نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)

ۋاقتى: 2015-02-05 ئاۋاتلىقى: 4255 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (2)
دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن «100 كىتاب»نىڭ تىزىملىكى:
51. مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچنىڭ نامايان قىلىنىشى — ھومېرنىڭ «ئىليادا» ناملىق داستانى
52. ئەرەب ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە گۈل — «مىڭ بىر كېچە» ناملىق كىتاب
53. ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرىلا جۇڭگوغا تۇنۇشتۇرۇلغان مەشھۇر ئەسەر — «ئېزوپ مەسەللىرى» ناملىق كىتاب
54. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان ئېپوس — دانتىنىڭ «ئىلاھ كومېدىيەسى» ناملىق كىتابى
55. يېقىنقى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ باشلىنىشى — بوككاسيۇنىڭ «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» ناملىق كىتابى
56. ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا فېئودال كۈچلىرىنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇلغان خەنجەر — سېرۋانتېسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق رومانى
57. كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تراگېدىيەلىك ئوبراز — شېكېسپېرنىڭ «ھاملېت» ناملىق تراگېدىيەسى
58. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ئوبرازىنى نامايان قىلىش — دېفونىڭ «دېڭىز سەرگەردانى — روبىنزون كروزو» ناملىق رومانى
59. ناپالېئون يەتتە قېتىم ئۇقۇپ چىققان كىتاب — گېئوتىنىڭ «ياش ۋېرتېرنىڭ دەردى» ناملىق كىتابى
60. تالانتلىق بېشارەتشۇناس — شېللېينىڭ «ئازاد بولغان پىرومېتېئوس» ناملىق كىتابى
61. ئاچكۆز بېخىلنىڭ جانلىق تەسۋىرى — بالزاكنىڭ «يېۋگېنې گىراندې» ناملىق رومانى
62. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى — ھىيوگونىڭ «خارلانغانلار» ناملىق رومانى
63. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ بوران-چاپقۇنىدىكى ھاياتلىق كارتىنىسى — دىككېنىسنىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى» ناملىق رومانى
64. مۇرەككەپ پىسخىكىدىكى زىددىيەتلىك ئوبرازلار — تۇرگېنېفنىڭ «ئاتا ۋە بالا» ناملىق رومانى
65. قۇرۇلمىسى سەلتەنەتلىك ئېپوس شەكلىدىكى بۈيۈك ئەسەر — لېۋ تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق رومانى
66. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا تارقالغان پاھىشە تېمىسىدىكى ئەسەر — كىچىك دىيۇمنىڭ «چوغلۇق قىز» ناملىق رومانى
67. ئاياللار ئازادلىقى ئۈچۈن چۇقان سېلىش — ئىبسېننىڭ «قونچاقلار ئائىلىسى» ناملىق دىرامىسى
68. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى — مارك تىۋېننىڭ «تام سۇپئېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ناملىق رومانى
69. ‹‹چوڭ ئۇرۇش قوزغىۋەتكەن كىتابنى يازغان خانىم›› — ستوۋ خانىمنىڭ «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق رومانى
70. ئۇلار نېمە ئۈچۈن سۇنۇپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ — ستېنبېكنىڭ «قەھرلىك ئۈزۈم» ناملىق رومانى
71. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش سىگىنالى — ھېمىڭۋاينىڭ «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق رومانى
72. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ۋە ئالىم — ئىساك ئاسىموۋنىڭ «سىز بىلەمسىز؟ — ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنىدىكى 100 مەسىلە» ناملىق كىتابى
73. تاشقى پېلانېتلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان يازغۇچى — كارل ساگاننىڭ «برۇكانىڭ مېڭىسى — ئىلىم-پەندىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدىكى ئويلىنىش» ناملىق كىتابى
74. ئاسماندىكى ئاينىڭمۇ دېغى بار — مىچېلنىڭ «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ناملىق رومانى
75. تەبىئىي پەنلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى — كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەت نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
76. يېقىنقى زامان فىزىكىسى دەرۋازىسىغا تۇتاشقان يول — گالىلېينىڭ «ئىككى خىل يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
77. مېدىتسىنادىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش — خارېنىڭ «يۈرەك قان ھەرىكىتى نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
78. تەبىئىي تاللىنىشتا ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ — دارۋېننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
79. دارۋېندىن ئىلھام ئالغان ئارخېيولوگىيە ئالىمى — رىچارد لېكېينىڭ «ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
80. ئىنسانشۇناسلىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپە — مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق كىتابى
81. ھازىر زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغان ئەسەر — خاددونىڭ «ئىنسانشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابى
82. ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ نەمۇنىسى — نيوتوننىڭ «پەلسەپەنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى» ناملىق كىتابى
83. بۇرۇنلا كۆمۈلۈپ قالغان ئۇلتاش — مېندېلنىڭ «ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى» ناملىق كىتابى
84. ھازىرقى زامان بىيولوگىيە تارىخىنىڭ دەستۇرى — ئاللېننىڭ «20–ئەسىردىكى ھاياتلىق ئىلمى» ناملىق كىتابى
85. بىيولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بىر سەمەرە — ئېيگېننىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى دەۋرىي قىلىش نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
86. ئىنسانلار مۇھىت ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يېقىلغان نۇرلۇق چىراغ — راچېل كارسوننىڭ «تىمتاس باھار» ناملىق كىتابى
87. فىزىيولوگىيە ۋە مېدىتسىنا بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم —  فرانسىس كىرىكنىڭ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياس — روھ توغرىسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىش» ناملىق كىتابى
88. دەۋر ھالقىغان ئابىدە — ئېينىشتېيننىڭ «كەڭ ۋە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە قىسقىچە ئىزاھ» ناملىق كىتابى
89. پۈتۈنلەي يېڭى بولغان يەر شارى قارىشى — ۋېگېنېرنىڭ «ماتېرىك ۋە دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق كىتابى
90. پسىخولوگىيە ماياكى — پاۋلىننىڭ «تەجرىبە پىسخولوگىيەسى تارىخى» ناملىق كىتابى
91. كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرانە خەزىنە — جوزېف لىنىڭ «جۇڭگو پەن-تېخنىكا تارىخى» ناملىق كىتابى
92. زامانىمىزدىكى تىل تەتقىقاتىنى ئالغا سۈرگەن بۈيۈك ئەسەر — برونېلدنىڭ «تىل نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابى
93. سەنئەت بىلەن ئىلىم-پەن ئوخشاشلا تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە — ‹‹گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ›› — س چاندراسېكھارنىڭ «شېكېسپېر، نيوتون ۋە بېتخوۋىن» ناملىق كىتابى
94. ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىمى — خاۋكىڭنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى
95. دولقۇن مېخانىكىسىغا ئاساس سېلىپ، پۈتكۈل فىزىكا ساھەسىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئالىم — ئېرۋىن شىرودىنگېرنىڭ «ھاياتلىق دېگەن نېمە» ناملىق كىتابى
96. تامسىز داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت — «بىرىتانىيە قامۇسى» ناملىق كىتاب
97. خىمىيە ۋە تىنچلىق تۈرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم — پاۋلىنگنىڭ «ئۇرۇش بىلەن خوشلىشىش: بىزنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىمىز» ناملىق كىتابى
98. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى كەلگۈسىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈندىگەن مەشھۇر ئەسەر — توفلېرنىڭ «كەلگۈسىنىڭ زەربىسى» ناملىق كىتابى
99. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيەۋى قورالى — پەيىننىڭ «ئومۇمىي ساۋات» ناملىق كىتابى
100. ‹‹ھەممە كىشى ئەجىر قىلسۇن» — ساينت سىموننىڭ «سودا-سېتىق سىستېمىسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى