ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
-
ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
ۋاقتى: 2015-05-11 ئاۋاتلىقى: 5080 قېتىميانفوندا كۆرۈش
تۈز خەت نۇسخىسى
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ ھازىر قوللىنىۋاتقان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نۇسخىلىرى ئالاھىدە كۆپ. بىراق، ھەر خىل تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم نۇسخىلار بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەن، يەنە بىر قىسىم نۇسخىلار قوللىنىش دائىرىسى تولىمۇ تار، كىشىلەر قوبۇل قىلالمىغان بولغانلىقتىن، ئۆزلىكىدىن قېپقېلىپ يوقالغان. ھازىر قايتا رەتلەپ، ئاساسەن تۇراقلاشتۇرۇلغان، كۆپرەك قوللىنىلىدىغان نۇسخا 12 خىل ۋە بىر قانچە شەكىل بولۇپ، ھەر بىر نۇسخا ۋە شەكىلىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىدا، ھەرپ ئۆلچىمىدە ئۆزىگە خاس روشەن ئالاھىدىلىكلەر بار. بۇ ئالاھىدىلىكلەر نۇسخىنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرىدۇ.تۈز خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا يېڭى ھەمدە ئاساسلىق نۇسخىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتبۇئاتلاردا، خەت بېسىش ماشىنكىلىرى، ئېلىكتىرونلۇق ماشىنكىلاردا مەتبەئە شەكلى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلسا، قوليازما شەكىللىرى ئېلىپبە ۋە بىر قىسىم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ ھەمدە بىر قىسىم ئىدارە–ئورگان، كان–كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسىكىلىرى، يىغىن پىلاكاتلىرىدا، كۆرگەزمە، يەرمەنكە ۋە تەشۋىقات سورۇنلىرىدا چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇسخىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتى يۇقىرى، قوللىنىلىدىغان ئورۇنلىرى كۆپ، بولۇپمۇ سىياسىي تۈس ئالغان يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ خەتلىرىنى يازسا ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.تۈز خەت نۇسخىسىدا ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرى توق، ئۇستىخانلىق، ئېگىز–پەسلىكى، ئۇزۇن–قىسقىلىقى نورمال يېزىلىدۇ. ھەرپلەرنىڭ تىك قۇرۇلما سىزىقلىرى قەلەم توملۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا تەڭ ھالدا تۈز تارتىلىدۇ. بۇ نۇسخىدا ھەرپلەر قىرسىز، سىيلىق ، كىرتىكلىرى توغرا سىزىقتىن بىر چېكىت ئېگىزلىكتە ئۇچلۇق، باش كىرتىكلىرى سەل ئېگىز، كەڭ يېزىلىدۇ.تۈز خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ۋەكىل خارەكتېرلىك، ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان نۇسخا بولغاچقا، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يېزىشقا بولمايدۇ.ھۆسنىخەت يازغاندا ئورۇننىڭ ئۇزۇن–قىسقىلىقى، كەڭ–تارلىقىغا قاراپ خەتنى قورۇپ ياكى سوزۇپ، توم ياكى ئىنچىكە يازغاندىمۇ قۇرۇلما شەكىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك كېرەك.تۈز خەت نۇسخىسى ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان ۋە ئاساسلىق نۇسخا بولغاچقا، ھەۋەسكارلار بۇ نۇسخىنى ئۆگىنىشتە خەتتاتلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەستايىدىللىق ئىستىلىنى تۇرغۇزۇشى، زېرىكمەي ئۆگىنىش مىجەزىنى يېتىلدۈرۈشى، ھۆسنىخەتنى قائىدىلىك، ئىملاسى توغرا يېزىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىتەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىيTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ما يۈننىڭ يەنە بىر نادىر نۇتۇقى (2)
2015-08-28 18:30:285413سىز كىتاب ئاسراشنى بىلەمسىز؟
2015-02-04 02:38:364872ئاجايىپ قىزىقارلىق ھاجەتخانا بەلگىلىرى
2015-07-13 17:43:574146نىدائىي: ما يۈننىڭ ئەرلەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى
2015-06-18 17:57:484177داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (5)
2015-03-01 12:02:263620داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (7)
2015-03-01 12:16:503573دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)
2015-02-05 17:36:544564داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (1)
2015-02-28 17:50:354307
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-