نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

نىدائىي: ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى

نىدائىي: ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى

ۋاقتى: 2015-08-24 ئاۋاتلىقى: 4430 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى

تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇھەررىر)



   

    تۈنۈگۈن كەچتە مەن ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئاشۇ چاغنى ئەسلەپ، خىياللارغا غەرق بولدۇم، شۇنداق قىلىپ ئىمتىھاندىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا بىر پارچە خەت يازدىم.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇغۇچىغا:
   مېنىڭچە سەن بۇ بىر نەچچە كۈندە بەكلا مەيۈسلىنىپ كەتتىڭ، بۇنى مەن چۈشىنىمەن. چۈنكى بۇ خىل كەچۈرمىش مېنىڭ بېشىمدىنمۇ ئۆتكەن. بولۇپمۇ 2-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەغلۇب بولغان ئاشۇ كۈنى كەچتە مەن ئۆزۈمگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە بۇرۇنقى جېجياڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئىشىكىدىكى سۇپىدا يېتىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىپ، كەلگۈسۈمدىن تەشۋىشلەنگەنىدىم. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئاغرىنىشىدىن، ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەسلىكىمدىن، كەلگۈسۈمدىن قورققانىدىم.
   ھاياتلىق ئۆزگىرىشچان، بۈگۈننىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ھەرگىزمۇ كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇتۇق قازىنىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۈگۈنك مەغلۇبىيەت كەلگۈسىدە پۇرسەت يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەزىلەر كىتاب ئوقۇيالايدۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتەلەيدۇ، بىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيمىز، باشقىلاردەك ھېسابلاشنى، كىتاب يادلاشنىمۇ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما باشقا جايلاردا بىز ئۇلاردىن ناچار ئەمەس. بەلكىم بىزنىڭ تۇغۇلۇشىمىز ئىمتىھان ئۈچۈن ئەمەستۇر، ئەمما بىز تىرىشىپ ئىشلىيەلەيمىز. بىز بەلكىم بىر نەچچە قېتىم ئىمتىھان بەرگەندىلا ئۇتۇق قازىنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشىمىز مۇمكىن. بىزنىڭ تەلىيىمىز ئىمتىھاندا ئەمەس، بەلكى چوقۇم باشقا جايدا بولۇشى مۇمكىن. پەقەت بىزنىڭ ئىزدەپ تاپالمىغانلا يېرىمىز بار.
   مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇتۇق قازىنىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. ئەمما مەن بۇ ئۆمرۈمدە پۇرسەتنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. بەزى پۇرسەتلەر باشقىلارنىڭ، ئۇنىڭغا قانچە ھەسەت قىلساقمۇ پايدىسى يوق. بىزدەك ئانچە كىتاب ئوقۇيالمايدىغان ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغان كىشىلەر  بىز پەقەت ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىستا چىڭ تۇرۇشىمىز ھەمدە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. 
   ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئەلۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايتا-قايتا ئىمتىھان بېرىپ باق، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا چوقۇم كىرەلىشىڭ ناتايىن، ئەمما ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەننىڭ پايدىسى كۆپ. ھەتتا ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغىمۇ كىرەلمىسەڭ، ئۆزۈڭدە ئازراق مەسىلە بار دېسەك بولىدۇ. ۋاز كەچمە، يەنە بىر قېتىم سىناق باق.
   ناۋادا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرەلمىسەڭ، باشقىلارغا ھۇزۇرلىنىش نەزىرىڭ بىلەن قاراپ باققىن، ناۋادا ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرەلىسەڭ ياكى كىرەلمىسەڭ ھۇزۇرلىنىش نەزىرىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قاراپ باققىن. ساڭا چوقۇم ئۆزۈڭگە تەۋە پۇرسەت كېلىدۇ.
ما يۈن
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى

بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى