نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى

مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-02-08 ئاۋاتلىقى: 5836 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى

ھېكايە سۆزلىگۈچى

خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

    بېيجىڭ ۋاقتى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، 2012-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەن شۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە نۇتۇق سۆزلىدى. 200 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مېھمان نۇتۇقنى ئاڭلىدى، مويەننىڭ نۇتۇقىنىڭ تېمىسى ‹‹ھېكايە سۆزلىگۈچى›› بولۇپ، نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كىشىلەر تەسىرلەنگىنىدىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭراتتى. چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مويەننىڭ نۇتۇقىنى ‹‹تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان نۇتۇق بولدى››، دەپ تەرىپلىدى.

    نۇتۇق سۆزلىگۈچى: مويەن
    نۇتۇق تېمىسى: ھېكايە سۆزلىگۈچى
    شىۋېتسىيە ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:30 دە
    بېيجىڭ ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 00:30 دە
    ئورنى: شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ نۇتۇق زالى

    2012-يىلى شىۋېتسىيە ۋاقتى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 17:30 دا، مويەن شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكلات زالىدا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى سۆزلىدى. ئاكادېمىيەنىڭ ئىشىكى بىر سائەت بۇرۇن ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، مېھمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىرىشكە باشلىدى. شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن خەنزۇچە، شىۋېتچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق يەتتە خىل تىلدا نۇتۇق تېكىستى تەييارلىغان. چۈنكى مويەن خەنزۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ نەق مەيداندا يەنە تەرجىمانمۇ يوق ئىدى. 
    ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، 2012-يىللىق  نۇتۇق مۇنبىرىنىڭ يېنىدىكى شىرەگە جۇڭگولۇق يازغۇچى مويەننىڭ ئەسەرلىرىدىن ‹‹قىزىل قوناقلىقتا››، ‹‹بېھىشتىكى سامساق نوتىسى ناخشىسى›› ۋە ‹‹ھايات-ماماتلىق مۇشەققەت›› قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ شىۋېتچە تەرجىمە نۇسخىسى قويۇپ قويۇلغانىدى. ئوڭ تەرەپتىن يەنە جۇڭگونىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرىغا ئالاھىدە ئىككى رەت ئورۇن تەييارلاپ قويۇلغانىدى. شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 17:10 ئەتراپىدا 200 دىن ئارتۇق مېھمان تولۇق كېلىپ بولدى، شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى نوبېل ئەدەبىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋېستېربېرگ خانىمى بىلەن زالغا كىردى، ئارقىدىنلا گورەن مالمكۋېستمۇ خانىمى بىلەن كىرىپ، 1-رەتتىكى ئورۇندا ئولتۇردى. 
    مويەن ئەر-ئايال نوبېل ئەدەبىيات كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى شېل پۇلسماكنىڭ ھەمراھلىقىدا زالغا كىردى، مېھمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىشلار بىلەن قارشى ئالدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە پۇلسماك مويەنگە بىر دەستە گۈل تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، نۇتۇق مۇنبىرىدە مويەننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
    قىزىقارلىق يېرى شۇكى، مويەن نۇتۇق سۆزلەشتىن سەل بۇرۇن مۇنداق دېدى: ‹‹شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دائىمىي كاتىپىنىڭ خانىمى بىر قىز يەڭگىدى، بۇ بىر گۈزەل ھېكايىنىڭ باشلىنىشى.›› يېڭى ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەبرىكلەش مويەننىڭ بۇ قېتىمقى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ قالدى. 
    قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مويەن ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا مەنبە قىلغان ئىشلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندا، مويەن يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىتىۋاتقان مېھمانلارغا چوڭقۇر تازىم قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. 

مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقىنىڭ تولۇق تېكىستى:

ھېكايە سۆزلىگۈچى

    شېۋىتسيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى مۆھتەرەم ئاكادېمىكلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:
    مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەربىرەيلەن تېلېۋىزۇر ياكى تور ئارقىلىق يىراق شەرقتىكى ئادەملەر كۆپ شەرقىي شىمال يېزىلىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. سىلەر بەلكىم مېنىڭ 90 ياشلىق ياشانغان دادامنى، مېنىڭ ئاكام، ئاچام، ئايالىم، قىزىم ۋە بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان نەۋرە قىزىمنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىراق مۇشۇ دەقىقىدە مېنىڭ ئەڭ سېغىنىدىغان ئادىمىمنى، مېنىڭ ئاپامنى سىلەر مەڭگۈ كۆرەلمەيسلەر. مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشلەر مېنىڭ شان-شەرىپىمدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى، بىراق ئاپام بەھرىمەن بولالمىدى.
    مېنىڭ ئاپام 1922-يىلى تۇغۇلۇپ، 1994-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كەنتىمىزنىڭ شەرقىدىكى شاپتۇللۇق باغقا دەپنە قىلىنغانىدى. بۇلتۇر ئۇ يەردىن بىر تۆمۈر يول كېسىپ ئۆتكەچكە، بىز ئۇنىڭ قەبرسىنى كەنتتىن تېخىمۇ يىراق بىر يەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدۇق. قەبرىنى كولىغاندىن كېيىن جەسەت ساندۇقىنىڭ ئاللىقاچان چىرىپ، جەسەت سۆڭەكلىرىنىڭ تۇپراق بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. بىز پەقەت ئازراق توپا كولاپ ئېلىپ، يېڭى قەبرىگە يۆتكەپ قويدۇق. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن ئانامنىڭ زېمىننىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مېنىڭ زېمىندا تۇرۇپ قىلغان كۆڭۈل سۆزلىرىم ئەمەلىيەتتە ئانامغا قىلغان كۆڭۈل سۆزلىرىمكەن.
     مەن ئاپامنىڭ كەنجى بالىسى.
     ئەسلىمەمدىكى ئەڭ بۇرۇنقى بىر ئىش شۇكى، مېنىڭ ئۆيىمىزدىكى بىردىنبىر  چايداننى كۆتۈرۈپ جامائەت ئاشخانىسىغا چاي ئالغىلى بارغانلىقىم. شۇ چاغدا ئاچلىقتىن تېنىم ماغدۇرسىز بولغاچقا، قولۇمدىكى چايدان يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتكەن، بۇنىڭدىن مەن بەك قورقۇپ كېتىپ، چۆپلۈككە مۆكۈۋېلىپ بىر كۈن كەچكىچە چىقالمىغانىدىم. كەچتە ئانامنىڭ مېنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىمنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆپلۈكتىن چىقتىم. ئىچىمدە ‹‹تىل ئىشىتىپ، تاياق يەيدىغان بولدۇم››، دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمما، ئاپام  مېنى ئۇرمىدى، يا تىللىمىدى، پەقەت بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۇھسىنىپ كەتتى. ئەسلىمەمدىكى ئەڭ ئازابلىق بىر ئىش شۇكى، ئانامغا ئەگىشپ كوللېكتىپنىڭ يېرىگە بۇغداي باشىقى ئۈزگىلى بارغانلىقىم. بۇغدايلىققا قارايدىغان ئادەم كەلگەندە، باشاق ئۈزۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كەتتى. ئانام تېز يۈگۈرەلمىگەچكە تۇتۇلۇپ قالدى. ھېلىقى ئېگىز، يوغان ئادەم ئانامنى بىر تەستەك ئۇردى. ئانام پىرقىراپ يەرگە دۈم چۈشتى. كۆزەتچى بىزنىڭ باشاقلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىپ، ئسقىرتقان پېتى كېتىپ قالدى. ئانامنىڭ ئاغزى-بۇرنى قان ھالدا يەردە ئولتۇرغان چاغدىكى ئاشۇ بىچارە ھالىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر بوۋايغا ئايلانغان ھېلىقى بۇغدايلىق كۆزەتچىسنى بازاردا ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئېتىلىپ بېرىپ قىساس ئالماقچى بولغاندا، ئانام مېنى تۇتۇۋالدى ھەمدە ماڭا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن: ‹‹ئوغلۇم، مېنى ئۇرغان ئادەم بىلەن بۇ قېرى ئادەم بىر ئادەم ئەمەس››، دېدى.
     ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش شۇكى، بىر قېتىم تاۋۇز چاغىنىدىكى چۈشتە، ئائىلىمىز مىڭ تەسلىكتە تۈگرە تۈگدۇق، تۈگرە ھەر بىرەيلەنگە بىر قاچىدىنلا تېگەتتى. بىز تۈگرىنى يەيلى دەپ تۇرساق، بىر دىۋانە بوۋاي ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا يېرىم قاچا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بېرىپ يولغا سېلىۋەتمەكچى بولدۇم. ئەمما ئۇ قاتتىق زەردە بىلەن: ‹‹مەن بىر قېرى تۇرسام، ئۆزۈڭلار تۈگرە يەپ، ماڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بېرىشكە يۈرىكىڭلار قانداق چىدايدۇ؟›› دېدى. مەن ئاچچىقىمنى باسالماي: ‹‹بىز يىلدا ئاران بىر نەچچە قېتىم تۈگرە يېيەلەيمىز، يەنە كېلىپ بىرىمىزگە بىر قاچىدىنلا تېگىدۇ. بۇنىڭغا قورسقىمىز يېرىممۇ بولمايدۇ، ساڭا تاتلىق ياڭيۇ قاتۇرمىسنى بەرگەنلىكىم ساڭا خېلى ياخشى نەرسە بەرگىنىم، ئالساڭ ئال، ئالمىساڭ يوقال››، دەپ كايىپ كەتتىم. بۇ چاغدا ئانام مېنى ئەيىبلەپ كەتتى، ئارقىدىنلا ئۇ يېرىم قاچا تۈگرىنى بوۋاينىڭ قاچىسغا سېلىپ بەردى.
     مېنىڭ ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، ئانام بىلەن يېسۋېلەك ساتقىلى چىققاندا، دىققەتسىزلىكتىن بىر بوۋايدىن بىر مو پۇلنى ئارتۇق ئېلىۋالغانلىقىم. مەن پۇلنى ھسابلاپ بولۇپلا مەكتەپكە كېتىپتىمەن. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ كەمدىن-كەم كۆز يېشى قىلىدىغان ئاپامنىڭ تارام-تارام يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئاپام مېنى تىللىماستىن، پەقەت تۆۋەن ئاۋازدا: ‹‹ئوغلۇم، سەن ئاپاڭنىڭ يۈزىنى يەرگە قاراتتىڭ›› دېدى.
مەن ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئاپام ئېغىر ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئاچلىق، كېسەللىك ئازابى، ھېرىپ-چارچاشتىن ئائىلىمىز تولىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالدى، بىزگە يورۇقلۇق ۋە ئۈمىدتىن ئەسەر يوقتەكلا تۇيۇلاتتى. مەندە بۇ چاغلاردا ئاپام ھامان بىر كۈنى ئۈمىدسىزلىكتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، دەيدىغان  بىر خىل شۇم خىيال پەيدا بولۇپ قالغانىدى. ھەر قېتىم ئەمگەكتىن قايتىپ كەلسەم، ئشىكتىن كىرىپلا، ‹‹ئاپا›› دەپ ئۈنلۈك توۋلايتتىم، ئۇنىڭدىن بىرەر سادا چىققاندىن كېيىنلا يۈرىكىم جايىغا چۈشەتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمايلا قالسام، قورقۇپ، تىترەپ قازناق ئۆينى، تۈگمەننى ئىزدەپ چىقاتتىم. بىر قېتىم ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپمۇ ئاپامنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالماي، ھويلىدا ئولتۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ كەتتىم. بۇ چاغدا ئاپام بىر باغلام پالاڭلارنى يۈدۈگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇ مېنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىمدىن خاپا بولدى، ئەمما ئۇنىڭغا ئەنسىرىشىمنىڭ سەۋەبىنى دېمىدىم. ئاپام مېنىڭ ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغان بولسا كېرەك، ماڭا مۇنداق دېدى: ‹‹بالام، خاتىرجەم بول، گەرچە ھاياتىمدا تۈزۈكرەك خۇۋلۇق كۆرمىگەن بولساممۇ، بىراق تەڭرىم مېنى چاقىرمىغۇچە، ئۆزۈم كەتمەيمەن.››
مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا بەك كۆرۈمسز بولغاچقا، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنى يۈز-تۇرانە مەسخىرە قىلاتتى. ھەتتا مەكتەپتىكى بىر نەچچە مىجەزى ئوسال بالىلار كۆرۈمسىز بولغانلىقىم ئۈچۈنلا مېنى ئۇرغانىدى. ئۆيگە قايتىپ قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىمدە ئاپام ماڭا: ‹‹ئوغلۇم، سەن سەت ئەمەس، سېنىڭ بۇرنۇڭ بار، كۆزۈڭ بار، يەتتە ئەزايىڭ بېجىرىم، نەرىڭ سەتكەن؟ ئەكسچە، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ياخشى بولسىلا، ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىلساڭ، سەت بولساڭمۇ، چىرايلىق كۆرۈنىسەن››، دەپ بەزلەيتتى. كېيىن مەن شەھەرگە كىرگىنىمدە، بەزى مەدەنىيەتلىك ئادەملەر كەينىمدە، ھەتتا ئالدىمدىلا مېنىڭ تۇرقۇمنى مەسخىرە قىلاتتى. مەن ئاپامنىڭ ھېلىقى دېگەنلىرىنى ئەسلەيتتىم-دە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايتتىم.
     ئاپام ساۋاتسز ئىدى، ئەمما ساۋاتلىقلارنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. ئائىلىمىز بەكلا نامرات بولۇپ، ئەتىگەنگە تاپساق، كەچلىككە  يوق ئىدى. لېكىن مەن ئاپامغا كىتاب، دەپتەر، قەلەم ئالىمەن دېسەملا، ئۇ تەلىپىمنى قاندۇراتتى. ئۇ بەك ئىشچان ئىدى، ھورۇن بالىلارغا ئۆچ ئىدى، ئەمما مەن كىتاب ئوقۇيمەن دەپ، ئىشقا دەخلى قىلىپ قويسام، ئۇ ئەزەلدىن مېنى ئەيىبلىمەيتتى. 
    بىر چاغلاردا بازارغا بىر ئوقۇمۇشلۇق ئادەم كەلدى. مەن ئوغرىلىقچە ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇغىنىنى ئاڭلايمەن دەپ كېتىپ قېلىپ، ئانامنىڭ ماڭا بۆلۈپ بەرگەن ئىشىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇ ئىش ئۈچۈن ئانام مېنى ئەيىبلىدى. كەچلىكى ئۇ جىن چىراغ يورۇقىدا پاختىلىق كىيىم تىكىۋاتقاندا، مەن تاقەت قىلالماستىن كۈندۈزى ئوقۇمۇشلۇق ئادەمدىن ئاڭلىغان ھېكايىنى ئاپامغا سۆزلەپ بەردىم. دەسلەپتە ئۇ ئاخىرىغىچە ئاڭلىمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاغزىدا قۇرۇق گەپ قىلىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان، ئاغزىدىن ياخشى گەپ چىقمايدىغان ئادەملەر ئىدى. كېيىن مېنىڭ بايان قىلىپ بەرگەن ھېكايەم ئاپامنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم كۆپچىلىك يىغىلغاندا، ئۇ ماڭا ئىش بۆلمەي، بازارغا بېرىشىمغا يول قويىدىغان بولغانىدى. ئانامنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەم ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىمنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن كۈندۈزى ئاڭلىغان ھېكايىلەرنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ سۆزلەپ بېرەتتىم.
    مەن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئوقۇمۇشلۇق ئادەم سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىنى بايان قىلىشقا قانائەت قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم، بايان قىلىش جەريانىدا، ھېكايە مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ماڭدىم. مەن ئاپامنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، بەزى ۋەقەلىكلەرنى توقۇپ چىقاتتىم، ھەتتا بەزىدە ھېكايىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتەتتىم. بۇ چاغدا مېنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم ئاپام بىلانلا قالماي، يەنە ئاچام، مومام، ھامماملارمۇ ئاڭلىغۇچىلىرىم بولۇپ قالغانىدى. ئاپام ھېكايەمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، بەزىدە بىر نەرسىدىن ئەنسرىگەندەك قىلىپ، ماڭىمۇ ياكى ئۆزىگىمۇ ئەيتاۋۇر بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتەتتى. ئۇ، شۇ چاغلاردا دائىم ماڭا: ‹‹ئوغلۇم، چوڭ بولساڭ قانداقراق ئادەم بولارسەن-ھە؟ گەپ سېتىپ جان باقىدىغان ئادەم بولۇپ قالارسەنمۇ؟›› دەيتتى.  
    مەن ئاپامنىڭ ئەنسرىشنى توغرا چۈشىنەتتىم. چۈنكى كەنتتە ۋالاقتەككۈر بالىلارغا ھەممەيلەن ئۆچ ئىدى. بۇنداق بالىلار ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالاتتى. مەن ‹‹كالا›› ناملىق ھېكايىدە يازغان ھېلىقى تولا گەپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كەنتتىكىلەرنىڭ ئاھانىتىگە قالغان بالا دەل مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى سايەم ئىدى. ئاپام ماڭا ھەمىشە ئاز گەپ قىل دەيتتى، ئۇ مېنىڭ كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن ۋە ئوچۇق-يورۇق ئادەم بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما مەندە ئاشكارىلىنىۋاتقان سۆزمەنلىك ۋە سۆزلەشكە بولغان ئشتىياقىم، شۈبھىسىزكى بىر خەتەرلىك ئىش ئىدى.  بىراق مېنىڭ ھېكايە سۆزلەش ئىقتىدارىم ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئاتا قىلىپ، ئۇنى چوڭقۇر زىدىدىيەتلەر قاينىمىغا ئېلىپ كىرگەنىدى.
     كونىلاردا ‹‹تاغ يۆتكەلسە يۆتكىلىدۇ، مىجەز ئۆزگەرمەيدۇ›› دېگەن گەپ بار. ئاتا-ئانام  ماڭا تەنبىھ-تەلىملەرنى بېرىپ تۇرسىمۇ، بىراق مەن تولا گەپ قىلىدىغان مىجەزىمنى ئۆزگەرتەلمىدىم. بۇ مېنىڭ ‹‹مويەن›› (مۆرىمەس، گېپى ئاز) دېگەن ئىسمىمنى خۇددى ئۆزۈم مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزمەيلا ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، چۈنكى تېنىم ئاجىز بولغاچقا، ئېغىر ئىش قىلالمايتتىم، پەقەت يايلاقتا پادا بېقىشقىلا يارايتتىم. مەن قوي-كالىلارنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىن ھەيدەپ ماڭغاندا، بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپتە قىقاس-سۈرەن سېلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسام يۈرىكىم ئېچىشىپ كېتەتتى، مەن بۇ چاغدا بىر ئادەمنىڭ، مەندەك بىر بالىنىڭ كۆپچىلىكتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئازابىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. 
    مەن قوي-كالىلارنى ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. دېڭىزدەك پايانسىز كۆك ئاسمان، چەكسز كەتكەن يايلاق، ئەتراپتا ھېچكىمنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى، ئادەمزاتنىڭ تىۋىشىمۇ يوق، پەقەت قۇشلارنىڭ كۆكتە سايرىغان ئاۋازىلا بار ئىدى. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ غېرىبلىق، زېرىكىشلىك ھېس قىلاتتىم، كۆڭلۈم قۇپقۇرۇقلا ئىدى. بەزىدە ئوتلاقتا يېتىپ كۆپكۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلارغا قاراپ، كاللامدا نۇرغۇن غەلىتە خىياللار پەيدا بولاتتى. بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە نۇرغۇن تۈلكىلەرنىڭ گۈزەل قىزلارغا ئۆزگىرىپ قالغانلىقىدەك ھېكايىلەر كۆپ تارقالغانىدى. مەن بىر تۈلكىنىڭ گۈزەل قىزغا ئۆزگىرىپ مەن بىلەن بىللە پادا بېقىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، بىراق پەقەتلا ئۇنداق بولمايتتى. ئەمما بىر قېتىم بىر قىزىل رەڭلىك تۈلكە ئالدىمدىكى ئوتلاقتىن يۈگۈرۈپ چىققاندا، مەن قورقۇپ يەرگە يېتىۋالغان ئىدىم. تۈلكە كېتىپ قارىسى يۈتكەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا تىتىرەپ كەتكەنىدىم. بەزىدە مەن كالىنىڭ يېنىدا يېتىپ، كالىنىڭ يوغان كۆزلىرىگە ۋە ئۇنىڭ كۆزىدىكى شولامغا قارايتتىم. بەزىدە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى دوراپ، ئاسماندىكى قۇشلار بىلەن مۇڭداشماقچى بولاتتىم، بەزىدە بىر دەرەخكە ئۆزۈمنىڭ دەردىنى تۆكمەكچى بولاتتىم. بىراق قۇشمۇ، دەرەخمۇ ماڭا پەرۋا قىلمايتتى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، مەن بىر ھېكايە يازغۇچىسى بولۇپ، شۇ چاغدىكى نۇرغۇن خىياللىرىمنى ھېكايىلىرىمغا كىرگۈزۋەتتىم. نۇرغۇن كىشلەر مېنى تەسەۋۋۇرغا باي دېيىشىدۇ، بەزى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى مەندىن تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ سىرىنى دەپ بېرىشمنى ئۈمىد قىلىدۇ، مەن بۇلارغا پەقەت ئاچچىق كۈلكەم بىلەنلا جاۋاب بېرەتتىم. 
    خۇددى جۇڭگونىڭ دانىشمىنى لاۋزىنىڭ: ‹‹خۇشاللىق بىلەن غەم-قايغۇ قوشكېزەكتۇر، خۇشاللىق قايغۇغا، قايغۇمۇ خۇشاللىققا ئايلىنالايدۇ›› دەپ ئېيتقىنىدەك، مەنمۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئوقۇشتىن قالغان، ئاچلىق، يېتىملىك ئازابىنى، ئوقۇغۇدەك كىتابىمۇ  يوق ئېغىر كۈنلەرنى يەتكۈچە تارتقان. ئەمما مەن مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا خۇددى بىزنىڭ پېشقەدەم يازغۇچىلاردىن شېن سۇڭۋېن ئەپەندىگە ئوخشاش جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ كاتتا كىتابنى خېلى بۇرۇنلا ئوقۇشقا باشلىغان. بايا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، بازاردا ئۇچراتقان ھېلىقى ئوقۇمۇشلۇق ئادەممۇ مۇشۇ كىتابنىڭ بىر بېتىدىنلا ئىبارەت، خالاس.
    ئوقۇشتىن قالغاندىن كېيىن، مەن چوڭلار بىلەن جان بېقىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ، ‹‹قۇلاق بىلەن كىتاب ئوقۇش››تەك جاپالىق ھاياتىمنى باشلىدىم. بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىللار ئىلگىرى يۇرتۇمدىن ھېكايە سۆزلەشكە ماھىر بىر ئۇلۇغ تالانت ئىگىسى پۇ سۇڭلىن چىققانىكەن، بىزنىڭ كەنتتىكى نۇرغۇن ئادەملەر، جۈملىدىن مەنمۇ شۇ كىشىنىڭ ۋارىسى. مەن كوللېكتىپ ئەمگەكتىكى ئېتىز باشلىرىدا، ئشلەپچىقىرىش ئەترەتلىرىنىڭ ئات-كالا قوتانلىرىدا، بوۋام-مومامنىڭ ئىسسىق كاڭلىرىدا، ھەتتا ئوڭغۇل-دوڭغۇل كېتىۋاتقان كالا ھارۋىلىرىدا نۇرغۇن سىرلىق، غەلىتە ھېكايىلەرنى، جەڭنامىلەرنى، غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلايتتىم. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەرنىڭ تەبىئىي مۇھىتى، جەمەت تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماڭا كۈچلۈك چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى.
    مەن چۈشۈمدىمۇ بىر كۈنلەردە بۇ نەرسىلەرنىڭ مېنىڭ يېزىقچىلىق خام ماتېرىيالىم بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن ئەينى چاغدا ھېكايىغا مەپتۇن بولغان بىر بالا بولۇپ، كىشىلەرنىڭ سۆزلىگىنىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. ئۇ چاغدا مەن تەڭرىنىڭ بارلىقىغا مۇتلەق ئىشەنگۈچى بولۇپ، پۈتۈن كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنىڭ جېنى بارلىقىغا ئىشنەتتىم. چوڭ بىر دەرەخنى كۆرسەممۇ ھۆرمەت بىلدۇرەتتىم، بىر قۇشنى كۆرسەم، ھامان ئۇنىڭ بىر ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم، بىر يات ئادەمنى كۆرسەم، ئۇ چوقۇم بىر ھايۋاندىن ئۆزگەرگەنمىدۇ، دەپ گۇمان قىلاتتىم. ھەر كۈنى كەچتە مەن ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئىش خاتىرىلەش ئۆيىدىن  قايتقاندا، چەكسىز قورقۇنچ مېنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالاتتى، مەن قورقۇنچۇمنى يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ، بىر تەرەپتىن ناخشا توۋلاپ ماڭاتتىم. ئۇ چاغلار ئاۋازىم ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئاۋازىم خىر-خىر، ناخشامنىڭ ئاھاڭى يېقىمسىز ئىدى، ئېيتقان ناخشىلىرىمنى ئاڭلاش يۇرتداشلىرىم ئۈچۈن بىر ئازاب ئىدى.
    مەن يۇرتۇمدا 21 يىل ياشىدىم، مۇشۇ ئارىلىقتا يۇرتۇمدىن ئەڭ يىراق جايغا بارغان يېرىم پويىز بىلەن چىڭداۋغا بارغىنىم بولسا كېرەك، تېخى ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتىنىڭ چوڭ ياغاچ ماتېرىياللىرى ئارىسىدا ئېزىقىپ قالغىلى تاس قالغانىدىم. ئانام مەندىن چىڭداۋغا بېرىپ نېمە كۆرگەنلىكىمنى سورىغاندا، مەن روھىم چۈشكۈن ھالدا: ‹‹ھېچنېمىنى كۆرمىدىم، پەقەت بىر دۆۋە ياغاچنى كۆردۇم›› دېگەنىدىم. بىراق شۇ قېتىملىق چىڭداۋ سەپىرى مەندە يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ بېقىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇنى پەيدا قىلدى.
     1976-يىلى 2-ئايدا، مەن چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىردىم. ئانام توي قىلغاندا ئشلەتكەن زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىپ ئېلىپ بەرگەن تۆت توملۇق ‹‹جۇڭگونىڭ ئومۇمىي تارىخى››نى يۈدۈگۈنۈمچە ماڭا سۆيگۈ ئاتا قىلغان ھەم نەپرەتلەندۈرگەن جاي ـــ گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىسىدىن ئايرىلىپ، ھاياتىمدىكى مۇھىم بىر مەزگىلىمنى باشلىدىم. مەن شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، ناۋادا 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىيىتىدە غايەت زور تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەش بولمىغان، شۇناقلا ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلمىغان بولسا، مەندەك بىر يازغۇچىمۇ بولمىغان بولاتتى.
     گازارمىدىكى مەنىسىز تۇرمۇشتا مەن 80-يىللاردىكى ئىدىيە ئازادلىقى ۋە ئەدەبىيات قىزغىنلىقىنى كۇتۇۋالدىم، مەن بىر ھىكايە ئاڭلايدىغان، ھېكايە سۆزلەيدىغان بالىدىن قەلەم بىلەن ھېكايە سۆزلەشكە ئۇرۇنۇپ بېقىشقا باشلىدىم. دەسلەپتە يولۇم ئاسان بولمىدى، ئەينى چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ 20 يىللىق سەھرا تۇرمۇش تەجرىبەمنىڭ ئەدەبىيات خەزىنسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماپتىمەن. ئۇ چاغدا مەن ئەدەبىيات ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلارنىلا، قەھرىمان شەخسلەرنىلا يازىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. بىر نەچچە پارچىلا ئەسىرىم ئېلان قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەدەبىي قىممىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى.
     1984-يىلى كۈزدە، مەن ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم. مېنىڭ كۆيۈمچان ئۇستازىم، مەشھۇر يازغۇچى شۈ خۇۋەيجۇڭنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە  يېتەكلىشى بىلەن، ‹‹كۈز سۇلىرى››، ‹‹قۇرغان دەريا››، ‹‹سۈزۈك تۇرۇپ››، ‹‹قىزىل قوناقلىقتا›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايە-پوۋېستلارنى يازدىم. ‹كۈز سۇلىرى›› دېگەن ھېكايەمدە تۇنجى قېتىم ‹‹گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىسى›› دېگەن بۇ سۆز ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر تەرەپتە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن دېھقانلارنىڭ يېرى بار بولدى، مەندەك بىر ئەدەبىيات سەرگەردانىمۇ باش تىققۇدەك بىر جايغا ئېرىشتىم. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەككى، ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىيات تەۋەلىكىدىكى ‹‹گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىسى››نى قۇرۇش جەريانىدا، ئامېرىكىلىق ۋىليام فائۇكنىر ۋە كولۇمبىيەلىك گارسىيا ماركۇس ماڭا بەك ئىلھام بولدى. مەن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە بەك ئوقۇمىغان بولساممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مىسىلسىز مەردانە روھى ماڭا ئىلھام بەرگەن ۋە مەندە يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئۆزۈمگە تەۋە بىر بوشلۇقنى ھېس قىلدۇرغانىدى. بىر ئادەم رېئال تۇرمۇشتا كەمتەر، كىچىك پېئىل بولۇشى، ئەمما ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مۇستەقىل، غۇرۇرلۇق بولۇشى كېرەككەن.
     مەن بۇ ئىككى بۈيۈك ئۇستازنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى يىل ئەگىشىپ يۈرۈپ شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، مەن دەرھال ئۇلاردىن ئايرىلىشىم كېرەككەن. مەن بىر پارچە ماقالەمدە: ‹‹ئۇلار ئىككى دانە يېنىپ تۇرغان ئوچاق، ئەمما مەن مۇز پارچىسى، ئەگەر ئۇلارغا بەك يېقىنلىشپ كەتسەم، ئۇلار مېنى ئېرىتىپ تاشلايدۇ››، دەپ يازغان. ھېس قىلىشىمچە، بىر يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، تەسىر كۆرسەتكۈچى بىلەن تەسىرگە ئۇچرىغۇچىنىڭ ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئوخشاشلىقلار بار. بۇ خۇددى ‹‹روھلار ئاخىرى جۆرىسىنى تاپىدۇ›› دېگەنگە ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا، مەن گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئانچە ياخشى ئوقۇمىغانلىقىمدىن، يەنە كېلىپ پەقەت بىر نەچچە بەتلا ئوقۇغانلىقىمدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى، قانداق قىلغانلىقىنى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزۈمنىڭمۇ نېمىلەرنى قىلىشىم، قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىۋالغانىدىم. 
    مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىم ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسنى سۆزلەشتىن ئىبارەت. مېنىڭ ئۇسۇلۇم بازاردىكى ئۆزۈمگە تونۇشلۇق ھېلىقى ئوقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ئۇسۇلى، بوۋام، مومام، كەنتتىكى چوڭلارنىڭ ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلىدۇر. راستىنى دېسەم، ھېكايە سۆزلىگەندە، مەن كىملەرنىڭ ئاڭلىغۇچۇم بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، بەلكىم مېنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىم مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش كىشلەر بولۇشى ياكى ئاشۇ ئاڭلىغۇچى ھەتتا ئۆزۈم بولۇشۇم مۇمكىن. ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسى دەسلەپتە ئۆزۈمنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىمدىن ئىبارەت، مەسىلەن، ‹‹قۇرىغان دەريا››دىكى قاتتىق تاياق يېگەن بالا، ‹‹سۈزۈك تۇرۇپ››تىكى باشتىن-ئاخىر گەپ قىلمايدىغان گومۇش بالا.
    مەن ھەقىقەتەن ئىلگىرى بىر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىم ئۈچۈن دادامدىن ئۆلگۈدەك تاياق يېگەن، مەنمۇ كۆۋرۈك ياساۋاتقان ئىش ئورنىدا تۆمۈرچى ئۇستاملارغا شامالدۇرغۇچنى ئايلاندۇرۇپ بەرگەن. ئەلۋەتتە، بىر ئادەمنىڭ كەچۈرمىشى قانچىلىك ئۆزگىچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئەسلى بويىچە ئەسەرگە كىرگۈزگىلى بولمايدۇ، ئەسەردە چوقۇم توقۇلمىمۇ، تەسەۋۋۇرمۇ بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن دوستلار ‹‹سۈزۈك تۇرۇپ››نى مېنىڭ ئەڭ ياخشى رومانىم دەيدۇ، مەن بۇنىڭغا قارشى ئەمەس ھەم قوللاپمۇ كەتمەيمەن. بىراق مەن ‹‹سۈزۈك تۇرۇپ››نى ئەسەرلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ سىموۋللۇق خاراكتېرىگە ئىگە، ئەھمىيىتى چوڭقۇر ئەسەرلىرىمدىن بىرى، دەپلا قارايمەن. ئۈستىبېشى قاپقارا، ئادەتتىن تاشقىرى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە تۇيغۇسىغا ئىگە ئاشۇ بالا بارلىق رومانلىرىمنىڭ روھى بولسا كېرەك. گەرچە مەن كېيىنكى رومانلىرىمدا نۇرغۇن ئادەملەرنى يازغان بولساممۇ، بىراق بىرمۇ كىشى مېنىڭ روھىمغا شۇ بالىدەك يېقىنلىشالىغان ئەمەس. ياكى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يازغۇچى ياراتقان ئوبرازلار ئىچىدە، ھامان بىر باشلامچى ئوبراز بولىدۇ، بۇ كەم سۆز بالا دەل شۇ باشلامچىدۇر، ئۇ بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەيدۇ، بىراق ھەرخىل ئادەملەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىسدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدە، قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ.
     ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسى ھامان چەكلىك بولىدۇ، ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بولسام، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىشىم كېرەك. شۇڭلاشقا تۇغقانلىرىمنىڭ، يۇرتداشلىرىمنىڭ ھېكايىسى، شۇنداقلا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئەجدادلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر، خۇددى يىغىلىش بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەردەك ئەسلىمىلىرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ. ئۇلار تەشنالىق نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ، مېنىڭ ئۇلارنى يېزىشىمنى كۈتىدۇ. بوۋام، مومام، دادام، ئانام، ئاكام، ئاچام، ھاممام، تاغام، ئايالىم، قىزىم، ھەممىسى مېنىڭ ئەسەرلىرىمدە تەسۋىرلىنىپ باققان، يەنە بىزنىڭ گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىمىزدىكى يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى رومانلىرىمدا نامايان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەن ئۇلارنى ئەدەبىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىدىن ھالقىتىپ، ئەدەبىيات ئىچىدىكى شەخسلەرگە ئايلاندۇرىمەن.
    مېنىڭ يېڭى رومانىم ‹‹پاقا››دا، ھاممامنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان. مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىم سەۋەبلىك نۇرغۇن مۇخبىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. دەسلىپىدە ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا ناھايىتى سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ بۇنىڭدىن بىزار بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرۇنۇۋالدى. ھاممام راستتىنلا مېنىڭ ‹‹پاقا››نى يېزىشىمدىكى بىر پىروتوتوپ ئىدى، ئەمما روماندىكى قىزچاق بىلەن رېئاللىقتىكى قىزچاق ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. روماندىكى قىزچاق كاج، ھاكاۋۇر، بەزىدە لۈكچەك ئاياللارغا ئوخشايدۇ، رېئاللىقتىكى قىز بولسا ئىللىق چىراي، ئوچۇق-يورۇق بىر مېھرىبان ئانا. رېئاللىقتىكى قىزنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى بەختلىك، خۇشال، روماندىكى قىز ياشانغاندىن كېيىن روھى جەھەتتە ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولۇپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ، ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تېنەپ يۈرىدىغان روھقا ئوخشاپ قالىدۇ. مەن قىزنىڭ كەڭ قورساقلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ روماندا مېنىڭ ئۇنى ئاشۇنداق يېزىپ قويغانلىقىمغا خاپا بولمىدى، مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە تولىمۇ قايىلمەن، چۈنكى ئۇ روماندىكى شەخسلەر بىلەن رېئاللىقتىكى شەخسلەرنىڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋىتىنى توغرا چۈشەندى. 
     ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن بەك قايغۇردۇم، ئۇنىڭغا بېغىشلاپ بىر رومان يېزشنى قارار قىلدىم. بۇ دەل ‹‹تولغان كۆكرەك، سېمىز كاسا›› ناملىق رومانىم ئىدى. كۆڭلۈمدىكى ئوي-پىكىرلەر تەييار بولغاچقا پەقەت 83 كۈندىلا خەت سانى 500 مىڭغا يېتىدىغان بۇ روماننىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىنى يېزىپ تاماملىدىم. ‹‹تولغان كۆكرەك، سېمىز كاسا›› ناملىق بۇ رومانىمدا، مەن ئازراقمۇ تەپتارتماستىن، ئانامنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىياللارنى ئىشلەتتىم. بىراق كىتابتىكى ئانامنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى كەچۇرمىشلىرى گاۋمى شەرقى شىمال يېزىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن توقۇلما قىلىنغان. مەن بۇ روماننىڭ ئالدىنقى تومنىڭ كىرىش سۆزىگە: ‹‹ئانامنىڭ ئەرشتىكى روھىغا بېغىشلايمەن››، دەپ يازغانىدىم. بىراق بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە ‹‹زېمىندىكى ئانىلار››غا بېغىشلاپ يېزىلغانىدى، بۇ خۇددى مېنىڭ كىچىككىنە ‹‹گاۋمى شەرقىي شىمال يېزىسى››نى جۇڭگونىڭ، ھەتتا دۇنيانىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخسى سۈپىتىدە يازغىنىمدەكلا بىر ئىش ئىدى. 
يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدىكى خاسلىقمۇ ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەربىر كىتابىمدىكى تەپەككۇر ۋە ئىلھامنىڭ قوزغىلىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزى رومانلىرىم ئارزۇلارنى مەنبە قىلغان، مەسىلەن، ‹‹سۈزۈك تۇرۇپ›› رومانى بۇنىڭ مىسالى، بەزى رومانلىرىم رېئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەنبە قىلغان، مەسىلەن، ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى›› بۇنىڭ مىسالى. بىراق، مەيلى رېئاللىقنى مەنبە قىلسۇن ياكى خام خىيالنى مەنبە قىلسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى شەخسنىڭ تەجرىبىسى بىلەن زىچ بىرىكىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا روشەن خاسلىققا ئىگە، نۇرغۇنلىغان جانلىق، ئىنچىكە ھالقىلار ئارقىلىق تىپىك شەخسلەرنى، تىلى مول، رەڭدار، قۇرۇلمىسى پۇختا ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ئۆتۈش زۆرۈركى، ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى›› ناملىق روماندا، مەن بىر ھەقىقىي ئوقۇمۇشلۇق كىشىنى روياپقا چىقاردىم ھەمدە ئۇ روماندا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. مەن ئىنتايىن تەۋەززۇ بىلەن بۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلەتتىم، ئۇنىڭ روماندىكى بارلىق قىلمىشلىرى ھەممىسى توقۇلما، ئەلۋەتتە. مېنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىمدا، بۇنداق ھادىسىلەر تالاي قېتىم يۈز بەرگەن. يېزىقچىلىققا دەسلەپ كىرىشكەندە، مەن ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارغا يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق، ئەسەر پۈتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغىنىمدا، بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمەن. شۇڭلاشقا رومانىمدىكى پېرسوناژلار بىلەن ئىسىمداش كىشىلەر دادامنى ئىزدەپ كېلىپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغىنىدا، دادام مېنىڭ ئورنۇمدا ئۇلاردىن ئەپۇ سورىغانىدى، شۇنداقلا مېنىڭ ئۇلارنى بۇلارنى راست دەپ قالماسلىققا دەۋەت قىلغان يەرلىرىممۇ بولغانىدى. بۇ چاغدا دادام ئۇلارغا: ‹‹ئۇ ئۆزىنىڭ ‹قىزىل قوناقلىق›تا  ئىشلەتكەن بىرىنچى جۈملىسىدىلا، ‹مېنىڭ دادام مۇشۇ يەرلىك باندىت›› دېگەندىمۇ خاپا بولمىغان تۇرسام، سىلەر نېمىگە خاپا بولىسىلەر؟›› دېگەنىدى. 
    مەن ‹‹جەننەتتىكى سامساق ناخشىسى››غا ئوخشاش رېئال تۇرمۇشقا يېقىن روماننى يېزىۋاتقان چېغىمدا، دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىم شۇكى، مېنىڭ جەمئىيەتتىكى قاراڭغۇ ھادىسىلەرنى تەنقىدلەشكە جۈرئەت قىلىش-قىلالماسلىقىم بولماستىن، بەلكى قايناق ھېسسىيات ۋە غەزەپ-نەپرەتنىڭ ئەدەبىياتقا سىياسىي بېسىم ئېلىپ كېلىشى سەۋەبىدىن، بۇ روماننىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ھەققىدىكى ئەدەبىي ئاخبارات بولۇپ قېلىشى ئىدى. يازغۇچىمۇ ئىجتىمائىي ئادەم بولغاچقا، ئۇنىڭمۇ تەبىئىيلا ئۆزىنىڭ مەيدانى، كۆز-قارىشى بولىدۇ، ئەمما يازغۇچى يېزىقچىلىق قىلىۋاتقاندا، چوقۇمكى ئىنساننىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى ۋە بارلىق ئادەملەرنى ئىنسان قاتارىدا يېزىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئەدەبىيات ھادىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولىدۇ، ئەمما ھادىسىدىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ، سىياسىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما سىياسىدىن ھالقىپ كېتەلەيدۇ.
    بەلكىم ئۇزۇن مەزگىل مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، مېنىڭ ئادەمىيلىككە بولغان تونۇشۇم نىسبەتەن چوڭقۇر. مەن ھەقىقىي باتۇرلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن، شۇنداقلا نېمىنىڭ ھەقىقىي ھەسرەت ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشىنىمەن. مەن ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ھەق بىلەن ناھەق، ئالىيجاناپلىق بىلەن رەزىللىكنى ئېنىق ئايرىش قېيىن بولغان بىر خىرە جاينىڭ بارلىقىغا بىلىمەن. بۇ خىرە جاي دەل ئەدەبىياتچى ئۆز تالانتىنى جەۋلان قىلدۇرىدىغان بىپايان بوشلۇقتۇر. پەقەت مۇشۇ زىددىيەتكە تولغان خىرە بەلباغنى دەل جايىدا، جانلىق تەسۋىرلەپ بېرەلىگەن ئەسەرلەرلا مۇقەررەر ھالدا سىياسىيدىن ھالقىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر بولالايدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەۋەرسە كىشىنى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ. بىراق مېنىڭ ھاياتىم ئەسەرلىرىم بىلەن زىچ باغلانغان، شۇڭا ئەسەرلىرىم ھەققىدە گەپ قىلمىسام، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 
    بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمدە، مەن يېڭى دەۋردىكى بىر ھېكايە سۆزلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تېكىستنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنۇۋالاتتىم. بىراق ‹‹ئاق ساندال جازاسى›› ناملىق روماندا، مەن ئاخىرى ئارقا سەھنىدىن ئالدى سەھنىگە چىقتىم. ئەگەر مېنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمنى پەقەت ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەنلىرىمۇ يوق بولغان بولسا، بىراق بۇ رومانىمدىن باشلاپ مەن ئۆزۈمنىڭ بىر چوڭ مەيداندا نۇرغۇن ئاڭلىغۇچىلارغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىمنى  ھېس قىلدىم-دە، ھېكايەمنى تېخىمۇ جانلىق سۆزلەشكە باشلىدىم. بۇ دۇنيا رومانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىسى، شۇنداقلا جۇڭگو رومانچىلىقىنىڭمۇ ئەنئەنىسى. مەن ئىلگىرى غەربنىڭ مودېرنىزم ئېقىمىدىكى رومانلىرىدىن ئاكتىپ ئۆگەنگەن، تۈرلۈك بايان ئۇسلۇبلىرىغىمۇ تەقلىد قىلىپ باققان، بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئەنئەنىگە قايتىپ كەلدىم. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قايتىش قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغان قايتىش ئەمەس، ‹‹ئاق ساندال جازاسى›› ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رومانلىرىمدا جۇڭگو كىلاسسىك رومانچىلىق ئەنئەنىسگە ۋارسىلىق قىلدىم ۋە غەرب رومانچىلىق ماھارىتىدىكى ئەبجەش تەركىبلەردىن ئۆرنەك ئالدىم. رومانچىلىق ساھەسىدىكى ئاتالمىش ‹‹يېڭىلىق يارىتىش›› ئاساسەن دېگۈدەك بۇ خىل ئەبجەشلىكنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. بۇ پەقەت مەزكۇر دۆلەت ئەدەبىياتنىڭ ئەنئەنىسىنىڭ چەت ئەل رومانچىلىق ماھارىتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپلا قالماي، يەنە رومان بىلەن باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭمۇ يۇغۇرۇلۇشىدۇر. بۇ خۇددى ‹‹ئاق ساندال جازاسى››نىڭ ئەل ئىچى ئەلنەغمىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكىنىگە، شۇنداقلا يەنە مېنىڭ بۇرۇنقى بەزى رومانلىرىمنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ھەتتا سېرىكتىنمۇ ئوزۇق ئالغىنىغا ئوخشايدۇ.
     ئاخىرىدا مېنىڭ ‹‹ھايات-ماماتلىق مۇشەققەت›› ناملىق رومانىم ھەققىدە يەنە سۆزلىشىمگە روخسەت قىلساڭلار. بۇ كىتابنىڭ ئىسمى بۇددا نوملىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بىلىشىمچە، بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىش ھەر قايسى ئەل تەرجىمانلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇپتۇ. مەن بۇددا نوملىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ باقمىغان، بۇددا دىنىغا بولغان چۈشەنچە تولىمۇ يۈزەكىي تۇرۇپ، بۇنى تېما قىلىپ تاللىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، مېنىڭچە بۇددا دىنىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاساسىي ئىدىيەلىرى ھەقىقەتەنمۇ كائىنات ھەققىدىكى سەزگۈلەر بولۇپ، پانى ئالەمدىكى تالايلىغان تالاش-تارتىشلار بۇددىزىمچىلارغا تولىمۇ ئەھمىيەتسىز تۇيۇلىدۇ. بۇنداق تەڭداشسىز ئىلاھىي نەزەر ئاستىدىكى دۇنيا تولىمۇ پاجىئەلىكتۇر. ئەلۋەتتە، مەن بۇ كىتابنى ۋەز-نەسىھەتلەر بىلەن تولدۇرۇۋەتمىدىم، بەلكى ئىنساننىڭ تەقدىرى ۋە ھېسسىياتى، ئىنساندىكى چەكلىمىلىك  ۋە كەڭ قورساقلىق، شۇنداقلا ئىنساننىڭ بەخت قوغلىشىش، ئۆز ئېتىقاتىدا چىڭ تۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە قوربانلىقلىرىنى يازدىم. روماندىكى ئاشۇ ئۆز ھاياتىنى دەۋر ئېقىمىغا قارشى قويغان لەن ليەن قەلبىمدىكى ھەقىقىي بىر قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. بۇ شەخسنىڭ ئەسلى پىروتوتوپى بىزنىڭ قوشنا يېزىدىكى بىر دېھقان بولۇپ، بالا چاغلىرىمدا ئۇنىڭ دائىم ياغاچ چاقلىق ھارۋىسىنى غىچىلدىتىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ھارۋىسىغا بىر ئاقساق ئېشەك قېتىلغان بولۇپ، پۇتىنى بوغۇۋالغان خوتۇنى ئېشەكنى يېتىلىۋالاتتى. بۇ غەيرىي ئەمگەك گۇرۇپپىسى ئەينى دەۋردىكى كوللېكتىپلاشقان جەمئىيەتتە شۇقەدەر غەلىتە ۋە قالاق كۆرۈنەتتىكى، بالىلارمۇ ئۇلارنى تارىخنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەييارلاردەك ھېس قىلاتتۇق، ھەتتا ئۇلار كوچىدىن ئۆتكەندە غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قارىتىپ تاش ئاتاتتۇق. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىقچىلىققا تۇتۇنغىنىمدا،  شۇ كىشى، شۇ مەنزىرىلەر خىيالىمغا كەلدى. مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر كىتاب يازىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ ھېكايىسىنى بارلىق كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىم. بىراق 2005-يىلىغا كەلگەندىلا، بىر بۇتخانىدا ‹‹ئالتە تەرىقەتنىڭ دەۋر قىلىشى›› ناملىق تام رەسىمىنى كۆرگەن چېغىمدىلا، ئاندىن بۇ ھېكايىنى ئېيتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
     مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر قاتار بەس-مۇنازىرىلەر بولدى. دەسلەپتە كىشىلەرنىڭ مۇلاھىزە ئوبيېكتىنى ئۆزۈممىكىن دەپ قاپتىمەن، بارا-بارا تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان بۇ ئوبيېكىتنىڭ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن گويا ئويۇن كۆرۈۋاتقان ئادەمدەك كىشىلەرنىڭ ماھارىتىنى كۆرەتتىم. مەن ھېلىقى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ گۈل دەستىلەرگە كۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ھەمدە يەنە ئۇنىڭ چالما-كېسەك قىلىنىپ، يۇندىغا مىلەنگەنلىكىنىمۇ كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ تۈگىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم، ئەمما ئۇ گۈل-چېچەك ۋە توپا-تاشلار ئىچىدىن كۈلۈمسىرىگىنىچە يۇلقۇنۇپ چىقىپ، بەدىنىدىكى يۇندىلارنى سۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن بىمالال ھالدا بىر ياندا توختىدى ۋە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ‹‹بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى سۆز قىلىش ئۇسۇلى يېزىقچىلىق. مەن دېمەكچى بولغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسەرلىرىمگە سىڭدۈرۈۋەتكەن. ئېغىزدا دېيىلگەن سۆز شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ، قەلەم بىلەن يېزىلغىنى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ كىتابىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، سىلەرنى كىتابىمنى ئوقۇشقا زورلاش سالاھىيىتىم يوق. سىلەر كىتابىمنى ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، سىلەرنىڭ ماڭا بولغان كۆز-قارىشىڭلارنى ئۆزگىرىشىنىمۇ خالاپمۇ كەتمەيمەن، دۇنيادا بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولالىغان يازغۇچى يوق. بۈگۈنكىدەك دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق.›› 
    گەرچە مەن ھېچنېمە دېيىشنى خالىمىساممۇ، بىراق بۈگۈنكىدەك بۇنداق سورۇندا چوقۇم سۆزلىشىم كېرەك. ئۇنداقتا مەن يەنە ئاددىيلا قىلىپ بىر نەچچە كەلىمە سۆزلەي.
     مەن بىر ھېكايە سۆزلىگۈچى، مەن يەنىلا سىلەرگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. 
     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا، مەكتەپ بىزنى بىر جاپا-مۇشەققەت كۆرگەزمىسىگە تەشكىللىدى، بىز مۇئەللىمىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىپ يىغلىدۇق. مۇئەللىمگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەڭزىمدىكى ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىشكىمۇ كۆزۈم قىيمايتتى. بىر قانچە ساۋاقداش تۈكۈرۈكلىرىنى يۈزلىرىگە سۈركەپ يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندى. مەن راست-يالغان يىغلاۋاتقان بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ يۈزىدە بىر تامچىمۇ ياش كۆرۈنمەيتتى، ئاۋازىمۇ چىقمايتتى، قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنىمۇ توسۇۋالمىغانىدى. ئۇ چوڭ كۆزلىرى بىلەن بىزگە قاراۋاتقان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق ياكى گاڭگىراشتەك روھىي ھالەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. كېيىن مەن بۇ ساۋاقدىشىمنى مۇئەللىمگە چېقىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ بۇ ئوقۇغۇچىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، مەن مۇئەللىمگە ئۇنى چېقىپ قويغانلىقىمغا پۇشايمان قىلغانلىقىمنى ئېيتقاندا، مۇئەللىم شۇ كۈنى يەنە ئون نەچچە ئوقوغۇچىنىڭ ئۇ ئىشنى ئۆزىگە مەلۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ساۋاقدىشىم ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتتى، ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىمدە قاتتىق ئۆكۈنىمەن. بۇ ئىش ماڭا شۇنداق بىر ساۋاق بەردى: ‹‹كۆپچىلىك يىغلاۋاتقان ۋاقىتتا، بەزىلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا يول قويۇش كېرەككەن. يىغلاش بىر خىل ئويۇنغا ئايلانغاندا، بەزىلەرنىڭ يىغلىماسلىقىغا تېخىمۇ يول قويۇش كېرەككەن.››
    يەنە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي: ئوتتۇز نەچچە يىللار ئىلگىرى، مەن يەنىلا قىسىمدا خىزمەت قىلىۋاتاتتىم. بىر كۈنى كەچتە مەن ئىشخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتاتتىم، بىر پېشقەدەم كوماندىر ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرىپ كەلدى، مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇنغان بىر قارىۋېتىپ، ئۆز-ئۆزىگە: ‹‹ھە ... ئادەم يوقكەندە؟›› دېدى. مەن شۇئان ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا: ‹‹مەن ئادەم ئەمەسمىكەنمەن؟›› دېدىم. ھېلىقى پېشقەدەم كوماندىر قولاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى ۋە ئوڭايسىزلانغىنىچە چىقىپ كەتتى. بۇ ئىش ئۈچۈن مەن خېلى ئۇرۇنغىچە كۆرەڭلەپ، ئۆزۈمنى باتۇرلارچە گەپ ياندۇرالىدىم، دەپ قالغان ئىدىم. ئەمما نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مەن ئەكسىچە بۇ ئىش ئۈچۈن چوڭقۇر ئۆكۈندۈم. 
    مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھېكايىنى سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىلغايسىلەر، بۇنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ماڭا بوۋام سۆزلەپ بەرگەن:  سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان سەككىز تامچى بار ئىكەن، بىر قېتىملىق جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، بىر كونا بۇتخانىغا قىستىلىپ كىرىۋاپتۇ. سىرتتىكى چاقماق ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئوت بومبىلىرى بۇتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا دومىلاشقا باشلاپتۇ، ھاۋادا يەنە ئەجدىھانىڭ نەرە تارتقان ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىنىۋاتقۇدەك. ھەممەيلەننىڭ قورققىنىدىن جان-پېنى چىقىپ، چىرايلىرىدا قان دىدارى قالماپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: ‹‹سەككىزىمىزنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىرەيلەن يولدىن چىققان ئىشلارنى قىلغان، كىم ئەسكى ئىش قىلغان بولسا، شۇ ئۆزى بۇتخانىدىن چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسۇن، ياخشى ئادەملەر چېتىلىپ قالمىسۇن›› دەپتۇ. تەبىئىيلا ھېچكىمنىڭ چىققۇسى كەلمەپتۇ. يەنە بىرەيلەن: ‹‹ھېچقايسىمىز چىقىشنى خالىمىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ھەممىمىز چىغ قالپىقىمىزنى تاشلايلى، كىمنىڭ قالپىقى ئۇچۇپ بۇتخانىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كەتسە، شۇ ئەسكى ئىش قىلغان بولىدۇ. ئۇنداقتا شۇ كىشى چىقىپ تەڭرىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسۇن›› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى چىغ قالپاقلىرىنى بۇتخانا ئىشىكىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلاپتۇ، يەتتەيلەننىڭ قالپىقى شامالدا ئۇچۇپ بۇتخانىنىڭ ئىچىگە قايتىپ كىرىپتۇ. بىرەيلەننىڭ قالپىقى ئۇچۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۇنى چىقىپ جازانى قوبۇل قىلىشقا ئۈندەپتۇ، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە چىققۇسى كەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى كۆتۈرۈپ بۇتخانىنىڭ سىرتىغا تاشلىۋېتىپتۇ. ھېكايىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بەلكىم ھەممىڭلار پەرەز قىلىپ بولغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ھېلىقى ئادەم سىرتقا تاشلىۋېتىلىشى بىلەنلا، بۇ كونا بۇتخانا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپتۇ.
    مەن بىر ھېكايە سۆزلىگۈچى. 
    ھېكايە سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم. مەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە نۇرغۇنلىغان نادىر ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى، بۇ ھېكايىلەر مېنى ھەقىقەتكە ۋە ھەققانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قەتئىي ئىشەندۈردى. 
    بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، مەن ھېكايەمنى داۋاملىق سۆزلەۋېرىمەن.
    كۆپچىلىككە رەھمەت!

Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى