نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

ھىتلېرنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر نۇتۇقى

ھىتلېرنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر نۇتۇقى

ۋاقتى: 2015-08-03 ئاۋاتلىقى: 4564 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھىتلېرنىڭ ئەينى چاغدىكى مەشھۇر نۇتۇقى


تەرجىمە قىلغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي



   بۈگۈن، بىز بۇ يەردە، يەنى گېرمانلارنىڭ تۇپرىقىدا تۇرماقتىمىز! بېرلېندا، يەنى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قان-تەرى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى مۇجەسسەملەنگەن تۇپراقتا تۇرماقتىمىز. ئارقىمدىكىسى ئاندرى كورلېئوننىڭ ھەيكىلى. ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەركىنلىك جەڭچىسى، ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ شان-شەرىپى.
   ئالدىمدا تۇرغىنى بىر مىللەت، بىر ھاقارەت ۋە خورلۇق ئىچىدە ئىڭراۋاتقان مىللەت. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ غۇرۇرىمۇ يوق بولىدۇ، ئاشۇ غالىبلار بىزنىڭ شىللىمىزگە دەسسەپ تۇرۇپ دەۋران سۈرىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ غۇرۇرىمىزنى، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئېسىلزادە بىر مىللەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى غالىغانچە پايخان قىلىدۇ. سىلەر ماڭا دەپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر بېنجامىن مارتىنغا ئوخشاش بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى بولۇشنى تاللامسىلەر ياكى قۇل بولۇشنىمۇ؟
   سىلەر ئېھتىمال: ھىتلېر ئەپەندىم، ماڭا خىزمەت، بولكا لازىم، دېيىشىڭلار مۇمكىن. شۇنداق. سىلەرنىڭ قارىشىڭلار ئىنتايىن توغرا، ھاياتلىق ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ئەمما مەن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇ دۇنيادا ھاياتلىقتىنمۇ مۇھىم شۇنداق بىر نەرسە بار، ئۇ دەل ئەركىنلىك، ئۇ دەل قەدىر-قىممەتتۇر. 
   پەقەت ئالساس ۋە روللىن ھاۋا بوشلۇقىدا فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى بىر كۈن لەپىلدەپلا تۇرىدىكەن، بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز قالمايدۇ. پەقەت ئاشۇ فىرانسىيەلىك، ئەنگلىيەلىكلەر بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىدىكەن، بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز قالمايدۇ، پەقەت ياۋروپانىڭ خەرىتىسىدە گېرمانىيە ئىسىملىك چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ كەتكەن دۆلەتلا بولىدىكەن، بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز قالمايدۇ. پەقەت باشقا دۆلەتنىڭ ئادەملىرى پارىڭىدا ‹‹گېرمانىيە›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالغىنىدا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن كۈلۈپ قويىدىكەن، بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز قالمايدۇ. 
   بىزگە لازىم بولغىنى بولكا ئەمەس، بەلكى ھاياتلىق بوشلۇقى، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق بوشلۇقى. بۇ مەۋجۇدلۇق بوشلۇقى تىلەمچىلىك ۋە قارشىلىققا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بەلكى قورال ۋە قان بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشىدۇ. 
   باشقىلار بىزنى بوزەك قىلماقتا، ئەڭ ئاجىز مىللەتلەرمۇ بىزنى دەپسەندە قىلماقتا. پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىشنىلا بىلىش پەسكەشلەرنىڭ ئىشى. بىز زەمبىرەكلەرنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن دۈشمەننى غال-غال تىتىرىتىشىمىز كېرەك. بىز ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى، ھاياتىغا بېسىم قىلىپ، ئۇلارغا بىزنىڭ پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىشنىلا بىلىدىغان بىر توپ قورقۇنچاقلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك. 
   ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىشنىلا بىلىدىغان دۆلەت ـــ ئاجىز دۆلەتتۇر، پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىشنىلا بىلىدىغان ھۆكۈمەت ـــ ئاجىز ھۆكۈمەتتۇر. بىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز، زېمىنىمىز، ھاياتىمىز دەپسەندە قىلىنغاندا، يەنە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇشتىن خىجىل بولۇشنىمۇ بىلمەيمىز، بىزنىڭمۇ لازىمىمىز قالمايدۇ. سىلەرمۇ ئاقىۋەت ئۇلاردىن ۋاز كېچىسىلەر. 
   مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مۇشۇنداق ئىرادىسىز ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىمەن. ئالدىمدا قان تۆكۈشتىن قورقمايدىغان ئارمىيە تۇرۇپتۇ. بۇ قانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تومۇرلىرىدا ئاققان، ئۇلار تىز پۈكمىگەنىدى، ھازىر ئۇ قانلار بىزنىڭ تومۇرلىرىمىزدا مەۋج ئۇرماقتا، ئېيتىڭلارچۇ؟ سىلەر ئۇ قانلارنى ئۇيۇتۇپ قويۇشنى خالامسىلەر؟
   ئىتتىپاقلىشالايدىغان كىشىلەردە ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل نەرسە بولىدۇ. بىزدە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقىغا نەقىشلەنگەن ئۇلۇغۋار غايەر بار، بىز بۇ ئۇلۇغ غايىمىز ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە جەڭ قىلىمىز. بۈگۈنكى بېرلېندا ھېچقانداق نەرسە ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنى پەقەت غايىلا قۇتقۇزالايدۇ. ۋېرسايل شەرتنامىسى بىز ئۈچۈن چىدىغۇسىز ھاقارەت. بىز ئۇنىڭدىكى قارار ۋە سەۋەبلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى رەت قىلساق بولىدۇ، سىلەر بېنجامىن مارتىنغا ئوخشاش قولۇڭلارغا قورال ئېلىڭلار، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەركىنلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۈشمەنلىرىنى قىرغىنىغا ئوخشاش قەيسەر بولۇڭلار. ناۋادا سىلەر جەڭ قىلماقچى بولساڭلار، جەڭ مەيدانىغا بېرىڭلارل ئاندىن مەن سىلەرنىڭ 70 مىليون قۇل ياكى 70 مىليون تىز پۈكمەس گېرمان ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرەلەيمەن. 
   ناۋادا ئاشۇنداق بىر كۈن كەلسە، مەن ئادولف ھىتلېر بېنجامىن مارتىنغا ئوخشاش بىزنىڭ گېرمانىيە فېدېراتپ جۇمھۇرىيىتىمىزگە تەئەللۇق بولغان بايراقنى كۆتۈرۈپ ئالغا چاپقان بولاتتىم. جەڭدە ئۆلگەن تەقدىردىمۇ تەبەسسۇم بىلەن جەننەتكە يولغا ئالاتتىم. مەن ئۇ يەردە گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان-شەرىپى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئەجدادلىرىمىزنى كۆرىمەن. مەن ئۇلۇغ فرېدېرىك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالدىغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىپتىخارلانغان ھالدا شۇنداق دەيتتىم: ‹‹مەن سىلىنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلىنىڭ يۈزلىرىنى يەرگە قاراتمىدىم، مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ تەسەددۇق قىلدىم.››
   بىز قۇل بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز ماشىنا ئەمەس، بىز ھايۋانمۇ ئەمەس، بىز دېگەن ئادەم، بىز ئەزەلدىن تىز پۈكمەي ياشىغان گېرمان. 
   بىز ئەركىنلىك نامىدىن ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى، ئادىل دۇنيا ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز ئىنسانىيەت ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز ئاشۇ بىزنى قۇل قىلغان كىشىلەرنى گېرمانىيە تۇپرىقىدىن  قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز كۈن بويى ۋارقىراپ-جارقىراشنى لازىم قىلمايدىغان جەڭ قىلىمىز، بىز ئۆزىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋەدىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. 
   بىز بۇ دۆلەت ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز، گېرمانلار، بىز ئەجدادلارنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز. بىز كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ‹‹بىز دېگەن ئەزەلدىن تىز پۈكمەي ياشىغان گېرمانلار›› دەپ پەخىرلىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز.

   قېرىنداشلىرىم! گېرمانىيە ۋە گېرمانىيە خەلقى ياشىسۇن! ئەركىنلىك ياشىسۇن!



بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى