نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى

ۋاقتى: 2016-07-15 ئاۋاتلىقى: 6874 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېينىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 14-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت II تېرېسا مېينى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىكىگە رەسمىي تەيىنلىدى. شۇنداق قىلىپ، تېرېسا مېي ساچېر خانىمدىن كېيىنكى ئەنگلىيە تارىخىدىكى 2-ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىملىق نۇتۇقىنى سۆزلىگەن.


نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
مەن تېخى باياتىنلا بۇككىڭخام ئوردىسىدىن كەلدىم، ئۇ يەردە ئايال پادىشاھ ئالىيلىرى يېڭى ھۆكۈمەتنى تەشكىللەشكە بۇيرۇق قىلدى، مەن بۇ بۇيرۇقى قوبۇل قىلدىم.
داۋىد كامېرون ھۆكۈمىتىدە، مەن بىر ئۇلۇغ باش ۋەزىرنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم. داۋىدنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خامچوت قىزىل رەقىمىنى ئازايتىپ، ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەتكە سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
ئەمما داۋىدنىڭ ھەقىقىي مىراسى ئىقتىسادتا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئادىللىقتا. ھەمجىنىسلار نىكاھىغا قانۇن تۇرغۇزۇلۇشتىن تارتىپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ تاپاۋەت بېجىنى بىكار قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈلىدۇ.
داۋىد كامېرون بىرلىككە كەلگەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلدى، مەنمۇ مۇشۇ خىل روھ بويىچە كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىمەن. گەرچە ھەممەيلەنگە ئايان بولمىسىمۇ، ئەمما مېمىڭ پارتىيەمنىڭ نامى كونسېرۋاتىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسى. «بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن بۇ سۆز ماڭا نىسبەتەن بەك مۇھىم. بۇ سۆز بىزنىڭ بىرلىششىش، جۈملىدىن ئېنگلاند، شوتلاندىيە، ۋېلش ۋە شىمالىي ئېرلاندىيەلەرنىڭ بىرلىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەمما بۇ سۆزنىڭ يەنە باشقا ئوخشاش دەرىجىدىكى مۇھىم مەنىلىرىمۇ بار. ئەنگلىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئارا بىرلىشىشتىن باشقا، ئۇ يەنە بىزنىڭ بارلىق پۇقرالار ئارىسىدىكى بىرلىشىشكە، كېلىپ چىقىشىمىز، سالاھىيىتىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ھەممىمىزنىڭ بىرلىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ خىل بىرلىشىش قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئادالەتسىزلىك پەيدا قىلغان ئازاب-ئوقۇبەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقتىن، باشقىلاردىن توققۇز يىل ئاز ياشىماقتا. بەزىلەر تېرىسى قارا بولغانلىقتىن، ئەدلىيە سىستېمىسىدا ئاق تەنلىكلەردىنمۇ ئۆتەر شەپقەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتا. ئاق تەنلىكلەرنىڭ مائاشلىق ئائىلىلىرىدە تۇغۇلسىمۇ، ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇمىقى بەك تەس بولماقتا. ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبلىك، كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتا خۇسۇسىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغىمۇ يەتمەيۋاتىدۇ.
جىنس چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، ئاياللارنىڭ كىرىمى ئەرلەرنىڭكىدىن ئاز بولماقتا. روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، بەزىلەر يېتەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆي ئېلىش ھەرقانداق دەۋردىكىدىن تەسكە توختىماقتا.
ئەمما ئەنگلىيەنى ھەممەيلەنگە ماس كلېىدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ بۇرچ پەقەت ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
ئادەتتىكى ئىشچى ئائىلىسىدىكىلەر پارلامېنت ئەزالىرى ئويلىغاندىنمۇ بەكرەك قىيىنچىلىقتا ياشايدۇ. بەزى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت كاپالىتىمۇ يوق. ئۆيى بارلار بانكا قەرزىدىن ئەنسىرەيدۇ. تۇرمۇشىنى ئاران قامداپ كېتىۋاتقانلار تۇمۇرش تەننەرخى ۋە بالىلىرىنىڭ تېخىمۇ تەربىيەلىنىشى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ.
ناۋادا سىز مۇشۇنداق ئائىلىلەردە بولغان بولسىڭىز، ناۋادا سىز تۇرمۇشىڭىزنى ئارانلا قامداپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، مەن سىزگە شۇنداق دېمەكچىمەنكى: «مەن سىزنىڭ كۈن بويى ئالدىراش-تېنەش يۈرۈۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، مەن سىزنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، مەن تۇرمۇشتا بەزىدە شۇنداق قىيىنچىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەت سىلەرنىڭ غېمىڭلارنى يەيدۇ، ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى ئالاھىدە ھوقۇقدار كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ.»
بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىپ، سىلەرنى تۇرمۇشتا خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىمىز. زور ئىشلارنى قارار قىلىدىغاندا، بىز سىلەرنى ئويلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ھوقۇقدارلارنى ئەمەس. يېڭى قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغاندا، بىز سىلەرنىڭ يۈرەك سادايىڭلارغا قولاق سالىمىز، ھەرگىزمۇ تەسىرى زور شەخسلەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايمىز. باجنى بېكىتىدىغاندا، بىز سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمىز، ھەرگىزمۇ مۈلۈكدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس. پۇرسەت كېلەي دېگەندە، بىز پەقەت ئاز ساندىكى ھوقۇقدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېرەن قىلىپ ئولتۇرمايمىز. بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىكنىڭ روناق تېپىشىغا ياردەم بېرىمىز، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە قارىمايمىز.
بىز بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچتا ياشىماقتىمىز. پۇقرالار ئاۋاز بېرىشىدىن كېيىن، بىز دۆلەتنىڭ ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت غايەت زور ۋەزىپىگە دۇچ كەلدۇق. مەن بىر بىرىتانىيەلىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ رىقابەتكە يۈزلىنەلەيدىغانلىمىزنى بىلىمەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش بىلەن بىرگە، بىز ئەنگلىيەگە بىر يىپيېڭى، دادىل، ھەققانىي دۇنياۋى ئوبراز يارىتىمىز. بىز ئەنگلىيەنى ھەممەيلەننىڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇرىمىز، ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى ھوقۇقدارلارنىڭ دۆلىتىگە ئەمەس.
بۇ مەن رەھبەرلىك قىلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ بۇرچى، بىز تېخىمۇ گۈزەل ئەنگلىيەنى ئورتاق قۇرۇپ چىقايلى!



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى