نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-03 ئاۋاتلىقى: 5940 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (10) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
10 
   كەچكۈز مەزگىلى بولۇشىغا قارىماي، يېزا يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بۈك - باراقسان دەرەخلەر يېشىل لىباسىنى تېخى سالمىغانىدى. ئارغامچا بويى ئۆرلىگەن قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرلىرى دەرەخلەر ئارىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ، يول يۈزىدە ئاجايىپ شەكىللەرنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ‹‹تويوتا›› ماركىلىك ئاق رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلى قۇمدۆۋە يېزىسى تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئاپتوموبىلدا ئالدى ئورۇندا ئولتۇرۇپ ماشىنا ئەينىكىنى تولۇق چۈشۈرۈۋېتىپ، يېزىنىڭ كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسىگە ھەۋەسلىنىپ قارىغىنىچە، نېمىنىدۇر خىيال قىلىپ كېلىۋاتقان 45 ياشلاردىكى، يۈزى سەل قارامتۇلراق، يۇمىلاق يوغان كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئەخمەت ھاكىم بىلەن شوپۇرلا بار ئىدى. تېخى يېقىندىلا بۇ ناھىيەگە ھاكىم بولۇپ سايلانغان بۇ كېلىشكەن كىشىنىڭ قۇمدۆۋە يېزىسىغا تۇنجى قەدەم بېسىشى ئىدى.
   — ئاۋۇ ئالدىمىزدا كۆرۈنگەن كۆل بويىدىكى سۆگەت سايىسىدا ماشىنىنى توختىتىڭ، - دېدى ھاكىم تۇيۇقسىزلا شوپۇرغا قاراپ.
   — ئۇدۇل قۇمدۆۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بارىمىز، دېگەنتىلىغۇ؟ - شوپۇر ماشىنىنى توختىتىۋېتىپ ئەجەپلەنگەندەك سورىدى، - بۇ مەھەللىدە كۆرۈشۈپ ماڭىدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بارمۇ - يا؟
   — ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمغۇ يوق، تۇرۇپلا مۇشۇ مەھەللىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باققۇم، ئۇچرىغانلاردىن بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىپ باققۇم كېلىپ قالدى، ئەھۋال راستىنلا دېھقانلار ئىنكاس قىلغاندەكمۇ – يوق، كۆزىتىپ باقمامدىم. يېزىلىق ھۆكۈمەتكە كېچىكىپرەك بارساقمۇ بولىۋېرىدۇ.
   — يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقلىرىدىن خەۋىرى يوق، شۇڭا سىرتلارغا چىقىپ كېتەرمىكىن دەيمىنا؟
   — ھېچ ۋەقەسى يوق، ئۇلار چىقىپ كەتسىمۇ ئۇزاققا كەتمەيدۇ، كىم بىلىدۇ يېقىن ئەتراپلاردا ئۇچرىشىپ قالىمىزمۇ تېخى. سىز مۇشۇ سۆگەت سايىسىدە ئولتۇرۇپ بېلىقىڭىزنى تۇتقاچ ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن مەھەللىلەرنى بىر ئارىلاپ كېلەي.
   ھاكىم ماشىنىدىن يىراقلاپ تەخمىنەن 200 مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن، يېزا يولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن غەربكە قاراپ ئىچكىرىلەپ بارىدىغان مەھەللە يولىغا قايرىلدى. بۇ خېلى بۇرۇنلا يېڭى مەھەللە قۇرۇش پىلانى بويىچە ئېلىنغان يول بولۇپ، ئىككى يېقى كېسەك ئۆيلەر بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ سېلىنغان كۆجۈم مەھەللە ئىدى. مانا ئەمدى نۆۋەتتىكى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقىنىڭ تەلىپى بويىچە كۆپ قىسىم كېسەك ئۆيلەر چېقىلىپ، ئورنىغىلا خىش - بىتون قۇرۇلمىلىق ياكى ياغاچ جازا قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئۆلچەملىك، مۇستەھكەم، ئازادە، يورۇق ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ، ئۇ يەر – بۇ يەردە غېرىپسىنىپ تۇرغان ساناقلىقلا كېسەك ئۆيلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملار خىش بىلەن تۈپتۈز قوپۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلغان، يىراقتىن قاراشقا شۇنچىلىك رەتلىك، چىرايلىق كۆرۈنىدىغان، ئىسمى جىسمىغا ماس يېڭى مەھەللىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ خىل گۈزەللىك ھاكىمنى ئۆزىگە خېلىلا جەلپ قىلىۋالدى، بىراق مەھەللىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسىرى شۇنچە ھەشەم - دەرەم بىلەن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ بىر قىسمىغا تېخىچە كىشىلەرنىڭ كۆچۈپ كىرمىگەنلىكىنى، بىر قىسمىنىڭ دەرۋازىسىغا يوغان قۇلۇپ سېلىپ قويۇلغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم تاملارنىڭ يېرىم يولدا توختۇتۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، چىرايى بىردىنلا بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇشقا باشلىدى. ‹‹ئۆيلەر مەزمۇت، كۆركەم، يورۇق قىلىپ سېلىنىپ مۇھىت يېڭىلىنىپتۇ، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئات - تۆگە پەرقلىنىدىكەن. بىر قىسىم ئۆيلەرگىغۇ كىشىلەر كۆچۈپ كىرىپ بوپتۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆيلەرگە نېمىشقا كۆچۈپ كىرمىدى؟ ئۆيلەر نېمىشقا تاقىلىپ تۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يېرىم يولدا توختاپ قالدى؟ بىرەر مەسىلە بارمۇ قانداق؟›› ھاكىم تەئەججۈپلۈك خىياللارغا ئەسىر بولۇپ ئەتراپنى كۆزىتىپ كېتىۋاتقىنىدا، ئالدى تەرەپتىكى بىر ھويلىنىڭ قەلەي دەرۋازىسى داراڭلاپ ئېچىلىپ، 70 – 75 ياشلار چامىسىدىكى، سوزۇنچاق يۈزلىرىنى ھايات قىسمەتلىرىنىڭ يول - يول ئىزنالىرى قاپلىغان بىر بوۋاي ھويلىدىن چىقتى ۋە دەرۋازىنى ئالدىراپ - تېنەپ داراڭلىتىپ ياپتى - دە، يوغان قۇلۇپنى سېلىپ كۈچەپ تارتىپ كۆرگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولغاندەك يول تەرەپكە بۇرۇلدى. بوۋاي خېلى تېتىك، بەردەم كۆرۈنەتتى.
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاغا، تىنچ - ئامان تۇردىلىمۇ؟ ئېتىزغا ماڭغان ئوخشىماملا؟ - چوڭ - چوڭ قەدەم تاشلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ھاكىم.
   — ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك تۇرۇۋاتىمىز ئۇكام، ئۆزىڭىزمۇ تىنچ تۇرۇپسىز، شەھەردىن چىققان ئوخشىمامسىز؟
   — شۇنداق، يېزىنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى كۆرەي دەپ.
   — ئوبدان بوپتۇ، ھازىر سەھرا دېگەننىڭ تازا ئوبدان پەيتى. ھە... بىرەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ بۇ مەھەللىدە؟ مەن ئىلگىرىلەردە ئەجەپ كۆرگەندەك قىلمايمەنغۇ سىزنى؟
   — ئۇرۇق - تۇغقانغۇ يوق، كىچىك چاغلىرىمدا كېلىپ باققانچە، ئۇزۇن بولدى كېلىپ باقمىغىلى. شۇڭا كۆرمىگەن بولۇشلىرى مۇمكىن تاغا. لېكىن، مانا ھازىر بىر ئوبدان پاراڭلىشىۋاتىمىزغۇ، ‹‹بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن تۇغقان دەپتىكەن››، بىر دەم - يېرىم دەم پاراڭلاشساق بولارمۇ؟ ئىشلىرى ئالدىراشمۇ - يا؟
   — يوقسۇ ئۇكام، ئوچۇق - يورۇق كىشىكەنسىز، مەنمۇ پاراڭخۇمار ئادەم. قاراڭ ئۇكام، يېزا دېگەننىڭ بايرام - شىڭچىسى يوق، تەتىلى ھەم يوق، دېھقاننىڭ ئىشى دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدىغان گەپ، ئالدىرىساقمۇ، ئالدىرىمىساقمۇ يەنىلا ئۆز يولى بىلەن مېڭىۋېرىدۇ. خوش، ئۆيۈمگە باشلاپ ئازادە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بەلەن بولاتتى، بىراق، راست گەپنى قىلسام ئۆيۈم سەل بىسەرەمجان، چاي - پاي قۇيغۇدەك شارائىتىم يوق، شۇڭا...
   — ھېچقىسى يوق تاغا، مەقسەت يەپ - ئىچىش بولمىغاندىكىن، چاي - پاي دېگەننىڭ كارى چاغلىق. قارىسام يول ئۈستىدە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقىدەك مۇۋاپىق يەرمۇ يوقتەك قىلىدۇ، ئاۋۋال دەرۋازىلىرىنى بىر ئاچسىلا، ھويلىدا ھاۋالىق ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق ياخشى ئەمەسمۇ؟
   — بۇ، بۇ ... ئەستا، سەت بولىدىغان بولدى، بولمىسا ئاۋۇ ئالدىمىزدىكى ئۆي ئوتتۇرانچى ئوغلۇمنىڭ ئۆيى، شۇ ئۆيگە كىرىپلا...
   — بولدى تاغا، ئۇلارنى بىسەرەمجان قىلمايلى، يەنىلا سىلىنىڭ ھويلىدا پاراڭلاشقىنىمىز تۈزۈك، بولمىسا ئوچۇق – يورۇق پاراڭلىشالماي قالىمىز دەيمەن.
   — بوپتۇ ئەمىسە، ئەيىپكە بۇيرىماسسىز - ھە، ئۇكام...
   — ياقەي، نېمە دەپ ئەيىپكە بۇيرىغۇدەكمەن، ئارتۇقچە ئويلىنىپ قالمىسىلا، مەنمۇ دېھقان بالىسى ئەمەسمۇ.
دەرۋازا شۇنچە ئاۋايلىغانغا قارىماي، ئاجايىپ بىر خىل يېقىمسىز داراڭلاپ ئېچىلدى.
   — نېمانچە قوپال ئېچىلىدۇ بۇ دەرۋازا تاغا؟ - ھەيرانلىق ئىلكىدە سورىدى ھاكىم ھويلىغا قەدەم ئېلىۋېتىپ، - ئوڭشاپ قويسىلا بولمامدۇ؟
   — ئوڭشايمەن دەپ خېلى ئېتىشىپ كۆردۈم ئۇكام، لېكىن ‹‹ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق›› دېگەندەك ئوڭشايمەن دېگەنچە تېخىمۇ قوپاللىشىپ كەتتى.
   — ئىشلەتكەن قەلىيى بەك نېپىزمۇ قانداق؟ ھامان ياساتقاندىكىن قېلىنراق قەلەيدە ياساتقان بولسىلىمۇ بوپتىكەن؟ - دېدى ھاكىم دەرۋازىغا سىنچىلاپ قارىغاچ.
   — نەدىمۇ ئۆزىمىز ياسىتىمىز دەيسىز ئۇكام، كەنت كومىتېتى ‹‹ھەممە ئائىلىنىڭ دەرۋازىسى ئوخشاش بولۇشى لازىم›› دەپ بەلگىلىمە چىقاردى دەڭا. شۇنىڭ بىلەن كەنت يار - يۆلەك مەبلىغىدىن ھەر بىر دەرۋازىغا 1000 يۈەن تولۇقلاپ بېرىدىغان، ئۆزىمىز 1000 يۈەندىن پۇل چىقىرىپ كەنتكە تاپشۇرىدىغان بولدۇق. پۇل تەق بولغاندىن كېيىن، كەنت قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قۇرۇلۇش ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، شۇلار بىر تۇتاش ياسىغان دەرۋازىلار بۇ.
   — مۇنداق دېسىلە، دېمەك 2000 يۈەنلىك دەرۋازا دېسىلە؟
   — شۇنداق، لېكىن 2000 يۈەن پۇلنى قولىمىزغا بەرگەن بولسا، ئالامەت پۇختا دەرۋازا ياسىتىۋالغان بولاتتۇق دېسىلە، بۇ خىل شاكال دەرۋازىنى ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 800 يۈەنگە ياساتقىلى بولىدۇ دەيدىغۇ.
   ھويلا ئىچىدە خىش، ياغاچ - تاش دېگەندەك ئۇششاق - چۈشەك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى، ئولتۇرغۇدەك ئورۇنمۇ يوق ئىدى. ھاكىم نەزەرىنى دەرۋازىغا يانداش سېلىنىپ يېڭىلا پۈتكۈزۈلگەن بىر ئېغىزلىق ئۆينىڭ خىش تېمىغا، ئۇنىڭغا يانداش يول تەرەپتىكى تېمى ئېگىز قوپۇرۇلۇپ، قالغان ئۈچ تېمى يېرىم قوپۇرۇلغان پېتى توختىتىپ قويۇلغان چالا پۈتكەن ئۆيگە، ئۇنىڭ پۈتكەن تېمىغا ئۇلاپلا يول ياقىلىتىپ ئېگىز قوپۇرۇلغان خىش تامنىڭ ئارقىسىدا قېرىپ ھالىدىن كەتكەن، باققۇچىسى يوق دۈمچەك بوۋايدەك غېرىبسىنىپ تۇرغان قىڭغىر - قىيسىق، پاكار كېسەك تاملارغا ئاغدۇرغىنىدا كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ‹‹بۇ كەنتكە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى ئۆز جايىغا ئەمەلىيلەشمىدىمۇ قانداق؟›› دېگەن خىيال غىل – پاللا كۆڭلىدىن كەچتى. ئۇ يانچۇق دەپتىرىنى چىقىرىپ نېمىلەرنىدۇر خاتىرىلىگەچ بوۋايغا قارىدى.
   — بۇ ئۆينى تېخىچە پۈتكۈزۈپ بولالماپلىغۇ تاغا، ماۋۇ كونا تاملارنىمۇ چېقىۋەتمەپلا.
   — كىمنىڭ بالدۇرراق پۈتكۈزۈۋالغۇسى يوق دەيسىز ئۇكام، شۇ ئىقتىساد كەملىك قىلىپ قېلىۋاتىدۇ. سىز بىلمىسىڭىز كېرەك، كەنتىمىز سۈيى قىس، يېرى ئاز ھەم قۇرغاق نامرات بىر كەنت. سۈيى قىس، يېرى ئاز بۇنداق يۇرتتا دېھقانچىلىققا تايىنىپلا باي بولغىلى بولمايدىكەن، يەر تېرىپ قورساقنىغۇ باقتۇق، ئاز – تولا ئېشىنچا ئاشلىقىمىزنى سېتىپ بېرىپ، باشقىلارنىمۇ ئاچ قويمىدۇق. باشقىلار قولىمىزنى تۇتسا توپا بولسىمۇ يۇقۇپ تۇرىدۇ، جان باقىمىز دەپ قانچىلىغان بەردەم يىگىتلىرىمىزنىڭ يۈزىگە ۋاقىتسىزلا قورۇق يامىشىپ، چېچىنى ئاق ئارىلىدى، لېكىن ئېشىپ - تېشىپ تۇرغىدەك باي بولالمىدۇق. شۇڭا بىر قىسىملىرىمىز مۇشۇنداق ئۆيلىرىمىزنى يېڭىلاپ بولالماي ئاۋارە. پارتىيەنىڭ سىياسىتىغۇ بەك ياخشى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشىغا نۇرغۇن مەبلەغمۇ ئاجرىتىپتۇ، كەنت كادىرلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، يەنە ئاز – تولا قول – ئىلكىدە بار بىر قىسىم دېھقانلىرىمىز مەبلەغنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ، ئۆيلىرىنى راۋۇرۇس قىلىپ پۈتكۈزۈۋالدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم مەبلىغىمۇ شۇلارغا ياراشتى. كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن شۈلۈپ – يۇلۇپ، ئەزالارنى ئىشلىتىپ ئايۋان – سارايلارنى سېلىۋالغاندىن سىرت، ‹‹ۋەزىپە ئورۇندالدى›› دەپ يۇقىرىدىن مۇكاپات ئالىدۇ تېخى. يەنە بىر قىسىملار كەنت كومىتېتىنىڭ كېپىل بولۇپ قەرز بېجىرىپ بېرىشى بىلەن ئۆيلىرىنى پۈتكۈزۈۋالدى. قول – ئىلكىدە زادىلا يوقلار ھۆكۈمەت ئاجراتقان ياردەم مەبلەغقىلا قاراپ تۇرساق ئۆي پۈتمەيدىكەن، پۈتتى دېگەندىمۇ ئۆي ئىچىدە شۇنىڭغا ماس تەئەللۇقات بولمىسا تېخى بولمايدىكەن. بىر قىسىملار ئۆي سالدۇق دېگەن بىلەن كۈنلىرىنى ‹‹تېشىدا ھېيت ئويناپ ئىچىدە روزا تۇتۇپ›› ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. قارىسىڭىز پۈتكەن ئۆيلەرنىڭ سىرتىغۇ شۇنداق كۆركەم، لېكىن ئىچى قۇپقۇرۇق، چاشقان يامانلاپ چىقىدۇ...، - بوۋاي ئېغىر بىر ‹‹ئۇھ!›› تارتىپ قويۇپ گېپىنى توختاتتى ۋە ھاكىمنىڭ خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز بىر ئىش ئېسىگە كېلىپ ھودۇقۇپ قالدى، - ئەستاھپۇرۇللاھ، ما ئىشنى، مەن تەپسىلىي سۈرۈشتۈرمەيلا ئالدىراپ - تېنەپ ئۇنى - بۇنى دەپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ، سىز ناھىيەدىن تەكشۈرۈشكە چىققان باشلىق بولۇپ قالماڭ يەنە؟
   — ياقەي، مەن تەكشۈرۈشكە چىققان كادىر ئەمەس، خاتىرجەم بولسىلا، بىر كىم سىلىگە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چىقىدۇ دېگەنمىدى؟
   — ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كەنت كومتېتىدا يىغىن ئېچىپ، ‹‹پات ئارىدا ناھىيەدىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چىقىشى مۇمكىن، يېڭى ئۆينى پۈتكۈزەلمىگەنلەر، كۆچۈپ بولالمىغانلار ھېزى بولۇڭلار، تەكشۈرۈش كەلگەنلىكىنى ئۇققان ھامان ئىمكان بار دەرۋازىنى مەھكەم تاقاپ، ئېتىز - ئېرىققا چىقىپ كېتىڭلار›› دەپ ئۇقتۇرغان.
   — ھە، شۇنداقمۇ؟ دېمەك ئۆيىنى پۈتكۈزەلمىگەنلەر، كۆچۈپ بولالمىغانلار خېلى باركەندە؟ - سورىدى ھاكىم تەئەججۈپلىنىپ، ئۇ قۇلۇپ سېلىنغان دەرۋازىلارنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى. 
   — بار، خېلى بار. بىر قىسىم دېھقانلار قولىمىز قىسقا، ئۆينى كېيىنچىراق سالايلى دېسە، كەنت كادىرلىرى ئۇنىماي ئولتۇرۇۋاتقان كېسەك ئۆيلىرىنى چېقىۋەتتى، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيىنى پۈتكۈزۈشكە قۇربى يەتمەي تالادا قالغىلى تاس قېلىۋاتىدۇ. كەنت كادىرلىرى مەھەللىنى ئۇنداق رەتلەيمىز، مۇنداق تۈزەيمىز دەپ داۋراڭ سالىدۇ. لېكىن ئۇ دېگىنى بىر قالپاقكەن، ئەمەلىيەتتە نېمە بولدى، ئەپلەپ - سەپلەپ دېھقاننى تۈزەيمىز، باپلايمىز، دېگىنىكەن ئەمەسمۇ.
   ھاكىم بوۋاينىڭ مۇشۇ گەپنى دېگەن چاغدىكى سەمىمىيلىكىنى، بارغانسېرى غەمكىنلىشىپ كېتىۋاتقان، ئاچچىق ھەسىرەتنىڭ ئالامەتلىرى بىلىنىپ تۇرغان پۈرلەشكەن چىرايىدىن سەزگەن بولسا كېرەك، خاتىرىسىنى يانچۇقىغا سېلىپ بوۋاينىڭ قولىنى مەھكەم تۇتتى. بۇ ياۋاش، سەمىمىي، جاپاكەش بوۋايغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن تىكىلدى. ئەمدى ئۇنىڭغا باشقا ئائىلىلەرنى كۆرۈشمۇ بىھاجەت ئىدى.
   — كەنتىڭلاردىكى بەزى بىر نامۇۋاپىق ئىشلارنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكىلەر بىلەمدۇ؟ ئۇلارغا ئىنكاس قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟ - سورىدى ھاكىم ئىچكىرىلەپرەك ئىگىلەش مەقسىتىدە.
   — نېمىسىنى دەيسىز، ئىنكاس قىلدۇق. بىر ئەمەس، نەچچە قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىپ ئىنكاس قىلدۇق. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، يېزا كادىرلىرىمۇ، كەنت كادىرلىرىمۇ بەزى تەرەپلەرنىڭ زىيانلىق، قائىدە – تۈزۈمگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، لېكىن يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېرىدۇ. بەلكىم يۇقىرى - تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك تۆرەملەرنىڭ بۇرۇتىنى تەۋرىتىپ قويۇشتىن، كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقسا كېرەك. بارچە دەرتنى يەنىلا بىز — ياۋاش، بىچارە دېھقانلار ئىچىمىزگە يۇتۇپ يۈرۈۋېرىدىغان گەپ.
   ھاكىم ئۆزىنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالدى، بوۋايغا نېمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمەي ۋۇجۇدى تىترەپ يۈرىكى ئاغقاندەك بولدى. خىيالىدىن ‹‹چۈشەندىم، قارىغاندا دېھقانلارنىڭ كادىرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنغىنى، پىكىر قىلماي سۈكۈتتە تۇرغىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىگە قوشۇلغانلىقى ئەمەس ئىكەن، ئۇلارغا ئېگىلىپ سالام بەرگىنىمۇ چىن كۆڭلىدىن ھۆرمەتلىگەنلىكى ئەمەس ئىكەن، بەلكى ئامالسىزلىقىدىن دەرت - ھەسرىتىنى قەلب قېتىغا يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىكەن ئەمەسمۇ؟! ئويلىماپتىمەن، كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدىنمۇ كەڭ، ساددا دېھقانلىرىمىز ھايات تارىخىنى جاپا - مۇشەققەتلىك قان تەرى بىلەنلا ئەمەس، باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى نومۇس بىلىدىغان دەرت - پىغانلىرى بىلەن يازىدىكەن. دەرت - پىغانلىرىنى بىر ئاللاھقىلا ئېيتىپ، يۈرىكىگە دەرت سالغانلارغا كۆز ئالايتىپمۇ قويمايدىكەن. ئۆتكەن كۈنلىرىگە شۈكۈر - قانائەت قىلىپ، پەقەت ۋە پەقەت شۈكۈر – قانائەتتىنلا ئەڭ تاتلىق تەسەللى تاپىدىكەن›› دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يېنىدا جاپاكەش بىر بوۋاينىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك سۈكۈتكە پاتقان ئىدى.
   — بوۋا، بوۋا! چاپسان بول. ئالمىلىق باغقا بارايلى، كادىرلار توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئالمىلىرىمىزنى قومۇرۇۋېتىمىز دەيدۇ. ئاتام ئۇنىمىغانتى، بىر باشلىق تىللاپ كەتتى، ساقچى چاقىرىمەن دەيدۇ تېخى. ئاپام يىغلاپ سېنى چاقىرىپ كەل دېگەن...، - ھاسىراپ - ھۆمىدەپ يۈگۈرگەنچە كىرگەن 10 ياشلار ئەتراپىدىكى ئورۇق، قارا قۇمچاق بالىنىڭ بىر تىنىقىدىلا چۇڭۇلداپ تۈگەتكەن گېپىدىن ئۇلار دەرھال ئېسىگە كېلىپ، بىر - بىرسىگە قاراشقىنىچە بىر دەقىقە تۇرۇپ قېلىشتى. ‹‹نېمە گەپ ئەمدى بۇ›› دېگەندەك سوئال نەزەرىدە بوۋايغا قارىدى ھاكىم.
   — يېزىدىن كادىرلار كەلگەن چېغى، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئالمىلىق، نەشپۈتلۈك، شاپتۇللۇق باغلارنى بۇزۇپ، ئورنىغا بىر تۇتاش چىلانلىق باغ بەرپا قىلىمىز دەپ ئۇقتۇرغان، تېخى بولۇق مېۋىگە كىرگىلى ئىككى يىل بولغان يېڭى كۆچەتلەر ئىدى ئەمەسمۇ، نەچچە يىل جاپاسىنى تارتىپ ئەمدى راھىتىنى كۆرەرمىز دېگەندە... ھەي ئېست، ھەي ئېست...، - خۇرسىنغان ھالدا ساقىلىنى سىيلىدى بوۋاي، - ئادەمنى جاق تويغۇزۇۋاتىدىغۇ بۇ يېزىنىڭ ‹‹يەرلىك سىياسىتى››، خاپا بولمايسىز ئۇكام، سىزگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم، مەن تېزراق باغقا باراي، ئوغلۇم ياشلىق قىلىپ ئىش تېرىپ قويمىسۇن.
   — يۈرسىلە، مەنمۇ بىرگە بېرىپ، زادى نېمە ئىشلىقىنى كۆرۈپ باقاي.

--------------------------------------------------------------------------------
   ئۇلار يېڭى مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىگىرەك توغرا كېلىدىغان، بىر چېتى ئىلگىرىكى كونا مەھەللىگە، يەنە بىر چېتى كەڭ كەتكەن سالا ئېتىزلارغا تۇتىشىدىغان باغۋارانلىققا يېتىپ كەلدى. ئىلگىرى بۇ باغلارنىڭ ئورنى ئەسلى مۇشۇ كەنتنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تېرىلغۇ يەرلىرى ئىدى. يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا قۇمدۆۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ‹‹يېزىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ باي بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلەرنى مېۋىلىك باغقا ئايلاندۇرىمىز. نۆۋەتتە بازارلاردا ياڭاقنىڭ سودىسى ئىتتىك، باھاسى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا يېزا بويىچە كۆلەملەشتۈرۈپ ياڭاقلىق بەرپا قىلىمىز. تېخنىكلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يېزىمىزنىڭ سۈيى قىس، يېرى قۇرغاق بولغاچقا، ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىشقا تازا ماس كېلىدىكەن، كۆپرەك باغ قىلىدىغانلارغا كەنت كومىتېتلىرى مەبلەغ، ماددىي ئەشيا، تېخنىكا بىلەن ياردەم بېرىپ قوللىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك›› دېگەندەك بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، يېزا بويىچە ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلغان ئىدى. ئۈچ يىل ئۆتۈپ ياڭاقلار مېۋىگە كىرگەن چاغدا يەنە: ‹‹... نۆۋەتتە جايلاردا ياڭاق كۆلىمى قارىغۇلارچە كېڭەيتىلگەنلىكتىن جەمئىيەتنىڭ ياڭاققا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىپ، بازىرى كاسات بولۇپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسىز بولماقتا، شۇڭا يېزىمىز تەۋەسىدىكى ياڭاقلىق باغلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئورنىغا ئەلا سورتلۇق ئالما، نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىمىز، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋىلايىتىمىز دائىرىسى ئىچىدە يېڭىدىن ئىككى چېگرا ئېغىزى ئېچىلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان بىلەن سودا ئالاقىسى كۈچەيتىلىدىكەن، ئۇ تەرەپلەردە ئالما، نەشپۈتنىڭ بازىرى ئىتتىكمىش، مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ كۆلەملەشتۈرۈپ ئالما، نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىشىمىز لازىم. مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىشقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ياردەم بېرىدۇ...›› دېگەن مەزمۇندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، ياڭاقلىق باغلار بۇزۇلۇپ ئورنىغا مانا مۇشۇ ئالما - نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىنغان ئىدى. دېگەندەك ئۆتكەن يىلىلا نەشپۈتلەر بولۇق مېۋىگە كىرىپ بازىرىمۇ خېلى ئىتتىك، باھاسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇپ، باغۋەنلەرنىڭ قولى ئاز بولسىمۇ پۇل كۆردى. تەبىئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقىدىن، تارىختىن بېرى جىمىكى ئىشلىرىدا جاپانى كۆپ چېكىپ، راھەتنى ئاز كۆرۈپ كۆلگەن بۇ يۇرتنىڭ ئىشچان، رايىش دېھقانلىرى ئۈچۈن كۈزدە قولىغا ئاز - تولا نەق پۇل كىرىشى گويا سۇلايمان پەيغەمبەرگە غايىپ خەزىنە ئۇچراپ قالغاندەك خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. ئەپسۇس، ‹‹يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بېشى تاشقا تېگىپتۇ›› دېگەندەك مانا ئەمدى بۇ باغلارغىمۇ كۆز تەگكەن ئىدى.
   كۆز ئالدىدىكى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇلۇپ سولىشىپ ياتقان ئالما - نەشپۈت دەرەخلىرىنى، ياۋا توڭگۇز تۈرتۈۋەتكەندەك ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ كەتكەن يەرلەرنى كۆرگەن ھاكىمنىڭ ئىچى سېيرىلدى. ۋۇجۇدى جۇدۇن سوققان ياپراقتەك تىترىدى. پەقەت ئۇ يەر – بۇ يەردە تېخى قومۇرۇپ بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەن، يىراقتىن قارىسا پايانسىز دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك - كىچىك ئاراللاردەك كۆرۈنىدىغان باغلاردىكى ئالما - نەشپۈت دەرەخلىرى گويا ھاكىمدىن مەدەت تىلەپ ئەرز – ھالىنى ئېيتىۋاتقاندەك ئاستا شىۋىرلىشىپ تۇراتتى.
   بوۋاي بىلەن ھاكىم توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن قاپقارا كۆزلىرىدىن غورۇرلۇق يىگىتلەرگە خاس بىر ئىشلارغا ئاسانلىقچە باش ئېگىپ كەتمەيدىغان قەيسەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان، تىكىلىپ قاراشلىرىدىن بىر خىل كۆكۈش نۇر چاقناپ تۇرىدىغان، 35 ياشلاردا بار، بۇغداي ئۆڭ چىرايى يامغۇر ياغايلا دەپ قالغان ئاسماننىڭ يۈزىدەك تۇتۇلغان بىر يىگىت توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىدا مەھكەم ئولتۇراتتى. ئۇ نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولاتتى - يۇ، ئەمما تىترەپ تۇرغان لەۋلىرى ئارىسىدىن زۇۋان چىقمايتتى.
   — قاراڭلار، قاراڭلار، ئەجەپ بېشى باغلانمىغان ياۋا تەخەيدەك ئەسكى خۇيلۇق چوڭ بولغان ئاداشكىنا بۇ، ماڭا قارا، بىزمۇ شۇ ھەر قايسىڭنىڭ غېمىنى يەپ، قورسىقى پاتراق تويسىكەن، ئۇچىسى يېلىڭ قالمىسىكەن، قولى پۇل كۆرسىكەن دەپ تىنىم تاپماي شاپاشلاپ يۈرۈۋاتىمىز، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويۇنتاۋلىق قىلماي ۋاقتىدا باغنى تۈزلەپ چىلان كۆچىتى قويۇۋال، ئۇنداق قىلمىساڭ ئەتە – ئۆگۈن كەنت كادىرلىرىدىن رەنجىپ يۈرمە، شۇنىمى سەمىڭگە سېلىپ قوياي، ئىش چىڭىغا چىققاندا يەر تەشكىلنىڭ جۇمۇ! بۇنىمۇ بىلىپ قال، ھە! - قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ پوپوزا قىلىۋاتقان يېزا باشلىقى دولقۇن يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى ئىدى، ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ قالغان ھاكىمنى كۆرۈپ بىر پەس تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. پىر پەس گاڭگىراشتىن كېيىن ئېسىنى يىغىپ كىشىلەر ئارىسىدىن توپتەك قاڭقىپ چىقىپ ھاكىمنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. 
   — ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاكىم، بەك سەت ئىش بوپتۇ، كېلىدىغانلىقلىرىنى قەتئىيلا ئۇقماي قاپتىمىز، ئالدىلىرىغا چىقالمىغانلىقىمىزدىن ھەرگىز خاپا بولمىسىلا، نەچچە كۈننىڭ ياقى چىلانزارلىق بەرپا قىلىمىز دەپ شاپاشلاپ يۈرۈۋاتىمىز. مانا قارىسىلا، مۇشۇنداق پېتىر قۇلاقلار ئىشلىرىمىزنى ئاقسىتىپمۇ تۇرۇۋاتىدۇ ئەينا.
   ھاكىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك پەرۋامۇ قىلماي، ھەيرانلىققىمۇ، ئەجەپلىنىشكىمۇ، ئۈمىدسىزلىككىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل تەرىزدە ھاڭباققىنىچە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان كىشىلەرگە نەزەر تاشلىدى. بەزىلەر نېمىشقىدۇر دەرھاللا ھاكىمنىڭ كۆزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئېغىزىنى قۇلاققا يېقىشىپ ‹‹يېزا باشلىقى ھاكىم دەپ چاقىردىغۇ؟ ئەجەپ بىز كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشىكىنا؟ يېڭىدىن كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ تۇرقىدىن ئىلگىرىكى ھاكىمغا ئوخشىمايدىكەن بولمىسا؟›› دېيىشىپ كۇسۇرلاشقىلى تۇردى. دېھقانلارنىڭ نەزەرىدە ھاكىم دېگەنلىك ھەممىدىن يۇقىرى تۇرالايدىغان، زامانىۋىي ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتتىن خەۋىرى بار، ساقال – بۇرۇتلىرى پاكىز قىرىلغان، يۈرۈش – تۇرۇش گەپ - سۆزلىرىدىن ئەمەلدار پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان سۈرلۈك كىشى ھېسابلىناتتى. باياتىننىڭ ياقى ئۇقۇشمايلا ھاكىم بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشكىنىنى ئويلىغان بوۋاينى تەر باستى، ‹‹ئەمدى تۈگىشىپتىمەن – دە، دېمەيدىغان گەپلەرنىمۇ دەپ سالغان بولسام قانداق بولغىنى ئەمدى›› دېگەنلەر خىيالىدىن كەچكىنىدە بىر خىل قورقۇنچ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى.
   — بالام، چاپسان تۇر ئورنۇڭدىن، ھەممىمىز ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراسى، تەشكىلنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىساق بولامدۇ؟ بەلكىم، يۇقىرىنىڭ سىياسىتى شۇنداقتۇر، ئالمىلىق باغنىڭ ئورنىغا چىلانلىق باغ قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ، جاھىللىق قىلما ئوغلۇم، - بوۋاي ئوغلىغا نەسىھەت قىلدى. ئۇ كۆز ئالدىدىكى نامۇۋاپىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ تەقدىرگە شۈكۈر – قانائەت قىلىشنى ئەۋزەل كۆردى.
   — ئاتا، سىز ئارىلاشماڭ! تۇرمايمەن دېدىم، تۇرمايمەن! تەشكىل، تەشكىل، ئىگىسى يوق تەشكىلمىكەن ئۇ؟ - ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايدۇ، بىراق بۇ قېتىم يىگىتنىڭ كۆزلىرى رايىغا باقمىدى، كەپتەردەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. ئاتىسىنىڭ تەسەللىلىرىمۇ، يالۋۇرۇشلىرىمۇ كار قىلمىدى، ئۇ ئىسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەيتتى، - بۇ يىلى ياڭاقنىڭ باھاسى يۇقىرىراق بولسا، كېلەر يىلى ھەممىنى قومۇرۇپ تاشلاپ ئومۇميۈزلۈك ياڭاق تىكىۋاتقان، ئۇزىمايلا ئالما - نەشپۈتنىڭ باھاسى سەل يۇقىرىلىسا، دەرھال ياڭاقلىقنى بۇزدۇرۇپ قارا - قويۇق ئالما - نەشپۈت سالدۇرۋاتقان، مانا ئەمدى چىلاننىڭ بازىرى ئىتتىك بولىدىكەن دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپلا، ئالما - نەشپۈتلۈكنى بۇزدۇرۇپ چىلان سالىسەن دەۋاتقان، دېھقان ئىلگىرىكى يىللاردا سېتىۋالغان كۆچەتلەرنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولدىمۇ – يوق؟ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنى سېتىش يوللىرى بارمۇ – يوق؟ جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى زادى قانچىلىك؟ دېگەندەك ئامىللار بىلەن قىلچە كارى يوق، بەزى مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىپ سېتىلماي قېلىۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بانكىدىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرالماي قەرزگە بوغۇلۇۋاتقان، بىزنىڭ چەككەن جاپالىرىمىز زادى نېمىگە ھېساب، ‹‹غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن كارى يوق›› دېگىنى شۇدە! يېزا دېگەندە ھەققانىيەت، خەلقچىللىق دېگەن بارمۇ – يوق؟ كەنت ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا نېمىشقا ئېتىبار بىلەن قارىمايدۇ؟ ئۇلار كېچىسى چۈشىگە نېمە كىرسە ئەتىسى دېھقانلارنى شۇنى قىلىشقا بۇيرىسا قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئىلغار بولۇش، مۇكاپات ئېلىشتىن باشقا خىيال يوقما؟ مېنى سولىتىۋەتسىمۇ، ئالمىلىق باغنى بۇزمايمەن!
   يىگىت چىڭقىلىپ سۆزلىگەچكە گۈرەن تومۇرلىرى باش بارماقتەك كۆپۈپ چىقتى، يۈزلىرى ھازىرلا قاناپ كېتىدىغاندەك قىزىرىپ ئېسىلىپ كەتتى.
   — بولدى يىگىت، چىڭقالما. ئوغۇل بالىنىڭ كۆزىدىن ياش چىقسا بەك سەت تۇرىدىكەن، ھازىرچە دېگىنىڭ بويىچە ئالمىلىق باغ بۇزۇلماي تۇرسۇن، ئوبدان ئىشلەپ، ياخشى پەرۋىش قىل، - دېدى ئەخمەت ھاكىم يىگىتنىڭ مۈرىسىنى قېقىپ تۇرۇپ. ئۇ بۇرۇلۇپ يېزا باشلىقىغا قارىدى:
   — تېخى قومۇرۇلمىغان ئاۋۇ باغلار ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسا قانداق؟ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بېرىپ ئوبدانراق باش قاتۇرۇپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بىر نېمە دېيىشەرمىز، - دېدى ھاكىم نېمىنىدۇر ئويلىغاندەك،- مۇنداق قىلايلى يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتكوم ھەيئەتلىرىگە، ھەر قايسى كەنتنىڭ سېكرىتار، مۇدىرلىرىغا خەۋەر قىلىڭلار، چۈشتىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە يىغىن ئاچىمىز.
   — خوش، بولىدۇ ھاكىم ھازىرلا خەۋەر قىلىمىز، - دېدى دولقۇن ئېگىلىپ تۇرۇپ. ئاندىن ئەزالارغا يۈزلەندى، - سىلەرمۇ بېزىرىپ تۇرۇۋەرمەي قايتىڭلار، باشقا ئىشىڭلارنى قىلغاچ تۇرۇڭلار.
   — شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، چۈشتىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتتە كۆرۈشەيلى، - دېدى ھاكىم مېڭىشقا تەمشىلىپ.
   — بۇ، بۇ، ھاكىم، چۈشلۈك تاماقنى...؟ - دۇدۇقلىغىنىچە ھاكىمنىڭ ئالدىنى توستى دولقۇن.
   — بولدى، ئاۋارە بولماڭلار. تاماقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان، سىلە بېرىپ يىغىننىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭلار.
   ھاكىم بىرسى پۇتىغا تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن مەھەللە تەرەپكە ماڭدى. يېزا باشلىقىنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى. جىددىيلەشكەن ۋۇجۇدىدىكى قانلار يامغۇردىن كېيىنكى شىددەتلىك سەلدەك كۈۋەجەپ ئۆزىنى ئۆزى يالماپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.
   چۈشتىن كېيىن ئەخمەت ھاكىم قۇمدۆۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا بالدۇرلا يېتىپ كەلدى. پارتكوم سېكرىتارى شۈي داتۇدىن باشقا يېزا ئەمەلدارلىرى يىغىن زالى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى ئىنتايىن سولغۇن كۆرۈنەتتى.
   — شۈي سېكرىتار كۆرۈنمەيدىغۇ؟ - سورىدى ھاكىم زالغا كىرىپ كېتىۋېتىپ.
   — ھە، ئاغرىپ قالغان ئىكەن، ئۈچ كۈن بولدى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، - دېدى يېزا باشلىقى دولقۇن.
   ئۇلار يىغىن زالىغا كىرگەندە ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىردىنلا بېسىقىپ، زال ئىچى يىڭنە چۈشسىمۇ ئاڭلانغۇدەك سىرلىق تىمتاسلىققا چۆمدى. يېزا ئەمەلدارلىرىمۇ كەنت كادىرلىرى قاتارىدا بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى. ھاكىم سەھنىگە ھېچكىمنى چاقىرمىدى. ئۇ ئالدىدا ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆز باشلىدى:
   — دىققەت قىلايلى، ئولتۇرغان ھەممەيلەن مېنى تونۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرمىساممۇ بولار. ئەسلىدە مەن بۈگۈن يېقىندا ئامما ئىنكاس قىلغان بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەھۋال ئىگىلەپ باقاي دەپ كەلگەن، يىغىن ئېچىش پىلانىممۇ يوق ئىدى. ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا يولۇققان ئەمەلىي بىر مەسىلە دەرھال يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۆزئارا پىكىرلەشكەچ بۇ مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىۋېتەيلى دەپ سىلەرنى يىغدۇق. ئالدى بىلەن مەن يېزا باشلىقىدىن سوراپ باقاي، تەۋەيىڭلاردىكى ئەمدىلا مېۋىگە كىرگەن ئالما - نەشپۈتلۈك باغنى بۇزۇپ، چىلانزارلىق بەرپا قىلىش مەسىلىسىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىپ پارتكومنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزگەنمۇ؟
   — ئەلۋەتتە قاراردىن ئۆتكۈزىمىز – دە ھاكىم، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ قىلىۋاتقان ئىش دېسىلە، - پەس ئاۋازدا جاۋاب بەردى يېزا باشلىقى.
   — خوش، كەنت كادىرلىرىنىڭ ، بېغى كۆپرەك دېھقانلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ كۆردۈڭلارمۇ؟
   — بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ پىكىرىنى ئالغان، ئۇلارمۇ مۇشۇنداق قىلسا تازا مۇۋاپىق بولىدۇ دېيىشكەن ئىدى، - دېدى ئۇ ئەتراپىدا ئولتۇرغان كەنت كادىرلىرىغا قاراپ. ئىلگىرى نېمىلا دېسە لەببەي دەپ ئاغزىغا قارايدىغان بۇ بايقۇشلار ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئۇنى مەسخىرە قىلۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
   — مۇشۇنداق قىلىشنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نېمە؟
   — ئەلۋەتتە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتە، - دېدى سەل دۇدۇقلاپ.
   ھاكىم ئالدىدىكى مېنىرال سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئالدىرىماي ئېچىپ، سۇدىن ئىككى ئوتلىغاندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى:
   — راست، سىلەرنىڭ بىردىنبىر باھانەڭلار ‹‹ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرى چىقمىدى، باھاسى تۆۋەن بولدى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىدى، شۇڭا قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتمىسەك بولمايدۇ››دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كۆردۈم، مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئۇ يەردە ئەمەسكەن يولداشلار. ئەلۋەتتە، ھەممىمىزگە ئايان، دېھقانلىرىمىز ساددا، كۆپلىرى جاھان كېزىپ كۆرمىگەن، شۇنداق بولغاندىكىن ئالما - نەشپۈتلىرىگە، چىلانلىرىغا بازار تاپالمايدۇ. بىز كادىرلارچۇ، ئۇلارغا قارىغاندا كۆپ جاھان كۆردۇق، ھەر يىلى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئېكىسكۇرسىيەگە بېرىۋاتىمىز. ۋاقتىدا ئۇچۇر ئىگىلەپ دېھقانلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسۇن دەپ ئۇچۇر قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلىغىمىزمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن بىز ئۇلارنى قانچىلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدۇق؟ باغۋەنچىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تېخنىكىلىق پەرۋىشنى ياخشىلاپ، ئۇچۇر، ئالاقە ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللاپ، مەھسۇلاتنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى غول كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز دەپ كۈچىمىزنىڭ بارىچە توۋلىدۇق. ئەمەليەتتە شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ ياق! ئەمەلىيەتتە، بىر يىلى ئۇنىڭ بازىرى كاسات، يەنە بىر يىلى بۇنىڭ باھاسى تۆۋەن بولۇۋاتىدۇ، ئۇ ئۇنداق، بۇ مۇنداق ... دېگەندەك باھانە كۆرسىتىپ، بۇ يىلى ياڭاقلىق بەرپا قىلساق، كۆپ ئۆتمەي ئۇنى بۇزۇپ ئالمىلىق بەرپا قىلىمىز دېدۇق، ئۇندىن كېلەر يىلى ئالمىلىقنى بۇزۇپ چىلانلىق بەرپا قىلىمىز دېسەك... بىزنىڭ كۆلەملەشتۈرىمىز دېگىنىمىز شۇما؟! ئەمەلىي ئىزدىنىپ، دېھقانغا كۆيۈنۈپ، قول تىقىپ ئىشلىدۇق دېگىنىمىز شۇما؟! مۇشۇنداق بولىۋەرسە دېھقانلارنىڭ قوشۇمچە ئىگىلىكتىن سوۋۇپ كېتىشىگە تەسىرى بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟! - ئۇ مېنىرال سۇدىن بىر ئوتلىغاندىن كېيىن ئولتۇرغانلارغا نەزەر تاشلىدى، بىر قىسىملار ئاغزىنى كاماردەك ئاچقىنىچە قاراپ ئولتۇرسا، يەنە بىر قىسىملارنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، - بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ سەگەك ئولتۇرايلى يولداشلار. ھەممىمىزگە ئايان، يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ئوچۇق، ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن، تۆۋەنگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن ئەمەلىيلەشمىكى تەس؟ نېمىشقا جانلىق تەتبىقلىمايمىز؟ دېھقانلىرىمىز كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى نېمىشقا ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ؟ راست، شەرت – شارائىت مەسىلىسىمۇ بار، ئەمما ھەممىمىز ئورتاق باش قاتۇرۇپ، چارە - ئامال قىلساقلا شارائىتمۇ بىزگە باقىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇھىمى مۇشۇ ئولتۇرغانلىرىمىزنىڭ دېھقانلارنى قانداق يېتەكلىشىدە، ئۇلارغا قانداق مۇلازىمەت قىلىشىدا. يېزىلىق پارتكوم ھەيئەتلىرى بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز كومپارتىيەنىڭ سادىق ئەزالىرى ئىكەنمىز، بارلىقىمىزنى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەرپ قىلىشىمىز لازىم. قاتتىقراق كەتسىمۇ دەپ قوياي، ھۆكۈمەت بىزگە لۆم – لۆم ساپادا غادىيىپ ئولتۇرۇپ بۇيرۇق سوقسۇن، ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلسۇن دەپ ئەمەل بەرمىگەن، شۇنداققۇ؟ بىز زادى كىمگە باشلىق، مەجبۇرىيىتىمىز نېمە؟ تۇماقنى ئالدىمىزغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ كۆرۈشىمىز لازىم. مەن يېقىندىن بېرى ھەر قايسى يېزىلار يوللىغان خىزمەت دوكلاتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم، دوكلاتتا دېيىلگىنى بىلەن ئەمەلىيەتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، زەي سالماي ئاتقان پولىرىڭلار مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىقلىرىمىز بىلەن دېھقانلارغا سوتسىيالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكىنى قانداق چۈشەندۈرىمىز؟ خەلق بىزگە ئىشىنەمدۇ؟ مەن ئەھۋال ئىگىلەپ كۆردۈم، شۇنداق بىر قىسىملىرىمىز بار ئىكەنمىز دېھقاننىڭ شىللىسىگە مىنىۋالغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۇلارغا مەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى قىلىۋاتىمەن دەپ تېخىمۇ ئېغىرىنى سېلىۋالىدىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم كەنت ئەمەلدارلىرىغا قاراپ باقايلى، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدۇ، تەمىنات يېرى دەپ ئەڭ ياخشى يەردىن ئالىدۇ، تېخى بەزىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا نورمىدىن ئارتۇق يەر ئىگىلىۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى دېھقانلارغا ھەقسىز قىلدۇرىدۇ، بۇ قانداق قىلمىش؟! سېپى ئۆزىدىن زومىگەرلىك! بىزگە بۇنداق كادىرلار كېرەك ئەمەس! مەن يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قوياي، بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن قاپلاپ بېرىلگەن بۇغداي قوشۇمچە ياردىمىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، كەنتلەردە ئولتۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىدىن يىغىلغان ھاشار پۇلىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىقىنى، شەھەر ئاھالىلىرى سالغان يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن دېھقانلار قاتارىدا يۇقىرىدىن بەرگەن تولۇقلىما پۇل، كەنت كومىتېتىدىن بېرىلىدىغان ياغاچ، سېمۇنت قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ نامىغا يېزىلىپ چىقىم قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قولىغا تارقىتىلمىغانلىقىنى، بۇ مەبلەغلەرنىڭ زادى نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكىنڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، يۇقىرىنىڭ كۈچ تەشكىللەپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار گۇمانلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان. مېنىڭ قارىشىمچىمۇ بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. جاھاندا پۇرىمايدىغان پوق، ئىس چىقمايدىغان ئوت بولمايدۇ. مەن قايتقاندىن كېيىن بىر كوممۇنىست بولۇش ھەم ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا جىددىي يىغىن ئېچىپ، ياراملىق خادىملاردىن كۈچ تەشكىللەپ يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى دەرھال ئېنىقلاپ چىقىش تەكلىپىنى بەرمەكچىمەن. شۇڭا بىر قىسىم كادىرلىرىمىزنىڭ خىزمەتلەرگە يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەڭ ئاخىرىدا، مەن قۇمدۆۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ بۇ قېتىمقى ئالما - نەشپۈتلۈك باغلارنى بۇزۇپ، ئورنىغا چىلانزارلىق بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇش، تېخى قومۇرۇلمىغان باغلارنى ساقلاپ قېلىش، قومۇرۇپ بولۇنغان باغلارنىڭ ئىگىسىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۆلەم بېرىش تەكلىپىنى بېرىمەن، گېپىم تۈگىدى. كىمنىڭ قانداق پىكىر – تەلەپلىرى، كۆز قاراشلىرى بولسا، مۇشۇ يىغىن مەيدانىدا ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، يىغىندىن تارقىغاندىن كېيىن غوتۇلدىغاننىڭ پايدىسى يوق.
   ئولتۇرغانلاردىن ئېغىر - ئېغىر پۇشۇلداپ تىنىشتىن باشقا سادا چىقمىدى. شۇ تاپتا كىملەرنىڭدۇر بېشىغا پىت چۈشۈپ، چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇۋاتسا، كىملەرنىڭدۇر يۈرەكلىرى لاتارىيەدە مىليونلاپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندەك خۇشاللىقتىن تىپىرلاۋاتاتتى.
   يىغىن تارىدى، ھاكىم ھېچكىمگە قارىماي گۈس - گۈس دەسسەپ چىقىپ كەتتى. بىر نۇقتىغا مىختەك قادىلىپ، جايىدا قاققان قوزۇقتەك مىدىر - سىدىر قىلماي ئولتۇرغان يېزا باشلىقى دولقۇنغا بۇ خۇددى ھاكىم ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە دەسسەپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەكلا بىلىنىپ كەتتى. ئۇ ئېسىگە كېلىپ بېشىنى كۆتۈرگىنىدە، تېخىچە ئېسىنى يىغالمايۋاتقان ساۋۇت ساختا ئارقىسىدىكى ئورۇندا يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ماكچىيىپ ئولتۇراتتى.
( داۋامى بار )
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى