يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر – – توقسۇ
-
يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەر – – توقسۇ
ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 3615 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئابلەت نۇردۇن
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
توقسۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى چېتىگە، ئۆگەن دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىغا جايلاشقان. شەرقىي كۇچا ناھىيەسى بىلەن، جەنۇبىي شايار ناھىيەسى بىلەن، غەربىي ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن، شىمالى باي ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ.توقسۇ قەدىمكى زامانلاردا غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى كۇچا بەگلىكىگە تەۋە ئىدى. مىلادىي 91 – يىلى خەن سۇلالىسى كۈسەننىڭ چەنچىڭ (بۈگۈنكى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۈچقات ئەتراپى) دا غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى قۇرغان ، بۇ جاي ئەينى چاغدا غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي – ئىقتىساد مەركىزى بولغان. توقسۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسىگە، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قاراقىتان (غەربىي لياۋ) خانلىقىغا، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە بېشبالىق (بەش شەھەر) گە ئىتائەت قىلغان. 1759 – يىلى چىڭ سۇلالىسى كۇچاغا خان ئامبال قويۇپ، ھازىرقى كۇچا، شايار، توقسۇ ناھىيەلىرىنى ئىدارە قىلغان، 1922 – يىلى توقسۇغا ئامبال ياردەمچىسى قويۇلغان، 1930 – يىلى توقسۇ ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان.توقسۇ دېگەن نامنىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلا مەۋجۇت . بەزىلەر ‹‹توقسۇ›› دېگەن سۆز ‹‹سۈيى ئەلۋەك (مول)›› دېگەن مەنىدە، توقسۇ ناھىيەسى ئۆگەن دەرياسىنىڭ باش قىسمىغا جايلاشقاچقا، سۈيى مول، زىرائەتلەر سۇغا قانىدۇ، شۇڭا بۇ يۇرت ‹‹توقسۇ›› دەپ ئاتالغان، دەپ قارايدۇ.توقسۇ ناھىيەسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرى ۋە مەنزىرىگاھلاردىن ئۈچقات قەدىمىي شەھىرى، چولاقشەھەر قەدىمىي شەھىرى، قىزىلشەھەر قەدىمىي شەھىرى، تاجىك قورۇ قەدىمىي شەھىرى، چارەك شەھەر قەدىمىي شەھىرى، بۇتباش قەدىمىي شەھىرى، يۇلغۇن شەھەر قەدىمىي شەھىرى، توپا شەھەر قەدىمىي شەھىرى، توغراق ئېقىن مىڭئۆيى، يانتاققۇدۇق خارابىسى، يۇلغۇن شەھەر قەبرىستانلىقى، تۇزتۇر قاتارلىقلار بار.تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چ
2016-03-12 23:35:143856ھىتلېر شىزاڭغا ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى ئەۋەتىپ نېم
2016-04-07 19:07:062575تۇرپاندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر
2015-05-04 00:02:456773ھىندونېزىيەدىكى چەكمە بەدەنلىك قەبىلە
2015-08-12 16:26:584180جۇڭگونىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىش
2016-02-04 23:20:235296داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)
2015-03-01 12:02:263626دۇنيا بويىچە خادىمى ئەڭ كۆپ 50 شىركەت
2015-12-20 12:41:586667نىدائىي: نورۇزغا سۆز
2015-03-18 22:18:404571
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-