ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلى
-
ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلى
ۋاقتى: 2015-03-11 ئاۋاتلىقى: 4083 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ماجاڭنى چەت ئەللەرگە يۈزلەندۈرەيلىمەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، نىدائىي يانبىلوگىۋاڭ لىتەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىرماجاڭ جۇڭگونىڭ يەرلىك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئەۋج ئالىدىغان بولسا، چەت ئەلنىڭ مودىلىرىنى بۆسۈپ چۈشىدۇ، يېزىلاردىن تارتىپ شەھەرلەرگىچە، كارخانىلاردىن تارتىپ ئورگانلارغىىچە ھەممە يەرنى قاپلايدۇ.ماجاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ كەلسەك ھەممىمىزگە ئايان.ئالدى بىلەن، ماجاڭ ئويناش ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. نورغۇن كىشىلەر ماجاڭ ئويناش ئارقىلىق بىر كۈن كۆرۈشمىسە چىداشمىغۇدەك دەرىجىدە ئىتتىپاقلىشىپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ماجاڭ ئوينىغانلىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇقىم تەرەققىيانىڭ جان تومۇرىنى چىڭ تۇتقانلىق بۇلىدۇ.ئىككىنچىدىن، ماجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ماجاڭ ئوينىغاندا يامان ئىشلارنى جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا ۋاقىت ھەم پۇرسەتمۇ چىقمايدۇ، بۇزۇقچىلىق قىلىدىغانلار ۋە چاتاقچىلارنىڭ ماجاڭ بىلەن قەتئىي خوشى يوق. ئشقىلىپ ماجاڭ ئويناشقا چۈشۈپ كەتكەندە زەھەر چېكىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ-دە، تەبىئىي ھالدا زەھەردىن يىراقلىشىدۇ.ئۈچىنچىدىن، ماجاڭ ئوينالغان ۋاقىتتا چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشتەك ناچار ئىستىللار بىراقلا يوقۇلىدۇ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ماجاڭ ئويناش ئۈچۈن ھەر خىل كاتتا زىياپەتلەردىن ۋاز كېچىپ، بىر قاچا تەييار چۆپ بىلەنلا ئىشنى پۈتكۈزىدۇ، قاراڭ، بۇ نېمىدېگەن ئىقتىسادچانلىق–ھە!ماجاڭنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشى تەرەپلىرىنى بىر–بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمايلى.ماجاڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە قەدەر، جەمئىيەتتىكى ئەڭ مودا ئېلمېنت، ئىلغار مەدەنىيەت، ئەڭ مۇكەممەل كىشىلىك ئالاقە دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇرۇنلاردا ‹‹قەدىناس›› دېگەن نېمە دەپ سورىسا، بىللە جەڭگە قاتناشقان، بىللە يېزىغا خىزمەتكە چۈشكەن، قىيىنچىلىقتا بىللە بولغان، بىللە چوڭ بولغان قاتارلىق ‹‹تۆتتە بىللە››لەرنى ‹‹قەدىناس›› دەپ ئاتايتتى ،لىىكىن ھازىر بۇ خىلدىكى ‹‹تۆتتە بولۇش›› بىر مەيدان ماجاڭغا ئوينىغانغا يەتمەيدۇ، ماجاڭ ئويناشقا چۈشۈپ كەتتىمۇ، بولدى، ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ.يەرلىك مەدەنىيەتمۇ چەت ئەللەرگە كېڭەيتىلىشكە مۇھتاج. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماجاڭ ئويناش سەۋىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئويناش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، كېڭەيتىشكە چولىسى تەگمەيدۇ، مېنىڭچە بۇ ئانچە ئەركەكلىك ھېسابلانمايدىغۇ دەيمەن.چەت ئەللەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، چەت ئەللىكلەر بىزگە ئوخشىمايدۇ. تەرەققىي قىلغان ئەنگلىيە ئەپيۇننى كەشىپ قىلىپ، ئۆز خەلقىنى تاشلاپ جۇڭگوغا كېڭەيتتى. تەرەققىي قىلغان ئامېرىكا ئەپيۇن ئىشلەپچىقارمىغان بىلەن، ھوللىۋودتىن ئىبارەت كىنو زاۋۇتى بار، سەر خىل كىنولاردىن ئۆزى ھۇزۇرلانماسلىققا بولىدۇكى، كېڭەيتمەسلىككە بولمايدۇ، يەنە يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەر ئاستا-ئاستا دۆلەت ئىچىدىكى يەرلىك يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ۋە تېخنىكا كېڭەيتىشتىكى كەڭ كۆلەملىكى، تېز سۈرئەتلىكى ۋە يۇقىرى دەرىجىلكلىكى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.ماجاڭنى چەت ئەللەرگە كېڭەيتىش ھازىرقى جىددىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى. ئەگەر ئامېرىكىلىقلار ماجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، توپ-توپ بولۇپ ماجاڭ ئويناپ كەتسە، سىز بىلەن پېرېۋوت مەسىلىسىنى مۇزاكىرلىشىشكە، سۈرىيە ۋەقەسىگە ئارىلىشىشقا ۋە ئاۋىياتسىيە يوللىرىنى ئېچىپ، ھەممە يەردە ئويناپ يۈرۈشكە ۋاقتى چىقمايدۇ، بۇ چاغدا جاھان نېمىدېگەن تىنچ بولاتتى–ھە!‹‹جۇڭگو فېليەتۇنلار تورى››دىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.تەرجىمان: پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق ھۆكۈمەت قوراللىق قىسىم ئىشخانىسىدامۇھەررىرى: توخنىياز ئسمائىل نىدائىيTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:503950‹‹دانالار خەزىنىسى››دىن دۇردانىلەر (3)
2015-07-22 10:52:044906پوۋېست: قارا يۈرەك - 11 (تۈگىدى)
2015-03-03 17:30:084680كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى نۇتۇقى
2015-04-27 13:12:333910127 قېتىم چاۋاك چېلىنغان نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر
2015-10-13 15:14:047651يۈەن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى گۈەن يۈنشى
2015-03-05 21:59:524390ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇشنى قولدىن بەرمەڭ
2015-03-03 13:05:453667پوۋېست: قارا يۈرەك - 6 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:21:254023
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-