نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (29)

داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (29)

ۋاقتى: 2015-03-01 ئاۋاتلىقى: 3518 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گۆھەر ئارىلى (رومان ــ 29)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  
روبېرت لوئىس ستىۋېنسون (ئەنگلىيە)
Robert Louis Stevenson
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان
مۇھەررىرى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي 
يەتتىنچى بۆلۈم سىلۋېرنىڭ ۋاستىسى    
ئىككىنچى باب يەنە قارا پۈتۈك
 
    سىرتتىكى قاراقچىلار بىرەر قۇر مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن بىرسى ئۆيگە قايتىپ كىردى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ سىلۋېرغا ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم مەشئەلنى ئەپچىقىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىلۋېر قوشۇلدى. ھېلىقى كىشى مەشئەلنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى. ئۆي ئىچىنى قاراڭغۇلۇق باستى.
    ـــ قارىغاندا ئىش چاتاق، جىم، ـــ دېدى سىلۋېر ماڭا ناھايىتى مۇلايىم تەلەپپۇزدا.
    مەن ياغاچ تامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېتىش تۆشۈكىدىن سىرتقا قارىدىم. سىرتتا ئۇلارنىڭ ئۆي بىلەن قاشا ئارىلىقىدىكى بىر كىچىك توپا دۆڭلۈككە توپلىشىۋالغانلىقىنى، بىرىنىڭ مەشئەل كۆتۈرگەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھېلىقى ئادەمنىڭ قولىغا سوغۇق نۇر چاقناپ تۇرغان پىچاق ئېلىۋالغانلىقىنى، يەنە بىر كىتابنىڭمۇ بارلىقىنى كۆردۈم. مەن تېڭىرقاپ تۇرغان چاغدا ھېلىقى كىشىنىڭ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى ھەم باشقىلارنى باشلاپ ئۆيگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردۈم.
    ـــ ئۇلار قايتىپ كەلدى، ـــ دېدىم مەن سىلۋېرغا، ئارقىدىن ئۆز ئورنۇمغا بېرىۋالدىم.
    ـــ ئۇلار كەلسۇن، مەندە ئۇلارغا تاقابىل تۇرغۇدەك ئامال بار، ـــ دېدى سىلۋېر. ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى سالماق چىقاتتى.
    ئىشىك ئېچىلىپ ھېلىقى بەش كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزئارا ئىتتىرىشىپ ئاخىرى بىرى ئالدىغا قەدەم تاشلىدى. ھەربىر قەدەم ئالغاندا بىردەم تېڭىرقايتتى. ئوڭ قولىدا قانداقتۇر بىر نەرسىنى چىڭ سىقىملاپ تۇراتتى.
    ـــ بۇياققا كەل بۇرادەر، ـــ دېدى سىلۋېر ۋارقىراپ، ـــ مەن سېنى يېمەيمەن، قولۇڭدىكىنى ماڭا بەر. مەن قائىدىمىزنى بىلىمەن. ئەلچىنى تەڭقىسلىقتا قويمايمەن.
    ھېلىقى كىشى سىلۋېرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غەيرەتكە كەلدى. ئۇ تېز-تېز مېڭىپ بىر نەرسىنى سىلۋېرغا بەردى-دە، ئۆرۈلۈپ ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا كەتتى.
    سىلۋېر قولىدىكى نەرسىگە لەپپىدە بىر قاراپ قويدى.
    ـــ قارا پۈتۈك! مەن مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلەتتىم، ـــ دېدى ئۇ قىلچە پەرۋاسىزلا، ـــ بۇ قەغەزنى ‹‹ئىنجىل››دىن يىرتتىڭلارمۇ؟ بۇ ئاۋۇ يارىماس قىلغان ئىشقۇ دەيمەن. سىلەر بۇنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر!
    ـــ جازا؟ ـــ دېدى مورگان، ـــ مەن نېمە دېگەن؟ ‹‹ئىنجىل››نىڭ قەغىزىنى ئىشلەتمەيلى دېسەم سىلەر ئاڭلىمىدىڭلار.
    ـــ ئېيتە، كىم ‹‹ئىنجىل››نى يىرتتى؟ ـــ دەپ سورىدى سىلۋېر.
    ـــ دىك، ـــ دېدى بىر قاراقچى جاۋاب بېرىپ.
    ـــ دىك، ئەسلى سەنكەنسەندە. سېنى چوڭ پالاكەت باسىدۇ. ئىشەنمىسەڭ قاراپ تۇر، ـــ دېدى سىلۋېر.
    بۇ چاغدا سېرىق كۆز گەپكە ئارىلاشتى:
    ـــ ئەمدى ئويۇنۇڭنى يىغىشتۇر، سىلۋېر. قولۇڭدىكى قارا پۈتۈككە نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قاراپ باق.
    سىلۋېر قولىدىكى قارا پۈتۈكنى ئۆرۈپ ‹‹تەختتىن چۈش›› دېگەن خەتنى كۆردى.
    ـــ خەت چىرايلىق يېزىلىپتۇ، گېئورگى، ـــ دېدى سىلۋېر ئېگىز بويلۇق دېڭىز قاراقچىسىغا قاراپ، ـــ سەن يازغانمۇ؟ سەن بۇ ئەبلەخلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىقى، مەن ئورۇن بوشاتقاندىن كېيىن ئۇلار سېنى كاپىتان قىلىپ تىكلىمەكچى، شۇنداقمۇ؟
    ـــ سەن يەنە بىزنى ئالدايمەن دەپ ئويلىما، ـــ دېدى گېئورگى، ـــ ئەمدى ساڭا ئىشەنمەيمىز، خالىساڭ يېڭى كاپىتان سايلىمىغا قاتناشساڭ بولىدۇ.
    ـــ ئۇنتۇپ قالما، مەن ھازىرمۇ كاپىتان، ـــ دېدى سىلۋېر ئېغىر بېسىقلىق بىلەن، ـــ قائىدە بويىچە سىلەر مېنى تەختتىن چۈشۈرىدىغان سەۋەبنى كۆرسىتىڭلار. ئاندىن مەن جاۋاب بېرىمەن. مەن بىر نەرسە دېيىشتىن ئاۋۋال قارا پۈتۈك ئىناۋەتسىز.
    ـــ خاتىرجەم بول، بىز قائىدە بويىچە ئىش قىلىمىز، ـــ دېدى گىئورگى، ـــ سەۋەبىمىز تۆت تۈرلۈك. بىرىنچى، بۇ قېتىم دېڭىزغا چىقىپ بىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدۇق، ئىشلارنىڭ ھەممىنى سەن بۇزدۇڭ. ئىككىنچىدىن، سەن دۈشمەننىڭ بىخەتەر كېتىشىگە يول قويدۇڭ، ئۇلارنى قاچۇرۇۋەتتىڭ. ئۈچىنچىدىن، سەن ئۇلارغا قوغلاپ زەربە بېرىشىمىزنى توسۇدۇڭ. ئەڭ ئاخىرقىسى شۇكى، سەن بۇ شۇمتەكنى قانات ئاستىڭغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈشىمىزگە يول قويمىدىڭ.
    ـــ شۇلارلىما؟ ـــ دېدى سىلۋېر سوغۇقلا، ئاندىن بۇ سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى، ـــ مەن ئەمدى بىر-بىرلەپ سىلەرگە جاۋاب بېرەي. سەن ئىشلارنى مېنى بۇزدۇڭ دېدىڭ، شۇنداقمۇ؟ ھەممىڭلار مېنىڭ ئەسلىدىكى پىلانىمنى بىلىشىسەن، توغرىمۇ؟ مۇبادا ھەممە ئىشلار مېنىڭ پىلانىمدىكىدەك بولغان بولسا بۈگۈن كەچ بىز نۇرغۇن بايلىقنى ئېلىپ كېمىگە قايتقان بولاتتۇق، بىرمۇ ئادەم ئۆلمىگەن بۇلاتتى. ئەمما مېنىڭ پىلانىمنى بۇزغان كىم؟ كىم مېنى مۇددەتتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى؟ كىم باشلامچى بولدى؟ مېنى بىلمەيدۇ دېمەڭلار، ئاندىرسون بىلەن خاندس، يەنە سەن گىئورگى مېرريمۇ بار. ئۇ ئىككى ئەبلەخ ئۆلدى، مانا ئەمدى سەن چات كېرىپ چىقىپ ئىشىمىزغا توپا چاچماقچى بولۇۋاتىسەن، ئۇلارنى قۇترىتىپ توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇۋاتىسەن، ئۇخلاپ چۈشۈڭ!
    بىر نەچچە دېڭىز قاراقچىسى تەسىرلەنگەندەك سىلۋېرغا قارىدى.
    سىلۋېر بىردەم توختىغاندىن كېيىن ھاياجان بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
    ـــ بۇ سىلەرنىڭ بىرىنچى سەۋەبىڭلارغا بەرگەن جاۋابىم. سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلاردىن جاق تويدۇم. سىلەر يارىماسلار ئۆيۈڭلاردە ئىت باقساڭلارلا بولىدۇ، تەۋەككۈلچىلىكنى ئەپلەشتۈرەلمەيسىلەر.
    ـــ داۋاملاشتۇر، ـــ دېدى مورگان گەپ قىستۇرۇپ، ـــ سەن جاۋاب بەرمىگەن يەنە نەچچىسى بار.
    ـــ يەنە نەچچىسى بار؟ ـــ دېدى سىلۋېر، ـــ سىلەر بۇ قېتىمقى دېڭىزغا يۈرۈشنى قالايمىقان قىلىۋەتتىڭ دېيىشتىڭ، سىلەرگە دەپ قوياي، سىلەر ئىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چاتاقلىقىنى بىلىشمەيسەن، دارغا ئېسىلىدىغان ۋاقتىمىز ئۇزۇن قالمىدى. سىلەر نېمىشقا مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ چۈنكى سىلەر ئاندىرسون بىلەن خاندسنىڭلا گېپىگە كىردىڭلار، يەنە گىئورگى مېرريمۇ بار، مېنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار! ئەمدى يەنە بۇ بالىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشۇۋاتىسەن. ئەجەبا سىلەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تۇتقۇن ئىكەنلىكىنى بىلىشمەمسەن؟ ئاۋۇ كىشىلەر يولغا چىقىشتىن ئاۋۋال ئاللىقاچان باشقىلار بىلەن كېلىشىپ قويۇپتۇ. ناۋادا ئۇلار ۋاقتىدا قايتىپ بارمىسا كېمە كېلىپ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر بۇ تۇتقۇننىڭ پايدىسىنى كۆرىسىلەر. ئۈچىنچى مەسىلىگە كەلسەم، سىلەر بۇ يەردىكى مۇھىتىنىڭ قانچىلىك ناچارلىقىنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ بىز دوختۇر ھەم ئۇنىڭ دورىسىغا ئېھتىياجلىق. ئۇنتۇپ قالما، گىئورگى مېرري، بىر نەچچە سائەت ئىلگىرى سېنىڭ كۆزۈڭ ھازىرقىدىنمۇ سېرىق ئىدى. مەن دوختۇرنى تەكلىپ قىلىپ سېنى داۋالاتتىم. ئىككىنچى مەسىلىگە كەلسەم، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلار قىزىرامدۇ-يوق؟ دەل سىلەر يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ مەندىن ئۇلار بىلەن سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغانتىڭلارغۇ؟ كېمە يوق، ناۋادا سۈلھى تۈزۈشمىسەك سىلەر بۇ چاققىچە ئاچلىقتىن ئۆلگەن بولاتتىڭلار. بۇنداق قىلىشىم نېمە ئۈچۈن؟ يەنىلا مۇشۇ نەرسە ئۈچۈن ئەمەسمۇ!
    ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بىر پارچە قەغەزنى يەرگە تاشلىدى. بۇ دەل مەن دوختۇرلارغا بەرگەن ھېلىقى مايلىق قەغەز بولاق ئىچىدىكى بايلىق يوشۇرۇنغان ئورۇننىڭ خەرىتىسى ئىدى. خەرىتىدىكى قىزىل كىرست بەلگىسى كۆزگە ئالاھىدە چىلىقاتتى. دوختۇرنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن بۇ خەرىتىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى چۈشەنمەيلا قالدىم.
    بۇ بىر ئوچۇم قاراقچى ئېچىرقاپ كەتكەن ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىپ بېرىپ خەرىتىنى تالىشىشقا باشلىدى. ئۇلار خوددى بايلىقلارنى قولىغا ئېلىپ يەلكەن كۆتۈرۈپ يولغا چىقىشقا تەق بولغاندەك ۋارقىرىشاتتى، تىللىشاتتى، سەت كۈلۈشەتتى.
    ـــ توغرا، ـــ دېدى بىر دېڭىز قاراقچىسى، ـــ بۇ دەل فلىنتنىڭ ھېلىقى خەرىتىسى، ئۈستىدە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى بار ئىكەن.
    ـــ بەك ياخشى بولدى! ـــ دېدى گىئورگى، ـــ ئەمما كېمە يوق تۇرسا قانداق ئېلىپ كېتىمىز؟
    سىلۋېر ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ بىر قولى بىلەن تامغا يۆلىنىپ ۋارقىرىدى:
    ـــ گىئورگى، سەن ئاغزىڭنى يۇم، قانداق ئىلىپ كېتىشنى بىلمەيمەن، ئەمما ماڭا گەپ قىلغاندا سىلىق بول، ئاڭلىدىڭمۇ؟
    ـــ ھازىر، ـــ دېدى سىلۋېر سۆزىنى داۋام قىلىپ، ـــ سىلەر كېمىنى يوقىتىپ قويدۇڭلار، مەن بولسام خەرىتىنى تاپتىم، كىمنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى ئوچۇق بولدىمۇ؟ ئەمما، سىلەرگە ئەمدى كاپىتان بولغۇم يوق، كىمنى سايلىساڭلار ئىختىيارىڭلار، مەن جاق تويدۇم!
    ـــ بىز سىلۋېرنى سايلايمىز، ـــ دېدى ھېلىقى بىر نەچچەيلەن، ـــ ھەممىمىز سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايمىز، كاپىتان سىلۋېر.
    ـــ ئۇنداق بولسا، ـــ دېدى سىلۋېر يۇقىرى ئاۋازدا، ـــ مەن سىلەرنىڭ تەكلىپىڭلارنى قوبۇل قىلاي. گىئورگى، قارىغاندا سەن كاپىتان بولالمايدىغان ئوخشايسەن. ئەمما مەن كەڭ قورساق ئادەم، راست، ئەمدى قارا پۈتۈكنىڭ ھاجىتى قالمىدىغۇ دەيمەن؟ دىك، سېنى پالاكەت باسقان بولسۇن، سەن ‹‹ئىنجىل››نى يىرتىۋەتتىڭ.
    ـــ بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ‹‹ئىنجىل›› بىلەن يەنە قەسەم بەرگىلى بولامدۇ؟ ـــ دەپ سورىدى دىك تەشۋىشلەنگەن قىياپەتتە.
    ـــ يىرتىق ‹‹ئىنجىل›› بىلەن قەسەم قىلىش؟ ـــ دېدى سىلۋېر مەسخىرە ئارىلاش، ـــ ئۇنداقتا سېنىڭ قەسەم قىلغان-قىلمىغىنىڭنىڭ نېمە پەرقى؟
    ـــ راستما؟ ـــ دېدى دىك تۇيۇقسىز خۇشال بولۇپ، ـــ بۇ گەپچە ئۇنى يەنە ئىشلەتكىلى بولىدىكەندە.
    ـــ جىم، ئالە، نېمىنىڭ قارا پۈتۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باق، ـــ دېدى سىلۋېر كىچىك قەغەز پارچىسىنى ئالدىمغا تاشلاپ.
    بۇ ‹‹ئىنجىل››دىن يىرتىۋېلىنغان تەڭگە چوڭلۇقىدىكى قەغەز بولۇپ خەت بار تەرىپى چۈچىلە قەلەم بىلەن قارا قىلىپ بويىۋېتىلگەن، خەت يوق ئاق تەرىپىگە ‹‹تەختتىن چۈش›› دېگەن ئىككى خەت يېزىلغان ئىدى. مەن بۇ قارا پۈتۈكنى ھازىرغىچە ساقلاۋاتىمەن.
    بىر مەيدان بوران-چاپقۇن ئاخىرى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار يەنە رۇم ھارىقى ئىچىپ مەست بولۇپ ئۇخلاشقا باشلىدى. گىئورگى مېرري قاراۋۇللۇققا قويۇلدى. سىلۋېر ئۇنى ئەسكەرتىپ يەنە ئەخمەقلىق قىلسا جېنىنى ئالدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
    بۈگۈن نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. مەن ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. چۈشتىن كېيىن مەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن خاندسنى، سىلۋېرنىڭ تۈرلۈك ھىيلە-مىكرلىرىنى ئويلىدىم. سىلۋېر ئامالنىڭ بارىچە قالغان دېڭىز قاراقچىلىرىنى كونترول قىلىشقا، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۆز ئورنى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ بىر بۇزۇق ئادەم بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەنسىرەپ قالدىم. ئۇ ھېچنېمە بولمىغاندەك قاتتىق خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى.
داۋامى بار
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
  ئەسكەرتىش: مەزكۇر روماننى تەرجىماننىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى