كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى نۇتۇقى
-
كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى نۇتۇقى
ۋاقتى: 2015-04-27 ئاۋاتلىقى: 3914 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسىتەرجىماندىن:كىم جوڭئۇن 1983-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. ھازىر چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى، چاۋشيەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ 1-باشلىقى، چاۋشيەن ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى. كىم جوڭئۇن چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئىلنىڭ كەنجى ئوغلى، 1-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ نەۋرىسى.كىم جوڭئىل 1941-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلۇپ، 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇ چاۋشيەننىڭ 2-ئەۋلاد ئالىي رەھبىرى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىېتىنىڭ باشلىقى ئىدى. كىم جوڭئىل چاۋشيەننىڭ دۆلەت قۇرغۇچى رەھبىرى كىم ئېرسىننىڭ چوڭ ئوغلى. ئۇ شەكلەن سايلام ئارقىلىق دادىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چاۋشيەنگە 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
بىز ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت رەھبىرىنىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا سۆزلىگەن بۇ قىسقا، ئەمما قاراتمىلىقى كۈچلۈك نۇتۇقىدىن بىرلىكتە بەھرلىنەيلى:نۇتۇق تولۇق تېكىستى:بىز بىر قەھرىمانىمىزدىن ئايرىلدۇق.ئەمما بۇ مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ياق، بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش.ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت كۈچى ئۇلارنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ 30 دىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ، ئەمما بىز يەنىلا كەسكىنلىك بىلەن ئۇلارغا رىقابەت ئېلان قىلدۇق، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ھەرقايسىڭلار، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىمىز ئۈچۈن ھەققانىي كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر! بۇ نۇقتا بۇ يەردىكى ھەممەيلەنگە ئىنتايىن ئېنىق.بىز ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدۇق، دۆلەت نائىلاج پارچىلاندى.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكىنىڭ ھوقۇق كۈچى دۇنياغا كېڭىيىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقىلى 50 يىلدىن ئاشتى. شىمالىي قىسىمدا تۇرۇۋاتقان بىز ئىلگىرى ئامېرىكىغا بىرلىككە كېلىش تەلىپىمىزنى نەچچە رەت ئوتتۇرىغا قويغان بولساقمۇ، ئەمەلگە ئاشمىغانىدى.چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، شۇڭا تەڭرى بىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ.مېنىڭ ئاتام، يەنى ھەرقايسىڭلارنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇلۇغ داھىيسى، باش شۇجى كىم جوڭئىل ۋاپات بولدى، نېمە ئۈچۈن؟يېڭى دەۋردىكى زوراۋانلىق بىزنىڭ مۇشۇنداق ئاساسىي ئىدىيەگە ئىگە پۇقرالىرىمىزغا مەنسۇپ، بۇ تارىخنىڭ مۇقەررەرلىكى.شۇڭا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ بىر جۈپ قولى بىلەن بۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز كېرەك. بىز بۇ رەھىمسىز دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى بىرلىكتە قوبۇل قىلىشىمىز ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.باش شۇجى كىم جوڭئىل ئېيتقاندەك، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىسلاھاتى بىز پىرولتارىيات سىنىپىدىن باشلىنىدۇ. ئەمما، ئاشۇ ئامېرىكىنىڭ قارىغۇ چاشقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.ھەرقايسىڭلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئامېرىكىنىڭ رەھىمسىز سۈيتقەستلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ قىساسنى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنتۇپ قالساق ھەرگىز بولمايدۇ.بۇ باش شۇجى كىم جوڭئىلنىڭ بىزگە بەرگەن بېشارىتى.ھازىر، بىز ئۆزىمىزنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئامېرىكىغا زەربە بېرىپ، ھەقىقىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.پەقەت غەلىبە قىلساقلا، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزالايمىز.بىز بىر مۇنەۋۋەر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەنە ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشتەك ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت
2016-07-15 13:27:154954ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
2015-05-11 17:32:554875فېليەتۇن: نۇتۇق تېكىستى تەييارلاش
2015-03-02 12:54:514036‹‹دۆلەت جۇغراپىيەسى››دىكى نادىر سۈرەتلەر
2015-11-11 12:49:175039«گۈزەل ئالەم»دە ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
2015-05-01 13:27:284143دۇنيادىكى گۈزەل يانارتاغ مەنزىلىرى
2015-05-08 13:07:514138جۇڭگونىڭ بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىش
2016-02-04 23:20:234929ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇش قوشۇلۇپ قالىدىغان سۆزلەر
2015-05-29 13:41:234584
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-