نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 8 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 8 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 4714 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (8) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
8
   ‹‹قۇمدۆۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ سېكرىتارى دۇ يېمىن ناھىيەگە يۆتكىلىپ كەتكۈدەك›› دېگەن شامال چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئۇ قايسى بىر ئورگانغا باشلىق بولۇپ يۆتكىلىپ كەتتى. ئورنىغا ناھىيەلىك پارتكوم سېكرىتارىنىڭ سابىق شوپۇرى، پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ داتۇ سېكرىتار بولۇپ كەلدى. بۇ ئەمەل يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇنچە چوڭ ئەمەل ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمما كەنت كومىتېت سېكرىتارلىرى، مۇدىرلىرىنىڭ نەزەرىدە خېلى چوڭ ئەمەل ھېسابلىناتتى. دېھقانلارنىڭ نەزەرىدە بولسا، بۇ ئەمەلگە ئېرىشكەن ئادەم مۇشۇ يۇرتنىڭ بىردىنبىر خاقانى ھېسابلىناتتى. 
   شۈ داتۇ سېكرىتار بولۇپ كېلىشى بىلەن ئىلگىرىكى سېكرىتار دۇ يېمىننىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، چاپىنىنى كۆتۈرگەنلەرنىڭ بېشىغا پىت چۈشتى. راست باشلىق دېگەن ئاجايىپلا بولىدۇ، خۇددى ئارتىسلاردەك، ياق، مايمۇندەكلا. ئۇلار ئاشۇنداق ھەم ھىيلىگەر ھەم چاققان بولمىسا، قىلنى قىرىق يېرىپ ھوقۇق تۇتالمايدۇ - دە! كونىلاردىمۇ ‹‹خاننىڭ ئاغزى مايمۇن›› دېگەن گەپ بارغۇ؟ بىردەم ئېچىلىپ، بىردەم تۇتۇلىدىغان چىرايىغا قاراپ، ئۇلارنى ئاسانلىقچە چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
   ساۋۇت ساختا قانداق قىلىپ بۇ يېڭى كەلداخۇننىڭ بۇرنىدىن ئىلىۋېلىپ، ئىچ قويۇن – تاش قويۇن بولۇۋېلىشنىڭ كويىدا خېلى باش قاتتۇردى. ئۇ يېزا باشلىقى دولقۇن بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ ئەمەلدارلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، كۆڭلىنى قانداق ئوۋلاشنى خېلى ئوبدانلا ئۆگىنىۋالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ پەم بىلەن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، شۈ سېكرىتارنىڭ بېلىق تۇتۇش، كەپتەر بېقىشقا ھېرىسمەنلىكىنى، قىرقىلمىغان ئوغلاق گۆشىگە خام پىياز قوشۇپ چاپىتىغا يۆگەپ يېيىشكە، يەنە كۆك كەپتەر باچكىسىنىڭ كاۋىپىغا ئامراقلىقىنى، ئەڭ يېقىن ئۈلپىتىنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالدى – دە، ئەڭ ئاۋۋال ئاز - تولا پۇلنىڭ مېھرىدىن كېچىپ، ئۇ ئامراق نەرسىلەردىن كۆپراق سېتىۋېلىپ، ئىنسى - جىنغا تۇيدۇرماي ئۆيىگە سالامغا بېرىپ، ئالدىدىن بىر ئۆتۈپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. باشقا كەنت - مەھەللىلەرنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىمۇ يېڭى سېكرىتارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە چېپىشىۋاتامدۇ – قانداق، مۇشۇ كۈنلەردە كەنت – مەھەللىلەردە بەس - بەستە مېھمانغا چاقىرىش، مەشرەپ ئويناش قىزىپ كېتىۋاتاتتى. گەرچە ساۋۇت ساختا شۈ سېكرىتارنى تېخى مېھمانغا چاقىرىۋالالمىغان بولسىمۇ، خېلى ئېغىر ‹‹يۈك›› بىلەن ئۆيىگە ئىككى قېتىم يوقلاپ بېرىپ ئالدىدىن ئۆتۈۋالدى. سېكرىتارنىڭ كىرگەنلەرنىڭ قولىغا قاراپ ھىجاراپلا تۇرىدىغان كالتە پاچاق ئايالى تېخى ‹‹ساۋۇتى داشۇ كېيى›› دېگىنىچە باشمالتىقىنى چىقىرىپ ئۇنى ماختاپ قويدى. يېقىندىن بېرى، شۈ سېكرىتار بەزى مېھماندارچىلىق، مەشرەپلەرگە ساۋۇت ساختىنىمۇ چاقىرىۋالىدىغان بولدى. بەزىدە تېخى ‹‹ساۋۇتى تاگا، سىز شۇ ياشى چوڭ، پىشىكادامۇ، مۇشۇ دو شاڭجاڭ كېشىدا ئوتاسۇڭ›› دەپ ئۆزىگە ياندىشىپ ئولتۇرغان يېزا باشلىقىنىڭ يېنىغىلا ئولتۇرغۇزۇۋالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ساۋۇت ساختىنىڭ بېشى كۆككە يېتىپ، ھاياجاندىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتى. ئەلۋەتتە، باشقا كەنتنىڭ سېكرىتار، مۇدىرلىرى قانداق قارىشىۋاتىدىكىن، دېگەندەك گەۋدىسىنى تىك قىلىپ، قىسقا بويۇنلىرىنى سوزۇپ تۇرۇپ ئولتۇرغانلارغا بىر - بىرلەپ قاراپ چىقاتتى. ئۇ ھەتتا ئۇخلىسىمۇ سورۇن - سورۇنلاردا يېزا ئەمەلدارلىرىغا ياندىشىپ كېرىلىپ ئولتۇرۇپ، قوشنا كەنت - مەھەللە ئاقساقاللىرىغا ئۆزىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش، ياخشى تائام، ئېسىل شاراپ، مۇڭلۇق ناخشا - سازلارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى چۈشەيتتى. مانا ئەمدى ئىشلار ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەكلا بولۇۋاتاتتى.
   بۈگۈن جۈمە. ساۋۇت ساختا يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ، شۈ سېكرىتار بىلەن يېزا باشلىقىنىڭ ئەتە مېھمان بولۇشقا ۋاقتى يېتەمدۇ – يوق ئۇقۇپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىراپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارغا ئالدىراپ خەۋەر قىلىۋەتسە بولمايتتى. ئۇ يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسى ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىسىنى ئاستىلىتىپ قورۇغا كىردى. ئۇ ‹‹ئاۋۋال سېكرىتارنىڭ ئىشخانىسىغا كىرەيمۇ ياكى يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرەيمۇ›› دەپ ئويلىنىپ قالدى. ئۇ يەنىلا ئاۋۋال يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىشنى مۇۋاپىق كۆردى. تەلىيىگە يېزا باشلىقى دولقۇن ئىشخانىسىدا بار ئىدى.
   — ئەسسالامۇئەلەيكۇم يېزا باشلىقى، ھارمىغايلا، - دېدى ساۋۇت ساختا نېمىنىدۇر ئىزدەۋاتقان دولقۇنغا قولىنى سوزۇپ.
   — ۋاي كەلسىلە سېكرىتار، كەلسىلە، بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولامدۇ – نېمە، تاڭ سەھەردە چۈشەپ قاپتىكەنمەن سىلىنى، ئەتىگەندىلا كۆرۈشتۇق مانا.
   — ئىنشائاللا، ھەرقايسىلىرىنىڭ دۆلىتىدە كۈنلىرىمىز خەيرلىك بولۇۋاتىدۇ قارىسىلا، سىلىنى دائىملا سېغىنىپ تۇرىمىز دېسىلە.
   — خوش، بىرەر خۇش خەۋەر بارمۇ نېمە؟
   — خۇش خەۋەر دېگىلىغۇ بولمايدۇ، پېقىر ئەتە ھەرقايسىلىرىغا بىر داستىخان سېلىۋالاي دەپ ئويلىغان، شۇڭا ئاۋۋال يوليورۇق سوراپراق ئىش قىلاي دەپ ئالدىلىرىغا كېلىشىم. بىلمىدىم، ۋاقىت چىقىرىپ غېرىب كۈلبىمىزنى بىر ئاۋات قىلىپ بېرىشەلىمىكىن؟
   — ۋاي تېخى ئۈلۈشكۈنلا بىر ئوبدان سورۇن ھازىرلاپ كۈتۈۋالغانغۇ؟ ئالامەت ئىش بولغان دەيمەن ئۇ كۈنى، شۈ سېكرىتارمۇ تۇتقان بېلىقلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن، يېگەن باچكىلىرىنىڭ تەملىكلىكىدىن، ئوغلاق گۆشىنىڭ لەززىتىدىن تېخىچە ھوزۇرلىنىپ ئېغىزىنى تامشىتىپ يۈرۈيدۇ. ‹‹ئىش بىلىدىغان ئادەمكەن›› دەيدۇ سىلىنى.
   — رەھمەت! بۇ ئالدى بىلەن سىلىنىڭ شاپائەتلىرىدىن بولۇۋاتىدۇ، ئەسلىدە ئۇنچىۋالا دەپ كەتكۈدەكقۇ بولمىغان، كۆڭلۈڭلار خۇش بولغانلا بولسا، مەنمۇ شۇنىڭغا خۇش. ئەمدى ئەتە سورۇننى باشقىچىرەك تۈزۈپ، ناخشا - ساز، مەشرەپ بىلەن بىر ياشايلىمىكىن دەيمەن، ئەتە – ئۆگۈن دېھقانچىلىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتسەك، پۇرسەت بولماسمىكىن دەيمەنغۇ؟
   — رەڭلىك ياشايمىزكەن - دە، سا سېكرىتار. قالتىس ئادەم جۇمۇ سىلە، شۈ سېكرىتار نېمە دەيدۇ؟
   — تېخى كۆرۈشكىدەك بولمىدىم، ئاۋۋال سىلىدىن كېلىدۇ - دە يېزا باشلىقى، سىلىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايمىز دەيمەن؟
   — ھى، ھى، ھى... مەندىغۇ چاتاق يوق. يۈرسىلە، شۈ سېكرىتارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ باقايلى.
   ئۇلار سېكرىتار ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى چەكمەيلا ئۇدۇل ئۈسسۈپ كىردى. 
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشلىق، - ساۋۇت ساختا چوڭقۇر تەزىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئىككى قولىنى ئۇزاتتى.
   — ۋاي ساۋۇتى تاگا، ياكىشىمۇ؟ تاماكى يېدىڭىزمۇ؟ - شۈ سېكرىتار قولىدىكى گېزىتنى قويۇپ ئورۇن كۆرسەتتى،- كېنى ئوتۇسۇن، ئوتۇسۇن.
   — ياق، ياق، مەن تاماكا چېكىپ باقمىغان، باشلىق، - دېدى ساۋۇت ساختا سەل دۇدۇقلاپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ قوش قوللاپ كۆرىشىدىغۇ دېگەن خىيالدا ئۇزاتقان ئىككى قولى بوشلۇقتا قېتىپ قالدى. ئۇ گويا خەقنىڭ بېغىغا مېۋە ئوغرىلاشقا كىرىپ تۇتۇلۇپ قالغان كىچىك بالىدەك دەم قىزىرىپ، دەم تاتىرىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغاندا، يېزا باشلىقى چاندۇرماي پېشىنى تارتىپ، ساپادا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. سېكرىتار ‹‹قېنى، نېمە ئىش بار ئىدى›› دېگەندەك ئىككەيلەنگە تىكىلدى. دولقۇن بىردە خەنزۇچە، بىردە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ ساۋۇت ساختىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇردى. شۈ سېكرىتار ئۇيغۇرچىنىمۇ پىششىق بىلەتتى.
   — شۇنداكىمۇ؟ ئەرتە مەندە ئىشى يوك، چۈشتە سىزنى ئويىگا باسۇڭ، - دېدى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، قىرقىمىغان ئوغلاقنىڭ چۇپۇرىدەك پاخپىيىپ تۇرغان يىرىك چاچلىرىنى بارماقلىرى بىلەن تارىغاچ، - سىز شۇ ياكىشى، ياكىشى ئادەمۇ.
   ئۇنىڭ تېزلا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بىر ئىشقا ئالدىراۋاتقاندەك ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ جايىدا تۇرالماي قالغىنىغا قاراپ نېمىنىدۇر ھېس قىلغان يېزا باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ، ‹‹شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، ئەتە بىرگە بارايلى›› دېگىنىچە ساۋۇت ساختىنى باشلاپ چىقىپ كەتتى. 
   ئەتىسى مېھمانلار بالدۇرلا يىغىلدى، ساۋۇت ساختىنىڭ ئوتقاشتەك گىلەملەر بىلەن تولدۇرۇلغان ساراي ئۆيى مېھمانلار بىلەن لىققىدە تولغان ئىدى. ئالدى بىلەن يۇرت قائىدىسى بويىچە، ھىل – ھىل پىشۇرۇلغان ئوغلاق گۆشى چاپىتىغا ئورۇلۇپ تۆردىن باشلاپ تارتىلدى.
   شۈ سېكرىتار ئالدىغا پۈتۈنلا قويۇلغان، قارا گۆشىنى جىق، مېيىنى ئاز چىقىرىپ ئوبدان تەڭشىگەن يانپاشنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيان – بۇيانغا ئۆرۈپ تەپسىلىي قاراپ كەتتى. بىر ئاز خىيال سۈرگەندەك جىممىدە تۇرغاندىن كېيىن، بىردىنلا يېنىدا ئولتۇرغان يېزا باشلىقىغا شارتتىدە قارىدى - دە، يەنە گۆشنى قولىغا ئېلىپ:
   — دو شاڭجاڭ، سىزى ماڭا كالىسۇن شۇ، مەن مۇشۇ يېزا كەلدى خېلى بودى، مەن دىكاتى كىلدى، كىمۇ مېنى مېكىماڭ چاكىسا مۇشۇنداكى گۆشنى ماڭا بەدى، بۇ گۆشى... ؟ - ئۇ نېمىنىدۇر دېمەكچى بولۇپ دېيەلمەيۋاتقاندەك سوئال نەزەرىدە يېزا باشلىقىغا تىكىلدى. دولقۇن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ ھىجىيىپ تۇرۇپ:
   — ھە، بۇ يانپاشنىڭ گۆشى، ئوغلاق ياتسىمۇ يەرگە تەگمەيدىغان يېرى ئۇ، شۇڭا بەك تەملىك، يېيىشلىك، چاپىتىغا ئوراپ يېسە ئالامەت بەلەن بولىدۇ. ئادەتتە بىز مېھمان چاقىرغاندا، شۇ سورۇندىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق، ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر، كاتتا، ئەزىز مېھماننىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق يانپاشنىڭ گۆشىنى تارتىمىز. دېمەك، سىز يېزىمىزدىكى ئەڭ كاتتا، ئەڭ ئەتىۋارلىق، مۆتىۋەر كىشى. شۇڭا ھەممەيلەن سىزنى چوڭ بىلىپ يامپاشنى ئالدىڭىزغا قويغان گەپ، - دېدى چۈشەندۈرۈپ. 
   شۈ سېكرىتار ئاستا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇ چۈشەندى، ھېس قىلدى. ‹‹دېمەك، بۇ يېزىدا مەندىن باشقا يەنە بىر كاتتا ئەرباب يوق، مانا مەنلا بۇ يېزىنىڭ تۈۋرۈكى، ھەقىقىي خاقانى ئىكەنمەن›› دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزگىنىدە، چىرايى بىردىنلا ئاپتاپتەك ئېچىلدى، گازىر كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر خىل نۇر چاقناپ ئۆتتى، پاناق بۇرۇنلىرى كېرىلىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى. ‹‹يانپاشى گۆشى، يانپاشى گۆشى›› دەيتتى ئۇ ئىچىدە تەكرارلاپ. 
   — دو شاڭجاڭ، - دېدى ئۇ تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك گۆشى يېيىلىپ بولغان يانپاشنىڭ ئۇستىخىنىدىكى تۆشۈكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، - ‹‹يانپاشى گۆشى›› دىسا كىيىڭكان، چاڭدېخېن، بەك ئۇزۇڭ، سىز كالىسۇڭ، مانا گۇتۇ جوڭجيەن تۈشۈك با شۇ، مەن شۇ ‹‹تۈشۈك گۆشى›› دىسا بولا؟ شۇنداكىمۇ؟ 
   — بولىدۇ سېكرىتار، بولىدۇ. سىز نېمە دېسىڭىز شۇ، بىزمۇ بۇندىن كېيىن ‹‹تۆشۈك گۆش›› دەيلى، قانداق دېدىم مېھمانلار، - دېدى يېزا باشلىقى ئولتۇرغانلارغا قاراپ ئۈنلۈك قىلىپ.
   — ئەجەپ بەلەن گەپ بولدى، نېمە ئۇ يانپاش - چامپاش دېگەن، ‹‹تۆشۈك گۆش›› دېسەكمۇ بولىدىكەنغۇ ئەنە؟ بۇمۇ بىر يېڭىچە ئاتالغۇ بولۇپ قالغۇدەك جۇمۇ ئاغىينىلەر، - دېيىشتى ئولتۇرغانلارمۇ بىر - بىرىگە قارىشىپ.
   شۈ سېكرىتار قولىدىكى قۇرۇق ئۇستىخاننى تاشلاپ، كۆكسىنى تولدۇرۇپ نەپەس ئالدى. ئىشتىيى قايتىدىن ئېچىلىپ، تېخى ھېچ نەرسىگە ئېغىز تەگمىگەندەكلا يېنىكلەپ قالدى.
   بۈگۈنكى سورۇن ئاجايىپ مول بولدى، يېيىش - ئىچىشمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ناخشا - ساز، تانسا - پانسا ئەۋجىگە چىقتى. شۈ سېكرىتارنىڭ كەيپىياتىمۇ ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولدى. كەنت - مەھەللە سېكرىتارلىرى، مۇدىر، بوغالتىرلىرى تۇتقان كۆڭۈل شاراپلىرىنى ياندۇرمىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تاللاپ چاقىرغان خانىم - قىزلار بىلەنمۇ بىر - بىرلەپ رومكا سوقۇشتۇردى، ھەر بىر مۇزىكا باشلىنىشى بىلەنلا ئاكتىپ تانسا ئوينىدى. بەزىلەر بۇ خىل ئاجايىپ ئېچىلىپ – يېيىلىپ ئولتۇرۇشنى تۇنجى كۆرگەندەك ئېغىزلىرىنى چاكىلدىتىشسا، بىرقىسىملار سېكرىتارغا، ساۋۇت ساختىغا بارىكاللا ئېيتىشتى. تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا، خانىم - قىزلارنىڭ قىيا - چىيالىرى، بىراۋلارنىڭ قوپال ۋارقىراش - جارقىراشلىرى، كىملەرنىڭدۇر جاراڭلىق كۈلكە – چاقچاق سادالىرى ئىچىدە سورۇن ئاخىرلاشتى.
   ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شۈ سېكرىتار قۇمدۆۋە يېزىسىغا يەرلىكتەكلا سىڭىشىپ كەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلىسىمۇ، مەقسىتىنى تولۇق ئۇقتۇرالايدۇ ھەم ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ. كەنت - مەھەللە كادىرلىرىغا يىغىن ئاچسىمۇ، ئىش ئورۇنلاشتۇرسىمۇ تىلدا قىينىلىپ كەتمەيدۇ. مەھەللە – كويلارغا بېلىق تۇتقىلى ياكى كەپتەر ئوينىغىلى بېرىپ قالسىمۇ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە لايىقىدا گەپ قىلىپ ماڭىدۇ. يېزىدا ئۇنى ئۇششاق - چوڭ، پىششىق - توڭ ھەممىسى تونۇيدۇ.

--------------------------------------------------------------------------------
   بۈگۈن شەنبە. شۈ سېكرىتار دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ، بېلىق تۇتۇپ كۆڭۈل خۇشى قىلماقچى بولدى. بېشىغا كونىراپ كەتكەن چىغ قالپىقىنى كىيىپ، دولىسىغا قارماق، يەمچۈكلەر قاچىلانغان بىرېزېنت سومكىسىنى ئارتىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسى ئالدىدىن ئۆتىدىغان سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ قىرى بىلەن قاش مەھەللە تەرەپنى كۆزلەپ پىيادە يولغا چىقتى. 
   ئۇ بىر سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن، قاش مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، كۆلىمى بىر مودىن چوڭراق كېلىدىغان كۆل بويىغا كېلىپ توختىدى. قاچانلاردا چېپىلغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدىغان بۇ قەدىمىي كۆلنىڭ سۈيى سۈپسۈزۈك بولۇپ، باراقسان ئۆسكەن قارا سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. تومۇز كۈنلىرىدە نە – نەلەردىن سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينىغىلى كەلگەن سەھرا بالىلىرىنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭ، قىيا - چىيالىرى بىلەن ئاۋات بولۇپ كېتەتتى. قولى سەل - پەللا ئىشتىن بوشىغان ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ قېرى سۆگەت سايىسىدا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرغىنىچە قارتا ئوينايتتى. لېكىن، بۈگۈن سەل نېرىراقتا ۋاللەي ئويناۋاتقان 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۈچ – تۆت ئوغۇل بالىدىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. بالىلارنىڭ ئاندا - ساندا كۆتۈرۈلۈپ قالىدىغان كۈلكىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆل بويى تىپتىنچ ئىدى.
   شۈ سېكرىتار سومكىسىنى قويۇپ قارمىقىغا يەمچۈك ئىلدى، ئۇ قۇچاق يەتكۈسىز قېرى سۆگەتنىڭ كۆل سۈيىگە چىلىشىپ دېگۈدەك يانتۇ ئۆسكەن چوڭ بىر شېخىغا ئەمدىلا ئولتۇرۇپ تۇرۇشىغا، ۋاللەي ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ بىرسى كۆرۈپ قالدى.
   — ھەي قاراڭلار، ئاۋۇ خەنزۇ بېلىق تۇتقىلى كەپتۇ، جۈرۈڭلار بېرىپ قاراپ باقايلى، - دېدى ئاق پىشماق يۈزلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرغان، ئورۇق، ئېگىز بىرى قولى بىلەن كۆرسىتىپ. ھەممەيلەن ۋاللەينى تاشلاپ چۇرۇقلاشقىنىچە يۈگۈرۈپ كېلىشتى.
   — شۈ، شۈ ...، - دېدى شۈ سېكرىتار كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئاغزىغا توغرا تۇتۇپ، - بالاڭ، پالاڭ ساما ھە؟ بېلىكى كاچادۇ.
   — ھى، ھى، ھىھ...! بېلىقمۇ گەپ ئاڭلامدا؟ - دېدى بىرسى ھەيرانلىقتىن ھىجىيىپ كۈلگىنىچە.
   — ھە، ئاڭلايدۇ، - دېدى شۈ سېكرىتار بالىلارغا بىر – بىرلەپ قاراپ.
   — ۋوي! بۇ ‹‹تۆشۈك گۆش›› باشلىقكەنغۇ! توۋۋا، باشلىقمۇ بېلىق تۇتىدىكىنە؟ - دېدى ئاق پىشماق ئېگىز بالا ئەتراپتىكىلىرىگە قاراپ.
   — نېمە دېدىڭ؟ ‹‹تۆشۈك گۆش›› باشلىق دېدىڭما؟ نېمە دېگىنىڭ بۇ؟ - دېدى دوغىلاق، يوغان يۈز بىرى.
   — شۇ ‹‹تۆشۈك گۆش›› باشلىق، مەن تونۇپ قالدىم، ئۇ بىزنىڭ ئۆيگىمۇ بارغان. 
   — نېمە، سەن مېنى تونۇيدۇ؟ سەن كىمىنى بالاڭزا؟ - سورىدى شۈ سېكرىتار بۇ ئوغۇلنى نەدە كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەي.
   — مەن مۇشۇ مەھەللىدىكى قادىر مۇدىرنىڭ ئوغلى، مەن سىزنى تونۇيمەن.
   — كا جۇرېن؟ ھە بىلىدۇ، بىلىدۇ، ئاتا ئۆيدا بامۇ شۇ؟
   — ياق، تۆۋەنكى مەھەللىگە تويغا كەتكەن.
   — تويىگا ؟ كىمىنى توي شۇ ؟ - شۈ سېكرىتار نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ جىممىدە تۇرۇپ قالدى. ‹‹كىمنىڭ ئۆيىدە توي بولغان بولغىيتتى، ئەجەپ مېنى تويغا چاقىرماپتۇ - يا؟ بۇ يېزىدا مېنى تېخى تولۇق بىلمەيدىغانلارمۇ بارمۇ – نېمە؟›› دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە ۋە ھېلىقى بالىغا قاراپ، - سەن مېنى شۇ تويىگا باشلاپ باسۇن، بوسۇنمۇ؟ - دېدى. 
   — ماقۇل، جۈرۈڭلار بالىلار، ھەممىمىز باشلاپ ئاپىرايلى.
   شۈ سېكرىتار بالىلارغا ئەگىشىپ ئون مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن، توي بولۇۋاتقان قورۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. يۇقىرى ئاۋازلىق كانايدىن ئاڭلىنىۋاتقان شادىيانە مۇزىكا ئەتراپقا توي خەۋىرىنى تارقىتىۋاتاتتى.
   — پاھ! قاراڭلار بۇ تويغا ‹‹تۆشۈك گۆش›› باشلىقىمىزمۇ كەپتۇغۇ، بۇرنىغا پۇراپتۇ - دە، كاساپەتنىڭ، - دېدى دەرۋازا ئالدىدا تۇرغان قاراقاش، ئورا كۆز يىگىت يېنىدا تۇرغانلارغا ئۆز ھويلىسىغا كىرىۋاتقاندەك ئۇدۇللا كىرىپ كېتىۋاتقان سېكرىتارنى شەرەتلەپ.
   — توختىكاممۇ نامى بار كەنت بېشى بولغاندىكىن، باغاق بەرگەن بولغىيتتى، - دېدى يەنە بىر يىگىت تاماكا ئورىغاچ.
   — ناتايىن جۇمۇ، مېنىڭچە ‹‹تۆشۈك گۆش›› نىڭ خۇمارى تۇتۇپ، پۇراپ كەلگەن گەپ. ئاڭلىسام، ‹‹تۆشۈك گۆش›› كە قەۋەتلا ئامراقمىش.
   — ئالامەت گەپ قىلىسەندە، مۇسا ياخاڭ، ‹‹تۆشۈك گۆش›› كە كىم ئۆچ، مەنمۇ ئامراق دەيمەن. مۇشۇ تاپتا ‹‹تۆشۈك گۆش›› بولىدىغان بولسا، سەنمۇ ھۆپۈپنى يۇڭدىماي يېگەندەك موك سالار ئىدىڭ.
   — دۈملا چۈشەتتىم - دە! سېمىزراقلىرىدىن بولسا دەيمەن تېخى! ھى، ھى، ھىھ...
   ئۇزۇن يىللىق كونا ئەسكەردەك مەغرۇر قەدەملەر بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقان شۈ سېكرىتارنى كۆرگەن توختى مۇدىر قولىدىكى داستىخاننى بىرسىگە بېرىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، جايىغىلا تاشلىدى - دە، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلىغىنىچە سېكرىتارنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى.
   — قەدەم مۇبارەك، سېكرىتار، بالدۇرراق كېلەرمىكىن دەپ ئەتىگەننىڭ بېرىسى يوللىرىغا قاراپ كۆزۈم تېشىلەي دېگەن ئىدى، قېنى سارايغىلا كىرەيلى، - دېدى ئاق سېرىق چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ.
   — نېمە؟ سىز شۇ مېنى كېلىدۇ كانداكى بىلدى، تو سۇنجاڭ؟
   — ئەلۋەتتە بىلىمەن - دە، باغاقنى ئۆز قولۇم بىلەن يازغان تۇرسام، سىز ئەزەلدىن چاقىرغان يەردىن قالمايسىز، ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىسىز ئەمەسمۇ؟
   — باگاكى؟ نېمە ئۇ باگاكى؟
   — ھېلىقى سىزنى تويىمىزغا چاقىرغان باغاقچۇ، نېمە دەيدىغان بولغىيدىڭلار سىلەر، ھە، چىڭ... چىڭتان... ياق، چىڭتاچۇ؟
   — ھە، چىڭتې دىسۇڭ، مەن كۆمىدى، بىلمەيدۇ شۇ، سىز ماڭا چىڭتې بەمىدى، مەن شۇ يولدا ئاڭلاپ كەلدى.
   توختى مۇدىرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە چاقماق چاققاندەك بولدى. ئاپتاپتەك كۈلكە يېغىپ تۇرغان ئاق سېرىق چىرايى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى.
   — ياق، ياق سېكرىتار، مەن سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن باغاق يازغان، بەلكىم تەگمىگەن ئوخشايدۇ؟ ئەستا، سىزنىڭ باغىقىڭىزنى ساۋۇت سېكرىتار مەن يەتكۈزۈپ بېرىمەن دەپ ئېلىپ كەتكەن. قارىمامدىغان قىلغان ئىشىنى مېنى ئوسال قىلىپ. ھەرگىز خاپا بولماڭ سېكرىتار، مەن سىزگە چاي قۇياي، باشقىدىن داستىخان سالاي، ئۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام، ئۆزۈملا يەتكۈزۈپ بېرەر ئىكەنمەن، نېمە قىلىقىدۇ بۇ ئاداشنىڭ - ھە، - ئۇنىڭ ئاۋازى كەپتەرلەرنىڭ بۇقۇلداۋاتقان ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى. 
   شۈ سېكرىتار سارايغا قەدەم بېسىشىغا ئولتۇرغان مېھمانلار بىرسى جىددىي بۇيرۇق بەرگەندەكلا ئورنىدىن تۇرۇشۇپ كەتتى. شۈ سېكرىتار يېزا باشلىقى دولقۇننىڭ چاقىرىپ زورلىشى بىلەن ھەر قايسى كەنت سېكرىتار، مۇدىرلىرى، مەھەللە باشلىقلىرى سېپىنىڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىنلا جامائەت ئۆز ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. سېكرىتار يېنىدا ئولتۇرغان يېزا باشلىقىغا ‹‹ئەجەب مېنى چاقىرمايلا يالغۇز كېلىۋاپسىزغۇ؟›› دېگەن تەرىزدە سوئال نەزەرى بىلەن قاراپ قويغاندىن كېيىن، گازىر كۆزىنى ساۋۇت ساختىغا ئاغدۇردى. سۇس قاراشتىن ھاسىل بولغان بىر خىل سوغۇق نۇر ساۋۇت ساختىنىڭ بەدەنلىرىنى شۈركەندۈرۈۋەتتى.
   يېقىندىن بېرى توختى مۇدىر شۈ سېكرىتارنىڭ ئىشخانىسىغا تولا قاترايدىغان، شۈ سېكرىتارمۇ پات - پات توختى مۇدىرنىڭكىدە مېھمان بولىدىغان، توخۇ - كەپتەر، قوزا - ئوغلاق ئوۋلايدىغان، يەنە تېخى ھە دېگەندە توختى مۇدىرنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك تەكىتلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ‹‹ئالاھىدە›› يېقىنچىلىقى قويۇقلاشقانچە ساۋۇت ساختا ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك، شۈ سېكرىتار بىلەن بارغانچە يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، قانداقتۇر بىر كۆرۈنمەس قول ئىچ – باغرىنى تاتلاپ ئېچىشتۇرغاندەك بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئاجايىپ بىر خىل ئادەملەر بار، جاھاندا مەنلا بولسام، باشقىلار مەندىن ئېشىپ كەتمىسە دەيدىغان. ئۇنداقلار باشقىلارنىڭ تېرىقچىلىك ئارتۇقچىلىقىنى ھېس قىلسا نەچچە كېچە ئۇيقىسى ھارام بولىدۇ، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيدۇ. ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشكۈچىنى چارپۇتلاشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. ساۋۇت ساختا دەل شۇنداق كىشىلەرنىڭ خىلىدىن. شۇڭا ئۇ توختى مۇدىرنى شۈ سېكرىتارغا سەت كۆرسىتىش، ئارىغا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ كويىدا شۈ سېكرىتارغا يازغان توي باغىقىنى شۇ كۈنىلا مەقسەتلىك يىرتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، شۈ سېكرىتار باغاق تاپشۇرۇپ ئالمىسا تويغا بارالمايدۇ، توي بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ‹‹مېنى كۆزگە ئىلماي باغاق يازماپتۇ›› دەپ خاپا بولىدۇ، رەنجىيدۇ، ئىشەنچىسى يوقىلىدۇ، مۇناسىۋىتىگە دەز كېتىدۇ. لېكىن، ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولمىدى. شۇڭا، ‹‹ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن›› دېگەندەك شۈ سېكرىتار سورۇنغا كىرىپ كەلگىنىدە، ‹‹باغاقنى نېمىشقا ماڭا يەتكۈزۈپ بەرمىدىڭ›› دەپ سوراپ قالسا نېمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن دەپ خۇدۈكسىرەپ، چايان چاققاندەك قىمىرلاپ ئورنىدا ئولتۇرالماي قالدى.
   — تېگىڭلىدە يانتاق باردەك قىمىرلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىڭلاغۇ سا سېكرىتار، بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار دەيمەن، - دېدى توختى مۇدىر ئۆتكۈر تەنە پۇرىقىدا ساۋۇت ساختىغا نەپرەت كۆزلىرىدە تىكىلىپ. گەرچە ئۇ ‹‹سىلىگە ئىشەنچ قىلىپ بەرگەن باغاقلار ئەجەب جايىغا تەگمەپتۇ، ئىچىڭلا تارلىق قىلىپ يىرتىۋەتمىگەنسىلە؟›› دەپ ئوچۇق دېمىگەن بولسىمۇ، ساۋۇت ساختىغا خۇددى شۇنداق دېگەندەكلا بىلىنىپ كەتتى.
   — قېنى، ئەزىز مېھمانلىرىم، ‹‹ئاۋۋال تائام، ئاندىن كالام›› دەپتىكەن، ئاۋۋال توي گۆشىگە باقىلى، خوش! - گۆش تارتىلىپ توختى مۇدىر يېيىشكە تەكلىپ قىلغاندىن كېيىنلا ساۋۇت ساختىمۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلغاندەك بولدى.
   شۈ سېكرىتار ئالدىغا قويۇلغان قوۋۇرغا گۆشىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيان – بۇيان ئۆرۈپ بىر ھازا قاراپ كەتكەندىن كېيىن، ئاستا قويۇپ قويدى، قانداقتۇر ئەتىۋارلىق بىر نەرسىسىنى ئىزدىگەندەك ئىككى يېنىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان گۆشكە سىنچىلاپ قارىدى. ئۇ ئىزدەۋاتقان ‹‹تۆشۈك گۆش›› كۆزىگە چېلىقمىدى. ‹‹نېمە، بۈگۈنكى بۇ سورۇندا مەندىنمۇ ھۆرمەتلىك، مۆتىۋەر، ئابرويلۇق، كاتتا مېھمان بارمۇ – قانداق؟ ناھىيەنىڭ چوڭلىرىدىن بولۇپ قالمىسۇن يەنە، ئەگەر شۇنداق بولۇپ ئۇقۇشالماي قالغان بولسام قاملاشمىغانلا ئىش بولىدۇ - دە!›› دېگەننى خىيال قىلىپ، ئىنچىكە ساپاقتەك بوينىنى خۇددى جۆرە ئىزدەۋاتقان غازنىڭكىدەك سوزۇپ ئولتۇرغانلارغا بىرمۇ - بىر قاراپ چىقتى. ھە دەپ گۆش يەۋاتقان سورۇن ئەھلى ئارىسىدا ئۇ ئويلىغاندەك بىرەر ‹‹كاتتا ئەمەلدار›› كۆزىگە چېلىقمىدى. ئۇ سەل ئەجەبلىنىپ، يېنىدا ئولتۇرۇپ بىخارامان گۆش يەۋاتقان يېزا باشلىقى دولقۇننىڭ بېقىنىنى ئاستا نوقىدى.
   — قاراڭ دو شاڭجاڭ، مەن يەيدۇ ‹‹تۆشۈك گۆش›› قېنى؟ بۈگۈڭ ‹‹تۆشۈك گۆش›› پىشمىدى؟ - دېدى ئالدىدىكى قوۋۇرغا گۆشىنى شەرەتلەپ. يېزا باشلىقى سېكرىتارنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى دەرھال ھېس قىلىپ يەتتى – دە:
   — ھە، يانپاش، ياق، ياق، سىز ئامراق ‹‹تۆشۈك گۆش›› نى دەيسىزغۇ؟ مۇنداق ئىش، بۈگۈن توي مەرىكىسى ئەمەسمۇ، بۇنىڭغا مەھەللىنىڭ ئىمام، خاتىب، مەزىن دېگەندەك ھۆرمەتتىمۇ، ياشتىمۇ چوڭ ئاقساقال مۆتىۋەرلىرى كېلىدىغان گەپ، ‹‹تۆشۈك گۆش›› بۈگۈن ئەنە شۇلارنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ - دە، - دېدى چۈشەنچە بېرىپ. شۈ سېكرىتارنىڭ چىرايى بىردىنلا بەدرەڭگە كىردى، گازىر كۆزلىرى تېخىمۇ كىچىكلەپ، تۆر بېشىدا ئولتۇرۇپ بەھوزۇر گۆش يېيىشىۋاتقان يۇرت چوڭلىرىغا نەزەر سالدى. سەرپۇش تۇماق، بەقەسەم تون كىيگەن، نۇرانە يۈزلىرى خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزىرىپ تۇرغان، يارىشىملىق بومبا ساقال، كەكە ساقال قويغان كىشىلەر كۆزىگە باشقىچىلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
   — ئاۋۇ ئولتۇرغان ئۇزۇڭ ساكال ئادەم؟... - شۈ سېكرىتار تۆرنىڭ ئەڭ بېشىدا ئولتۇرغان مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامىنى ئىشارە قىلدى.
   — ھە، ئۇ زات تاش ھاجىم، مەككە - مۇكەررەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن، مۇشۇ مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىمامى، - چۈشەندۈردى يېزا باشلىقى.
   — ئاۋۇ كىسكا ساكاللىك؟... - ئىمامنىڭ يېنىدىلا ئولتۇرغان، پاكىز كىيىنگەن مۇنەججىم سۈپەت كىشىنى كۆرسەتتى ئۇ يەنە.
   — ئۇ ئۇقۇمۇشلۇق دىنىي زات، ياردەمچى ئىمام تۇردى خاتىب بولىدۇ.
   — ئىمامۇ؟ ئىمامۇ؟... نېمە كىلىدۇ ئۇ ئىمامۇ؟
   — مەھەللىدىكى چوڭ - كىچىك ئىشلارغا ئارىلىشىپ مەسلىھەت بېرىدۇ، مەسچىت جامائىتىنى يېتەكلەيدۇ، مەسچىتنى باشقۇرىدۇ.
   — نېمە، باشكۇرىدۇ؟ گۇەنلى كىلىدۇ؟ - شۈ سېكرىتارنىڭ تېنى شۈركەنگەندەك بولدى. ‹‹ئاشۇ قېرى باشقۇرىدۇ؟ ئۇ شۇجى، سۇنجاڭلاردىنمۇ چوڭما؟ مەسچىت باشقۇرىدىغان باشقا ئادەم يوقما؟ بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ!›› دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ ئىچ – ئىچىدىن پۇچىلاندى. ‹‹قېنى كۆرىمىز تېخى، كىم كىمنى باشقۇرىدۇ›› غۇدۇرىدى ئەلەم بىلەن ئۆز – ئۆزىگە. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئىشتىيى تۇتۇلۇپ، گۆشكە قارار كۆزىمۇ يوق، كاللىسىدا ئاجايىپ بىر خىياللار ئەگىپ يۈرمەكتە ئىدى.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى