نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟

ئامېرىكا پارلامېنتىدا كىملەر نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ؟

ۋاقتى: 2016-06-27 ئاۋاتلىقى: 1143 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

نېمىشقا چەت ئەللىكلەر ئامېرىكا پارلامېنتىغا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ؟


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


ئالىي پالاتادىكى تارىخشۇناس، دوكتۇر دون رىچىنىڭ دېيىشىچە، چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا زىيارەتكە كېلىشتە بىر نەچچە ئەھۋال بار ئىكەن: مۇھىم ۋەقەلەردىن كېيىن، مەسىلەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ياكى ئامېرىكىدا زور تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بولغاندا، ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى ئامېرىكىغا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن چەت ئەل رەھبەرلىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. بەزىدە جىددىي ئەھۋالدا، مەسىلەن، چېرچىل 1941-يىلى 12-ئايدا پېئارل خاربور پورتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

چېرچىل بۇ قېتىمقى نۇتۇقىدا ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ چوڭقۇم قول تۇتۇشۇپ دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، كەلگۈسىدە يەنە مۇشۇ خىلدىكى ئۇرۇش بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تىلغا ئالغان: «بىز 3-قېتىم بۇنداق تالاپەتكە ئۇچرىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، ئەجەبا بۇ ئۆزىمىزگە، كېيىنكى ئەۋلادلارغا، ئىنسانلارغا مەسئۇل بولغانلىق ئەمەسمىكەن؟»

چېرچىلنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتۇقى چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا سۆزلىگەن ئەڭ مەشھۇر نۇتۇقىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ 1-خانىمى سۇڭ مېيلىڭ 1943-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلىگەن، بۇ نۇتۇق ئامېرىكا خەلقىگە جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.

ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغانلار نوقۇل ھالدا چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى بولۇشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن كىشى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان فىرانسىيە قوماندانى لافايېتتې ماركىز بولۇپ، ئۇ 1824-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

تارىخشۇناس رىچى مۇنداق دەيدۇ: «لافايېتتې ماركىز گەرچە فىرانسىيەنىڭ دۆلەت رەھبىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ئۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداش دوستى بولۇپ، ئىلگىرى ۋاشىنگتون بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان. ئەلۋەتتە بىز فىرانسىيەنىڭ ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئىنقىلاب قىلىپ، ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولۇشىنى قوللىغانلىقىنى بىلىمىز. لافايېتتې ماركىز ئامېرىكا مۇستەقىل بولۇپ 50 يىلدىن كېيىن تەكلىپ بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن، ئۇ قەھرىمان دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.»

ئاق ساراينىڭ ئەتراپىدا لافايېتتې نامىدا بىر مەيدان بار بولۇپ، ئاشۇ لافايېتتې قومانداننىڭ نامى بېرىلگەن.

پولشا ئىتتىپاقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى ۋاۋېنسا 1989-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پالاتانىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى بىرەسمىي چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالغان.

جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ماندېلا 1990-يىلى ئەمدىلا تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شەخسىي نامىدىن ئامېرىلا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن، كېيىن ئۇ رەسمىي جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان.

چەت ئەل سىياسىي رەھبەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىغا كېلىپ نۇتۇق سۆزلىشىنى گەرچە پارلامېنت تەكلىپ قىلسىمۇ، بىراق بۇ يەنىلا ئادەتتە ئاق ساراي بىلەن كېڭەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

بۇ يىل 3-ئايدا ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانياخۇنىڭ پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلىشى تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان بولۇپ، پارلامېنت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەىسىدىكىلەر ئاق ساراي بىلەن كېڭەشمەي تۇرۇپلا نىتانياخۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان.

ئامېرىكا پارلامېنتى ئالىي ۋە ئاۋام پالاتاسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ھازىرغىچە 111 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، تارىخشۇناس رىچى ياپونىيە باش ۋەزىى ئابې شىنزونىڭ پارلامېنتتا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تولىمۇ زور ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى