نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە قىلىندى

ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە قىلىندى

ۋاقتى: 2015-12-13 ئاۋاتلىقى: 4073 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە قىلىندى



ھىندىستانلىق سەككىز ياشلىق كالىم تۇغۇلغاندا، بىر جۈپ قولى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بىر جۈپ قولى ئۇزىراپ 33 سانتىمېتىرغا يېتىپ، 12.6 كىلوگىرامغا يەتكەن، بۇ ھال ئۇنىڭ ئىشتىنىنىڭ كەمىرىنى باغلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. دوختۇرلارمۇ بۇنىڭغا ئىلاجسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان. 2015-يىلى سەككىز ياشلىق مۇھەممەد كالىم كىچىكىدىنلا گىگانت بارماق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بارماقلىرى ئادەتتىن تاشقىرى يوغىناپ كەتكەن. دوختۇر كېسىۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، بىراق بالىنىڭ دادىسى رەت قىلغان. كېسىۋېتىلسە مېيىپ بولۇپ قالىدىغان گەپ، شۇڭا بالىنىڭ دادىسى كېسىۋېتىشكە قوشۇلمىغان.


يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كالىمنىڭ بىلىكى ۋە بارمىقىمۇ چوڭىيىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ كىيىمىنىمۇ كىيەلمەيدىغان، تامىقىنىمۇ يېيەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.


كالىمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى نۇرغۇن خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ئۇنى داۋالاشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇ گىگانت بارمىق ياكى قىسمەن گىگانتلىشىش كېسىلى دەپ دىياگنور قويۇلغان ھەمدە ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغان. ئوپېراتسىيەنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى خېلىلا ياخشى بولغان. كالىمنىڭ يوغان بارمىقلىرى زور دەرىجىدە كىچىكلىگەن.








ھىندىستاندا تۇغۇلغان <<گىگانت پۇتلۇق بالا>>نىڭ ئىسمى ۋېراند بولۇپ، بۇ يىل ئاران تۆت ياش، ئەمما ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ ئېغىرلىقى 5.4 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئاتىسى دوختۇرغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. بۇ بالىنىڭ ئوڭ پۇتى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن خېلىلا يوغان بولسىمۇ، ئەمما سول پۇتى يەنىلا نورمال. ھازىر نۇرغۇن دوختۇرلار بالىنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن بولسىمۇ، ئىلاجسىز قالغان، كېسەللىك سەۋەبىنى تاپالمىغان.




Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى