نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھېكايە: مارستىكى تۇنجى ئادەم

ھېكايە: مارستىكى تۇنجى ئادەم

ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 5355 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مارستىكى تۇنجى ئادەم 
جون ئالېماننو (ئامېرىكا)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىي
 
    چارلى سىۋان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يىپيېڭى ئالەم كىيىمىنى كىيىپ، قولتۇقىغا ئۇچقۇچىلار قالپىقىنى قىستۇرغىنىچە دەلدەڭشىپ مېڭىپ ئاخبارات مەركىزىگە كىرىپ كەلدى. كېتىۋىتىپ پۇتى ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالەم كىيىمىدىكى ئوكسېگىن نەيچىسىگە چىرمىشىپ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. ئۇچقۇچىلار قالپىقىمۇ مۇخبىرلارنىڭ ئاياغ ئاستىغا دومىلاپ چۈشتى.
    مارس ئاۋانگارتلار فوندىنى قۇرغۇچى، قوشۇمچە باش لىدىرى ئاللېن ھىل ئەپەندىم چارلىنى يۆلەپ، قالپاقنى قولىغا تۇتقۇزدى، ئۇنىڭ كالامپايلىقىغا ئانچە كايىپمۇ كەتمىدى، پەقەت چىرايىدا ئېسەنكىرەش ئالامەتلىرى ئەكس ئەتتى. لېكىن، ھىل ئەپەندىمنىڭ ئارقىسىدىكى مارس پىلانىنىڭ نامزات ئۇچقۇچىلىرى بۇ ھالەتنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز بىر-بىرىگە قارىشىپ قويدى. پەقەت ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ (NASA) ئىلگىرىكى ئۇچقۇچىسى ماك ۋېلسۇنلا تەمكىن قىياپىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئاللېن ئەپەندىمدىن باشقا بارلىق كىشىلەر پەقەت ۋېلسۇنلا بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى نامزات، دەپ قارىشاتتى. شۇ تاپتا ۋېلسۇننىڭ چىرايى ئادەتتىن تاشقىرى جىددىي تۈس ئالغان بولۇپ، يۈزى بەئەينى چوقۇپ ياسالغان ھەيكەلگە ئوخشاپ قالغانىدى.
    ئاللېن ئەپەندىم مۇنبەرگە چىقىپ پەستىكى مۇخبىرلارغا قارىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا غەلىتە بىر تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. بۇ، كونا ماشىنا سودىسى قىلىدىغانلارغىلا خاس بولغان، شۇنداقلا بىرلا يۇمىلاپ تاراتقۇ ساھەسىدىكى مىلياردېرغا ئايلانغان ماۋۇ كاتتا ئەربابنىڭ سېسىق نامىنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتكەن تەبەسسۇم ئىدى.
    ـــ خانىملار، ئەپەندىلەر، ـــ دېدى ئاللېن، ـــ بۇ چارلى سىۋان. ھازىر ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يەر شارى ئادىمىيلىك سالاھىيىتى بىلەن ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. چۈنكى، ئۇ ناھايىتى تېزلا مارس ئادىمى بولۇپ قالىدۇ. مەن ئۇنىڭ سۆزلىشىگە نەچچە مىنۇت ۋاقت بېرىمەن. ئاندىن ئۇ ئالەم كېمىسىگە كىرىدۇ.
    چارلى چوڭ قەدەم تاشلاپ مىكروفوننىڭ ئالدىغا كەلدى. ئاندىن مىكروفوننىڭ تىرىكىنى سەل پەسلىتىپ، كۆزلىرىنى يىراقتىكى تامغا تىكىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
    ـــ رۇخسەت قىلساڭلار، ھە .... ھىم ... يەنە بىر قېتىم دەي، ـــ چارلى كۆزلىرىنى توختىماي چىمىلداتتى، پېشانىسىدىمۇ تەر چىقىپ كەتتى، ـــ مەن دېمەكچى، بۇ يەردە تۇرغىنىمدىن ... ھە ... مەن ئۈچۈن چوڭ شەرەپ. ھە...مەن...مەن مارسقا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتىمەن.
    چارلى سۆزلەشتىن توختىدى، مەيداننى جىمجىتلىق قاپلىدى. ئاللېن ھىل ئۇنىڭغا پىچىرلاپ ‹‹سورايدىغان سوئال›› دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.
    ـــ ھە، توغرا! ـــ چارلىنىڭ ئاۋازى ئەمدىلا بېسىلىشىغا ئاۋاز كۈچەيتكۈچ غۇڭۇلداپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇچقۇچىلار قالپىقى مىكروفوننىڭ تىرىكىگە تېگىپ قالغان ئىدى، ـــ ھە، كۆپچىلىك، سورايدىغان سوئالىڭلار بارمۇ؟
    بىر قول كۆتۈرۈلدى.
    ـــ چارلى، سىز تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا ئوخشاش ئالەمگە قويۇپ بېرىلىسىز، بارسا كەلمەس سەپەرگە چىقىسىز. بۇنىڭغا قارىتا تەسىراتىڭىز قانداق؟
    ـــ ھە، مېنىڭ ھازىرقى تەسىراتىم يامان ئەمەس.
    يەنە بىر قول كۆتۈرۈلدى.
    ـــ ھەممىمىزگە ئايان، سىز مارسقا بەند قىلىنىسىز، يېنىڭىزدا ھەمراھ بولغۇدەك ھىچقانداق ئادەم بولمايدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    ئاللېن ھىل گەپ قىستۇردى:
    ـــ بىزنىڭ بىر پۈتۈن پىلانىمىز بار. بىز تور ئېلانى، نۇر پىلاستىنكىسى ۋە سودا ياردىمى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق فوند ئۈچۈن مەبلەغ توپلاشنى ئويلايمىز. ئەلۋەتتە، يەنە ھۆكۈمەت بىلەن تەتقىقات توختامى تۈزۈشنى ئارزۇ قىلىمىز. بارلىق كىرىم ۋە جەلپ قىلىنغان مەبلەغ باشقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مارس سەپىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي تىرەك بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا چارلىنىڭ يالغۇز ئۆتىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
    ئارقا رەتتە يەنە بىر قول كۆتۈرۈلدى. ئاللېن قول كۆتۈرگەن كىشىگە قارىدى. قول كۆتۈرگۈچى ياش مۇخبىر بولۇپ، بىر قۇلىقىغا سۆڭەك شەكىللىك ئالتۇنرەڭ ھالقا تاقىۋالغانىدى، بېشى كىرپىنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئۇ ئېلىشىپ قالغاندەك غەلىتىلا ھىجىيىپ تۇراتتى. ئاللېن چارلىنىڭ سۆزلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ كۈچەپ بېشىنى چايقىغان بولسىمۇ كېچىكىپ قالدى.
    ـــ ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە، ـــ دېدى ھېلىقى مۇخبىر مىسىلدىغىنىچە، ـــ نېمىشكە سەن؟
    ـــ ھە... نېمىگە نېمىشقا مەن؟
    ـــ نېمىشقا سەن مارستىكى تۇنجى ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىڭ؟ ـــ مۇخبىر باشقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، ـــ سېنىڭ رىقابەتچىلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئۇچقۇچى، ئالىم دېگەندەك كىشىلەر. سەن بولساڭ پىلاستىنكا ئىجارىگە بېرىش دۇكىنىدا ئىشلەيدىغان قارا خىزمەتچى. قانداقسىگە نەچچە مىليون نامزات ئىچىدىن تاللىنىپ، مارسقا چىقىدىغان بىرىنچى ئادەم بولۇپ قالدىڭ؟
    چارلى بېشىنى سىڭايان قىلىپ خىيالغا چۆكتى. ئۇ قاشلىرىنى يىمىرىپ، قولى بىلەن قىزغۇچ ساقىلىنى سىيلىغاچ ئېيتتى:
    ـــ بۇ...ھە...بىلىشىڭ كېرەك، بۇ مەسىلە ھازىرغىچە مېنىمۇ قىيناۋاتىدۇ...
    دەل شۇ چاغدا ئاللېن ھىل ئالدىراش ئالدىغا چىقىپ مىكروفوندا ئۈنلۈك جاكارلىدى:
    ـــ راكېتا قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقت توشتى.
    ئاللېن ھىل بىلەن ماك ۋىلسۇن چارلىغا ھەمراھ بولۇپ، ئالدى تەرەپتىكى راكېتا قويۇپ بېرىش جاھازىسىدىكى لېفىتقا قاراپ ماڭدى. قويۇپ بېرىش جاھازىسىغا ھور چىقىپ تۇرغان پالۋان بەشىنچى نومۇرلۇق راكېتا تىكلەپ قويۇلغان بولۇپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشنى ساقلاپ تۇراتتى.
    ـــ بولدى، چارلى، ـــ دېدى ماك ۋېلسۇن، ـــ بۇ خىيالىڭىزدىن كەچمەيدىغانلىقىڭىزغا ھۆددە قىلالامسىز؟
    ـــ شۇنداق، ـــ دەپ جاۋاب بەردى چارلى كەسكىنلىك بىلەن.
    مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، چارلىغا ئوخشاش مۇنداق ئىلمىي فانتازىيە مەستانىسىنى ئەڭ ياخشى نامزات دېيىشكە بولىدۇ: ئۇ ئەزەلدىن رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ خام خىيالدىن گۇمان قىلمايتتى. بىراق، پەقەت مۇشۇ سەۋەب بىلەنلا ئۇنى باشقا تاللاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەردىن، مەسىلەن ماك ۋېلسۇن قاتارلىقلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېسەك يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ نۇقتا چارلىغىمۇ ناھايىتى ئېنىق.
    ـــ ماك، ـــ دېدى چارلى، ـــ ئۆتۈشىمەنكى، سىزنى تاللىسا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئەمما، نېمىشقا سىزنىڭ تاللانمىغانلىقىڭىزنى زادى چۈشەنمىدىم. سىز بىر ئۇچقۇچى، يەنە كېلىپ تەتقىقاتچى قاتارىدا تەربىيەلەپ مەشقلەندۈرۈلگەن...
    ـــ چارلى، مەن ئاللېننىڭ تاللىشىدىن ناھايىتى رازى، ـــ دېدى ماك جاۋابەن.
    لېفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. يەر يۈزىدىكى تېخنىك خادىملار لېفىتقا كىردى. چارلى سەل ئارىسالدى بولغاندىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى:
    ـــ ئاللېن، ئەجەبا نېمىشقا مېنى تاللىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگۈڭىز يوقمۇ؟ مەندىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟ ھەتتا بۇنىمۇ دەپ بەرمەمسىز؟
    ئاللېن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئېيتتى:
    ـــ چارلى، مەن پەقەت سىزنىڭ ئۆز ياشاش ئۇسۇلىڭىز بويىچە ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مانا بۇ مېنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنىم.
    ئۇ چارلىنىڭ مۈرىسىگە بۇرۇنقىدىن قاتتىقراق شاپىلاقلاپ قويدى. چارلى دەلدەڭشىگىنىچە لېفىت ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ تېزلىكتە كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئىشىكنىڭ يېپىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاللېن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇراتتى.
    ـــ مەن چوقۇم ئالەمگە بەند قىلىنغان ئاق چاشقان ، ـــ دەپ كۇسۇرلىدى چارلى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تېخنىكلار بۇ گەپنى ئاڭلىماسقا سالدى.
    تۇيۇقسىز چارلىنىڭ كاللىسىدا بەلكىم مارس فوندىنىڭ ئالەم ئۈسكۈنىلىرىدە خېيىم-خەتەر بولۇشى مۇمكىن، ھەر ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ مەندەك يارىماسنى تاللىغان، دېگەندەك خىياللار كەچتى. ئەمەلىيەتتە، چارلى بۇ سەۋەبكە قايىل. چۈنكى يەر شارىدا ئۇنىڭ خىزمىتى، ئائىلىسى يوق، كۈنلىرى لاي سۇدەك ئۆتىدۇ. بىراق، مۇبادا چارلى مارسقا يېتىپ بارالىسا ياكى يەر شارىدىن چىقماي تۇرۇپلا راكېتا پارتلاپ ئۆلۈپ كەتسە، ئوخشاشلا مەڭگۈ ئۇلۇغلىنىدىغان قەھرىمانغا ئايلىنالايدۇ.
    ناۋادا ئاللېن ھىل ئەپەندىم چارلىنىڭ جېنىنى باشقا ئۈچ مىليون 500 مىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ جېنىدىنمۇ پەس كۆرۈپ تاللىغان بولسىچۇ...
    ئاھ، تەڭرىم! دەپ ئويلىدى چارلى، مەن ھەرگىز بۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلمايمەن.
    چارلى بۆلۈمچە ئىچىدىكى تېزلەتكۈچى ئورۇندۇققا جايلاشتۇرۇلدى. ئورۇندۇق ناھايىتى راھەت ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي قويۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى تەتۈر ساناق ئاۋازى ئاڭلاندى. چارلى كۆزلىرىنى ئالدىدىكى تىزگىنەك تاختىسىغا تىكىلدى. ئۇنىڭغا ئايان، ئۇ بىرەر كۇنۇپكا ياكى ئۈزچاتنى بېسىۋەتسىمۇ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. بۆلۈمچە ئىچىدىكى چىراق، شامالدۇرغۇچ، تېلېكامېرا، يەنە تېخى يول باشلاش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان.
    بەلكىم بۇ ئاللېننىڭ مېنى تاللىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى چارلى. ناۋادا ھەقىقىي ئۇچقۇچى بۆلۈمچە ئىچىدە قېرىشقىلى بولىدىغان بىرەر نەرسىنى تاپالمىسا ئېلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.
    ـــ ... 2، 1، 0!
    راكېتا گۈرۈلدەپ ئوت ئالدى. تېزلىنىش چارلىنى ئورۇندۇققا مەھكەم نىختىدى. تېزگىنەك تاختىسىغا ئورنىتىلغان ئېكراندا ئاستا-ئاستا يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان راكېتانىڭ قويۇپ بېرىش جاھازىسىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
    ـــ ئامان بولغىن، چارلى سىۋان!
    يەر يۈزى كونترول مەركىزى مارس فوندى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ قويغان نۇتۇقنى ئوقۇماقتا.
    تېزلىنىش بىلەن شاۋقۇن-سۈرەن ئاۋازلىرى ناھايىتى تېزلا غايىپ بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جىمجىتلىق ۋە ئېغىرلىقىنى يوقىتىش ئالماشتى. چارلى تۇنجى قېتىم يەر شارى ئاتمۇسفىراسىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ ئاشقازىنى بىئارام بولۇپ، بېشىدىكى قالپاقنى ئېلىۋېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا ياندۇرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا، يەر شارىدىكى نەچچە مىليون ئادەم بۆلۈمچە ئىچىگە ئورنىتىلغان تېلېكامېرا ئارقىلىق چارلىنىڭ بۇ نەس باسقان تۇرقىنى كۆردى.
    يەر يۈزى كونترول مەركىزى چارلى بىلەن سۆزلەشمەكچى بولدى. چارلى بىر قېتىملىق مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولدى. بىراق، زىيارەت داۋامىدا ئۇ ئاللېن ھىلنىڭ توختىماي گەپكە لوقما سېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايقىدى.
    ئۇچار كېمە ئاي شارى ئوربېتىسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن چارلى تېلېكامېرانى ئېتىۋەتتى. ئاندىن تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئۇچۇش خالتىسىنىڭ ئىچىدىن قانداقتۇر بىر نېمىنى ئىزلىدى. ئاخىرى بارماقتەك توملۇقتىكى توقماقسىمان بىر نەرسىنى چىقاردى. بۇ، ئىچىگە قوڭۇررەڭ دانچىلار توشقۇزۇلغان سېگارت ئىدى. بۇ سېگارتنى بىر قېتىملىق تەشۋىقات زىياپىتىدە، تاسادىپىي ئۇچراپ قالغان بىر ئارتىس ئۇنىڭغا ئالاھىتەن سوۋغات قىلغانىدى. چارلى بۇ ‹‹ئالاھىدە›› سېگارتنى تۇتاشتۇرۇپ، تېلېكامېراغا تىكلىدى، ئۇنى قايتا ئېچىش-ئاچماسلىق توغرىسىدا ئىككىلەندى.
    ‹‹ھۆكۈمەت مېنى بۇ تاماكىنى چېكىشتىن توسۇشقا ئامالسىز››، دەپ ئويلىدى ئۇ.
    چارلى تاماكىنى بىر نەچچە قېتىم سۈمۈرۈپ چىرايىنى پۈرۈشتۈردى، ئاندىن بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ كۈچەپ پۇرىدى.
    ـــ ئاناڭنى، قەلەمنىڭ قىرىندىسىكەنغۇ! ـــ دەپ ۋارقىرىۋەتتى ئۇ ھەم ساختا نەشىنى بۆلۈمچە دىۋارىغا قارىتىپ چۆرىدى. قەغەز ئورام ئىچىدىكى دانچىلار چېچىلىپ، چارلىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. چارلى ئۇششاق دانچىلارنىڭ يۈزىگە تېگىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال قولى بىلەن يۈزىنى توسۇۋالدى، پىغانى ئۆرلەپ كىملەرنىدۇ قارغىدى.
    شۇ كۈنى كەچلىكى گۈدۈك ئاۋازى چارلىنى ئويغىتىۋەتتى. ۋەزىپە مەركىزى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇشتا ‹‹چارلى، كاربون تۆت ئوكسىد گازىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى بىخەتەر چەكتىن ئېشىپ كەتتى، بىز ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈشكە مۇھتاج›› دېيىلگەن ئىدى.
    چارلى چېكىسىنى ئۇۋلاپ، بېشىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ تىمسىقلىغىنىچە مولىمېتىرنى چىقىرىپ، ۋەزىپە مەركىزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇھىت تىزگىنلەش بۆلۈمچىسىنى ئېچىپ كاشىلىنى ئوڭشىماقچى بولدى.
    تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلارنىڭ نورماللىقى ئېنىقلاندى. بۇ چاغدا چارلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كەتتى. تېخىچە ئېتىۋېتىلمىگەن سودا تېلېۋىزىيەسى نورمال قويۇلۇۋاتقان پىروگراممىلارنى ئۈزۈپ تاشلاپ خەۋەر بېرىشكە باشلىدى: ‹‹... مارسقا قاراپ ئۇچقان تۇنجى ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە چاتاق چىقىپ، كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇقلىقى ئۆرلەپ كېتىشتەك خەتەر كۆرۈلدى، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس...›› چارلى تېلېۋىزۇرنىڭ ئاۋازنى تۆۋەن قىلىپ تەڭشىدى. شۇ ۋاقتتا ئۇنىڭ نەزىرى كۆز ئالدىدىكى قارا رەڭلىك چېكىتلەرگە چۈشتى.
    ـــ چارلى، سۈزگۈچنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تېلېكامېرادا كۆرسىتىشكە مۇمكىن بولامدۇ-يوق؟
    چارلى سۈزگۈچنىڭ تۆپىسىدىكى قاپقانى ئاچتى. ئېكراندا سۈزگۈچنىڭ يۈزىگە چاپلىشىۋېلىپ تۇسالغۇ پەيدا قىلغان قارا رەڭلىك دانچىلار كۆرۈندى.
    ـــ ئاۋۇ شورى قۇرغۇر زادى قانداق نەرسە؟ ـــ دەپ سورىدى كونتىرول مەركىزى.
    ـــ ھە، مەن تازىلىۋېتەي، ـــ دېدى چارلى غۇدۇراپ.
    كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ قۇيۇقلىقى تۆۋەنلىدى. لېكىن، ئاممىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قىزغىنلىقى سوۋۇمىدى. ھەييار تېلېۋىزىيە دىكتورى بۇ ئىشنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ چاقچاققا ئايلاندۇردى. ھەرقايسى تاراتقۇلار تېخىمۇ كۆپ قىزىقارلىق ئىشلارنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. چارلى بۇ ئىشقا قارىتا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.
    ئاللېن ھىل ھېچنېمە دېمىدى. چارلى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بۇرۇقتۇرمىلىق بولمىسا كېرەك.
    يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەجەل بىلەن سۈركۈلۈپ ئۆتىدىغان بىر-ئىككى قېتىملىق ئىشتىن باشقا مارس سەپىرى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. چارلى نورمال يەپ-ئىچىپ كۆن ئۆتكۈزدى، ئۇخلىدى، ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىلەرنى ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن زېرىكسە تېلېۋىزۇر كۆردى. يەنە تېخى خەت ساندۇقىغا كېلىۋاتقان سان-ساناقسىز ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلارغا جاۋاب يازدى. بىر قېتىم ئاللېن ھىل تەنقىدلەپ ‹‹چارلى، ئەمدى ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى بىلەن گىتار چېلىۋاتقان سۈرەتلىرىڭىزنى يوللىماڭ، بۇنىڭ تور سۈرئىتىنى ياخشىلاشقا قىلچە پايدىسى يوق›› دېدى.
    يەر شارىدىن ئايرىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن چارلى ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى راكېتا بىلەن بىرلىكتە مارىس ھەمراھىنىڭ ئېكۋاتۇردىن ئۆتتى. بۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېكراندا مارسنىڭ بېغىررەڭ يۈزى كۆرۈندى. مارسنىڭ يەر شەكلى خوددى چېسلېي بونېستېل سىزغان ئاي شارى رەسىمىگە ئوخشاش بولۇپ، ئېگىز ۋە تىك ھاڭلاردىن تۈزۈلگەنىدى. چارلى قول سومكىسىدىن بىر پوتولكا سۇنى ئېلىپ ئېكرانغا تىكىلگىنىچە گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى. بۇ سۇنىڭ ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي يادىدىن چىقاردى.
    ‹‹بەك ياخشى بولدى!›› دەپ ئويلىدى چارلى ھاياجان ئىلكىدە. ئۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى.
    ئالەم كېمىسى مارس ئاتمۇسفىراسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئاق نۇر چىقاردى. كەينىدىنلا ئۈچى بىر گۇرۇپپا قىلىنغان سۈرئەت ئاستىلاتقۇچى پاراشوت ئېچىلدى. پارتلايدىغان ۋېنتا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەس دالدىغۇچنى راكېتادىن ئايرىۋەتتى. ئالەم كېمىسى ئۇرۇش ئىلاھى جىلغىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ ئۈستىگە ئالتە مىل كېلىدىغان يەرگىچە ئۇچقاندىن كېيىن تورمۇزلاش راكېتاسى ئوت ئالدى. يەر يۈزىگە يۈز فوت قالغان چاغدا ئالەم كېمىسى راكېتا بىلەن سۈرئەت ئاستىلاتقۇچى پاراشوتنى تاشلىۋېتىپ، بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنى ئاچتى.
    يەل خالتىسى مارس يۈزىگە قاتتىق سوقۇلدى.
    ـــ ئاناڭنى...ۋايجان...ـــ چارلى قالپاق ئىچىدىكى مىكروفۇنغان قاراپ چىرقىراپ-تىللاپ كەتتى.
    ئالەم كېمىسى ھودۇقۇپ كەتكەن خوجايىنىنى ئېلىپ توپتوغرا ئون يەتتە قېتىم قاڭقىپ سەكرىگەندىن كېيىن دومىلاشقا باشلىدى. ئاخىرى ئاستىن-ئۈستۈن ھالەتتە توختىدى.
    چارلىنىڭ بۇرنىدىن قان چىقىپ قالپاقنىڭ ئالدىدىكى سۈزۈك نىقاپنى بۇلغىۋەتتى. ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىدىكى تېلېكامېرا بۇ كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىۋالدى. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئېلېكتىر سىگىنالى يەر شارىغا يېتىپ باردى. نەچچە مىليون كىشى تېلېۋىزۇردىن ئادەمنى جىددىيلەشتۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆردى.
    چارلى ئەسلى مارسقا قەدەم قويۇپلا نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغانىدى. بۇ نۇتۇق ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى، ئالەمدە مۇستەملىكە ئېچىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقى دېگەندەك نۇرغۇن مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. نۇتۇق كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئېلان ئىچىدە ئاخىرلىشاتتى. ئېلاندا، مارسقا چىقىش ئاساسىي تېما قىلىنغان پىلاستىنكىنى تاماشىبىنلارنىڭ چەكلىك ۋاقت ئىچىدە ئەرزان باھادا سېتىۋالالايدىغانلىقى نامايەن قىلىناتتى. چارلى بۇ نۇتۇقنىڭ مەزمونىنى ئاللىبۇرۇن يادقا ئېلىۋالغان ئىدى.
    بىراق، شۇ دەمدە چارلىنىڭ مۈرىسى ئالەم كېمىسىنىڭ قاپقىقىغا ئۇرۇلۇپ، قاپقاپ ‹‹تاراق›› قىلىپلا ئېچىلىپ كەتتى. چارلى مارىس يۈزىگە گۈپ قىلىپ يېقىلدى. يۈزىدىكى نىقاپ تاشقا چىڭ چاپلىشىپ ھاببا قىلىۋالدى، نۇتۇق سۆزلەشنىمۇ ئۇنتۇدى.
    چارلى خېلىغىچە ۋايسىغاندىن كېيىنلا ئاندىن نۇتۇقىنى ساقلاۋاتقان كىشىلەرنى يادىغا ئالدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستى-بېشىدىكى توپىلارنى قېقىشتۇرۇۋېتىپ، كۆز يەتكۈسىز سوزۇلغان تاغلارغا نەزەر تاشلىدى. قولاق تۈۋىدە سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامال ھۇشقۇرتاتتى. مارسنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ھەمراھلىرى كۆپكۆك ئاسماندا سۇس چاقنايتتى. نەچچە مىليون تاماشىبىن شۇ تاپتا بۆلۈمچە سىرتىدىكى تېلېكامېرادىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرماقتا. چارلى شۇ چاغدىلا ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمى بىرىنچى قېتىم ماىسقا يەتكەن چاغدىكى تۇنجى سۆزنى قىلدى:
    ـــ بۇ ھەقىقەتەن بەك قالتىس ئىش بولدى!
    چارلى مارس فوندىغا ياردەم بەرگەن كارخانىنىڭ بايرىقىنى چىقىرىپ، ئوڭ-تەتۈر سانجىپ، بايراق سېپىنى سۇندۇرۋەتكىلى قىل قالدى. ئاخىرى خېلى ھەپىلەشكەندىن كىيىن بايراقنى يەرگە مۇقىم سانجىپ تۇرغۇزدى. ئاندىن كەينىگە نەچچە قەدەم چىكىنىپ ‹‹ئاجايىپ قالتىس›› مەنزىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. گەرچە نەچچە ئايغا سوزۇلغان ئېغىرلىق يوقىتىش ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى خوراتقان، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرغان، شۇنداقلا يەنە ئۇچىسىغا ئېغىر ئالەم كىيىمىنى كىيۋالغان بولسىمۇ ئۇ مارستىكى ‹‹يەر يۈزى››دە ئوڭۇشلۇق ماڭدى ــــــ مارسنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك كەلسىمۇ پۇتلىشىپ كېتىشتەك كالامپاي ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلمىدى. ئۇ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. يەنە تېخى ئەتراپتىكى مۇھىتىنى چارلاپ تەكشۈرۋاتقان چاغدا، پۇت-قوللىرىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ پولاڭشىتىپ، سەكرەپ-تاقلاپ ئۇسۇلغا چۈشتى.
    سىمسىز ئالاقە سىگىنالى نەچچە مىنۇت كېچىككەندىن كېيىن ۋەزىپە مەركىزىنىڭ بۇيرۇقى ئاخىرى مارسقا يېتىپ كەلدى:
    ـــ چارلى، ئەڭ ياخشىسى قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىش ئىلگىرى تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىنى تەييار قىلىڭ.
    بۇيرۇق ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرنى ئۈزۈپ، مەستخۇشلۇقتىن ئويغاتتى.
    ـــ ھە، توغرا، ماقۇل، ـــ دېدى چارلى.
    ئۇ چاسا شەكىللىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىنى سوزۇپ تۇتقۇچنى تولغىدى. ئەسلىدە تۇتقۇچنى يېنىك بۇراپ قويسىلا تۇرالغۇ بۆلۈمچىنىڭ تورسىدىكى قاپقاقنى ئاجراتقىلى بۇلاتتى. ئەمما، چارلى ئۇنى مىدىرلىتالمىدى. كۈچەپ بېقىۋىيدى، نەتىجىسى بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چىشىنى چىشلەپ، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ تازا كۈچەپ تولغىدى...مانا تۇتقۇچ ئۈزۈلۈپ كەتتى.
    ـــ چارلى! ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك چۈلۈكىنى چىقىرىڭ!
    كونترول مەركىزىدىن كەلگەن بۇ كۆرسەتمە ئۈلگۈرەلمەي قالدى. سىمسىز رادىيو سىگىنالى مارىسقا نەچچە مىنۇت كېچىكىپ بارىدىغان بولغاچقا كۆرسەتمە كەلگۈچە بولىدىغان ئىش بوپ بولدى.
    چارلى تۇتقۇچنىڭ دەستىسىدىكى بىخەتەرلىك چۈلۈكىنى تارتىپ چىقاردى. ئاندىن بۇ كىچىك نەرسىگە تىكىلگىنىچە تاكى كونترول مەركىزىدىن يېڭى كۆرسەتمە كەلگەنگە قەدەر نېمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى.
    ـــ بۆلۈمچىنىڭ چوققىسىدىكى بولتىلارنى بوشىتىڭ، ئاندىن قاپقاقنى قول بىلەن تارتىپ چىقىرىڭ.
    ھەرنېمە بولسا چارلىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ بارلىق بولتىلارنى ئوڭۇشلۇق بوشاتتى. ئۇ قاپقاقنى كۈچەپ تارتقان چاغدا مەزمۇت تۇرالماي دەلدەڭشىپ كەتتى-دە، تاق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قاپقاق تۇرالغۇ بۆلۈمچىنى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان تۇتقۇچىغا تېگىپ كەتتى. قاپقاق ئىچىدىكى پۇرژىنىمۇ ئېتىلىپ چىقىپ تاشلارنىڭ ئارسىغا چۈشتى. چارلى پۇرژىنىنى تاپقۇچە بىر سائەتتىن ئارتۇق ھايال بولدى. بۇ چاغدا كۈن ئولتۇرۇپ، بارا-بارا تۈن پەردىسى يېيىلدى. تېمپېراتۇرىمۇ تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەشكە باشلىدى.
    ۋەزىپە كونترول مەركىزى ئامالسىز ئېغىز ئاچتى:
    ـــ چارلى، تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىنى قول بىلەن ئېچىشىڭىز كېرەك.
    چارلى ھەرچىش شەكىللىك قەلەمتىراچ بىلەن بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى كەستى. مارس تۇرالغۇ بۆلۈمچىسى ئېچىلدى. بۇ بۆلۈمچە ئادەتتىن تاشقىرى غايەت زور ئۇخلاش خالتىسىغا ئوخشايتتى. چارلى يەل بېرىش ناسۇسىنى قوزغاتتى. ئەمما، خېلى ھەپىلەشكەن بولسىمۇ تۇرالغۇ بۆلۈمچىسى مېلىق-سېلىق پېتى تۇرىۋەردى.
    ـــ چارلى، سىرتقى توقۇلما قاتلامدا يېرىق بارمۇ-يوق، تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. پەرىزىمىزچە، بايا ئارغامچىنى كەسكەن چاغدا سىرتقى توقۇلما قاتلامنى كېسىۋەتكەندەك قىلىسىز.
    چارلى توقۇلما قاتلامدىكى يىرتىقنى تاپتى. ئاندىن ئۇچىسىدىكى ئالەم كېمىسىنىڭ جابدۇق خالتىسىدىن ناھايىتى جىق ھىملاش مەلھىمىنى چىقىرىپ يىرتىلغان يەرنى يامىدى. بۇ چاغدا قۇياش پۈتۈنلەي پاتقان بولۇپ، ئالەم كىيىمىنىڭ ئېنېرگىيەسىمۇ خەتەرلىك چەككە چۈشۈپ قالغانىدى. خۇداغا شۈكرى، ھەرنېمە بولسا ئۇ سېزىمىنى يوقىتىشتىن ئاۋال تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىنىڭ يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كلاپان بۆلۈمچىسىگە كىرۋالدى، بۇ ھەقىقەتەن مۆجىزىدە.
    چارلى ئاخىرى بېسىم ئاشۇرۇلغان تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ماكانلاشتى. شۇنداق قىلىپ مارستىكى تۇنجى ئۇيقۇسىز كېچىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ شۇ كۈنى يولۇققان ئوڭۇشسىزلىقلارنى، ھەتتا بالا-قازا دېيىشكە بولىدىغان ئىشلارنى ئەسلىدى، بۇ ئۇنىڭ مارسقا كەلگەن تۇنجى كۈنىدىكى ياشاش ئۇسۇلى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى ئىدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم قاتتىق گاڭگىراش ئىچىدە قالدى: ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ نامزاتلار ئىچىدىن پەقەت ئۆزىنى تاللايدۇ؟
    چارلى، مۇبادا كېيىنچە پېشانەمگە پۈتۈلگەن بىرەر ئىشنى مۇۋەپپپەقىيەتلىك ئورۇندىيالىسام، ئۇنداقتا بۇ ئىش چوقۇم مەزكۇر سوئالنىڭ جاۋابى بولالايدۇ، دېگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.
    ئىككى يىلدىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىش سىگىنال بەلگىسىنىڭ يول باشلىشىدا، چارلى مارس ماشنىسىنى ھەيدەپ، ئىككىنچى ئالەم كېمىسى مارسقا قونغان نۇقتىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. چارلى كەلگەن چاغدا، بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئەمدىلەتىن بوشاپ تۇرغان ئىدى. ئالەم كېمىسىنىڭ ئىچىدىن ماك ۋېرسۇن ئۆمىلەپ چىقىپ، ھېچقانچە قېينالمايلا يەردە مەزمۇت تۇردى. ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادە قىلىپ تۇراتتى، كۆرۈشكەن چاغدىمۇ چارلىنىڭ قولىنى خېلى كۈچ بىلەن سىقتى.
    ـــ چارلى، سىز بىلەن قايتا كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، ـــ دېدى ئۇ.
    ـــ مارسقا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن، ـــ دېدى چارلى جاۋابەن.
    ماك تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىنى ئاچتى. ئۇ قىلچە تەمتىرىمەي توپتوغرا مەشغۇلات قىلاتتى. ئالدى بىلەن كونترول دەستىسىدىكى بىخەتەرلىك چۈلۈكىنى چىقاردى. چارلى ياردەم قىلماقچى بولسىمۇ سىيلىق رەت قىلىندى. شۇڭا ئارتۇق كۈچەپ كەتمىدى. ئۇ تېلېكامېرا بىلەن ئىككىنچى مارىس ئادىمىنىڭ پائالىيەتلىرىنى سىنغا ئېلىۋالدى. ئىككىنچى مارس ئادىمى تېز سۈرئەتتە تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىگە چاق بېكىتىپ، ئۇنى مارس ماشنىسىنىڭ كەينىگە چاتتى.
    چارلىنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىشى بىلەن ماك ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش تەلىپىگە قوشۇلدى. ئۇلار بىرلىكتە چارلى تۇرۇۋاتقان يەرگە قاراپ يولغا چىقتى. ماك يول بويى ئۈندىمىدى. بۇ ئۇنىڭ كۆپچىلىككە ئايان جىمغور مىجەزىگە ماس كېلەتتى. چارلى بولسا ئىچىدە ‹‹قاراپ تۇر، بۈگۈن كەچ ئۆزگىرىسەن! چوقۇم ھېلىقى جاۋابنى بىلمەي قالمايمەن››، دىگەنلەرنى ئويلىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەقىدىسى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىعا يۇشۇرۇنغان ئۆزىنى ئەيىبكاردەك ھېس قىلدۇرىدىعان تۇيغۇسىنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى.
    تۈن پەردىسى يېيىلغان چاغدىلا ئۇلار ئاندىن چارلىنىڭ تۇرالغۇسىغا، يەنى مارستىكى ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. ماك گەپ-سۆز قىلمايلا چاتىقى تۇلا تۇرالغۇنىڭ تاشقى قېپىغا كۆز يۈگۈرتتى. ئاندىن يەر شارىدىن ئالغاچ كەلگەن ھىملىغۇچى تۇرۇبا بۆلۈمچىنى ئىشلىتىپ ئىككى ئالەم كېمىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇردى. چارلى ئۈنچىقماستىن ئۆز تۇرالغۇسىدىكى يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىلاپان بۆلۈمچىسىگە كىرىپ كەتتى. ماك نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بۆلۈمچە ئىچىگە كىردى. ئۇ چارلىنىڭ پىشىلداپ ھور چىقىۋاتقان قازاننىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
    ـــ يېڭى گۆش! ـــ دېدى ماك ھەيرانلىقتىن، ـــ نېمە دېگەن مېزىلىك!
    ـــ بۇ توخۇ گۆشى، ـــ دېدى چارلى، ـــ مەن يەر شارىدىن ئېلىپ كەلگەن توخۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتمىدىم. بىز يەنە يېڭى بېلىق يېيەلەيمىز. بىر قېتىم مەن ئىختىيارسىز سۇ ساندۇقىنىڭ ئىسسىتقۇچىسىنى تارتىۋېتىپ، ئىچىدە بېلىق بېقىشقا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.
    ماك توخۇ گۆشى بىلەن گۈرۈچ تامىقىنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى. بىراق، ئۇنىڭغا چارلى ئېلىپ كەلگەن قەھۋە تېخىمۇ ياراپ كەتتى.
    ـــ پاھ، بۇ قەھۋەنىڭ تەمى نېمە دېگەن ئېسىل! ـــ دېدى ماك ئۈنلۈك غۇدىراپ، ـــ مارستىكى تۇپراقسىز پەرۋىشلەپ ئۆستۈرۈش گۈللۈكى كولۇمبىيەنىڭ ئېكىنزارلىقلىرىدىن قېلىشمايدىكەن ئەمەسمۇ! چوقۇم يەر ئاستى مۇز سۈيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقمۇ؟
    ماك ئۆزىچە قىزىق يۇمۇر سۆزلىۋەتكەندەك قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى تېزلا بىر كۈپ قەھۋەنى قۇرۇقداپ قويدى. چارلى ئاشخانىغا كىرىپ ئىككىنچى كۈپنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، كۆزىنى قىسقىنىچە ئىچىگە قارىدى. كۈپنىڭ ئىچىدە جىق يېرىم كەلگۈدەك پاتقاققا ئوخشاش قويۇق، تىپىك يەرلىك ئۇسۇلدا تەييارلانغان پىۋا بار ئىدى. ئۇ تېخى تەڭشەلمىگەن بىر بوتولكا ساپ ۋوتكىنى قولىغا ئالدى. بۇ، تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش گۈللۈكىدىكى ياڭيو قاتارلىقلار بىلەن ئېچىتىلعان ھاراق ئىدى. ئۇ ھاراقنى كۈپكە تۆكۈپ پىۋىنى سۇيۇلدۇردى. ئاندىن كۈپنى كۆتۈرۈپ تاماق شىرەسىنىڭ ئالدىعا كېلىپ، ماكنىڭ رومكىسىنى تولدۇردى.
    ئۇزاق ئۆتمەيلا ماك شامالدا قالغان بىر تال قۇمۇشتەك لىڭشىشقا باشلىدى. چارلى تورۇسقا ئېسىلغان تېلېكامېرانىڭ كۇنۇپكىسىنى يېنىك بېسىپ ئېتىۋەتتى. ماك ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە سەپسالمىدى.
    ـــ چارلى، ـــ دېدى ماك گاراڭ ھالدا، ـــ سىز ياخشى ئادەم. كېلەركى قېتىم گېۋىن كەلگەندە ئۇ سىزنىڭ بولسۇن، مەن كېيىنكى نۆۋەتتە كېلىدىغان ئايالنى ساقلايمەن.
    ـــ ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن، گېۋىننىڭ كىمنى ياقتۇرىدىغانلىقىغا قارايلى، ـــ دېدى چارلى، ـــ بىراق، بەزى مەسىلىلەرنى سىزدىن سورىۋالغۇم بار، ماك.
    ـــ قانداقلا مەسىلە بولسا سوراۋېرىڭ، دوستۇم، ماڭا يەنە...بىر ئىستاكان بېرەمسىز؟
    چارلى ئۇنىڭغا لىق بىر ئىستاكان ھاراق قويۇپ بەردى.
    ـــ بىر ئىشنى زادىلا چۈشەنمىدىم: ئاللېن ھىل نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ لاياقەتلىك نامزاتلار ئىچىدىن پەقەت مېنىلا تاللايدۇ؟ بۇ سوئال مېڭەمنى قوچۇۋەتتى.
    ماك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا قارىدى:
    ـــ بۇنى دەۋەتسەم ئاللېن مېنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ!
    ـــ مانا ئەمدى ئاسمىنى كەڭرى، ھېچكىم باشقۇرالمايدىغان يەردە تۇرۇپسىز، ـــ دېدى چارلى كۈلۈپ، ئۇ ماكنىڭ رومكىسىنى يەنە لىقلاپ قويدى، ـــ شۇڭا...ئېيتىۋېرىڭ. نېمىشكە مېنى تاللايدۇ؟
    ماك تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ، دىققىتىنى يىغالمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ خۇددى ئاللېن يېنىدىلا تۇرغاندەك ئەتراپقا ئالاق-جالاق قىلىپ قاراپ قويدى. ئارقىدىن چارلىنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ، قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويدى، ئاندىن كۆزلىرىگە تىكىلدى.
    ـــ ئاپوللو، ـــ دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا.
    چارلىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
    ـــ ئاپوللو؟ ـــ دېدى ئۇ.
    ـــ شۇنداق. ئاللېن مۇنداق دېگەن: ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى خوددى...تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدەك...تېلېۋىزىيەگە ئوخشاش...تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا سازاۋەر بولالىغان بولسا پارلامېنت ئاندىن پۇل ئاجرىتىپ بېرىدىكەن. ئاقىۋەتتىچۇ؟ ھېچكىم كۆرمىگەچكە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ.
    ـــ خوددى ھېلىقى كۆرۈش نىسبىتى تۆۋەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىغا ئوخشاشما؟
    ـــ شۇنداق. ئاللېن يەنە مۇنداق دەيدۇ...ئاپوللو ئايغا چىقىش پىلانى بەك...بەكلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتكەن. پەقەت ‹‹ئاپوللو 13-نومۇر››نىڭ ماي باكى پارتلاپ كەتتى، يەنە كېلىپ...
    ـــ مەن پىلاستىنكا ئىجارىگە بېرىش دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ كىنونى بىرەر يۈز قېتىمدەك كۆردۈم.
    ـــ ئۇلار ھەرگىز ‹‹ئاپوللو 11-نومۇر›› ياكى ‹‹ئاپوللو 12-نومۇر›› دېگەندەكلەرنى... ياكى باشقا ئاپوللو ئالەم كېمىسى ئاساسىي تېما قىلىنغان كىنولارنى ئىشلىمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋەزىپىنى بەك چىرايلىق ئورۇنلىغان، ئىنتايىن تېنچ، ھېچقانداق جىددىيچىلىك...قىلچىمۇ كومېدىيە تۈسى يوق، بەك لاۋزا. بۇ، دەل ئاپوللو پىلانىنىڭ كېيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بەكلا مەززىسى يوق.
    ـــ بۇنىڭ مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟
    ـــ سىز...ـــ دېدى ماك بارمىقى بىلەن چارلىنىڭ مەيدىسىگە قالايمىقان جىجىلاپ تۇرۇپ، ـــ سىززە...ھەمىشە ئىشلارنى بۇزۇپ يۈرۈيسىز! دائىم ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ يۈرەكئالدى قىلىۋېتىسىز، بەك كومېدىيەلىك. سىز پات-پات جانغا تاقىشىدىغان چاتاقلارنى چىقىرىسىز، ـــ ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى، ـــ كىشىلەر دەل مۇشۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئامراق.
    چارلى ئىختىيارسىز ئاغزىنى يوغان ئاچتى.
    ـــ ئەسلى مەن بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر ھاماقەت، كالامپاينىڭ رولىنى ئاپتىمەندە، بۇ ئەسلى كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەندە؟ مېنى تاللاشتىكى بىردىنبىر سەۋەب ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىگە ماس كەلمىگەنلىكىم ئىكەندە؟
    ـــ ياق، ياق، ياق، ـــ ماك قولىنى كۈچەپ سىلكىدى، ـــ ئۇنداق ئەمەس، سىز مۇۋاپىق كېلىسىز. ئاللېن سىزدە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى بار، دىگەن.
    ـــ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى؟
    ـــ شۇنداق. پىسخىكىلىق سىناقنىڭ نەتىجىسىمۇ شۇنداق چىققان. چارلى، ئادەم بەك ئەقىللىق بولۇپ كەتسە ئۆزىگە ياخشى، بىراق ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنى بىزار قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك سىزگە قايتا دىققەت قىلمايدۇ. مۇشۇنداق چاغدا بىرەر ھاماقەت پەيدا بولۇپ، توختىماستىن خاتالىق سادىر قىلسا ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا كىرزىس كۆرۈلىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ سەزگۈسىنى غىدىقلايدۇ! شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ...ئىشنىڭ ياخشى تەرەپكە ئۆرۈلۈشىنى ساقلايدۇ...ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن ئۇلار يەنە زېرىكىشكە باشلايدۇ، دىققىتى چېچىلىدۇ. مۇشۇ چاغدا يەنە بىر ھاماقەت چىقىپ يېڭى ئاۋارىچىلىق تۇعدۇرسا...يەنە بىر قېتىم كىرزىس كۆرۈلىدۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنىڭ تۇيغۇسىنى كەينى-كەينىدىن غىدىقلايدۇ. چارلى، سىزنىڭ ئاۋارىچىلىقلىرىڭىز بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلىنىپ كېلىۋەردى، بۇ ئادەملەرگە ناھايىتى قىزىقارلىق تۇيۇلدى!
    ـــ قىزىقارلىق؟ شۇنداق بولغاندىلا تور بېكەتتىكى ئېلان ئورۇنلىرىنى كىشىلەر تالىشىدۇ، خاتىرە نۇر پىلاستىنكىسى ياخشى سېتىلىدۇ، بىزگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ خەۋەر بېرىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ مەخسۇس زىيارەتلەر بولىدۇ؟
    ـــ شۇنداق، توغرا دېدىڭىز، ـــ دېدى ماك بىرنى چۈشكۈرۈۋېتىپ، ـــ ماڭىچۇ...ئالەم كېمىسى ھەيدىگىلى بەش يىل بولدى، بىر قېتىممۇ كىرزىس پەيدا قىلىپ باقمىدىم...كۆپچىلىك بۇنىڭدىن زېرىكتى، نامىمغىمۇ ئەزەلدىن سوغۇق تېگىپ باقمىدى. چۈنكى مېنىڭ ئاناڭنى... ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارىم بەك كۈچلۈك! ئاللېن ماڭا مۇنداق دېگەن: ماك، سىز ئەڭ ياخشىسى، بۇ مېنىڭ سىزنى تۇنجى مارس ئادىمى قىلىپ تاللىماسلىقىمدىكى سەۋەب.
    ـــ مەن غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەچكىلا بىز بىر قىسىم مارس تەتقىقات توختاملىرىنى ئىمزالىشالايمىز، ئاندىن سىز بۇ يەرگە تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىلىسىز، شۇنداقمۇ؟
    ـــ توغرا.
    ـــ مەن بولسام نۇمۇر كۆرسىتىشكىلا مەسئۇل بولىمەن.
    ـــ يارايسىز، چارلى! ئاللېننىڭ دېيىشىچە، سىز پىسخولوگلار ئۇچراتقان كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ئادەم ئىكەنسىز. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە تالانت...تەڭرى سىزگە ئاتا قىلغان سوۋغات.
    ـــ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى؟ ـــ چارلى بىلەكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ماكقا قارىدى، ـــ ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان، توختىماي ئاۋارىچىلىق توغدۇرىدىغان، ئارقىدىن يەنە خەتەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان ئىقتىدارمۇ؟ ئۇنداقتا بىرەر قېتىملىق ئاۋارىچىلىقتا جېنىمدىن ئايرىلسام ئىش تامام ۋەسسالام، دېگەن گەپ. ئەمما، خەتەر ئىچىدىن مۆجىزىلەرچە ئامان قالسام كۆپچىلىك يەنە زېرىكىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر مەيدان ئويۇن ئەمەلدىن قالىدۇ، دېگەن گەپ.
    ـــ شۇنداق، ـــ ماك كېرىلىپ يەنە بىرنى چۈشكۈردى، ـــ سىزدە توغما تالانت بار. مارستا تۇرغان ئىككى يىل جەريانىدا بۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىڭىز. ئويلاپ بېقىڭ، ئاۋارىچىلىقلار كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلمىدى! ھەتتا سىزنىڭ ئۇخلاش قىياپىتىڭىزمۇ كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ، بۇ راست گەپ، ـــ ماكنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ كېتىۋاتاتتى، ـــ ھېلىقى...ھېلىقى قېتىمقىدەك، ئېسىڭىزدىمۇ؟ شۇ قېتىم سىز قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنى ئورنىتىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز...شۇنىڭ بىلەن تۇرالغۇ بۆلۈمچىسىنىڭ توكى تۈگەپ كەتتى... يېرىم كېچىدە...توڭلاپ قالغىلى تاس قالدىڭىز...
    ـــ ئېسىمدە، ـــ دېدى چارلى كۆزىنى يۇمۇپ، ئۇ چوڭقۇر تىنىۋەتكەندىن كېيىن دېدى، ـــ شۇڭا...
    ئۇزۇن سوزۇلغان خورەك ئاۋازى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى. چارلى كۆزىنى ئېچىپ ماكنىڭ شىرەگە دۈم چۈشۈپ ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئاغزىدىن شۆلگىيى ئېقىۋاتاتتى.
    ـــ بولدى، ـــ دېدى چارلى ئۆز-ئۆزىگە، ـــ ئەمدى جاۋابىنى بىلدىڭ.
    ئۇ بىر ئىستاكان ھاراق قۇيغاندىن كېيىن كىچىك دەرىزىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭ نەزىرى ئېگىز-پەس چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار ئارسىدىن ئۆتۈپ چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز بىلەن مارسنىڭ ئىككى ھەمراھىغا تىكىلدى. ئۇ ساقىلىنى سىيلىغىنىچە ئۆزى ‹‹تەكشۈرۈش››كە كەلگەن بۇ ناتونۇش دۇنيانى، ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئورنىنى ئويلىدى.
    ـــ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئىقتىدارى، ـــ دەپ پىچىرلىدى ئۇ، ـــ ھەرنېمە بولسا ئويلىغىنىمدىن ياخشىراقكەن!
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگى
ئەسكەرتىش: باشقا تور بېكەتلەر ۋە سالونچىلارنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىشىگە رۇخسەت يوق.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى