ئوباما ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان
-
ئوباما ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان
ۋاقتى: 2016-07-22 ئاۋاتلىقى: 2059 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئوباما ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
بىز ئادەتتە بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئادەم ئېھتىياجلىق بولغان بىر ئىقتىدار دەل مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىدۇر، بۇ يەنە ئىختىيارىي ئۆزگىرىدىغان ئىقتىدار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باشقۇرۇش ئىلمىدە، ئوخشاشلا مۇشۇنداق بىر خىل ئىقتىدارغا مۇھتاج بولىمىز، بۇ خىل بەئەينى خامېلېئونغا ئوخشاش مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرەلەيدىغان ئىقتىدارنىڭ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىدا زور رول ئوينايدۇ.
ئوباما ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا تىلغا ئالغاندەك، ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇشتىن ئىلگىرى، داۋىن رېمنىك ئۇنى «ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگۈچى» دەپ ئاتىغان، چۈنكى ئۇ خالىغان چاغدا ئۆز ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.ئالېك ماكجىلىس رېمنىكنىڭ باھاسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭ بولالىغانلىقىنىڭ ئۇنىڭدا دەل ئاشۇنداق خۇسۇسىيەتنىڭ بارلىقىدىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يولدا ئادەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈرلۈك بولۇشى كېرەك، ئوبامانىڭ باھالىغۇچىلىرى بۇ خىل ئىقتىدارنى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ بىرخىل ۋاقىتلىق تەدبىرى دەپ قارىغان.»يەنە بىر ئوبزورچى گارى ۋىللىس خۇلاسىلەپ مۇنداق دېگەن: «ناۋادا باشقىلار ئۇنى ساپ قارا تەنلىكلەر قان سىستېمىسىدىن ئەمەس دېسە، ئۇ شۇنداق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن قارا تەنلىكلەردىن بەكرەك ئافرىقىغا باغلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ؛ ناۋادا باشقىلار ئۇنى ساپ ئامېرىكىلىق ئەمەس دېسە، ئۇ ئۆز ئاپىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-غەربىي قىسمىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئىللىنويا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدىكى سەييارە نۇتۇقىدا، ئۇ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان، كانزاس ئىشتاتىدا تۇرىدىغان بوۋا-مومىسىنىڭ تىلىدا سۆزلەيدۇ. ئۇ خۇددى خامېلېئونغا ئوخشاش، ئۆز رەڭگىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇ ئۇنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى.»
ئالدامچىلىق بىلەن باشقىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ئىشلارغا ئۇ ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇرەككەپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھېكايىلىرى باشقىلارنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن، ھەتتا ئاشۇ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق كىشىلەر بىلەنمۇ شۇنداق.«ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگۈچى»لەر ئادەتتە ئەتراپىدىكى ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ يول مېڭىش ھالىتى، سۆزلەش شەكلى، ئۇلار سۆزلىگەن يۇمۇر-لەتىپىلەر ۋە ئۇلار ياراتقان ئۆزگىچە ئۇسلۇبلار دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىنى دورايدۇ. خۇددى بىرەيلەن ئېيتقاندەك: «سىز ئۆزىڭىزنى يېڭىلىماقچى بولغىنىڭىزدا، خامېلېئوننىڭ تېرە رەڭگىنى ئۆزگەرتكىنىگە ئوخشاپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز.»
دەسلەپتە، بەلكىم ياخشى قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن، كۆپىنچە ھاللاردا، دورامچىلىق قىلىمەن دەپ كۈلكىگە قالدىغان گەپ. چۈنكى ئۇلار قولاشمىغان دوراشلىرى كىشىگە ئانچە تەبىئىي تۇيۇلمايدۇ، ئەمما ئۇلار خامېلېئونغا ئوخشاش خالىغاندا ئۆزىنىڭ تېرە رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۆزگىرىشچان مۇھىتتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانداق رەڭدە ئۆزگەرسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.ئوباما ئۆز ئۇسلۇبىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇرغان كىشى بولۇپ، بۇ ھەقتە رېمنىك باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئاڭلىغۇچىلارغا قاراپلا ئۆز نۇتۇقىنىڭ ئاھاڭى ۋە ئىنتۇناتسىيەسىنى ئۆزگەرتىدۇ: چىكاگو شەھەر مەركىزىدىكى بىر قېتىملىق چۈشلۈك زىياپەتتە، ئۇ بىر توپ سودىگەرلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەندە، بىر قىسىم بىۋاسىتىلىككە ئىگە ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ؛ ئامېرىكا چەت ئەل ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر جەمئىيىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە نۇتۇق سۆزلىگەندە، بىر قىسىم ئىختىيارىي ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ؛ قارا تەنلىكلەر چېركاۋىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، باستېرنىڭ كۆزقارىشىنى ياقلايدۇ.»
ئوباما كۆپ خىل تىلنى بىلىدىغان بىر سېھىرلىك «ۋاجرا» بولۇپ، كۆچمەن بالىلارغا ئوخشاش، ئۆيىدە بىر خىل تىلدا سۆزلىسە، مەكتەپتە يەنە بىر خىل تىلدا سۆزلەيدۇ، دوستلىرى بىلەن بىرگە بولغاندا يەنە بىر خىل تىلدا سۆزلىگەن، ئەمما ئۇ يەنىلا ئەسلىدىكى ئوباما شۇ ئىدى، ئوبامائەنە شۇنداق سورۇنغا قاراپ ئوخشىمىغان تىل ۋە نۇتۇق شەكلىنى قوللىناتتى. بۇ خىل ئىقتىدار ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق چېنىقىشىدىن بارلىققا كەلگەن، ئەلۋەتتە.«ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرگۈچى»لەرنىڭ ئىشلىرى ئاسانلا راۋاج تاپىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ جانلىق ئىش بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى باشقىلارغا بەئەينى رەھبەردەك تەسىر بېرىدۇ. «رېئالىقتا چىڭ تۇرغۇچى»لار دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ناۋادا مۇھىتقا بېقىپ ئۆزىنى ئۆرگەرتسە، ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئۇسلۇبىدىن يىراقلاپ كېتىدىكەن، بۇنى ئۇلار بىر خىل تەھدىت ھېسابلايدىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
بىل گايتسنىڭ 100 جۈملە رىغبەت سۆزى (1)
2015-10-05 17:52:495244كېنتاكىينىڭ جۇڭگوغا كىرىش ھېكايىسى
2015-07-22 16:39:005004ھېكايە: مارستىكى تۇنجى ئادەم
2015-03-11 14:49:126095ئوبامانىڭ كارخانىچىلار ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-04-01 12:20:354338كۆزۈمدە كىتاب، يۈرىكىمدە كىتاب
2015-04-21 12:38:194728بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى
2015-07-21 13:18:484092داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (17)
2015-03-01 22:38:423657‹‹60 ›› ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
2015-02-28 00:49:236119
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-