خانىم-قىزلارغا ئاتالغان تاتلىق گەپلەر
-
خانىم-قىزلارغا ئاتالغان تاتلىق گەپلەر
ۋاقتى: 2015-03-15 ئاۋاتلىقى: 4085 قېتىميانفوندا كۆرۈش
خانىم – قىزلار دۇنيانىڭ زىننىتى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
○ خانىم – قىزلار دۇنيانىڭ زىننىتى ھەم كۆركىدۇر. ئۇلارسىز گۈزەللىك ئۆزىنىڭ چىن مەنىسىنى يوقىتىدۇ.○ خانىم – قىزلار ھايات گۈلىستانلىقىدىكى خۇشپۇراق گۈلدۇر، بۇ گۈلنىڭ پۇرىقىغا پۈتكۈل كائىنات مەپتۇندۇر.○ خانىم – قىزلار گوياكى گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن تۇيۇنغان كىتابقا ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭدىن ئادەم بولۇشنى ۋە گۈزەللىكنى ئۆگىنىمىز.○ ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئىنسانلارنىڭ ئورتاق تەلپۈنۈشى، خانىم – قىزلار بولمىسا ئۇلار ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ.○ خانىم – قىزلارنى سۆيگەنلىك كەلگۈسىنى سۆيگەنلىك، چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى يارىتىدۇ.○ بىر قائىدە – يۇسۇنلۇق، تەربىيە كۆرگەن ئايالىنىڭ بولۇشى، شۇ ئائىلىنىڭ جۈملىدىن شۇ ئەرنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىدۇر.○ خانىم – قىزلار گۈزەللىكنىڭ ئۆمۈرلۈك جارچىسى بولۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا دۇنيا ئۇنىڭغا نەپرەت ئوقۇيدۇ.○ ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.○ ھۆرمەتلىك ۋە ئىززەتلىك بولاي دېسىڭىز، نازاكەت ھەم ياخشى خۇلقىڭىزنى مەڭگۈ يوقاتماڭ.○ خانىم – قىزلار ـــ بەخت – ئىقبالنىڭ نۇرانە مەنزىلى. ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلىماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا يەتكىلى بولماس.○ خانىم – قىزلار باھاردىكى پارلاپ تۇرغان قۇياشتەك، كائىناتقا ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇرۇشى لازىم.○ گۈزەللىك قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىقسۇن، چۈنكى ئۇ سىزنى ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامغا مۇيەسسەر قىلىدۇ.○ ھەقىقىي گۈزەللىك بىزدىن پاك ئەقىدە ۋە قەيسەر ئىرادىنى تەلەپ قىلىدۇ.مەنبەسى: نىدائىي يانبىلوگىTags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
مەن ‹‹شېرىن چۈش››تە نېمە دېمەكچىتىم؟
2015-04-17 17:10:254186مەشھۇر گېنىرال سۇۋوروۋنىڭ جەڭ نۇتۇقى
2015-04-08 15:43:284411داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (27)
2015-03-01 23:04:303478چىرايلىق ئالەم بوشلۇقى سۈرەتلىرى
2015-04-24 16:19:413518دۇنيادىكى 10 پارچە نادىر سۈرەتكە نەزەر
2015-05-06 10:23:063919پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:28:026022جوڭگو ئەدەبىياتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنىشى
2015-04-08 17:36:164095يەرشارىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان گۈزەل مەنز
2015-12-04 11:26:053823
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-