نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى

ۋاقتى: 2015-11-27 ئاۋاتلىقى: 4610 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تۇرمۇشتىكى بەش چوڭ پىتنە-ئىغۋانىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى


توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى


تۇرمۇشتا، كىشىلەر پىتنە-ئىغۋالارغا ئاڭلاپ قېلىشتىن خالىي بولالمايدۇ، مەلۇم خىل نەرسىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپلا قالسا، ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ. بۇ خىل پىتنە-ئىغۋالارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى تۇرمۇش ساۋاتلىرىدىن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدۇ، لېكىن ئۇ ئىلمىي ئەمەس. مەسىلەن: «قان دېغى ئارقىلىق تۇغقانلىرىنى تونۇغىلى بولىدۇ»، «تەكرار قايناتقان سۇنى ئىچمەسلىك» قاتارلىقلار، بۇلار ئادەمنى راستتەكلا ئىشەندۈرۈۋېتىدىغان قاراشلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە پىتنە-ئىغۋادىن باشقا نەرسە ئەمەس.


بىرىنچى پىتنە-ئىغۋا: رادىياتسىيەگە قارشى كىيىم ھامىلدارنىڭ ئاياللارنىڭ رادىياتسىيەدىن دالدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


سودىگەرلەر ھامىلدار ئاياللار ئۇچرىغان ئېلېكتوروماگنىت رادىياتسىيەسى ھامىلىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا رادىياتسىيەگە قارشى كىيىم كىيىشى كېرەك دەيدۇ.


ھەقىقىي ئەھۋال: تەتقىقاتلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئېلېكترو ماگنىت رادىياتسىيەسى بىلەن ئۇچراشقاندا ھامىلدار ئاياللار ۋە ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، نۆۋەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ھامىلە غەيرىي يېتىلىپ قېلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا دائىر دەلىل يوق. يەنە بىر نۇقتىدىن، رادىياتسىيەگە قارشى كىيىم رادىياتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينىيالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رادىياتسىيەنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. رادىياتسىيەگە قارشى كىيىمنىڭ ياقا، يەڭ، ئېتەكلىرىدە يوچۇقلار بار بولۇپ، رادىياتسىيە بۇ جايلاردىن كىرىۋېرىدۇ، توسۇش رولى بولغانلىقتىن بۇ رادىياتسىيەلەر نۇر چىقىرالمايدۇ-دە، ئەكسىچە رادىياتسىيەگە قارشى كىيىمگە كۆپ قېتىم نۇر قايتىدۇ، ئادەممۇ نۇرغۇن قېتماپ سۈمۈرۈۋالىدۇ.

ئىككىنچى پىتنە-ئىغۋا: «تەكرار قايناتقان سۇ»نى ئىچمەسلىك.

بەزىلەر تەكرار قايناتقان سۇنى ئىچمەسلىك كېرەك، ئۇنىڭدا زەھەرلىك نىترىتلار بار دەپ قارايدۇ.


ھەقىقىي ئەھۋال: جۇڭگو كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول مەركىزى مۇھىت ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى چېن شىنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپ قېتىم قاينىتىلغان سۇدا ئوكسېگىن كەم بولىدىغان بولۇپ، نىتراتلارنىڭ نىترىتلارغا ئايلىنىشىغا پايدىلىقكەن. مۇتەخەسسىسلەر قايناش قېتىم سانى ئوخشىمىغان سۇنى سېلىشتۇرۇپ، سۇ قانچە كۆپ قاينىغانچە نىترىتلارنىڭ مىقدارىنىڭ شۇنچە كۆپىيىدىغانلىقىنى بايقىغان. سۇ 20 قېتىم قاينىسىمۇ، ئۇنىڭدىكى نىترىتلارنىڭ مىقدارى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن خېلىلا تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، تولىمۇ بىخەتەر ئىكەن.


ئۈچىنچى پىتنە-ئىغۋا: تىرناقتىكى «ھىلال ئاي» ساغلاملىقنىڭ بارومېتىرى

بارماقتىكى ھىلال ئاي بەدەن ساغلاملىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرسىمۇ، «ھىلال ئاي» قانچە چوڭ بولغانچە، بەدەننىڭ شۇنچە ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ھەقىقىي ئەھۋال: تىرناقتىكى «ھىلال ئاي» پەقەت تىرناقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا شەكىللىنىدىغان تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، گەرچە بەدەندىكى مەلۇم جايلار «ھىلال ئاي» چوڭلۇقىدا ئۆزگىرىپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما «ھىلال ئاي»نىڭ سانى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى بىلەنلا ساغلاملىققا ھۆكۈم قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. ئىككى بارماقتىكى «ھىلال ئاي» ئاساسەن ماس كېلىدۇ، بىر ئادەمدىكى «ھىلال ئاي» سانىنىڭ ئازراق ياكى كۆپرەك بولۇشى پەقەت بەدەن مېتابولىزمىدىكى نورمال ئۆزگىرىشنىڭ تىرناقنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشىدىنلا ئىبارەت، خالاس، جىددىيلىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.


تۆتىنچى پىتنە-ئىغۋا: تاۋۇزغا ئۇكۇل ئۇرۇپ، ھەم قىزىل، ھەم تاتلىق قىلغىلى بولىدۇ.

پىتنە-ئىغۋادا دېيىلىشىچە، بىر خىل تاۋۇز بولۇپ، ئۇنى يېگىلى بولماسمىش، باققاللار پىشمىغان تاۋۇزلارغا يېمەكلىك ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلاردىن تاتلىق قىلىش ۋە قىزارتىش ئېلمېنتلىرىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىكەن. بۇ خۇرۇچلار جىگەر بىلەن بۆرەكنى زەئىپلەشتۈرىدىكەن، يېگىلى بولماسمىش.


ھەقىقىي ئەھۋال: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تاۋۇزنى ئوكۇل ئۇرۇپ قىزارتقىلى، تاتلىق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئوكۇل ئۇرۇلغان تاۋۇزلارنىڭ نەچچە سائەتتىلا ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. توردىكى ئاتالمىش «ئوكۇل ئورۇلغان ئىزلار» تەبىئىي شەكىللىنىپ قالغان بولۇپ، يېسەك بولۇۋېرىدۇ.


بەشىنچى پىتنە-ئىغۋا: دۇربۇندىن يىڭنە ئېتىلىپ چىقىپ كۆزگە سانجىلىش

پىتنە-ئىغۋادا دېيىلىشىچە، كۆپچىلىك ناۋادا يولدا كېتىۋاتقاندا ماشىنا تۇيۇقسىز يېنىڭىزدا توختايدىكەن، ئاندىن ماشىنىدىكى ئادەم دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسكەر ئىكەنلىكىنى، ھەممىىسنىڭ ھەربىي جىلىتكە كىيىدىغانلىقىنى ئېيتىدىكەن، ئاندىن يەنە سىزگە ھەربىيلەر ئىشلىتىدىغان دۇربۇننى ئەرزان باھادا ساتماقچى بولىدىكەن. سىز دۇربۇننى توغرىلاۋاتقاندا بىر تال يىڭنە ئېتىلىپ چىقىپ كۆزىڭىزگە سانجىلىپ كېتىدىكەن، بۇ چاغدا ئۇلارنى سىزنى كېتىپ، بۆرەك ۋە كۆز ئالمىڭىزنى ئوغرىلاپ كېتىدىكەن.


ھەقىقىي ئەھۋال: ساقچى تەرەپ ھەربىي قىياپىتىگە كىرىۋالغان شايكىنى تۇتقان بولۇپ، بۇ ساختا ھەربىيلەر ساتقان دۇربۇننىڭ باھاسى پەقەت 40، 50 يۈەنكەن، ئاتالمىش يىڭنە ئېتىلىپ چىقىش دېگەن تۇتۇرۇقسىز گەپ ئىكەن.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى