:33:344809داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (26)
2015-03-01 23:01:224114
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-