نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت

ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت

ۋاقتى: 2016-07-07 ئاۋاتلىقى: 7869 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى، رېژىسسور ___ سانجاي دۇت


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي


ھىندىستان فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلارغا مەلۇمكى، ھىندىستان فىلىملىرىدە ئۆزى قامەتلىك، كېلىشكەن، كۆزلىرىدىن جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئارتىس كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئارتىس دەل ھىندىستان كىنوچىلىق مۇنبىرىدە زور تەسىرگە ئىگە كىنو چولپانلىرىنىڭ بىرى سانجاي دۇت بولىدۇ. ئۇ 1950-يىللاردا ئىشلىنىپ «خەلقئارادىكى 10 چوڭ كاتتا فىلىم»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان «سەرگەردان» ناملىق فىلىمدىكى «رىتا»نىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس نەرگىسنىڭ ئوغلى بولىدۇ. نەرگىسمۇ ھايات ۋاقتىدا ھىندىستان كىنوچىلىق مۇنبىرىدىكى مەشھۇر ئارتىسلارنىڭ بىرى ئىدى. سانجاينىڭ دادىسى سۇنىل دۇتمۇ ھىندىستاندىكى تونۇلغان ئارتىس، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ، 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋاپات بولغان.

سانجاي دۇت 1959-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ داڭلىق ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى، كومىدىيە ئارتىسى، سىياسىي شەخس، تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىسى. ئۇ دادىسى سۇنىل دۇتنىڭ يېتەكلىشى بىلەن 22 يېشىدا، يەنى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم دادىسى رېژىسسورلۇق قىلغان «روككى» ناملىق فىلىمدا رول ئالىدۇ، بۇ فىلىم يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىدۇ، ئەمما ئاتا-بالا ئىككىيلەن بۇ فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرمەي تۇرۇپلا، دادىسى يېقىن سىردىشى، ئايالىدىن، سانجاي ئاپىسى نەرگىستىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇ يىلى ھىندىستان تارىخىدىكى مەشھۇر ئارتىسلارنىڭ بىرى نەرگىس راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.

سانجاي 1972-يىلى 13 يېشىدا بالا ئارتىس سۈپىتىدە «رېشما ئورشېلا» ناملىق فىلىمدا رول ئالغانىدى. سانجاي 1981-يىلى تۇنجى فىلىمدە رول ئالغاندىن كېيىنكى 20 يىلدا «بوللىۋود» كىنوچىلىق مەركىزىنىڭ ئارتىسى سۈپىتىدە 60 تەك فىلىمدە رول ئالىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى كىنوچىلىق مۇنبىرىدە مۇستەھكەم ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. ھازىر ئۇ «بوللىۋود»نىڭ ئەڭ جەلپكار چولپانلىرى بىرى. 1986-يىلى سانجاي «نام» ناملىق فىلىمدە رول ئالىدۇ، بۇ فىلىم ئۇنىڭ مۇشۇ چاغقىچە ئەڭ ئۇتۇق قازانغان فىلىمى بولۇپ، ۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ فىلىم ئارقىلىق ئۇ ھىندىستاندا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ ھەمدە بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئۇ شۇ تەرىقىدە تۈرلۈك فىلىملەردا ھەرخىل ئوبرازلاردا نامايان بولۇپ تۇرىدۇ ھەمدە كىنو مەستانىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.


ئۇ، بۇ جەرياندا ھىندىستاننىڭ داڭلىق ئارتىسلىرىدىن جەكى شروف، سۇنى دېئۇل، گوۋىندا، مىتۇن چاكرابورتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە بىر تۈرلۈك فىلىملەرگە رولغا چىقىدۇ ھەمدە يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىدۇ. 1990-يىللىرىغان كەلگەندە سانجاي بىر تۈركۈم نادىر فىلىملەردە رول ئېلىپ، ئىككى قېتىم « ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ. سانجاي تازا كۆزگە كۆرۈنۈپ، كىنوچىلىق مۇنبىرىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇۋاتقاندا، ئۇنى بىر رەھىمسىز تەقدىر كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يىللاردا سانجاي دۇت بەئەينى ئۆزى رول ئالغان كىنولاردىكى بىتەلەي كۆرۈنۈشلەرنىڭ رېئاللىقتىكى رولىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

1993-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومبايدىكى ئاكسىيە بىرژىسى، كىنوخانا، بازار قاتارلىق 13 ئورۇندا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جەمئىي 257 كىشى قازا قىلىپ، 800 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ساقچى تەرەپ كېيىن بۇ قېتىمقى پارتلىتىشنى ھىندىستاندىكى قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشى داۋۇد ئىبراھىم بىر قوللۇق پىلانلىغانلىقى دەلىللىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھىندىستان تارىخىدىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئېچىنىشلىق ۋەقە بولۇپ قالغان. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھىندىستان ئالىي سوتى بۇ ۋەقەدىكى ئاساسلىق جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. (بۇ خەۋەر جۇڭگو ئاخبارات تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.)

بۇ قانلىق ۋەقە سانجاي دۇتقىمۇ چېتىلىپ قالىدۇ. ئۇ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا قاتناشقانلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى ئۆيىدە ساقلاپ بەرگەن، دېگەن جىنايەت بىلەن 1993-يىلى 4-ئايدا قولغا ئېلىنىدۇ ھەمدە 16 ئايدىن كېيىن، يەنى 1995-يىلى 10-ئايدا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىدۇ. سوت ئۇنىڭغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ تۆت يىلغىچە كىنو ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى بۇيرۇيدۇ، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بىر نەچچە فىلىمى تاماملانماي تۇرۇپلا تاشلىنىپ قالىدۇ، پەقەت قولغا ئېلىنىشتىن سەل ئىلگىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان بىر فىلىمى 1994-يىلى ئېلان قىلىنىدۇ.

مەن (توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي) ئىلگىرى ئىگىلىگەن سانجايغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۇ قولغا ئېلىنغان مەنزىرە بەئەينى كىنولارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدەك بولۇپ، نۇرغۇن ساقچى ئۇنىڭ داچىسىنى قورشاپ، سانجاينى قولغا ئالماقچى بولغان. بۇ چاغدا سانجاينىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مىڭلىغان مەستانىسى داچىنىڭ ئەتراپىنى قورشىۋېلىپ، ساقچىلاردىن ئۇنى قولغا ئالماسلىقنى تەلەپ قىلغان ھەمدە سانجاينىڭ ئىسمى توۋلاپ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. بۇ چاغدا سانجاي داچىسىدىن مەردانە ھالدا چىقىپ ساقچىلارنىڭ ئالدىغا كەلگەن، ساقچىلار ئۇنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان.

1997-يىلى سانجاي دۇت قولغا ئېلىنىپ كېپىلىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن «دائۇد» ناملىق فىلىمدە رولغا چىقىپ، بىراقلا يۇقىرى بېلەت كىرىمى يارىتىدۇ ھەمدە توردا ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولمىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. 1999-يىلى، سانجاي دۇت ئۈچۈن بىر خەيرلىك يىل بولىدۇ، بۇ يىلى ئۇ رولغا چىققان بەش فىلىمنىڭ ھەممىسىدە بىردەك ئۇتۇق قازىنىدۇ ھەمدە «ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى» مۇكاپاتىغا نائىل بولىدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن 2005-يىلىغىچە «كارتوس»، «داغ»، «ئادالەتپەرۋەر ساقچى»، «جودى»، «پىتاخ»، «كانتې»، «مۇننا ئەپەندى»، «مۇساپىر»، «پىلان»، «كەشمىردىكى ۋەزىپە» دېگەندەك تالايلىغان فىلىملەردە رول ئېلىپ، نۇرغۇنلىرىدا ئۇتۇق قازىنىدۇ، تۈرلۈك مۇكاپات ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ «مۇننا ئەپەندى» ناملىق فىلىمى 2006-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بىر نەچچە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ كىنوچىلىق ساھەسىدە يەنە ئۇتۇق قازىنىۋاتقاندا، 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى قېتىم «قورال يۇشۇرغان ۋە ئىشلەتكەن» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۇ 2007-يىلى كېپىلىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، شۇ يىلى «دامال»، «لوكاندۋالادىكى جەڭ» ناملىق فىلىملەردە رولغا چىقىدۇ، ئۇ 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە يەنە داڭلىق چولپانلاردىن شاھرۇھخان، ئاجەي دېۋگان قاتارلىقلار بىلەن نۇرغۇن فىلىملەردە بىرگە رولغا چىقىدۇ.

2013-يىلى 5-ئايدا، سانجاي دۇت 1993-يىلىدىكى بومبايدىكى پەۋقۇلئاددە زور پارتلىتىش دېلوسى سەۋەبلىك يەنە بىر قېتىم قولغا ئېلىنىدۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەينى يىلى ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىر تۈركۈم قوراللارنى سانجاي داتنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قويغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچى تەرەپ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن سانجاينى قولغا ئالغان ھەمدە 16 ئايدىن كېيىن كېپىلىككە قويۇپ بېرىلگەن. 2013-يىلى 5-ئايدا، ھىندىستان تادا سوتى سانجاي دۇتنىڭ جىنايىتى بار، دەپ ھۆكۈم قىلغان، سانجايمۇ جىنايىتىگە ئىقرار بولغان ھەمدە ئۇنىڭ پۇنا، ناشىك ياكى نەگپۇر تۈرمىسىگە 42 ئايلىق قامىلىدىغانلىقى جاكارلانغان. كېيىن پۇنادىكى مەركىزىي تۈرمىگە قامالغان. سانجاي دۇت ھازىر مۇشۇ تۈرمىدە جازا ئۆتىگەن، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن.

سانجاي دۇت 1989-يىلى ئىشلەنگەن «تەنىدار» ناملىق فىلىمدە ئۆزى بىلەن بىرگە رول ئالغان مەدۇرى دىشىت مۇھەببەتلىشىپ قالىدۇ. سانجاي شەخسىي تۇرمۇشىدا تۇنجى ئايالى رىچا شارما راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ، زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ، كېيىن زەھەرنى تاشلايدۇ. ئۇنىڭ رىچادىن ترىشالا ئىسىملىك بىر قىزى بولۇپ، 1988-يىلى تۇغۇلغان، بۇ قىزى ھازىر بوۋا-مومىسى بىلەن ئامېرىكىدا تۇرىدۇ. 1998-يىلى ئۇ ئۆزى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەندە يېنىدىن ئايرىلماي ھەمراھ بولغان ئۇزۇن يىللىق دوستى، مودېل رىيا پىللاي بىلەن تاج ماھال مېھمانسارىيىدا توي قىلىدۇ، لېكىن 2005-يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ھازىرقى ئايالى مانياتا بىلەن توي قىلىدۇ ھەمدە ئۈچ بالىلىق بولىدۇ، بالىلىرىنىڭ بىر جۈپى قوشكېزەك بولۇپ، ئوغۇلنىڭ ئىسمى شاھران، قىزىنىڭ ئىسمى ئىكارا، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى دىلناۋاز.

سانجاي دۇتنىڭ ھازىرقى ئايالى

رول ئالغان فىلىملىرىدا ھەققانىيەتچى ساقچىلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئاددىي ئاۋامغا يار-يۆلەك بولىدىغان سانجاي دۇت رېئالىقتا ئەنە شۇنداق نەچچە رەت قولغا ئېلىنىپ جىنايەتچىگە ئايلانسىمۇ، تۈرمىدىن چىقىپلا ئۆز فىلىملىرىدە باتۇر، قەھرىمانلارنىڭ، ئادالەتپەرۋەر ساقچىلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىۋەردى. ئۇ خىل ئوڭۇشسىزلىقلار سانجاينى بارغانسېرى مۇستەھكەم تاۋلىدى.

سانجاي دۇت ھازىر ھىندىستان كىنوچىلىق مۇنبىرىدە ھەقىقەتەنمۇ زور تەسىرگە ئىگە شەخس. ئۇ فىلىملىرىدە ھەمىشە ۋاپادار ئوغۇلنىڭ، قىزلارنى ھىمايە قىلىدىغان لەۋزى ھالال ئەركەكنىڭ، ھەققانىيەتچى، ئادالەتپەرۋەر ساقچىنىڭ، ئاجىزلارغا باشپاناھ بولىدىغان مەرد ئەزىمەتنىڭ، ياۋۇز كۈچلەر ئالدىدا ئۆلسىمۇ تىز پۈكمەيدىغان قەيسەر ئوغلاننىڭ ئوبرازى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. سانجاي دۇت كىنوچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن مۇكاپات ۋە شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.

سانجاي دۇت 1992-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە جەمئىي سەككىز قېتىم ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول» دېگەن مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان. 2000-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە جەمئىي بەش قېتىم «يۇلتۇز كىنو مۇكاپاتى»نىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە تۆت قېتىم ھىندىستان خەلقئارا كىنو ئىنىستىتىتۇتىنىڭ «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر قوشۇمچە رول»، «ئەڭ مۇنەۋۋەر كومىدىيەلىك ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006-يىلى، ھىندىستان كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئۈچ قېتىم «يۇلتۇز» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2001-يىلى ۋە 2007-يىلى ئىككى قېتىم ZEE «ئالتۇن پىل» كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلى 2004-يىلى بوللىۋود كىنو مۇكاپاتىنىڭ «ئوبزورچى مۇكاپاتى»، «ئەڭ تەسىر قوزغىغان ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى بېنگال كىنو خەۋەرلىرى مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. سانجاي دۇت يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان نۇرغۇن شان-شەرەپ ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

يېقىندا، داڭلىق مودا ژۇرنىلى Glam mag ئەڭ جەلپكار 100 نەپەر ئەر چولپاننى باھالاپ چىققان. بۇ تىزىملىككە يۇشۇرۇن كۈچى زور، ئەقىل-پاراسەتلىك، يۇمۇرىستىك، جەلپكار ۋە ئىنتىلىشچان ئەر ئارتىسلار كىرگۈزۈلگەن. ھىندىستانلىق كىنو چولپىنى سانجاي دۇتمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بۇ سانجاي دۇتنىڭ 2016-يىلى يەنە بىر قېتىم «ئەڭ جەلپكار ئەر چولپان» بولۇپ باھالىنىشى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە baidu، wikipedia، cn.mediamass.net، bing قاتارلىق 10 غا يېقىن تور بەتتىن رەتلىنىپ يېزىپ چىقىلدى ۋە تەرجىمە قىلىندى. مەن بۇ ئارقىلىق بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ ئىمكانقەدەر تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىم. ھىندىستان، پاكسىتان ئارتىسلىرى بىلەن خوشى يوقلارنىڭ ئالتۇن كەبىي قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ ئوقۇپ يۈرمەسلىكىنى، بىر مىنۇت بولسىمۇ ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋېلىشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

بالا ۋاقىتلىرىدىكى سانجاي دۇت ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە.

بالا ۋاقىتلىرىدىكى سانجاي دۇت سىڭلىسى نامراتا بىلەن بىرلىكتە.

بالا ۋاقىتلىرىدىكى سانجاي دۇت ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە.

سانجاي دۇت ئاتىسى سۇنىل دۇت، ئاپىسى نەرگىس دۇت، ئىككى سىڭلىسى نامراتا، پرىيا بىلەن بىرلىكتە.

سانجاي دۇت ئاتىسى سۇنىل دۇت، ئاپىسى نەرگىس دۇت، ئىككى سىڭلىسى نامراتا، پرىيا بىلەن بىرلىكتە.

1981-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، سانجاينىڭ ئاپىسى، ھىندىستان كىنوچىلىق تارىخىدىكى مەشھۇر ئارتىس نەرگىس ۋاپات بولىدۇ. سانجاي ئاتىسى بىلەن بىرلىكە ئاپىسىنىڭ نامىزىدا.

سانجاي ئاتىسى بىلەن بىرلىكە ئاپىسىنىڭ نامىزىدا.

سانجاي ئاتىسى بىلەن بىرلىكتە كىنو سۈرەتكە ئالماقتا.

سانجاي ئاتىسى بىلەن بار ساكلېينىڭ بەخت تىلىشىگە مۇيەسسەر بولدى.

سانجاي دۇت ۋە ئاتىسى 1993-يىلى بومبايدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن سوتلاندى.

1993-يىلى، سانجاي دۇت ئاتىسى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بەلگىلەنگەن سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلدى.

سانجاي دۇت 1995-يىلى 10-ئايدا قويۇپ بېرىلدى.

سانجاي دۇت 2013-يىلى 5-ئايدا 1993-يىلىدىن بومبايدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن يەنە تۈرمىگە كىردى.


سانجاي دۇتنىڭ باشقا سۈرەتلىرىگە نەزەر





بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى