‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلار نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› ئېلان قىلىندى
-
‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلار نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› ئېلان قىلىندى
ۋاقتى: 2015-02-04 ئاۋاتلىقى: 3337 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى ‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلار نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلدى
دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى 2015-يىلى 4-فېۋرال ‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلىرى نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلگىلىمە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى 2015-يىلى 4-فېۋرال ‹‹ئىنتېرنېت ئابونتلىرى نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى››نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلگىلىمە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.دۆلەتلىك ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تور ئابونتلىرى كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئابونتلار ناملىرىنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن زور، ئابونتلار ناملىرىدىكى قالايمىقانچىلىقمۇ بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. بەزىلەر ساختا پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نامى بىلەن ئاۋامنى ئازدۇرىدۇ، مەسىلەن: ‹‹مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى›› دېگەندەك؛ بەزىلەر ساختا تاراتقۇ نامى بىلەن يالغان خەۋەر تارقىتىدۇ، مەسىلەن: ‹‹خەلق گېزىتى›› دېگەندەك؛ بەزىلەر باشقىلارنىڭ سالاھىيىتى بىلەن شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق سوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بەزىلەر داڭلىق شەخسلەرنى، جۈملىدىن چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نامىنى قالايمىغان ئىشلىتىدۇ، مەسىلەن: ‹‹پۇتىن››، ‹‹ئوباما›› دېگەندەك؛ بەزىلەر كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا ساختا ئۇچۇر تارقىتىدۇ؛ بەزىلەر ئابونت نامى ۋە باش سۈرىتىگە سېرىق مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى چىقىرىۋالغانلار، ھەتتا تەپتارتماستىن پاھىشىۋازلىققا جەلپ قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى چىقىرىدۇ؛ بەزىلەر يوللىغان مەزمۇنلىرىدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، قىمار ئويناش، زەھەر چېكىشكە ئائىت قانۇنسىز ئۇچۇرلارنى يوللايدۇ، مەسىلەن: ‹‹قورال-ياراغ سودىگىرى››، ‹‹يېزىلاردىكى قىمارخانىلار›› دېگەندەك؛ بەزىلەر ئىجتىمائىي ئەخلاققا مۇخالىپ بولغان، پەسكەش مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تەرغىپ قىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۇچۇق-ئاشكارا دۆلەتنى پارچىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ؛ بەزىلەر بىدئەتلىك ۋە فېئودال خوراپاتلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ ‹‹10 چوڭ قالايمىقانچىلىق›› تور ئېكولوگىيەسىنى بۇلغاپ، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدۇ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەنىڭ كۈچلۈك قارىشىلىقىغا ئۇچرىدى، كەڭ تورداشلار بۇنداق ئىشلاردىن يىرگىنىپ، بۇ خىل قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.بۇ مەسئۇل خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹بەلگىلىمە››دە ئابونت نامى، باش سۈرىتى ۋە تەرجىمىھالى قاتارلىقلار ھەققىدە ئىنتېرنېت كارخانىلىرى، ئابونتلار مۇلازىمىتى ۋە ئىشلىتىشىنى ئۆلچەملەشتۈردى. بىلوگ، مىكروبىلوگ، تېز ئالاقە ۋاسىتىلىرى، مۇنبەر، يازما، ئىنكاس قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئىنتېرنېت-ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن بارلىق ئابونت ناملىرىنى تىزىمغا ئېلىنىدۇ. ‹‹ئابونتلار نامىنى باشقۇرۇشتا ‹ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش، ئالدى سۇپىدا خالىغان ئىسىم ئىشلىتىش› ›› پىرىنسىپى بويىچە، ئابونتلارنىڭ خاس نام ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپ، ئالدىنقى سۇپىدىكى ئابونت نامى قالايمىقان بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىدۇ.بۇ مەسئۇل خادىم تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئېنترنېت كارخانىلىرى باشقۇرۇش ئاساسىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت دائىرىسى ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلەپ، ئىنتېرنېت ئابونتلىرى ئىلتىماس قىلغان ئابونت نامى، باش سۈرەت ۋە تەرجىمىھالى قاتارلىق تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى تەستىقلىشى، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلار بولغا تىزىملىماسلىقى كېرەك. قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلار ساقلانغان ئابونت ناملىرىغا قارىتا چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتىشكە ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئىشلىتىشتىن ۋاقىتلىق توختىتىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كارخانىلار ئابونتلار ئۇچۇرلىرى ۋە ئاۋامنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، ساغلام بولغان پاش قىلىش، بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمى قۇرۇپ، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.
Tags:تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پوۋېست: قارا يۈرەك - 10 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:28:025984پوۋېست: قارا يۈرەك - 9 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:26:294591پوۋېست: قارا يۈرەك - 8 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:24:454754قىسمەن مۇسىبەت، دەپنە ئادەتلىرىمىز
2015-03-14 20:35:413727چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقى
2015-02-11 18:36:404190موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (3)
2015-05-01 15:40:014668قاغىلىقتىكى شېھىتيار قەدىمىي شەھەر خارابىسى
2015-07-26 00:28:394501جوبسنىڭ نۇتۇقتىكى 15 خىل جۈملە شەكلى
2016-05-26 01:37:252145
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-