نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ئايال قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟

ئايال قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟

ۋاقتى: 2015-08-13 ئاۋاتلىقى: 5955 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئايال قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟


تېپىشماقلىق چۆچەك



   ئۆتكەن زاماندا ئاتا – ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ، بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىككى ئاكا – ئۇكا بولغانىكەن. بىر كۈنى بۇلار ئەرزىمەس بىر ئىش بىلەن خاپا بولۇشۇپ قاپتۇ – دە، ئاكىسى قېيداپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەپتۇ. 
   ئارىدىن ئون يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئاكىسىدىن ھېچقانداق ئىز – دېرەك بولماپتۇ. ئۇكىسى ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردىن ئاكىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىپتۇ، لېكىن پەقەت دېرىكى بولماپتۇ. شۇڭا ئاكىسىنىڭ ئۆلۈم مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ، غايىبانە قەبرىسىنى تىكلەپتۇ.
   كۈنلەر ئۆتۈپ سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كۈز كېچىسى تۇيۇقسىز ئىشىك قېقىلىپتۇ.
   ــ بۇنداق چاغدا ئىشىك قاققان كىم؟
   ئۆي ئىچىدىن ئىنىسىنىڭ  ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ.
   ــ مەن.
   ــ مەن دېگەن كىم؟
   ــ مەن ــ ئاكاڭ. ئىشىكنى ئاچقىن! ئىنىسى بۇ گەپكە ئىشەنمەي، كۆڭلىدە: ‹‹ بۇ پەيلىنى بۇزۇپ كەلگەن بىر ئوغرى بولسا كېرەك›› دەپ ئويلاپتۇ ـ دە:
   ــ مېنىڭ ئاكام يوق، ھەر قانداق ئىشىڭ بولسا ئەتە كەل، ھازىر ساڭا ئىشىك ئاچالمايمەن، ــ دەپتۇ.
   نەچچە كۈنلۈك يولنى پىيادە بېسىپ، ئىنىمنى كۆرىمەن دېگەن ئۈمىد بىلەن كەلگەن ئاكىسىغا بۇ گەپ ناھايىتى ھار كەپتۇ ــ دە، يېنىدىكى ئىتتىك پىچاق بىلەن ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ.
دەرۋازا قايتا قېقىلمىغاندىن كېيىن، ئېرىنىڭ گېپى بىلەن ئويغىنىپ كەتكەن ئايالىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشۈپتۇ ۋە ئېرىگە مۇنداق دەپتۇ:
   ــ دەرۋازىنى قاققۇچى راستتىن ئوغرى بولغان بولسا، سىلىنىڭ بىر قېتىملىق گەپلىرى بىلەن جىمىپ كەتمەي، يەنە ئىشىك قېقىپ بىزنى پاراكەندە قىلغان بولاتتى، مېنىڭچە، بۇ ئوغرى ئەمەس، بەلكى راست ئاكىلىرى بولۇشى مۇمكىن، كېتىپ قالمىغان بولسا، چىقىپ قاراپ باقسىلا قانداق؟
   ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىپ، چىراغنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
   ئارىدىن خېلى كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئېرى قايتىپ كىرمەپتۇ. ئايالىنىڭ كۆڭلىگە ۋەھىمە چۈشۈپتۇ – دە، كىيىم – كېچەكلىرىنى ئالدىراشلىق بىلەن كىيىپ، قولىغا كەكە تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، بىردىنلا چۆچۈپ كېتىپتۇ. قارىسا، غەرق قانغا بويالغان ھالدا ئېرىنىڭ تېنى بىر يەردە، كاللىسى بىر يەردە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىر جەسەت يېتىپتۇ، چىراغ بولسا ئىشىكنىڭ تۈۋىدە غۇۋا نۇر چېچىپ جەسەتلەرنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇرۇپتۇ. ئايال بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئېرىنىڭ جەسىتىگە تاشلىنىپ، جەسەتنى قۇچاقلاپ: ‹‹ۋاي مۇرەببىم!›› دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. 
   يىغلاش بىر ھازا داۋاملاشقاندىن كېيىن بىرىنىڭ: ــ ‹‹قىزىم، بولدى، سەۋر قىلىڭ!›› دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ، چاچ – ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان بىر مويسىپىت كىشىنىڭ يېنىدا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئايال ھەيران بولۇپ يىغىسىنى توختىتىپتۇ.
   ــ قىزىم، بۇ كىمدۇ؟ دەپ قالماڭ، ــ دەپ سۆز باشلاپتۇ مويسىپىت كىشى، ــ مەن خىزىرى ئەلەيھىسسالام بولىمەن. يۈز بەرگەن ئەھۋالنى سىزگە قىسقىچە دېسەم، ئېرىڭىز ئىشىكنى ئېچىپ، ‹‹مېنىڭ ئاكام يوق›› دېگەن گەپنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزىنى بوغۇزلىۋەتكەن بۇ يىگىتنى تونۇغان ــ دە، ‹‹ماڭا ئاكامسىز ياشاشنىڭ نېمە كېرىكى بار›› دەپ، ئۆزىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلغان. 
   مەن بۇ ئاقىۋەتنى ئوڭشاپ، ھەر ئىككىيلەنگە خۇدادىن قايتا جان ئاتا قىلىشنى تىلەپ بېرەي، بۇنىڭدىن كېيىن بۇلار بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتسۇن.
   خىزىرى ئەلەيھىسسالام ئايالغا ھەر كىمنىڭ بېشىنى ئۆز بوينىغا ھىملاشنى بۇيرۇپتۇ. بىراق، خۇشاللىقىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئايال بىخەستەلىك قىلىپ، ئېرىنىڭ كاللىسىنى قېيناكىسىنىڭ تېنىگە، ئېرىنىڭ تېنىنى قېيناكىسىنىڭ كاللىسىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ، خىزىرى ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ، جەسەتلەرگە ئاللاتالادىن جان تەلەپ قىپتۇ – دە، كۆزدىن غايىب بوپتۇ.
   بىر پەستىن كېيىن جەسەتلەر تىرىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. قارىسا بۇ ئىككىيلەننىڭ بېشى بىلەن تېنى بىر – بىرىگە ئالمىشىپ قالغان، ئايال بۇلاردىن قايسىسىنىڭ ئۆز ئېرى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قاپتۇ. 
   قېنى كۆپچىلىك ئايرىپ بېقىڭلار! ئايال بۇلارنىڭ قايسىسىغا مەنسۇپ بولۇشى كېرەك؟
توپلىغۇچى: ۋاھىتجان ئوسمان

تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

مەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگى


بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى