نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟

پۇلدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟

ۋاقتى: 2015-05-01 ئاۋاتلىقى: 4753 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى كىم يازغان؟

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگو خەلق بانكىسى دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟


   ھوشۇر ئېلى 1931-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 1948-يىلى ئۈرۈمچى سابىق ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنى پۈتتۈرگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇق جەمئىيىتى، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى 2-قىزلار مەكتىپى قاتارلىق ئورۇنلاردا رەسساملىق، خەتتاتلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1950-يىلىدىن 1951-يىلنىڭ ئاخىرغىچە بېيجىڭغا يۆتكىلىپ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا گۈزەل سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1952-يىلىدىن 1991-يىل 8-ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كىنو فىلىم تارقىتىش-قويۇش شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق كىنوخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا خەتتاتلىق ۋە رەسساملىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 

   ھوشۇر ئېلى 1945-يىلدىن باشلاپ ئۆزلۈكىدىن رەسساملىق، خەتتاتلىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىشلىگەن ئورۇنلىرىدا ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى. كىنو فىلىم تەشۋىقات ساھەسىدە سىزغان رەسىملىرى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۆزى «ئىلغار كىنو تەشۋىقات خادىمى» دېگەن نام ۋە مىس مېدالغا ئېرىشكەن. خەلق پۇلىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش ئىدى. 1950-يىل 5-ئايدا بېيجىڭدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ تەكلىپى بىلەن جۇڭگو خەلق پۇلىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن خەتنى يېزىپ بەرگەن. 1984-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە «ئېلىپبە» كىتابنىڭ مۇقاۋا ھەم بارلىق خەتلىرىنى يېزىپ بەرگەن. «قۇتادغۇبىلىك»، «قۇرئان كەرىم»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى، ئىچكى ماۋزۇ ۋە قىستۇرما رەسىملىرىنى ئىشلەپ بەردى. شۇنىڭدەك بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن نەشر قىلغان كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋا خەتلىرىنى يېزىپ بەردى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا كۆپ قېتىم ھەر خىل مەزمۇن، ھەر خىل شەكىلدىكى نادىر ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى ھەم مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1992-يىل 10-ئايدا تاشكەنت شەھىرىدە ئېچىلغان كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەڭلىك ۋە رەڭسىز 27 پارچە ئەسىرى كۆرگۈچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. 1988-يىلى ئۇنىڭ تەرجىمىھالى «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان داڭلىق خەتتاتلار قامۇسى» ۋە «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت ئالىم- مۇتەخەسسىسلەر لۇغىتى»گە قىسمەن نادىر ئەسەرلىرى بىلەن كىرگۈزۈلدى.

   1996-يىلى ئۈرۈمچىدىكى خەتتاتلار جەمئىيەتلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا تون كىيگۈزدى. ھەم گېزىت-ژۇرنال، رادىئو، تېلېۋىزورلاردا ئالاھىدە تونۇشتۇردى. ئۈرۈمچىدە نەشردىن چىققان «بىزنىڭ خەتتاتلىرىمىز»، «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىردىن تاللانمىلار» قاتارلىق بىر قانچە توپلامدا ئۇنىڭ 50 پارچىگە يېقىن ھۆسنخەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇ، خەتتاتلىق سەنئىتىنى ئۆزىگىلا باغلاپ قالماستىن، ھەر يىلى بىر قانچە قارار ھۆسنخەت كۇرسلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ھۆسنخەت ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيىلەپ، خەتتاتلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇنداقلا تەكلىپ بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھۆسنخەت دەرسلىرىنى ئۆتۈپ، ئەۋلادلارنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇردى. 1996 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن تەييارلىغان لازىرنۇرلۇق، كومپيۇتېر مەتبەئە سىستېمىسىغا ئۇيغۇر تۈز خەت نۇسخىسى، رۇقئى خەت نۇسخىسىنى يېزىپ بەردى. 1999-يىل 7-ئايدا ئۇنىڭ تۆت خىل نۇسخىدىكى خەتنى ئۆگىنىش قوللانمىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ بەردى.
   ھوشۇر ئېلى خەتتاتلىق ساھەسىدە «شىنجاڭ خەتتاتلىق سەنئىتى بويىچە تۆھپە مۇكاپاتى»، «پەزىلەتلىك سەنئەتكار ناماياندىسى»، «ئەخلاق، كەسىپتە يېتىلگەن خەتتات» دېگەن شەرەپلىك ناملار بىلەن مۇكاپات لوڭقىلىرىغا ھەم شەرەپ گۇۋاھنامىلەرگە، 1988-يىلى «مۇئاۋىن تەتقىقاتچى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشتى. 1988-يىلى سىياسىي كېڭەش ئۈرۈمچى شەھەرلىك 7 -نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
   ھوشۇر ئېلى 1984-يىلدىن 1998-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 1985-يىلدىن 2001-يىل 11-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، 1986- يىلدىن 2000-يىل 9-ئايغىچە پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەن.

   ھوشۇر ئېلى ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش رەسساملىق، خەتتاتلىق يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم خەتتاتلار جەمئىيىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

























Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى