نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلەر

داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلەر

ۋاقتى: 2016-06-23 ئاۋاتلىقى: 6384 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرلىرىنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلەر


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ تەبرىك سۆزى ئادەتتە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىنى نامايان قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى، ئوخشىمىغان داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان مەكتەپ مەدەنىيىتى بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتچان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى درېۋ فائۇستنىڭ تەبرىك سۆزى بولسۇن، مەيلى پۇرسەت ۋە ئېچىۋېتشكە بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى چارلېس ۋېستنىڭ نۇتۇقى بولسۇن، ھەممىسىدە ئۆز مەكتەپلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

تۆۋەندە بىز دۇنيادىكى بىر قىسىم داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىنىڭ تەبرىك سۆزى ۋە نۇتۇقلىرىدىن شۇ مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:


خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى درېۋ فائۇسنىڭ 2015-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا قىلغان تەبرىك سۆزىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: بۇ مەنپەئەتپەرەس دەۋردە، بىزنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئۇلارغا تايىنىپ ياشايدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى.

بۇ بىر ئۆزتارتىم، يەنە ئۆزتارتىم كالتىكى بولغان دەۋر. ئەستايىدىل ئويلاپ باقايلى، ناۋادا جەمئىيەتتىكى ھەربىرەيلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزتارتىم سۈرىتى چۈشۈپلا كۈن ئۆتكۈزسە، بۇ جەمئىيەت نېمە بولۇپ كېتەر؟ دۇنيا بىزگە پەقەت ئۆتكۈنچىدۇر، بىز ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالغان، ھەقىقىي مەنىدىكى بىز ئۆزىمىز ۋە بىزنىڭ ئۆزتارتىم سۈرەتلىرىمىزدىنمۇ بىپايان بولۇشى كېرەك. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتى دەل بىزدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت.


ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى لى Cبولىنجيېنىڭ 2012-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: كوللېكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق يېڭى دۇنيا بەرپا قىلايلى

بۇ يەردە، سىز قايسى ساھەدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان بولۇڭ، مەيلى نۆۋەتتىكى ئىنسانلار تەمىنلىگەن ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولۇڭ، بۇ سىزنىڭ ئاللىقاچان بىر خىل مۇنەۋۋەر، ئۆلچەملىك ئىچكى ئۆزگىرىش ياسىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا توغرا باھا بېرەلەيسىز، بۇ سىزنىڭ ھەقىقىي مۇتەخەسسىس ۋە ئىجادچان ئىختىساسلىقلارغا بولغان قايىللىقىڭىز ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.


ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى رىچارد J لېۋىننىڭ 2010-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا قىلغان تەبرىك سۆزىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىۋالايلى

سىلەر قۇرداشلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى تەربىيە ئالغان كەلگۈسىنىڭ يولباشچىلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، ئىدېئولوگىيە ۋە پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممەڭلەرگە ئالدىڭلار. سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلارنىڭ قالتىس ئەقىل-پاراسىتىڭلار ۋە مۇنازىرە قىلىش روھىڭلار بىلەن سىياسىي قارارلارنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشۈڭلار كېرەك. سىلەر چوقۇم پۇقرالىق سالاھىيىتىڭلار بىلەن دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشۇڭلار كېرەك.


ئاۋسترالىيە سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سپېنسېرنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

مەن سىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئىلگىرىكىدىنمۇ كۆپ ئىقىدارلىق قوراللارغا ئىگە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى سورىشىڭلارنى، تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ تېخىمۇ قايناق ھاياجان بىلەن تۈرلۈك نۇقتىئىنەزەرلەرگە رىقابەت ئېلان قىلىپ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى قارار قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ ئىشەنچكە تولۇپ ئۆز نۇقتىئىنەزىرىڭلارنىڭ قوغدىشىڭلارنى ھەمدە باشقىلارنىڭ پىكرىنى زەن سېلىپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى چارلېس M ۋېستنىڭ 2002-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: پۇرسەت ۋە ئېچىۋېتىشچانلىق

بۇ دەۋر بىزگە كۈچلۈك ئىجاد قىلىش روھى ۋە تەجرىبىلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى، بىر يېڭىلىققا تولغان ئىدىيە سىلەرگە ئىجادىيەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، بۇ جاي ۋە دۇنيادىكى باشقا جايلاردا ھاياتىي كۈچە تولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قۇرۇپ چىقالايدۇ، مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى قىلالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.


ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شېرلېي تىلماننىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى نۇقۇل ھالدىكى ئوقۇتۇش خادىملىرىغا ۋە دەرسلىككە تايىنىپ غەلىبە قىلغان ئەمەس، بىز قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ سىزگە باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىمىز. مەن سىلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۆزقاراشلارغا قارىتا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇشۇڭلارنى ھەمدە ئۆزۈڭلار قەتئىي ئىشەنگەن نەرسىلەرنى جان تىكىپ قوغدىشىڭلارنى، ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆزۈڭلارغا يۇقىرى ئۆلچەمدە تەلەپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەيمى گۇدماننىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر كۈچ-قۇۋۋىتىڭلار ۋە ئىرادەڭلارنى نامايان قىلىڭلار. بۇ سىلەردە بار بولغان باتۇرلۇق بولۇپ، بىر كىشىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشتىكى ئەقەللىي ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، پەقەت ئىتتىپاقلاشساڭلارلا، ھەقىقىي ئۇتۇق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرەلەيسىلەر.


ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى كرىستوفنىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: ھاياتلىق سەپىرى ۋە ئۆگىنىشنىڭ قىممىتى

ھەقىقىي رىقابەت __ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىلەرگە يەتكۈزگەن بىلىملىرىنى قانداق تەدبىقلاشتىن ئىبارەت. سىلەر چوقۇم ئۆگىنىش ئارزۇسىنى ساقلاپ قېلىشىڭلار، مۇنداقچە ئېيتساق، سىلەر كىتاب ئوقۇيدىغان روھ، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋاقىت، شۇنداقلا كۈندىلىك ئۇششاق-چۈششەك ئەھمىيەتسىز ئىشلاردىن خالاس بولىدىغان قايناق ھېسسىيات ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى ئىزدىشىڭلار كېرەك. ئۆگىنىشنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئاسان ئەمەس، ئەمما ناۋادا سىلەر شۇنداق قىلالىساڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ ھايات سەپىرىڭلارغا يېڭى مەنە قوشىدۇ.


ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پېتېر شالوۋىنىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: مىنەتدارلىقنى ئۆگىنىۋالايلى

مىنەتدارلىقنى بىلىدىغان كىشىلەر باشقىلارغا ناھايىتى ئاز ھەسەت قىلىدۇ، قەلبى مىنەتدارلىققا تولغا كىشىلەر تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا تېخىمۇ ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىق كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇلار مۈشكۈلچىلىكتە قالغان تەقدىردىمۇ، ھامان گۈزەل نەرسىلەرنى بايقىيالايدۇ، باشقىلار ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، كىشىلەر ئىلگىرى ئۆزلىرىدىن ئىزچىل ھالدا مىنەتدار بولۇپ كەلگەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى بەكرەك خالايدۇ.


ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى پېتېر شالوۋىنىڭ 2015-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: دۇنيانى ياخشىلايلى

دۇنيانى ياخشىلاش ئىنتايىن مۈشكۈل، رىقابەتچانلىقى كۈچلۈك بىر ئىش، يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش سىزنىڭ ھاياتىڭىز بىلەن ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق. ئۇنىڭدا «تۆۋەن چەك»مۇ يوق. ئۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ رىقابەت شۇكى، بىر ئۆمۈر تىرىشقان تەقدىردىمۇ، دۇنيا يەنىمۇ ياخشىلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ھەتتا بارغانسېرى ھەسسىلەپ تىرىشىشقا مۇھتاج بولىدۇ.


ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مارى كورماننىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى بىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئىپتىخارىمىز

سىلەر ئەمەلىي يېشىڭلاردىن ھالقىغان تەپەككۇرۇڭلار ئارقىلىق ئېھتىياتچان ۋە ئەتراپلىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىڭلار، مۇستەھكەم ئىرادەڭلار ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەممىنى ئۆزگەرتىڭلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىكلار سىلەرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ.


ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى داۋىد سكوتتونننىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: تىرىشىپ تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ ۋە مەنىگە تولغان كەلگۈسى يارىتايلى

ئۆزۈڭلارنىڭ ئارزۇيىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئىقتىدارىڭلارغا ئىشىنىڭلار. ئۆزۈڭلار باشقىلارغا ياردەم قىلىڭلار، بۇ بىر خىل ياخشى ئايلىنىشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلغار تەپەككۇرۇڭلار ۋە ئىرادەڭلار ئارقىلىق مول مەنىلەرگە تولغان، تولۇپ تاشقان كەلگۈسى بەرپا قىلىڭلار، تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ گۈللەنگەن، سىجىل تەرەققىي قىلغان دۇنيا بەرپا قىلىڭلار.


ئامېرىكا شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جوسېپ ئائوننىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ئۆزىنى بېيىتىش

سىلەر ئىقتىدارىڭلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئاخىرقى نىشانىڭلار شۇ بولسۇنكى، بىز دۇنيادىكى ئېرىشىش ئىقتىدارىمىز ۋە ئۆزئارا ئىقتىدارىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئىقتىدارىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. بىز تېخى قىلمىغان مۇھىم ئىشلارنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى: تەبىئىي مۇھىتنى قۇتقۇزۇش، نامراتلىق ۋە تەڭسىزلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، بۇ دەۋردە بىز ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. يەنە نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسى ئىشلەنمىدى، يەنە نۇرغۇن سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنمىدى، يەنە نۇرغۇن ئىنسانلار، تەبىئەت ۋە ئالىمنىڭ سىرلىرى تېخى ئېچىلمىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سىرى ھامان بىر كۈنى ئېچىلىدۇ، چۈنكى سىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايسىلەر.


ئامېرىكا پۇردۇئې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مىچېل دانىيېلسنىڭ 2014-يىللىق ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

باش تېمىسى: ئۆزگىرىش ۋە رىقابەتكە تولغان دۇنيا بەرپا قىلىشقا تەييارلىنايلى

بىز كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا ئايلاندۇرۇش يولىدا تىپىرلاۋاتقان بىر دەۋردە ياشىماقتىمىز. ئەمما رېئاللىق ھەمىشە بۇنداق ئەمەس، ھامان كىشىلەر بىر ئەركىن ۋە مۇستەقىل دۆلەتتە مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك، بۇلار دەل پۇقرالار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى بار بولۇپ، ۋاپادارلىق قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەقەززا بولۇشنى پۇردۇئې ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەكتە.


شياڭگاڭ جۇڭگو تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن زۇياۋنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

خۇشاللىقنىڭ پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولۇشى ناتايىن. ئىللىق ئائىلە، ئاددىي كىيىم، ساغلام يېمەك-ئىچمەك بولسىلا خۇشاللىق دېگەن ھەممىلا يەردە بار دېگەنلىك. ئاخىرى چىقمايدىغان ھەشەمەتچىلىكنى قوغلىشىش ئاددىي تۇرمۇشتىن كەلگەن بەخت ۋە خۇشاللىققا مەڭگۈ يېتەلمەيدۇ.


شياڭگاڭ شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى گو ۋېينىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

بىر كىتاب پەقەتلا خەتلەر بىلەن تولغا قەغەزلەر يىغىندىسى ئەمەس. پەقەت سىز ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتى بىلەن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاشۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئانالىز قىلىپ، ئىزدىنىپ ۋە تەپەككۇر قىلسىڭىزلا بۇ كىتابقا ئاندىن جان كىرىدۇ. سىلەرنىڭ ئۇنۋان كىنىشكىلىرىڭلارمۇ دەل شۇنداق: ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان ئېنېرگىيە سىلەرنى ياراملىق ئادەمگە ئايلاندۇرالايدۇ، ئەمما سىلەر ئۆزۈڭلار ئوت ياققاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن نۇر چاقنىتالايسىلەر.


ئامېرىكا دارتموس ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىن

دارتموس ئىنىستىتۇتىنىڭ سىلەرنى تەربىيەلىگەن بۇ خىل كاللا ئىشلىتىش ئادىتى سىلەرنىڭ ئىجادىيەت ئىشىكىڭلارنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، بۇ ئۆز تەلەپچانلىقىڭلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر خىل ئىجادىيەت كۈچى. بۇ خىل ئادەت ئەڭ ئاخىرىدا ھاياتىڭلارغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ، سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارغا ئايلىنىپ، نىشانلىق تۇرمۇش شەكلىگە ئۈندەيدۇ.


شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ لىجىنىڭ نۇتۇقىدىن ئۈزۈندە

شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر چوقۇم يەرشارىنىڭ پۇقراسى بولۇشتەك پۇرسەتنى قەيسەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، رىقابەتلەرگە ئاكتىپ يۈزلىنىپ، يەرشارى پۇقراسىلىق مەسئۇلىيىتىڭلارنى زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلار ھەمدە شەخسنىڭ قارارىنىڭ باشقا دۆلەت، ئىرق ۋە دىنغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىشىڭلار كېرەك.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى