نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئاتاقلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ـــ لى ليەنجيې

ئاتاقلىق ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى ـــ لى ليەنجيې

ۋاقتى: 2015-02-27 ئاۋاتلىقى: 10559 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئاتاقلىق ھەرىكەت فىلىم چولپىنى ___ لى ليەنجيې


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


لى ليەنجيې جۇڭگونىڭ خەلقئاراغا داڭلىق كىنو ئارتىسى، ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى، چامباشچىلىق ئۇستازى، خەير–ساخاۋەتچى، ‹‹بىر يۈەن فوندى››نىڭ باشلامچىسى، خەلقئارا چامباشچىلار بىرلەشمىسى جۇڭگو چامباشچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى. ئۇ 1963–يىلى 4–ئاينىڭ 26–كۈنى بېيجىڭدا بىر ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئانىسى ئۆزى بەش بالىنى ۋە ياشانغان ئاتا–ئانىسىنى بېقىپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە مەجبۇر بولىدۇ.

ئاتاقلىق گۇمپا ئۇستازى، خەلقئارالىق كاتتا چولپان لى ليەنجيې باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2–يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان تەتىل مەزگىلىدە، ئۆزىدىكى تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپ، مەكتەپنىڭ چامباشچىلىق تەربىيەلەش سىنىپىدا تەربىيەلەنگەن. 1971–يىلى ئۇ بېيجىڭ چامباشچىلىق ئەترىتىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋۇ ۋۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چامباشچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.

بىر مەزگىللىك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، مەشىق بارغانچە جاپالىق تۇيۇلۇشقا باشلىغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىر قىسىم بالىلار مەشىقتىن چېكىنىپ، 20 بالىنىڭ ئىچىدە تۆتەيلەنلا مەشىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىغان. بىر يىلدىن كېيىن ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن لى ليەنجيې ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىملىق چامباشچىلىق مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلغان. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دىن بۇيانقى ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت دەرىجىلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسى ئىدى. بۇ مۇسابىقىنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيۇشتۇرمىغاننىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق مۇكاپات بۇيۇمىمۇ يوق ئىدى. بىردىنبىر مۇكاپات پەقەت ‹‹غەلىبە قىلغۇچى›› دېگەن قۇرۇق نامدىنلا نامدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن چامباشچىلىق ماھىرلىرى ئىدى. مۇسابىقە شەندوڭنىڭ جىنەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ لى ليەنجيېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆيىدىن ئايرىلىشى، شۇنداقلا ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن ئايرىلىشى ئىدى. شەندوڭغا ماڭىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ بارماسلىقنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا جىنەنگە بېرىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ چېمپيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا توققۇز ياشتا ئىدى.


ئۇ بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر پارچە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا ئۇنىڭ ھازىردىن باشلاپ يېرىم كۈن ئوقۇپ، يېرىم كۈن چامباشىچلىق مەشىق قىلىشى تەكىتلەنگەنىدى. چۈنكى جۇڭگو ئەينى ۋاقىتتا بىر قېتىملىق تاشقى ئىشلار مۇسابىقىسى ـــ ئاسىيا–ياۋروپا–لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تىكتاك توپ مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇ مۇسابىقنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم نادىر نومۇرلىرى ئورۇنلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا جىڭجۈ تىياتىرى، ئۇسسۇل، شۇنداقلا چامباشىچلىق نومۇرلىرىمۇ بار ئىدى. چامباشچىلىق بويىچە بەش نومۇر بولۇپ، لى ليەنجيې بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ نومۇردا ماھارەت كۆرسىتىدۇ. تاماشىبىنلار ئۇنىڭ ماھارىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، چامباشچىلىقتا خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ.

مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى جۇۋ ئېنلەي ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. لى ليەنجيې بۇ چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىر دۆلەتنىڭ زۇڭلىسىنىڭ بىر كىچىك بالىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ماھارىتىنى ماختاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئىنتايىن كاتتا شەرەپ ھېسابلىنىدۇ. مەندەك ئەمدىلا توققۇز ياشقا كىرگەن بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئىش بولدى.

1974-يىلىدىن 1979–يىلىغىچە لى ليەنجيې ئۇدا بەش قېتىم مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە چېمپيۇن بولۇپ، تەڭتۇشلىرى تەرىپىدىن ‹‹جاھاندا تەڭدېشى يوق چامباشچىلىق پىرى›› دېگەن نامغا ئېرىشىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇكاپات بېرىدۇ.

لى ليەنجيې 17 يېشىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا، ئافرىقا، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيالاردا چامباشچىلىقتىن ماھارەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ چامباشچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىشتىن بۇرۇن دۆلەتكە ۋاكالىتەن 40 نەچچە زىيارەتكە چىقىدۇ. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ماھارىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى نىكسون ئۇنى ئۆزىنىڭ مەخسۇس قوغدىغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ رەت قىلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنىدى.

ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن، بېيجىڭ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ چامباشچىلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. 1974–يىلى مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. 1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە مەملىكەتلىك چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپيون بولىدۇ ھەمدە بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەن 70–يىللاردىكى چامباشچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ غالىب سەركىسىگە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭخۇا چامباشچىلىقىدىكى ‹‹بىرىنچى ئۇستاز›› بولۇپ قالىدۇ. لى ليەنجيې ھازىر سىنگاپور دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئىلگىرى شياڭگاڭ، ئامېرىكا، سىنگاپورلاردا تۇرغان.

1982–يىلى ئىشلەنگەن ‹‹شاۋلىن ئىبادەتخانىسى›› ناملىق فىلىمدە باش رول ئېلىپ ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىمدە رول ئېلىش ھاياتىنى باشلايدۇ. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھازىرغىچە ‹‹جەنۇبىي، شىمالىي شاۋلىن››، ‹‹جۇڭخۇا قەھرىمانى››، ‹‹خۇاڭ فېيخۇڭ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹فاڭ شىيۈ›› يۈرۈشلۈك فىلىملەر، ‹‹قەھرىمان››، ‹‹جىڭۋۇ قەھرىمانى››، ‹‹جۇڭنەنخەيلىك مۇھاپىزەتچى››، ‹‹دادىغا يېزىلغان خەت››، ‹‹قاتىللار شاھى››، ‹‹تەيجى جاڭ سەنفېڭ››، ‹‹قۇتقۇزغۇچى››، ‹‹خو يۇەنجيا››، ‹‹گۇمپا شاھى››، ‹‹مۇمىيا››، ‹‹ئەزىمەتلەر ئەترىتى››، ‹‹ئاق يىلان رىۋايىتى›› قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئىشلەنگەن كۆپلىگەن ھەرىكەتلىك فىلىملەردە باش رول ئالغان. رول ئالغان فىلىملىرى بېلەت كىرىمى جەھەتتە يۇقىرى سەۋىيە يارىتىپ، نۇرغۇن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان بولۇپ، بەزى فىلىملىرىنىڭ بېلەت كىرىمى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

لى ليەنجيې 2007-يىلى <<بىر يۈەن>> فوندى جەمئىيىتىنى قۇرغان، بۇ جەمئىيەت جۇڭگودىكى تۇنجى پۇقرالار قۇرغان، ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدىغان فوندى جەمئىيەت بولۇپ قالغان، ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.

2008-يىلى، لى ليەنجيې 27-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنو ئالتۇن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا <<ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس>> بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى <<ئىجتىمائىي كارخانىچى>> دېگەن نام بىلەن جۇڭگو كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇ يىلى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى بولغان. 2011-يىلى 4-ئايدا، لى ليەنجيې بىلەن <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن بىرلىكتە <<تەيجىچەن>> خەلقئارا مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان، لى ليەنجيې شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغان.

2013-يىلى، لى ليەنجيې <<30 يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا چامباشچىلىقىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخس>> بولۇپ باھالانغان.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى