داڭلىق باي بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسى
-
داڭلىق باي بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسى
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 3457 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسىمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
دۇنيا بويىچە ئۈچىنچى باي، مەبلەغ سېلىش پىرى بۇففىتنىڭ 2012 – يىللىق چۈشلۈك غىزاسى 3 مىليون 456 مىڭ دوللارغا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلدى. 2007 – يىلىدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىش باھاسى 610 مىڭ دوللار ئىدى، 2008 – يىلى بىراقلا 2 مىليون 100 مىڭ دوللارغا ئۆرلىگەن .ئىقتىساد كاساتلاشقانسېرى بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسى نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟ بۇنىڭدىن پۈتۈن دۇنيادا كارخانا قۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ سۇسلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى،كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادتىن بارغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىۋاتقانلىقىنى، مەبلەغ سېلىپ كۆپ پۇل تېپىش كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.بوففىتنىڭ چۈشلۈك غىزا يەيدىغان ئورنى ‹‹سىمىس ۋە ۋوللىنىسكىي›› رېستورانى بولۇپ، مانخاتتاندىكى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان جايدىكى بۇ رېستوراننىڭ قېنىق يېشىل تېمىغا ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان.بۇ رېستوراندا بۇففىت يەيدىغان غىزا ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، باھاسى يۈز دوللاردىن ئاشمايدۇ. كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋالغان كىشى يەتتە دوستىنى ئېلىپ بۇففىت بىلەن بىللە غىزالىنالايدۇ ، بىللە غىزالىنىدىغانلار توققۇزدىن ئېشىپ كەتمىسىلا، تاماق ھەققى 1000 دوللاردىن ئاشمايدۇ.بۇ رېستوران ‹‹ئاز پۇل خەجلەپ،چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش››تىن ئىبارەت ئارزۇنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسىغا تايىنىپ دۇنياغا تونۇلغان.بۇففىت بىر قېتىملىق تاماقتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆزىگە ئىزباسار تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپلا قالماستىن، ھەتتا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقىغان.بۇففىت 1 مىليارد 800 مىليون شياڭگاڭ دوللىرىغا ‹‹BYD››نىڭ 225 مىليون پېيىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ‹‹BYD››نىڭ خوجايىنى بىلەن بىر قېتىملىق چۈشلۈك غىزادا بىللە بولۇپ، شىركەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، ‹‹BYD››نىڭ پاي چېكى ئۆرلەپ كەتتى. ھازىر ‹‹BYD››نىڭ پاي چېكى باھاسى 23 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، باففىت ئۇنىڭدىن 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى.ئۇنداقتا شۇنچە پۇل خەجلەپ بۇففىت بىلەن چۈشلۈك غىزادا بىللە بولغانلار ‹‹ئەخمەق›› مۇ؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا چوتى بار!2008 – يىلى ‹‹BYD››نىڭ خوجايىنى بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسىنى 2 مىليون 100 مىڭ دوللارغا كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋالغان بولۇپ، چۈشلۈك غىزادا بىللە بولغاندا، ئۇ بۇففىتقا ‹‹ۋۇمېي›› سودا شىركىتىنىڭ پېيىنى سايە قىلغاچقا ، بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ 156 مىليون شياڭگاڭ پۇلى پايدا ئالغان.تېد ۋېيىسلېر 2010 – يىلى ۋە 2011 – يىلى 5 مىليون دوللار خەجلەپ، ئىككى قېتىم بۇففىت بىلەن چۈشلۈك غىزادا بىللە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، بۇففىتنىڭ بۇركېسۋىل – خاساۋى شىركىتىگە كىرىپ، 110 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق سېلىنمىنى باشقۇرۇۋاتىدۇ!بۇففىتنىڭ چۈشلۈك غىزاسىنى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىۋالغانلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۇل ياكى خىزمەت تاپقان بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەقسىتى: دۇنيادىكى چوڭ تاراتقۇلار خەۋەر قىلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان بۇ تەشۋىقات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئسائىل نىدائىيئەسكەرتىش: سالونچىلارنىڭ ئىجازەتسىز ھالدا قالايمىقان ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش
2016-07-15 13:27:234445ئامېرىكىلىق داڭلىق كىنو چولپىنى تام كروس
2015-02-07 00:35:594450ئاتاقلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ـــ لى ليەنجيې
2016-01-01 22:29:1610782پاكىستاندىكى كېۋرا تۇز كېنى مەنزىرىگاھى
2015-04-09 18:37:144555مىنگونىڭ دەسلىپىدە شىنجاڭدا ئوبوروت قىلىنغان چەت
2015-02-11 18:53:035003مۇھەممەد رەھىم: ياۋاشلىق
2015-02-05 13:43:333997قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز
2015-03-14 20:35:413843قۇتلۇق نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى
2015-03-15 22:32:424385
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-