نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ما يۈننىڭ تەيۋەندىكى نۇتۇقىدىكى 10 نۇقتا

ما يۈننىڭ تەيۋەندىكى نۇتۇقىدىكى 10 نۇقتا

ۋاقتى: 2015-10-22 ئاۋاتلىقى: 6205 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ما يۈننىڭ تەيۋەندىكى نۇتۇقىدىكى 10 يارقىن نۇقتا

‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈننىڭ تەيۋەندە سۆزلىگەن نۇتۇقىدىكى 10 يارقىن نۇقتا

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى

(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىر)



  2014-يىلى 12-ئەينىڭ 15-كۈنى ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى تەيبېي ئۇچرىشىشى تەيبېيدا ئۆتكۈزۈلدى. ‹‹ئەلى بابا›› گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن ئۇچرىشىشقا قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى. تەيۋەن تاراتقۇلىرى ما يۈننىڭ نۇتۇقىدىكى 10 مۇھىم نۇقتىنى خاتىرىلەپ خەۋەر قىلدى. 


  ما يۈننىڭ نۇتۇقىدىكى بۇ 10 مۇھىم نۇقتا تۆۋەندىكىچە:


  1. ياشلارغا ئىشەنگەندىلا، سىز كەلگۈسىنى گۈزەل دېيەلەيسىز.
  15 يىل ئىلگىرى، ‹‹ئەلى بابا›› تولىمۇ كىچىك بىر كارخانا بولۇپ، بۈگۈنكىدەك زورىيىشىنى ئويلاپمۇ باقىمىغانىدۇق، مەن ئەزەلدىن بۈگۈن تەيۋەندە بۇنچىۋالا چوڭ كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان، بۇ دەۋرنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پۇرسىتى، بۇ جەمئىيەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پۇرسىتى. بۇ دۆلەتنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پۇرسىتى، تېخىمۇ مۇھىمى خىزمەتداشلار، دوستلارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان پۇرسىتى.
  ناۋادا سىز كەلگۈسىگە ئىشەنسىڭىز ئاۋۋال ياشلارغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك، ناۋادا ياشلارغا ئىشەنسىڭىز، كەلگۈسىىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىنى ھېس قىلىسىز.
  2. جىن يوڭنىڭ ھېكايىلىرىدە ‹‹ياش چوڭايغانچە ماھارەتمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ›› دېيىلگەن، بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپ.
  مەن يازغۇچى جىن يوڭ بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇنىڭ جانبازلىق ھېكايىلىرىدىكى ‹‹ياش چوڭايغانچە ماھارەتمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ›› دېگەن گەپ مەنچە قائىدىگە خىلاپ، بىز پۇرسەتنى ياشلارغا بېرىشىمىز كېرەك.
  ئادەم ھاياتىدا 30 يېشىدا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىشى، 40 يېشىدا ئۆزى ئىشلىشى، 50 يېشىدا باشقىلارغا قىلغۇزۇشى كېرەك. پۇرسەتنى باشقىلارغا بېرىش، ياشلارغا بېرىش كېرەك. 
  3. ئۇتۇق قازانغانلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. مەغلۇبىيەتچىلار كۆپىنچە ھاللاردا باشقىلارنى تەنقىدلەشنىلا بىلىدۇ، پۇرسەت بەرمەيدۇ.
  ھەربىرەيلەن ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ بېقىشى كېرەك، ناۋادا ئازاب چەككەن، قايغۇرغان ۋە ئاچچىق ئەسلىمىلەرگە تۇيۇنغان ھايات كارتىنىسى بولمىسا، بۈگۈننىڭ گۈزەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ياشلارنىڭ تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىشى، مۈدۈرۈپ كېتىشى ناھايىتى نورمال ئىش، مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىش.
  4. ناۋادا خوجايىن سىزنى ياقتۇرمىسا، ئۆزىڭىزدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
  مەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا ئۇلارغا ئادەتتىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۇزۇرلىنىش نەزىرىدە قارىشى كېرەكلىكىنى ئيتىمەن. ناۋادا سىز ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى بىر مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولسىڭىز، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ ناچارراق مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە ھۇزۇرلىنىش نەزىرى بىلەن سەپسېلىڭ. 
  ناۋادا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئىش بولسا، بىزدەك ئادەملەرنىڭ دۇنياغا نەزەر سېلىش ۋە مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتىكى چوڭقۇرلۇقىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ. مېنىڭچە ھەربىر ئەۋلاد، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز پۇرسىتى بار، پەقەت سىز چىڭ تۇتۇشنى بىلسىڭىزلا. 
  5. ئادەمدە ئۈچ قەۋەت پۇرسەت بولىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى بىر قەۋەت پۇرسەتنى باشقىلارغا بېرىڭ.
  ھاياتلىقتا ئادەتتە ئۈچ قەۋەت پۇرسەت بولىدۇ. بىرىنچى قەۋەت، ياش ۋاقىتتا سىزنىڭ ھېچنېمىڭىز يوق، ئەمەلىيەتتە بۇ چاغنىڭ ھەممىسى پۇرسەتتۇر. چۈنكى سىزنىڭ قوللىرىڭىز قۇپقۇرۇق ئەھۋالدا، نېمىنى قىلغۇڭىز كەلسە، شۇنى قىلىۋېرىڭ. 
  ئىككىنچىن قەۋەت پۇرسەتچۇ؟ سىز ئەمدىلا ئازراق ئۇتۇق قازانغاندا، ھەممە يەردە پۇرسەت بارلىقىنى ھېس قىلىسىز. بەزىلەر ماڭا: ‹‹ ما يۈن ھازىر ئىنتېرنېتنىڭ ھەممىسى پۇرسەت›› دېگەنىدى. توغرا، پۇلىڭىز يوق چاغدا سىز باشقىلارنى ئالدىسىڭىز، پۇلىڭىز بار چاغدا باشقىلار سىزنى ئالدايدۇ. ئۆزىڭىز پۇرسەتنى ھېس قىلغاندا، ئەكسىچە نېمىڭىز بارلىقى، نېمە لازىملىقى، نېمىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىڭىزنى ئېنىق ئويلىشىڭىز كېرەك، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي سىزگە تەۋە پۇرسەت ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
  ئەڭ ئاخىرقى بىر قەۋەت پۇرسەتنى باشقىلارغا بېرىڭ. ئادەم ھاياتىدا 30 يېشىدا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىشى، 40 يېشىدا ئۆزى ئىشلىشى، 50 يېشىدا باشقىلارغا قىلغۇزۇشى كېرەك. پۇرسەتنى باشقىلارغا بېرىش، ياشلارغا بېرىش كېرەك. 
  6. كەلگۈسىدىكى ئىقتىساد چوقۇم ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنى ئويلايدىغان ھالەتكە قاراپ ماڭىدۇ.
  كەلگۈسى دۇنيا ئۇچۇر كەسپىدىن رەقەملەشكەن تېخنىكا دەۋرىگە يۈزلەنمەكتە. DT باشقىلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كەلگۈسى ئىقتىسادنى چوقۇم ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنى ئويلايدىغان ھالەتكە يۈزلەندۈرۈپ، ھۇزۇرلىنىشنى، ئاشكارا بولۇشنى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. تۈنۈگۈنكى IT مېنىڭ ئىدىيەمنى، مېنىڭ مەنپەئەتىمنى ئاساس قىلغان ھەمدە يېپىق ھالەتتە ئىدى، يەنە كېلىپ بايلىقنى ئىگىلىۋېلىپ، باشقىلارغا بىلدۈرمەيدىغان بۇ دەۋردە ئاسمان-زېمىن ئۆزگىرىشلەر بولماقتا.
  7. ھېچقانداق پۇرسەتنىڭ قالمىغانلىقى ئەمەلىيەتتە پۇرسەتنىڭ كۆپلۈكىنىڭ ئىپادىسى.
  دۇنيا تامامەن ئاغرىنىش ۋە نارازىلىق سادالىرىغا تولغاندا، ئەمەلىيەتتە پۇرسەتمۇ ئۇلار بىلەن تەڭلا ئەگىپ يۈرگەن بولىدۇ. پەقەت بۇ ئاغرىنىشلارنى ئىگىلىك تىكلەشتىكى غايىگە ئايلاندۇرۇش دەپ كەلگۈسىدىكى ئۇتۇق قازىنىدىغان چاغدۇر.
  8. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاچقا بۈگۈنىمىز بولغان.
  سىز ھەركۈنى لى جياچېڭ، بىل گايتس، ما يۈنگە تىكىلىپ ئولتۇرسىڭىزمۇ پۇرسەت ئۆزلۈكىدىن كەلمەيدۇ. مەن ئۇ چاغدىمۇ ئوخشاشلا ھەر قېتىم بىل گايتس، گو تەيمىڭلارغا قارىغىنىمدا قاتتىق غەزىپىم كېلەتتى، ئۇلار ماڭا كېلىدىغان پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتكەنىدى، مەن قاچانمۇ بىل گايتستەك بولارمەن؟ مەن قاچانمۇ لى جياچېڭدىن ئېشىپ كېتەرمەن؟ مەن مانا مۇشۇنداق ئويلايتتىم. 
  ئەمما مەن بۇ بۇ نەرسىلەرنى قويۇپ، باشقىلارغا نەزەر سېلىپ باقتىم، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىدىم. ئەندىن يەنە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاز-ئازدىن قاندۇرۇپ ماڭغاچقا مېنىڭ بۈگۈنۈم بولغان. 
  سىز بۈگۈنكى كۈندە كۆرگەن داڭدار شەخسلەرنىڭ سەلتەنەتلىك قىياپىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەسرەت-نادامەتلىك سەرگۈزەشتىلىرىنى، جاپالىق تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىنى كۆرۈشىڭىز كېرەك. مەن ئەمدىلا 50 ياشتىن ھالقىدىم، ھازىر سەل پەلسەپەۋى سۆزلەپ قالىمەن، سۆزلىرىمدە پەلسەپەۋى ئامىللار كۆپ، تارتقان كۈلپەتلىرىم كۆپ.
  9. پەقەت ئۆزىڭىز ئۆزگەرسىڭىزلا، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيسىز.
  پەقەت بىز ئۆزگەرسەكلا، ئاندىن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيمىز، چۈنكى دۇنيانى ئۆزگەرتىش بەكلا تەس، ئۇ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ، ئەمما ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىش ھەممەيلەننىڭ قولىدىن كېلىدۇ.
  ئويلاپ كەلسەك، ھەممە ئىشتا تەبىئىيلا ئۇتۇق قازىنىپ كېتىمىز. ئەمما ھالقا شۇكى بىز ‹‹كەچتە تۈمەن چاقىرىم يولنى باسقان بىلەن، سەھەردىلا ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ قالىمىز››. بىزنىڭ نۇرغۇن ياشلىرىمىز كەچتە ئۇنى، بۇنى قىلغۇسى كېلىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ۋېلسىپىتىنى مىنىپلا ئىشقا ماڭىدۇ. مېنىڭچە ئۆزگەرتىشنى ھازىردىن باشلىساق، ھەرىكەتلىرىمىز ھەقىقىي تۈردە ئورنىنى تاپىدۇ.
  10. بۈگۈن شەپقەتسىز، ئەتە تېخىمۇ شەپقەتسىز، بۇلارغا بەرداشلىق بەرگەنلارلا ئۆگۈنلۈكتىكى قۇياشنى كۆرەلەيدۇ.
  ئەڭ ئاخىرىدا، مەن يەنە دەيمەنكى، كۆپچىلىكنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش ئاساس، ئەمما ئىگىلىك تىكلەش غايىسىدە چىڭ تۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەقىقەتەن بەك تەس. 

  بۈگۈن شەپقەتسىز، ئەتە تېخىمۇ شەپقەتسىز، ئەمما ئۆگۈنلۈككە ئىنتايىن گۈزەل. بىراق نۇرغۇن ياشلار ئەتىسى كەچتە جىمىقىپ كېتىدۇ-دە، ئۆگۈنلۈكتىكى پارلاق قۇياشنى كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى توختىماي ئۆزگەرتىپ، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تۇرسڭىزلا، ئۆگۈنلۈكتىكى پارلاق قۇياشنى كۆرەلەيسىز. ئىگىلىك تىكلەشتىن ئىبارەت بۇ يولدا ھەركۈنى ئۆزىمىزگە مۇشۇنداق ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. 


  ئەسكەرتىش: بۇ تەرجىمە ماڭا ۋە مۇشۇ يانبىلوگقىلا مەنسۇب. باشقا ھەرقانداق شەخس، تور بەت، سالونلارنىڭ، مەتبۇئاتلارنىڭ تەرجىماننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، يەنە تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ يوللىشىغا بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دىققەت قىلغايسىلەر. 
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى