نىدائىي يانبىلوگى

نىدائىي ئېيتىدۇلەركى:
بۇ يانبىلوگدا توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ ئىجادىي يازمىلىرى، نادىر تەرجىمە ئەسەرلىرى، تەۋسىيە ئەسەرلەر، پايدىلىق خەۋەرلەر، تىل - نۇتۇق، تارىخ - مەدەنىيەت قاتارلىقلارغا دائىر مەخسۇس ماقالىلەر، ئېسىل ئالبۇملار ئېلان قىلىنىدۇ.
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

پوۋېست: قارا يۈرەك - 1 (داۋامى بار)

پوۋېست: قارا يۈرەك - 1 (داۋامى بار)

ۋاقتى: 2015-03-02 ئاۋاتلىقى: 4076 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قارا يۈرەك (1) 
( پوۋېست )
ئاپتورى: سەمەت مۇھەممەد رامىزان
تەييارلىغۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
1
   كىچىككىنە يېزا بازىرىنىڭ دوقمۇشىدىكى ئەتراپقا سايە تاشلاپ تۇرىدىغان قېرى قاپاقتېرەكنىڭ غولىغا يانداپ سېلىنغان ، ئېچىلىۋاتقىنىغا نەچچە يىللار بولغان بۇ ئاياغ دۇكىنىنى ‹‹ساۋۇت ساختا›› نىڭ ئاياغ دۇكىنى دېسە ، مۇشۇ يېزا بازىرىدىلا ئەمەس ، يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللە - كەنتلەردىمۇ بىلمەيدىغانلار يوق.
   ‹‹ساختا›› دېگەن بۇ لەقەمنىڭ ئۇنىڭغا قاچان ، كىم تەرىپىدىن قويۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ. بىزدە ‹‹لەقەمنى خىزىر قويىدۇ›› دەيدىغان گەپ بارغۇ ، ساۋۇتنىڭ ئۆزىغۇ ھەرقايسىمىزغا ئوخشاشلا بەش ئەزايى ساق ، ھېچبىر يېرىدە ‹‹قاشقىسى›› يوق ئادەم ، لېكىن دۇكىنىدىكى ئاياغلارنىڭ كۆپ قىسمى ساختا خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن ئەرزان باھالىق ئاياغلار. ئەلۋەتتە ، بازار باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش، ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىملىرى كەلسە ، كۆز بوياپ ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا تىزىپ قويىلىدىغان ھەقىقىي خۇرۇم ئاياغلارمۇ بار. ئادەتتە ، ئۇنىڭ خېرىدارلار ئالدىدىكى سېھىرلىك كۈلكىسىمۇ خېلى ‹‹ئەرزان›› ، سۆزلەيدىغىنىمۇ ھەر قانداق كىشىنى ئۆچكە يېغىدەك ئېرىتىۋېتىدىغان ، خام قايماقتەكلا ياغلىما گەپلەر . ئەگەر ئۇ بىرەر ماختانچاقراق ھاكىمنىڭ شوپۇرى بولۇپ قالغان بولسا ، ئاشۇ شېرىن – شېكەر ياغلىما گەپلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇنلا بىرەر ئىدارىنىڭ ياكى بىرەر يېزىنىڭ باشلىقى بولۇپ قالغان بولاتتى. ‹‹ساق كاللىدا مىڭ خىيال ، تاز كاللىدا بىر خىيال›› دېگەندەك، ئۇنىڭ كۆپرەك ئويلايدىغىنى يەنىلا ‹‹كور خېرىدار›› نىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ ، يانچۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى پۇللىرىنى قانداق قىلىپ كۆپرەك سۇغۇرۇۋېلىشنىڭ چارە – ئاماللىرى. ئىش قىلىپ تۇتقان – پۈتكىنىنىڭ ھەممىسىلا ساختىلىق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق. ‹‹ساختا›› دېگەن بۇ لەقەم ئۇنىڭغا چىڭداپ سامان تىقىلغان تاغارنىڭ ئېغىزىغا ئوخشىغان قوتۇر كاۋىدىن بىرنى پاتۇرۇپ قويغاندەكلا كۆرۈنىدىغان مۈدۈر – چوقۇر بېشىغا كىيىۋالغان چىبەرقۇت شىلەپىسىدەكلا خوپ ياراشقان ، خۇددى ئاتىسى ئەزان توۋلاپ قويغان خاس ئىسىمىدەكلا سىڭىپ كەتكەن.
   ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭمۇ ياكى مۇشۇ كۈنلەردە جەمئىيەتتە ئەرزان باھالىق، ساختا خۇرۇم ئاياغلار مودا بولۇۋاتامدۇ ۋە ياكى كىشىلەر ساختا خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن ئاياغ بىلەن ھەقىقىي خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن ئاياغنى تازا پەرىقلەندۈرەلمەمدۇ ياكى بولمىسا تۇرمۇش شارائىتى بەكلا ناچار بولغاچقا ، ئاشۇنداق پۇلى ئەرزان ، ناچار ئاياغلارنى سېتىۋېلىپ كىيىشكە مەجبۇر بولۇۋاتامدۇ ، ئىشقىلىپ دۇكانغا كىرىپ – چىقىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ساۋۇت ساختىمۇ بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ، بىردە خېرىدارنى ئەڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ‹‹خام قايماق››تەك گەپلىرى بىلەن ماختاپ - ئۇچۇرۇپ ، بىردە چاقچاق قىلىپ، بىردە دوق قىلىپ ، بىردە ‹‹ھەقىقىي كالا خۇرۇمى›› دىن ئىشلەنگەن ‹‹ئالاھىدە›› ئاياغلىرىنى ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىغىچە ماختاپ ئۇچۇرۇپ دېگەندەك ھەر خىل ئاماللار بىلەن دۇكانغا كىرگەنلا كىشىنى ئاساسەن يېڭى ئاياغلىق قىلىپ قويىدۇ. دۇكان سودىسىنىڭ شۇنچە ئاۋاتلىقىغا كۆرگەن – بىلگەنلەرنىڭ بىرلىرى ھەسەت قىلسا، كۆپلىرى ھەۋەس قىلىدۇ. شۇڭا ساۋۇت ساختىنىڭ ھەييارلىق نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان گازىر كۆزلىرىدە ، تۈكۈچ سالغان ناندەك چوقۇر يۈزلىرىدە ھېچقانداق ئادەمنىڭ كۈلكىسىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان غەيرى بىر خىل كۈلكە يامراپلا تۇرىدۇ.
   بۈگۈن ئەتىگەن ئۇ يامان چۈش كۆرۈپ قوپتىمۇ – قانداق، ھەر كۈنى ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بۇ دۇكانغا ئىشىك ئاچقىلى ئىككى سائەتتىن ئاشقان بولسىمۇ، بىرەر خېرىدار ئاياغ باسمايۋاتاتتى. قاپاقتېرەكنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە سايىسى چۈشۈپ تۇرىدىغان سالقىن يەرنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن ، مايسىراپ كەتكەن غالتىكىنى غىچىرلىتىپ قاق سەھەردىلا كېلىۋالىدىغان گازىرچى چوكانمۇ ، بىر – ئىككى موچەن پۇل سۇنسىمۇ ياق دېمەي ئېلىپ ، بىلىنەر – بىلىنمەس ھىجىيىپ قويۇپ ، ئازراقلا مىدىرلاپ قويسا غىچىرلاپ تۇرىدىغان بەندىڭدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئاياغ يامايدىغان ئۆچكە ساقال ياماقچىمۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندەك ئەتىگەندىن كەچكىچە تېرەك سايىسىدىن قوپماي ، قورساقلىرى ئېچىپ تارتىشىپ كەتسىمۇ پەرۋايى پەلەك ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ قارتا ئوينايدىغان بىكار تەلەپلەرمۇ نېمىشقىدۇر 6 - ئاينىڭ پاقىسىدەكلا غايىپ بولۇشقان ئىدى. ئۇنىڭغا دۇكان خۇددى چۆلدەرەپ قالغان كونا ئۆتەڭدەك، ئىككى سائەت ۋاقىت گويا ئىككى يىلدەك ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. ‹‹ۋاي راست، بۈگۈن يۇقىرىدىن بىرەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلەمدۇ – يا؟ ياق، ياق، تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىدىغان ئىش بولسا، يېزا - كەنت مۇدىرلىرى قاق سەھەردىلا كانايلاردا ۋارقىراپ - جارقىراپ يوليورۇق بېرىپ، ئەتىگەندىلا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ بولغان، كوچا - كويلارغا پلاكاتلار ئېسىلغان ، تام - تاملارغا ئالا قويماي دەبدەبىلىك شوئارلار چاپلانغان، يول - يوللار سىيرىپ – سۈپۈرۈلۈپ سۇ چېچىلغان بولاتتى، ھەرقانچە بولسىمۇ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۆزگەرمەس قائىدە بۇزۇلۇپ كەتمىگەندۇ؟ دېمەك بۈگۈن تەكشۈرۈش يوق! ئۇنداقتا...›› دەپ غۇدۇرىدى ئۆز - ئۆزىگە. بىردىنلا كۆڭلىگە ‹‹ھە راست ، نىيىتى يامان كۆرەلمەستىن بىرسى ئۇدۇمى بار كونا موللىدىن بىرسىگە ئولپاڭ توپىسىغا ھۈرۈپ - ئوقۇتۇپ ، دۇكاننىڭ ئىشىكى ئالدىغا چېچىۋەتتىمۇ يا؟» دېگەن خىيال كېلىپ قالدى - دە، دەرھال قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ دۇكان ئىچى ۋە ئىشىك ئالدىنى قايتىدىن تۈجۈپىلەپ سۈپۈرۈپ سۇ سەپتى.
   تەئەججۈپلۈك خىيال بىلەن ئېڭەك قېقىپ ئولتۇرغان ساۋۇت ساختا دۇكانغا بىرسىنىڭ لەپپىدە كىرىپ كېلىشى بىلەن ئېسىگە كەلدى ۋە قارىداپ كەتكەن چوقۇر يۈزلىرى بىردىنلا ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتتى.
   — كەلسىلە مۇدىر كەلسىلە ، باشلىرىدىن ياغاچ ئۇشتىۋېتەيمۇ ياكى ئاياغلىرىغا پايانداز سالايمۇ؟ - ساۋۇت ساختا گەرچە بۇ كىشى بىلەن ئانچە تونۇشلۇقى بولمىسىمۇ ، خۇددى كونا تونۇشلاردەك قىلچىمۇ چاندۇرماستىن قىزغىن ئەھۋال سوراپ كەتتى.
   خېرىدار كۆڭلىدە ‹‹مېنى قاچانلاردىن بېرى تونۇيدىغان بولغىيتتى بۇ كىشى، ‹مۇدىر›لىقىمدىن قالغىلى نە زامان، تېخىچە بىلمەي يۈرگەن چېغى...›› دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۆزىگە سەپ سېلىپ قاراۋاتقان بۇ خام سېمىز دۇكاندارنىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە قايتىدىن قاراپ چىقتى.
   — مانا، مانا! ئاياغلىرىنى يېڭىلىۋالاي ، دەپ كەپلا ـ دە؟ دېمىسىمۇ بۇ كېلىشكەن سالاپەتلىرى بىلەن قەقەي دادامنىڭ ۋاقتىدىن قالغان، مالچىنىڭ چوقىيىدەكلا ئاقىرىپ كەتكەن كەشنى سۆرەپ يۈرسىلىمۇ بولماس، مۇدىر.
   — شۇنداقمۇ؟ مەن ئەسلىدە ئاياغ ئالماقچىغۇ ئەمەس ئىدىم، مۇشۇ قايماقتەك گەپلىرى بىلەن كۆڭلۈمنى قەۋەت خۇش قىلىۋەتتىلە، شۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئاياغدىن بىرنى ئېلىپ كىيىۋالاي. دېمىسىمۇ ئايىغىم كونىراپمۇ قاپتۇ – دېدى خېرىدار رەتلىك تىزىۋېتىلگەن ئاياغلارغا سەپ سالغاچ. ‹‹بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنىشى››دىن ساۋۇت ساختىنىڭ دىلى يايراپ، كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى.
   — قېنى تاللىسىلا مۇدىر، قانداق ئاياغ دېسىلىرى شۇندىقى بار.
   — ساختا خۇرۇم ئاياغمۇ بارمۇ؟
   — سىلىدىن يوشۇرغىلى بولاتتىمۇ؟ ساختىسى بولمىغىنى بىلەن ئەرزىنى بار ، قىممىتى بار. پۇلىغا چۇشلۇق پايلايدۇ دېسىلە ، سىلىگە ئەرزانلىرىنى بەرگىلى بولمايدۇ.
   — سودىلىرى ئوبدان بولۇۋاتامدۇ ؟
   — بەك ياخشى دېگىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا يەتتە – سەككىز يىلنىڭ بېرىسى جاننى ئوغرىغا بەرمەي ساقلاپ كېلىۋاتىمىز قايلىسىلا.
   — مۇشۇ ئاياغلار بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرماي، يېمەك - ئىچمەكلەردىنمۇ سېلىپ قويسىلا بولمامدۇ؟
   — ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداقراق ئويلىغان، يېمەك - ئىچمەك سېلىپ قويسامغۇ تازا ئوبدان بولاتتى مۇدىر، لېكىنزە مەن قورسىقىمغا قەۋەت ئامراق، بالا - چاقىلىرىممۇ مېنىلا تارتتى دېسىلە، شۇڭا دۇكانغا يېمەك - ئىچمەك سالسام، ئۆزىمىزدىن ئاشماي قېلىپ زىيان بولارمىكىن، دەپ ئەنسىرەپ سالالماي قالدىم قايلىسىلا.
   — ھا، ھا، ھاھ! ... قىززىقلا سۆزلەيدىكەنلا ، ماڭا قارىسىلا ، سېلىنىڭچە بۇ ئاياغ؟... - خېرىدار پاراڭلاشقاچ تاللاپ – تاللاپ خېلى سىپتا تىكىلگەن ، ئەۋرىشكە ئۈچۈنلا تىزىپ قويۇلغان ھەقىقىي خۇرۇم ئاياغدىن بىرنى قولىغا ئالدى. ‹‹پاھ، ئەجەپ كۆزى ئۆتكۈر ، مال تونۇيدىغان گادايكىنا بۇ، ھەقىقىي خۇرۇم ئاياغنى بىر قاراپلا بىلىۋالدى دېسە›› دەپ قالدى ئىچىدە ساۋۇت ساختا.
   — مانا، مانا، مال تونۇيدىكەنلا، ئاياغلارنىڭ كۆزى دېسلە ئۇ، لېكىنزە پۇلى قىممەترەك ، قايلىسىلا مانا ماۋۇ خىلدىكىسى كېمى يوق 60 كوي، ماۋۇ خىلدىكىسى 50 كوي، ماۋۇسى 40 كوي، ماۋۇ يەردە يەنە 20 كويلىقىمۇ بار تېخى، - دېدى ساۋۇت ساختا ئاياغلىرىنى تونۇشتۇرۇپ.
   — نېمە، 20 يۈەنلىك ئاياغلارمۇ سېتىلامدۇ مۇشۇ كۈنلەردە؟
   — نېمە دېگەنلىرى بۇ، ئەرزانلىرىنىڭ بازىرى ئىتتىك دەيمەن، ئويلاپ باقماملا، مۇشۇ كۈنلەردە يېزىمىزدا قول – ئىلكىدە بار بايلاردىن قانچىسى بار دەيلا؟ بارماق بىلەن سانىغىدەكلا. قولىدا يوقلارچۇ؟ ئاز ئەمەس. ھاللىقلار قىممەترەكىنى ئالالىغىنى بىلەن، كۆپ ساندىكىلەر ئەرزىنىنى ئالىدۇ. بۇرۇنلاردا يالاڭئاياغ يۈرسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمايتتى، ھازىرچۇ؟ خەقنىڭ مازاق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يالاڭئاياغ يۈرەلمەيدۇ. دەردىنى ئىچىدە بىلىۋاتقان نامراتلار ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇنداق ئەرزان ئاياغلار بولمىسا بولمايدۇ - دە!
   — بۇ ئاياغنىڭ باھاسى؟ ...
   — بۇنىڭغا ئۆزلىرى بىلىپ بىر نېمە دەپ باقسىلا قېنى؟ - ساۋۇت ساختا ئۇنىڭ قانداق ‹‹جۆيلۈيدىغانلىقى››نى بىلىشكە ئالدىراۋاتاتتى. لېكىن خېرىدار ئالدىراپ جۆيلىمىدى.
   — قائىدە بويىچە سىلى ئاۋۋال بىر تون پىچىپ قويسىلا بولارمىكىن؟
   — بۇغۇ بىر ئات - تۆگە ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ دەپ قالدىلا، بۇ ئاياغ كېمى يوق 170 كوي، بۇنى پەقەت سىلىدەك مۇدىرلارلا كىيەلەيدۇ دېسىلە.
   — بەكلا ئۆرە بوپ كەتتىمۇ – قانداق؟
   — ياق، ياق، مەن سىلىنى ئۆز كۆرۈپ بولىدىغان يېرىنىلا دېدىم.
   — ئۇنداق بولسا ئالماي تۇراي.
   — دەسلەپ سودىدا يانمىسىلا دەيمەن، قېنى ئۆزلىرى بىر دەپ باقسىلا. تېخى دەسلەپمۇ قىلمىغان، ئازراق زىيىنىغا بولسىمۇ دەسلەپ قىلىۋالاي، ئاياغلىرى يارىشىپ ...
   — بوپتۇ، ئۇنىمۇ دېمەي، بۇنىمۇ دېمەي 130 كويغا بەردىلىمۇ؟ - دېدى خېرىدار ئاياغنىڭ ئۇ يەر، بۇ يېرىگە قايتىدىن قاراپ بېقىپ. ئۇ راستىنلا ‹‹كور خېرىدار›› ئىدى. ساۋۇت ساختىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك ‹‹جۆيلىگەن››ئىدى.
   — ئۇنداقمۇ دېمىسىلە، ئەتىگەندە ماڭا بەكلا زىيان بوپ كەتمىسۇن، باشقا ئادەم بولغان بولسا 190 كوي باھا قويۇپ 160 كويدىن كەم ساتمىغان بولاتتىم، - دېدى ساۋۇت ساختا خېرىدارنىڭ يېنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ باھاسىنى ئاشۇرۇپ. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇكاندىكى ئاياغنىڭ ياخشىراقى ھەم قىممەترەكىمۇ شۇ ئىدى، لېكىن ھېچقاچان 90 كويدىن يۇقىرى سېتىلىپ باقمىغان ئىدى.
   — ئېغىزىمدىن چىقىپ كەتتى، ئەرەنچىلىكتە گېپىمدىن يېنىۋالماي بېرەي، دەپ قالسىلا دېگىنىمگە ئالاي بوپتۇ، - دېدى خېرىدار بىر نەرسىنى سەزگەندەك.
   — بوپتۇ، ئەكەلسىلە قوللىرىنى. زىيان تارتساممۇ دېگەنلىرىگە بەردىم. قېنى ‹‹بىسمىللاھ›› دەپ يەرگە بىر تاشلىسىلا پۇللىرىنى.
   خېرىدار پۇلنى بېرىپ ئاياغنى ئېلىپ مېڭىشقا تەمشىلىۋېدى، ساۋۇت ساختا توۋلاپ قالدى:
   — توختىسىلا مۇدىر، ئاياغنى بۇنداقلا كۆتۈرۈپ ماڭسىلا سەت تۇرىدۇ ، ئەكەلسىلە مەن خالتىغا قاچىلاپ جايلاشتۇرۇپ بېرەي، - ئۇ ئاياغنى قولىغا ئېلىپ ئاياغ جازىسى ئارقىسىغا كەلدى ۋە خالتىغا قاچىلاپ ئالدىن ‹‹جايلاشتۇرۇپ›› قويغان ، تەپسىلىي قارىمىسا مۇشۇ ئاياغدىن قىلچە پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئەرزان باھالىق ئاياغدىن بىرنى ئېلىپ كەلدى، - ھە، مانا ئەمدى ئەپلەشتى. ھە راست، كۆرگەن - بىلگەنلەر سوراپ قالسا، 130 كويغا ئالدىم دەپ سالمىسىلا جۇمۇ، بازارنى ئۆلتۈرىلا.
(داۋامى بار)
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
   ئەسكەرتىش: مەزكۇر پوۋېستنى ئاپتورنىڭ ياكى تورىمىزنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق شەخسنىڭ ھەرقانداق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. سالونچىلارنىڭ ئۈندىدار سالونلىرىدا ئۆزى مەيلىچە كۆچۈرۈپ تارقىتىشغا قەتئىي بولمايدۇ. ناۋادا شۇنداق قىلغۇچىلار بايقىلىپ قالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ھەم سالونى تاقىتىۋېتىلىدۇ.
Tags:
بايانات

بۇ كەمىنە توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ يانبىلوگى بولۇپ، يانبىلوگدا ئېلان قىلىنغان بارلىق يازمىلارنى قېرىنداشلىرىمنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇندۇم. يانفون نومۇرۇم: 18999832214 ئۈندىدار نومۇرۇم: otyurak001 ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى