‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى››نىڭ خەنزۇچىسى تارقىتىلدى
-
‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى››نىڭ خەنزۇچىسى تارقىتىلدى
ۋاقتى: 2015-04-23 ئاۋاتلىقى: 3958 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كوفى ئانناننىڭ ‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى››، ‹‹ئاننان ئەسلىمىلىرى››نىڭ خەنزۇچە نەشرى تارقىتىلدى
جۇڭگو تورى، بېيجىڭ، 22-ئاپرېل خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى (جۇڭگو خەلقئارا نەشرىيات گۇرۇھى)، كوفى ئاننان فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى››، ‹‹ئاننان ئەسلىمىلىرى››نىڭ خەنزۇچە نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى 22-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كوفى ئاننان فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، 2001-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى كوفى ئاننان بېيجىڭغا مەخسۇس كېلىپ كىتابنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە جۇڭگو چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنى نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.‹‹ئاننان نۇتۇقلار توپلىمى ـــ خەلقىمىز: 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى››نىڭ خەنزۇچە نەشرىدە، ئاننانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان مەزگىلدە سۆزلىگەن بىر قىسىم مۇھىم نۇتۇقلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ نۇتۇقلار كوسوۋو ئۇرۇشى، شەرقىي تىمور توقۇنۇشى، ئىراق ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق ئىشلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، كوفى ئانناننىڭ سىياسىي كۆزقارىشى، تىنچلىق ئىدىيەسى ۋە نۇتۇق تالانتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. بۇ نۇتۇقلارنىڭ باش تېمىسى ئۇ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەققىيات، ساغلاملىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىرقىي يوقىتىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كۆپ خىللىقنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.‹‹ئاننان ئەسلىمىلىرى ـــ مۇداخىلە: ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھايات››نىڭ خەنزۇچە نەشرىدە، ئاننانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتى جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھىندىستاننىڭ نۆل روپىيەلىك قەغەز پۇلى
2015-05-01 13:10:474660توقسۇ ئاياللىرى تاماق ئېتىشتە مۇسابىقىلەشتى
2015-05-29 12:52:473827دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2016-يىللىق سالام يوللىدى
2015-12-31 22:52:503953دۇنياۋى ناخشىچى دېڭ لىجۈننىڭ ھاياتى
2015-08-12 13:20:266114كەلگۈسىدە يالتىراق پۇل ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
2015-02-05 11:58:514042نىدائىي: ما يۈننىڭ بىر ئوقۇغۇچىغا يازغان خېتى
2015-08-24 13:23:584557داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (9)
2015-03-01 20:58:343644بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى
2015-11-27 02:18:044696
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-